arek يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 18:47:39

تارىختا بۈگۈن (1-دېكابىر )

1999-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئالىملار ئىنسانلارنىڭ 22-جۈپ خىروموسۇمىنىڭ ئېرسىيەت مەخپىي شىفىرىنى پۈتۈنلەي يېشىپ چىققان. ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 216 ئالىمدىن تەشكىللەنگەن ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسى پىلانى بىرلەشمە تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئىنسانلارنىڭ 22-جۈپ خىروموسۇمىنىڭ ئېرسىيەت مەخپىي شىفىرىنى پۈتۈنلەي يېشىپ چىققان، خىروموسۇمدىكى بارلىق ئاقسىلدىكى گېننى تۈزىدىغان 33 مىليون 400 ئىشقار رادىكالى جۈپىنىڭ ئېنىق ئورنىنى بەلگىلىگەن. بۇ ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى قېتىم ئىنسانلار گېن سېخىمىسىنى تولۇق بەلگىلىگەنلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ جەمئىي 23 جۈپ خىروموسۇمى بار. 22-جۈپ خىروموسومى 2-كىچىك خىروموسۇم جۈپى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىممۇنىت سېستىمىسى، تۇغما يۈرەك كېسەل، ئىنكاسى ئاستا بولۇش ۋە ھەرخىل تۈردىكى راك كېسەللىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سىنا تورى قۇرۇلغان. دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى چەتئەلنىڭ پەن-تېخنىكا مەبلىغىنى قوبۇل قىلغان سىتۇڭ لىفاڭ شىركىتى چەتئەلدىكى ئەڭ چوڭ جۇڭگولۇقلار تورى ئامېرىكا-خۇايۈەن ئۇچۇر شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ جۇڭگولۇقلار تورى بولغان سىنا تورى قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان.

1981-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، يۇگۇسلاۋىيەدە بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 178 كىشى قازا قىلغان. شۇ كۈنى سائەت 9 لا ئەتراپىدا، بۇ ئايروپىلان كۈچلۈك شامال ۋە قويۇق تۇمانلىق ناچار ھاۋارايىغا ئۇچراپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1000 مېتىرلىق ئېگىزلىكتىن چۈشۈپ كېتىپ، تاغقا ئۇرۇلغان. بۇ قېتىملىق ۋەقە يۇگۇسلاۋىيە قاتناش تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر پاجىئە ئىكەن.

1948-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەلق بانكىسى قۇرۇلغان. جۇڭگو خەلق بانكىسى-شىمالىي جۇڭگو بانكىسى، بېيخەي بانكىسى، غەربىي شىمال يېزا-ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئاساسىدا بىرلىشىپ قۇرۇلغان. باش بانكىسى باشتا شىجياجۇاڭغا قۇرۇلغان، كېيىن بېيجىڭغا يۆتكەلگەن.

1943-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، قاھىرە خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغان. 1943-يىلى 22-نويابىردىن 26-نويابىرغىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلت، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچىل، جياڭ جېشى مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. 1-دېكابىر «جۇڭگو-ئامېرىكا-ئەنگلىيە خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلغان. قاھىرە يىغىنىدا ئاساسلىقى ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرلىشىپ ياپونىيەگە ئۇرۇش قىلىش ھەمدە ئۇرۇشتىن كېيىنكى ياپونىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مۇزاكىرە قىلغان.

1927-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جياڭ جېشى بىلەن سۇڭ مېيلىڭ شاڭخەيدا توي قىلغان. سۇڭ مېيلىڭ داڭلىق سۇڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ ھەدە-سىڭىلنىڭ بىرى، 1899-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى شاڭخەيدە تۇغۇلغان. 1910-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ، ۋىسلى قىزلار ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1920-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خىرىستىيان ياشلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان، كېيىن جياڭ جېشى بىلەن تونۇشقان. توي ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن، باشتا خىرىستىيان دىنى شەكلىدە، كېيىن جۇڭگوچە ئۆتكۈزۈلگەن. 1887-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، جياڭ جېشى جېجياڭ ئۆلكىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەيلى ئۇنىڭغا قانداق باھا بەرمەيلى، ئۇ 20-ئەسىردىكى جۇڭگو سىياسىي سەھنىسىدىكى تەسىرى زور بولغان كىشى. 1905-يىلى ئۇ ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىققان. ياپونىيەدە سۈن جۇڭشەن بىلەن تونۇشۇپ، ئىنقىلابىي ھاياتىنى باشلىۋەتكەن. جياڭ جېشى ئۆمرىدە تۆت قېتىم توي قىلغان. سۇڭ مېيلىڭ جياڭ جېشىغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئايال. بولۇپمۇ شىئەن ئۆزگىرىشىدە جياڭ جېشىنى قۇتقۇزۇۋالغان. جياڭ جېشىنىڭ ئىككى ئوغلى بار: جياڭ جىڭگو، سوۋىت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا چىققان. جياڭ ۋېيگو، گېرمانىيەگە ئوقۇشقا چىققان. جياڭ جېشى 1975-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى تەيۋەندە كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن.

بۈگۈن دۇنيا ئەيدىس كۈنى. بۇ كۈن-پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ HIV ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەيدىس كېسىلىگە بولغان ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. 1-دېكابىرنى ئەيدىز كۈنى قىلىشتىكى سەۋەب، 1981-يىلى بۇ كۈندە، تۇنجى ئەيدىز بىمارى بايقالغان، دۇنيا ئەيدىز كۈنىنىڭ بەلگىسى قىزىل لېنتا.

----------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------

مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(1-دېكابىر)