maniac يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 00:25:55

سىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىڭلار قانداق؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار.ساغلاملىق ھەرقانداق بىر ئادەم ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە.تۇرمۇش ئادىتىمىز ساغلاملىقىمىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.مەن ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇنىڭغا ياخشى دىققەت قىلالماي يۈرگەنلەردىن بىرسى.قانداقلا بولمىسۇن،ھازىردىن باشلاپ بولسىمۇ ئۆزگەرتىۋالسام دەيمەن.مەن ھازىر كۈندە 1-2 سائەت يۈگۈرۈپ چېنىققاندىن باشقا ئادەتلىرىم سالامەتلىككە پايدىسىز.كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا بەك ئۇزۇن ئولتۇرىمەن،كەچتە ئىنتايىن كېيىن ئۇخلايمەن.مۇشۇ بىر ئايدىن بېرى ئەتىگەن سائەت1-2 بولمىغۇچە كارىۋاتقا چىقمايلا قويدۇم.ئەتىگەندە بولسا بالدۇر تۇرالمايمەن.مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىدا لەغمەن،مىفەن،سومەندىن بۆلەك تاماق يوق.يەنە تاماكا چېكىمەن(100 قېتىم تاشلاپ بولدۇمغۇ دەيمەن بۇ كاساپەتنى،بويتاقچىلىقتا تەسكەن...).ئىشقىلىپ،بىر كۈن بالدۇر بولسىمۇ ناچار ئادەتلىرىمنى تاشلىسام دەيمەن.ئەمما،كومپيۇتېر ۋە ئۆگىنىشنى تاشلاپ قويالمايمەن.بولسا،مۇشۇ ياخشى تۇرمۇش ئادەتلىرى،يېمەك-ئىچمەك توغرىسىدا ياخشى تەشەببۇسلارنى ئورتاقلاشساق بوپتىكەن.مېنىڭ ئازراق سوئالىم بار:كۈندە نەچچە سائەت ئۇخلىسا مۇۋاپىق؟سائەت نەچچىدىن نەچچىگىچە؟چېنىقىشنىڭ ۋاقتى قانداق بولۇشى كېرەك؟ئەتىگەنمۇ ياكى كەچمۇ؟يەنە قانداق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا ياخشى؟مەكتەپ شارائىتىدا ئوزۇقلىنىشقا قانداق ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؟قانداق تاماقلارنى يېيىش كېرەك؟

nur يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 00:52:18

ئىككىمىزنىڭ ئادىتى ئەجەپمۇ ئوخشاشكەن دىسە...سىز مەندىن ئىلغارراق ئوخشايسىز،مەن ھىچقانداق بەدەن چىنىقتۇرۇشقا قاتناشمايمەن.لىكىن ئەتىگەن سائەت 9 دىن كەچ سائەت 8 گىچە مىڭىپ،يۈگرەپ دىگەندەك خىزمەت قىلىمەن...مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ بۇناچار ئادىتىنى ئۆزگەرتىمەن دەيمەنيۇ لىكىن ئۆزگەرتىپ بولالماي ئاۋارە...ھورۇنلۇقۇمنى تاشلاپ بولالمىدىم...

ئىزدىنىشقا قەدەم باسقاندا خەنزۇچىدىن پايدىلىق ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلىپ تورداشلار ھوزۇرىغا سۇنىمەن دىگەننى نىيەت قىلغان ئىدىم بىراق بىرىنجى قىتىم تەرجىمە قىلغان نەرسەم كىمنىڭ پۇتىغا پۇتلاشتىكىن تاڭ ئۆچۈرۋىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تىخىمۇ ھورۇنلىشىپ كومپىيۇتېرغا قاراپ بىكار ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالدىم....

