maniac يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 15:38:35

ئىنگىلىز تىلى كورنېرى قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار.مەن يېقىندا مەكتەپتە ئىنگىلىز تىلى كورنېرى ئۇيۇشتۇرۇشنى ئويلاپ قالدىم.ئەمما،بۇ ھەقتە ھېچقانداق تەجىربەم يوق ئىكەن.مېنىڭ ئويۇم مۇنداق:ئەزالار يىغىلغاندىن كېيىن،كۈندە بىر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ كورنېرغا قاتنىشىش.كۈندە بىر يېڭى تېما ئۈستىدە ھەر بىر ئەزا ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىنى سۆزلەش،ئولتۇرغانلار ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى سوراش ھەمدە مۇنازىرە قىلىش،سۆزىگە باھا بېرىش،خاتا يەرلىرىنى تۈزىتىش.ئادەم كۆپ بولسا،5-10 غىچە گۇرۇپپىلىنىپ ئايرىم-ئايرىم سىنىپلاردا ئېلىپ بېرىش.ھەر كۈنلۈك ئەڭ ياخشى ماھىرنى سايلاپ چىقىش.سىلەرچە،مۇشۇ يوسۇندا بولسا بولارمۇ؟ياكى،سىلەر قاتنىشىپ باققان كورنېرلار قانداق بولاتتى؟كۆز-قارىشىڭلارنى سۆزلەپ باقساڭلار

Algha يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 19:40:56

بۇ ئىنگلىز تىلى سالۇنى (كورنېرى) 2003-يىللىرى ئەتىراپىدا ئۈرۈمچى دېگەن ئىسىل يۇرتتا ئاجايىپ مودا ئىدى.ھەرقايسى تىل تەربىيىلەش مەركەزىلىرى ئۆز ئالدىغا ھەرخىل سالۇنلارنى قىلىپ،بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە چوڭ ئىلھام بېرەتتى. بىراق يېقىنغا كەلگەندە نۇرغۇن سەۋەبلەردىن كۆرە توختاپ قاپتۇ. ئەڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلغىنى شۇ ۋىسال ئاشخانىسىدىكى سالۇنمىكى دەيمەن.

سىزنىڭ بۇ خىيالىڭىز بەك ياخشى خىيال كەن، شۇ ئاخىرىدا ئارمانغا چۈشلۇق دەرمان بولامدۇ يوق،سىز باشتا قىلىپ بېقىڭ.ئەمەلىي قىلىپ بولغاندىن كېيىن تورداشلاردىن تەلىم ئالسىڭىزمۇ كېچىكىشى بولماس...

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 22:12:50

تەشكىللەش شەكلىنى ئېلىپ قالمىسۇن .

maniac يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 22:34:40

tarimi:
تەشكىللەش شەكلىنى ئېلىپ قالمىسۇن .

نېمە دېگىنىڭىز بۇ؟ئەمدى بىر ئىنگىلىزچە كورنېر تەشكىللىسەكمۇ قانۇنغا خىلاپ بولامدا؟بۇنى تەشكىللىمىسەك قانداق ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ؟ياشاش بارغانسېرى تەسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ جۇمۇ...

umakkulke يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 22:43:53

كۈندە قىلىش سەل تەسمىكىن ،ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىساڭلارمۇ خېلى ئوبدان بۇلىدۇ...

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 07:50:18

بىزنىڭ مەكتەپتە ھەپتىدە ئىككى قېتىم بولاتتى، شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى. مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىغا يېقىن يەردە يىغىلاتتى، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارمۇ، ئىنگلىزتىلى ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ يىغىلاتتى. كۆپ ۋاقىتلاردا تەشكىللىگۈچى مەلۇم بىر تېمىنى ئوتتۇرىغا قوياتتى، ئاندىن كۆپچىلىك ئۆز-ئارا پاراڭلىشاتتى. مېنىڭچە بولغاندا ئىلغارلارنى سايلاپ چىقىش ياخشى ئىش ئەمەس، يەنە ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا سۆزلەشمۇ ياخشى چارە ئەمەسمىكىن دەيمەن. نېمىشقا دېگەندە ئېغىز تىلى بىر-ئىككى كۈندىلا يېتىلىدىغان نەرسە ئەمەس. ياخشىلار ھەر قېتىمدا ياخشى، بىلمەيدىغانلار ھەر قېتىمدا شۇ پېتى بولۇپ قالسا ياخشى بولمايدۇ. چوقۇم ھەممەيلەنگە پۇرسەت بېرىلىشى كېرەك. بەزىلەر كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا سۆزلەشتىن تارتىنىدۇ، شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. بىز ياتاقتا ھەر پەيشەنبە كەچتە ياتاقتا ئىنگلىزچە كورنېر قىلىپ ئىنگلىزچىلا پاراڭلىشاتتۇق، سۇ ئىچتىم، كەچتە پالانى تاماقنى يېدىم، يېقىندا مانداق كىنو چىقىپتۇ دېگەندەك كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنگلىزچە دېيىشەتتۇق. ھەممەيلەنگە ئىنگلىزچە سۆزلەش پۇرسىتى بېرىش، توغرا دېسۇن، خاتا دېسۇن رىغبەتلەندۈرۈش مېنىڭچە كورنېرنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بولۇشى كېرەك...دەپ ئويلايدىكەنمەن.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 08:53:04

ۋىسال رېستۇرانىدىكى تۈنجى ئېنگىزچە كورنېر 2001-يىلى ئەتىيازدا ئېلىپ بېرىلغانغۇ دەيمەن، مەن تۈنجى نۆۋەتلىكىگە قاتنىشالماي، كېلەر ھەپتىسى 2- نۆۋەتلىكىگە قاتناشقانلىقىم ھېلىھەم ئىسىمدە. ئەگەر ۋىسال رېستۇرانى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرىۋاتقان بولسا، ھازىر 9 يىلدىن ئېشىپ، 10-يىلىغا قەدەم بېسىپتۇ. ۋىسالنىڭ غەيرىتىگە بارىكاللاھ!!!

ئەگەر ئېنگلىزچە كورنىېر ئاچماقچى بولسا، چوقۇم ئېنگلىزچە سەۋىيىسى يۇقىرىلاردىن بىر نەچچىسى بولۇشى، مۇمكىن بولسا بىرەر چەتئەللىك بولسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. مېنىڭچە ئالدى بىلەن ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ بېقىڭلار. كېيىن قاتناشقۇچىلارنىڭ پىكىرىنى ئېلىپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ھەپتىدە 2 قېتىم، 3 قېتىم ياكى كۈندە ئۆتكۈزۈشكە ئۆزگەرتسەڭلارمۇ كېچىكمەيسىلەر!

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-9-2 14:22:23

شۇنداق قىلىپ بۇ كورنېرىڭلار ئۆتكۈزۈلدىمۇ يوق؟
بەت: [1]
: ئىنگىلىز تىلى كورنېرى قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