helwat يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 18:45:30

بۇ كومپىيۇتىرنى قانداق قوراشتۇرسام بولا

مۇشۇ مۇنبەردىكى دوسلاردىن مەسلىھەت   

مۇشۇ شەنبە ياكى يەكشەنبە كۈنلىرى قىزىل بايراق كومپىيۇتىر شەھەرچىسىدىن بىر

كومپىيۇتىر قوراشتۇرماقچى بولۇپ قالدىم    باھاسى 2000 ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ  

بىلىدىغان دوسلارنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۆمۈد قىلىمەن

قاتتىق دىتال سودىسى بىلەن شۇغىللىنىدىغان دوسلار   سەپلىمىسىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار

دەم ئىلىش كۈنى دۇكىنىڭلارغا بىرىپلار ئىلىپ كىلىمەن     

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 19:18:59

مەن بۇگۇن 1500 يۇەننى كوتۇرۇپ ئاخىرى 2000 يۇەنگە بىرنى سىتىۋالدىم.

华硕M4A785T-M     620

AMD 速龙II X2 245   330

金泰克2GB DDR3 1333    175

希捷500GB 7200.12 16M(串口/散)   265  

ماشىنا قىپىنى  195 يۇەنگە ماركىسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.

超频三Q5低碳版   220   

超频三红海10静音版    65

双飞燕3100零跳标无线光电套装   95

يۇەنگە سىتىۋالدىم.

بۇنى ھىيتنىڭ ئالدىدا ئالغان.سەل قىممەت بۇلۇپ كەتتى.ئوپتىك دىسكا قويغۇچ ۋە ئىكران ئۇزەمدە بار.

لىكىن سىز ئالسىڭىز ئاساسى تاختىنى 580 ئەتىراپىدا ئالغىلى بۇلىدۇ.يەنە بۇ 华硕 نىڭ مۇشۇ ئاساسى تاختىسى پۇتۇن ئىقتىدارى بار باشقا ماركىدىكى ئاساسى تاختىنى ئالسىڭىز بۇنىڭدىن ئەرزان. ئامال بار ئاساسى تاختىنىڭ ياخشىسىنى ئىلىڭ.كىيىن پۇل تاپقاندا باشقا نەرسىلىرىنى يۇقىرى كوتۇرىمەن دىسىڭىز ئەپلىك بۇلىدۇ. بولمىسا ھەممىنى ئالماشتۇردىغان گەپ.

AMD 速龙II X2 245      مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ باھاسى بۇلىدۇ. ئۆزىمۇ يىتىپ ئاشىدۇ، ئىچكى ساقلىغۇچ مەن ئالغاندا jinbang دىگەن  ماركىدىكى ئىچكى ساقلىغۇچ يوق ئىكەنتۇق شۇڭا ئاشۇنى ئالغان.باھاسى پەقەت 20 يۇەن ئەتىراپىدا پەرىقلىنىدۇ. لىكىن jinbang ياخشى. توك مەنبەسى ئالغاندا ئامال بار ياخشى ماركىدىكى ۋە قۇۋىتى يۇقىرنى ئىلىڭ 350w ئەتىراپىدا بولسا بۇلىدۇ،يەنى 额定 قىممىتى.

مەن ھازىر پۇشايمان قىلىمەن ،يەنە ئازىراق پۇل غەجلەپ ئاساسى تاختىنىڭ ياخشىسىنى ئالمىغانغا  ماۋۇ بۇلىدۇ.

技嘉GA-880GA-UD3H

ئشقىلىپ بەك پىتىلىق قىلماڭ،ئالغاندىن كىيىن ياخشىسىنى ئىلىپ ئۇزاق ئىشلىتىڭ.

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 19:36:30

ئاساسى تاختا تىپى خاتا بۇلۇپ قاپتۇ 华硕M4A88T-M مانى ئالغان.

ruzmuhammad يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 09:16:22

配置 1
配件型号价格保修期
主板FSK G41450三年
CPUE 5800 (3.2GHz/L2 2MB/800MHz)410三年
内存2G/1333165三年
硬盘ST 500G270三年
显卡With Main Board0三年
显示器WY 19\"630三年
光驱DVD-ROM110一年
主机箱ATX/380W220三年
键盘/鼠标Key/Mouse40一年
音响一年
Zhoza一年
赠送软件   
含税价格
不含税价格

2295

   مۇشۇنداق بولسىمۇ بولامدۇ؟

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 09:24:54

ئېكران ئالمىغانما؟

مېنىڭ بىر خۇيۇم بار AMD  ئوينىمايمەن Intel ئوينايمەن ، سىنكارتىغا پۇلنى بەكرەك خەجلەيمەن

Jahanger_ يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 11:42:25

مەن بىر قۇراشتۇرۇلغان كومپىيۇتىردىن بىرنى ئالماقچى ئىدىم .