DJ_MardaN يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 02:09:11

كۈندە 8 سائەت ئۇخلاپ ئادەتلىنىڭ، ئازمۇ بولمىسۇن جىقمۇ بولمىسۇن.
چېنىقىشتىكى مەقسەت ئورۇقلاش بولسا ئەتىگىنى سەھەردە يۈگۈرۈش بەدەندىكى زىيادە ياغلارنى تېخىمۇ ياخشى ئېرىتىدۇ. نورمال چېنىقىش ئۈچۈنمۇ ئەتتىگىنى سەھەر ئەڭ ياخشى ۋاقىت. ئەگەر مۇسكۇل يوغىناتماقچى بولسىڭىز چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتلار مۇۋاپىق. تاماققا كەلگەندە مايلىق تاماقنى ئامال بار ئاز يىيىش، گۆشنىڭ لوق يېرىنى، تۇخۇم ئېقى، سۈت قاتارلىق نەرسىلەرنى جىق يەپ بېرىش كېرەك. قالغىنىنى قالغانلار دەپ باقسۇن.

berna07 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 04:52:48

يا پانا ھېلىمۇ قىز بالا بوپ قالماپسىز ،بولمىسا مۇشۇ ئادىتىڭز بىلەن نەچچە كۈندىلا چىرايىڭز مومامنىڭ چىرايىدەك بوپ كەتكەن بولاتتى

مىنىڭ تەكلىپىم 11 دىن بۇرۇن ئۇخلاپ بولۇڭ.چۈنكى جىگەر ،ئۆپكە ،ئۆت قاتارلىق ئەزالار 11 لەردىن كىيىنكى ئۇيقۇ ھالەتتە زەھەر تازلاش ئېلىپ باردۇ،ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئويغاق بولسىڭز نورمال خىزمەت قىلالماي كىرەكسىز ماددىلار بەدىنىڭزدە يىغىلىپ سالامەتلىككىڭزگە تەسىر يەتكۈزدۇ.كۈن چىقىشتىن بۇرۇن ئەلھەمدۇلىللاھ ،ھايات ئىكەنمەن دەپ ئورنىڭزدىن تۇرۇپ كىتىڭ.سەھەردىكى ئۇيقا پالاكەت ئۇيقۇسى،ئادەمنىڭ رىزقىنى قىسقارتىدۇ.

Chaliqush يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 04:59:01

    كېچىسى بەك ۋاخچى بولغاندا سائەت 9دىن 10غىچە ئۇخلاپ بولۇش كېرەك،بىر كۇندە 7 سائەتتىن 8 سائەتكىچە ئۇخلاش نورمال.چېنىقىدىغان ياخشى ۋاقىت كەچ سائەت 6 دىن كېيىن.ئەتىگەنلىرى ئاچ قورساق يۈگۈرسە سالامەتلىككە زىيانلىق.ھەركەت قىلغاندا بەك ئېغىر ھەركەتلەرنى قىلماڭ،يىنىك يۈگۈرۈش،مېڭىش،پەلەنپەيدىن چىقىپ چۈشۈشنىڭ ئۆزىلا ئەڭ ياخشى ھەركەت.تاماق مەسىلىسىگە كەلسەك،سەي كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىڭ،بىر قېتىمدىلا بەك كۆپ يىۋالماي ئاز ئازدىن بىر كۈندە 5 ياكى 6 ۋاخ تاماق يىيىش كېرەك.ئۆگۈنۈشكە كەلسەك،ئۇخلاشتىن 1 سائەت بۇرۇنقى ۋاقىت ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى،شۇ چاغدا يادىلىغان نەرسىلەرنىڭ ئەستە قېلىشى ئادەتتىكى چاغنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ ئۈستۈن بولىدۇ(بۇنى مەن سىناپ باققان،ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى).سىزگە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم،ئەڭ ياخشىسى تاماكا دېگەن بۇ ئىبلىسنى تېزرەك تاشلاڭ(تاماكىنىڭ ھاراملىقىنى بىلمەي قالمايسىز ھەقاچان)!!! ئىنشائاللاھ،شۇنىڭدىن كېيىن ئىشلىرىڭىز ياخشى بولاپ كېتىدۇ.

    تېنىڭىزگە سالامەتلىك،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

Chaliqush يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 05:43:56

يازغان ئىنكاس نېمە سەۋەپتىن ئۆچۈپ كېتىدۇ؟سالامەتلىك ئۈچۈن ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرسىمۇ خاتاما؟؟؟

tuprakbag يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 08:45:14

ئۇخلىغىسى كەلگەندە ئۇخلاش، چېنىققۇسى كەلگەندە چېنىقىش،قۇساق ئاچقاندا تاماق يىيىش،ئۈگەنگۈسى كەلگەندە ئۈگۈنۈش ئەڭ ياخشى ئادەت مەنچە!

Baghrim يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 09:36:15

maniac:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار.ساغلاملىق ھەرقانداق بىر ئادەم ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە.تۇرمۇش ئادىتىمىز ساغلاملىقىمىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.مەن ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇنىڭغا ياخشى دىققەت قىلالماي يۈرگەنلەردىن بىرسى.قانداقلا بولمىسۇن،ھازىردىن باشلاپ بولسىمۇ ئۆزگەرتىۋالسام دەيمەن.مەن ھازىر كۈندە 1-2 سائەت يۈگۈرۈپ چېنىققاندىن باشقا ئادەتلىرىم سالامەتلىككە پايدىسىز.كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا بەك ئۇزۇن ئولتۇرىمەن،كەچتە ئىنتايىن كېيىن ئۇخلايمەن.مۇشۇ بىر ئايدىن بېرى ئەتىگەن سائەت1-2 بولمىغۇچە كارىۋاتقا چىقمايلا قويدۇم.ئەتىگەندە بولسا بالدۇر تۇرالمايمەن.مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىدا لەغمەن،مىفەن،سومەندىن بۆلەك تاماق يوق.يەنە تاماكا چېكىمەن(100 قېتىم تاشلاپ بولدۇمغۇ دەيمەن بۇ كاساپەتنى،بويتاقچىلىقتا تەسكەن...).ئىشقىلىپ،بىر كۈن بالدۇر بولسىمۇ ناچار ئادەتلىرىمنى تاشلىسام دەيمەن.ئەمما،كومپيۇتېر ۋە ئۆگىنىشنى تاشلاپ قويالمايمەن.بولسا،مۇشۇ ياخشى تۇرمۇش ئادەتلىرى،يېمەك-ئىچمەك توغرىسىدا ياخشى تەشەببۇسلارنى ئورتاقلاشساق بوپتىكەن.مېنىڭ ئازراق سوئالىم بار:كۈندە نەچچە سائەت ئۇخلىسا مۇۋاپىق؟سائەت نەچچىدىن نەچچىگىچە؟چېنىقىشنىڭ ۋاقتى قانداق بولۇشى كېرەك؟ئەتىگەنمۇ ياكى كەچمۇ؟يەنە قانداق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا ياخشى؟مەكتەپ شارائىتىدا ئوزۇقلىنىشقا قانداق ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؟قانداق تاماقلارنى يېيىش كېرەك؟

تازا بىر گېزىت - ژورنال كۆرمەيدىغان بالىكەن ماۋۇ ...

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 10:11:24

ئۇيقۇ 8 سائەتتىن ئارتۇق بولمىسۇن ، ئاز بولسا بولسۇن كۆپ بولمىسۇن .

تاماكادىگەنلەرنى تاشلىۋىتىڭ ، ئىش قىلغاندىكىن ئۈنۈم بولسۇن ، تاماكا چىكىشتىن سىزگە پايدىلىق ئۈنۈم چىقماس ، نىيەت قىلسىڭىز تاشلىۋىتىش تەسمۇ ئەمەس .

تاماق مەسىلىسىگە كەلسەك ، تۈگمەن مىجەز بۇلۇڭ ، تاماق - سەي خىللاشمۇ ياخشى ئىش ئەمەس .