ئاساسلىقى 3D چوڭ تىپتىكى ھەرقانداق ئۇيۇنلارنى ئوينايدىغانغا تۇلۇق ماس كېلىشى  AMD تپپىدە قۇراشتۇرۇلغان باھاسى 3000 يۇەن ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ .

ئۇرۇمچى قىزىل بايراق تەۋەسىدىكى ئىشەنچىلىگەرەك باللىلار بولسا Tel نۇمىرىڭلارنى قالدۇرۇپ قويساڭلار بوپتىكەن  . بولسا مۇشۇ يەردىلام 配置 لېرىنى كۇرسەممۇ تېخى ياخشىتى.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 12:19:41

CPU ھەر قانچە ئىسىل بۇلۇپ كەتسىمۇ  مۇستەقىل سىنكارتا بولمىسا تورغا چىقىشتىن باشقا ئىشنى قىلغىلى بولمامدۇ نىمە،  celeron CPU  سەپلەنگەن مۇستەقىل سىنكارتىسى بار  كالا ھارۋىسىدا ئوينىغان 3D ئويۇنلارنى،  قوش يادرولۇق  E2200 سەپلەنگەن,  مۇستەقىل سىنكارتىسى يوق ئات ھارۋىسىدا ئوينىغىلى بولمىدى.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 13:11:52

Jahanger_:

مەن بىر قۇراشتۇرۇلغان كومپىيۇتىردىن بىرنى ئالماقچى ئىدىم .

ئاساسلىقى 3D چوڭ تىپتىكى ھەرقانداق ئۇيۇنلارنى ئوينايدىغانغا تۇلۇق ماس كېلىشى  AMD تپپىدە قۇراشتۇرۇلغان باھاسى 3000 يۇەن ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ .

ئۇرۇمچى قىزىل بايراق تەۋەسىدىكى ئىشەنچىلىگەرەك باللىلار بولسا Tel نۇمىرىڭلارنى قالدۇرۇپ قويساڭلار بوپتىكەن  . بولسا مۇشۇ يەردىلام 配置 لېرىنى كۇرسەممۇ تېخى ياخشىتى.

3221992

sohrat يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 19:56:45

希捷500GB 7200.12 16M(串口/散)   265  ماۋۇ بولماپتۇ .

قاتتىق دىسكىنىڭ سىغىمى قانچىلىك بولۇشى بەك مۇھىم ئەمەس ،ئېھتىياجىڭىزغا يەتسىلا باشقا تەسىرى يوق ،بىراق ئاۋۇ 16Mدىگەن يېرى ئەڭ مۇھىم ، ئۇ بىۋاستە كۆچۈرۈش يېزىش سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ،مىنىڭچە ھازىر 64Mلىك دېسكا چىقىپ بولدى ،16 مىگا دىگە ن 2006-يىلىدىكى سەۋىيە غۇ دەيمەن .

helwat يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 22:46:13

تورداشلارغا كۆپ رەھمەت قارىسام   

تورداشلار سەپلەپ بەرگەن سەبلىمىلەرنىڭ تىپلىرى بويىنچە توردىن كۆرۈپ

ئانچە مۇنچە بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالدىم   

ئەمدىكى سۇئالىم    ئاساسى تاختىغا AMD مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ياكى intel نىڭكىنى ئالماشتۇرۇپ

سالغىلى بولمايدۇ شۇنداقمۇ ؟  توردىن ئاساسى تاختىنى كۆرسەم ئاشۇنداقتەك

ئاساسى تاختا قايسى بىر تەرەپ قىلغۇچنى قوللىسا شۇ خىلنى ئالىمىز ھە؟

قايسىسى ياخشىراق .. بۇ كومپىيۇتىر ئاساسلىقى تورغا چىقىش ۋە  ئانچە مۇنچە بەك چوڭ بولمىغان ئويۇنلارنى

ئويناشقا ئىشلىتىلىدۇ ...........قاتتىق دىتاللارنىڭ توردىكى باھاسى  رايۇنىمىزدىكى باھا بىلەن    20-30 كويلار ئەتراپىدا پەرق

قىلامدۇ ؟

بۇ خىل تىجارەت بىلەن شۇغىللىنىدىغان دوسلار بولسا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار

ئۆگۈنلۈككە قىشىڭلارغىلا باراي   

بەت: [1]
: بۇ كومپىيۇتىرنى قانداق قوراشتۇرسام بولا