چېنىقىش مەسىلىسىگە كەلسەك ، بۇنىڭغا مەن بىرنىمە دىيەلمەيمەن ، چۈنكى يۇقاردا مەن ئېيىتقاننىڭ ھەممىسى ئۆزەم قىلىپ كەلگەن ۋە قىلىۋاتقان ئىش ، چېنىقىشنى قىلىپ باقمىدىم .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 10:48:18

Chaliqush:
يازغان ئىنكاس نېمە سەۋەپتىن ئۆچۈپ كېتىدۇ؟سالامەتلىك ئۈچۈن ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرسىمۇ خاتاما؟؟؟

چالىقۇش ئاي، مۇشۇ ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۈستىدىلا ئىنكاسىڭىز تۇرمامدۇ مانا! ئىنكاسمۇ تەستىقلىنىپ بولۇپ چىقىدۇ، بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قالماڭ، ئەگەر، ئۆچۈپ كەتتى دەپ خاتا دەپ قويغان بولسىڭىز، يەنە بىر ئىنكاس يېزىۋېتىڭ، خاتا چۈشەنچىلەرنى تازىلاشقا پايدىسى تىگەر، رەھمەت.

ئىككى ئىنكاسىڭىزنىڭ ئارىلىقى 45 مىنۇت كېلىدىكەن. تەستىقلىنىشقا بۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن تۇرۇپ قالىدىغان چاغلار بولىدۇ.

baharxamili يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 12:22:33

مىڭ ئاڭلاپ قۇلاق موللىسى بىر كۆرۈپ ھۈنەر ئۇستىسى بولىدۇ دەيدىغان گەپ بار ، مىڭ ئاڭلىغاندىن كۆرە ئۆزىڭىز قوزغىلىپ قىلىپ كۆرمىسىڭىز بىكا .....100 قېتىم تاماكا تاشلىغىنىڭىزغا قارىغاندا ئىرادىڭىز كەم ، بۇنداق ئىرادىسىزلىك قىلسىڭىز يەنە 10 يىلدىن كېيىن خوتۇن ئالسىڭىزمۇ تۇرمۇشىڭىز بىر ئىزىغا چۈشمەيدۇ ، ( ئىرادىسىز ئادەم تۇرمۇشقىمۇ ئىشەنچ بىلەن قارىمايدۇچۇ شۇنىڭ بىلەن خوتۇن باللىرىغىمۇ مېھرى بىلەن مۇئامىلە قىلالمايدۇ ..... ) ، قارىسام مۇشۇ تېمىڭىزنىمۇ كېچە بىر ۋاخ بولغاندا كۆزىڭىزنى يىرتىپ ئېچىپ تۇرۇپ كاللىڭىز تۇماندا قالغاندەك ھالەتتە ئولتۇرۇپ ( خاتىرە كومپىيوتېرىڭىز بولسا يوتقاندا يېتىپ تۇرۇپ ) يېزىپسىز ، يەنە بۇنداق ئىرادىنى كۆڭۈلدە قىپ قويۇپ ئەمەلدە بويسۇنمىسىڭىز .... تايىقىڭىز كەم شۇ .....

maniac يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 13:35:11

baharxamili:

مەن شۇ كېيىن خوتۇن-بالىلىرىمنى ئوبدانراق باقارمەنمىكىن دەپ مۇشۇنداق جاپا چېكىۋاتىمەن.تاماكا تاشلىيالمىغىنىم راست،ئەمما،ئىرادىسىز ئەمەس.ئىرادىسىز دېسە ئەتراپىمدىكى يەپ-ئىچىش،ئۇخلاش،قىز كەلتۈرۈشتىن باشقىنى بىلمەيدىغانلارنى دېسە بولىدۇ.ئەمما،ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى مېنىڭكىدىن ياخشىراق، ھېچ بولمىغاندا تاماقنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يەپ،بوش ۋاقىت بولسىلا ئۇخلاپ ئوبدان كېتىۋاتىدۇ.

baharxamili يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 22:10:27

گېپىڭىزدىن قارىغاندا ئەلاچى ئوقۇغۇچىكەنسىزدە .... شۇنداقتىمۇ ياخشى ئادەت يىتىلدۈرەلمىسىڭىز ياخشى ئادەم بولالمايسىز ، ياخشى ئادەم بولالمىسىڭىز ياخشى ئوقۇيالمايسىز ، ياخشى ئوقۇيالمىسىڭىزغۇ كارايىتى چاغلىق ئەمما ياخشى ئادەم بولالماي قالسىڭىزئەلبەتتە خوتۇن باللىنى ياخشى باققىلى بولمايدۇدە ، قورساققا بىر مۇنچە ئۇماچنى سولاپ قويغان بىلەن شۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالاممىسىڭىز بىكا ......گەپنى تولا قىلدۇرغۇچە باش سۈرىتىڭىزنى يەڭگۈشلەڭە مېڭ .......................

maniac يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 22:26:40

ھە نىم بولسا ئاخىرى باش سۈرىتىمگە دىققەت قىلىدىغانلار چىقتى.ئەمما،يەڭگۈشلەشكە ئېتىراز بىلدۈرىمەن.رەسىم ئۇلىنىشىنى قوللايدىغان تور بەتنى ئاران تېپىپ چىقاردىم بۇنى.

It's never late to mend. مېنى تولا ئەيىبلەۋەرمەي ئاۋۋال قانداق ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرىمەن،قانداق قىلسام ياخشى ئادەم بولىمەن شۇنى دەڭە.مەن بۇ دۇنياغا ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلگەن.

Chaliqush يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 03:21:47

Baqka:

Chaliqush:
يازغان ئىنكاس نېمە سەۋەپتىن ئۆچۈپ كېتىدۇ؟سالامەتلىك ئۈچۈن ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرسىمۇ خاتاما؟؟؟

چالىقۇش ئاي، مۇشۇ ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۈستىدىلا ئىنكاسىڭىز تۇرمامدۇ مانا! ئىنكاسمۇ تەستىقلىنىپ بولۇپ چىقىدۇ، بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قالماڭ، ئەگەر، ئۆچۈپ كەتتى دەپ خاتا دەپ قويغان بولسىڭىز، يەنە بىر ئىنكاس يېزىۋېتىڭ، خاتا چۈشەنچىلەرنى تازىلاشقا پايدىسى تىگەر، رەھمەت.

ئىككى ئىنكاسىڭىزنىڭ ئارىلىقى 45 مىنۇت كېلىدىكەن. تەستىقلىنىشقا بۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن تۇرۇپ قالىدىغان چاغلار بولىدۇ.

كەچۈرۈڭ،مەن بىلمەپتىمەن،يېڭى ئەزا بولغانلىقىم ئۈچۈن ئازراق ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ،ئەمدى ئۇنداق ئالدىراڭغۇلۇق قىلمايمەن.بۇندىن كېيىن كۆپ ئاتىدارچىلىق قىلغايسىز،رەھمەت سىزگە.

ghapbar يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 23:53:14

مەن ئىچمەيمەن چەكمەيمەن ،لىكىن ناچار ئادەتلىرممۇ .ئاز ئەمەس:تاماقنى بەزىدە ئىككى ۋاخ بەزىدە ئۈچ ۋاخ يەيمەن،بەزىدە سائەت 10لارغىچە ئۇخلايمەن،بەزىدەكىچەسائەت بىربىلەن ئورنۇمدى تۇرۇپ بىر ئىشلارنى قىلىپ كتىمەن يەنە بەزى كۈنلىرى كىچى سائەت ئىككىدىن بۇرۇن ئۇخلىمايمەن مەنمۇ بۇنداق بۇلۇشنى پەقەت خالىمايمەن،لىكىن دۇنيادا بەزى ئشلارنى خالمىسىڭىزمۇ شۇنداق قىلمىسىڭىز بولمايدۇ،چۈنكى بۇ -خىزمەت.

yurtum1028 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-3 12:31:44

قېلىپتىلاكەنمەن مەن .

   ھەركۈنى ئوخشاش 6بىلەن تۇرۇپ بولىدىكەنمەن ،شاق شۇق تەييارلىق قىلىپ يەنە بىر مەكتەپ رايۇنىغا يۈگرەپ بېرىپ كۈتۈپخانىدىن تالىشىپ ھومۇيۇپ يۈرۈپ ئورۇن ئېلىپ ،ناشتا قىلىپ 4 يىل ئۆزگەرمەي كىلىۋاتقان 5 سائەتلىك دەرسنى ئاڭلىۋېتىپ چۈشلۈك تاماق يەپ كۈتۈپخانىغا سەپەر قىلىپ ......

كەچتە 9بىلەن كىلىپ ،ئەمما بەل دىگەن شۇنداق ئاغرىيدۇدە ،

يەنە شاق شۇق چىش چوتكىلاپ يۈزيۇيۇپ كارۋىتىمغىلا قۇرىۋالغان لەپتوپنى ئاچىمەندە بىر چەتتىن بەل پۇتلىرىمنى ئۇۋىلىغاچ ئولتۇرۇپ ئىزدىنىش كۆرۈپ ،،،

ئەلۋەتتە ھەركۈنى بۇ بويىچە ئەمەس ،ھەپتىنىڭ بىرى چۈشتىن كىين ۋالىبول مەيدانىدا،ھەپتىنىڭ ئىككىسى چۈشتىن كىيىن چېنىقىشكۇلۇبىدا ، ئۈچى چۈشتىن كىيىن چەتئەللىك دوستلاربىلەن قەھۋەخانا ياكى باشقا جايلاردا ، تۆتى چۈشتىن كىيىن يەنە چىقىش زالىدا ،بەشى چۈشتىن كىيىن ياتاقتاكىنو كۆرۈپ دىگەندەك ئۆتكۈزىمەن .

ئالتىسى ،ياكى يەتتىسى كۆڭلۈم تارتسا ئۈگىنىش قىلىپ بولمىسا دوستلارنى ئىزدەپ ،قىزبالا بولغاندىن كىيىن ئانچە مۇنچە بازارغا چىقىپ ،ساۋاقداشلار بىلەن بېيجىڭنىڭ چوڭ كىچىك خۇتوڭلىرىنى ئايلىنىپ ،،،،،،،،،،

ئىشقىلىپ ماشىنا ئادەمدەكلا پىلانلىق ئۆتكۈزىۋەتتىمغۇ بۇ كۈنلەرنى .

بىر ئادىتىم ئۇيقۇم شۇنداق جايىدا دەل 11:30قانداقلا قىلسام ئۇخلاپ بولىمەن ،تېلىفون دىگەننى ئىتىۋېتىپلا ، ياتاققا 11:30 دىن كىيىن تېل قىلغۇچىلار بولسا خۇجىنتاۋ تېلىفون قىلسىمۇ ئالمايمەن .

ئېيتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىكى رېتىملىق تۇرمۇش ۋە چېنىقىش مىنى تېخىمۇ ساغلام تەن ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى .

ئىككى يىلدىن بۇيان زۇكام بولۇپ باقمىدىم ، ئاشقازان ئاغرىقىممۇ ئوڭشىلىپ ،مىجەززىممۇ مۇلايىملىشىپ قالغاندەك ،،،،،،،،،،،،

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2010-12-3 14:05:38

yurtum1028ئادىتى ياخشى قىزكەن جۇمۇ

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-9-28 05:02:42

3- قەۋەتتىكى berna07نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

....،ئادەمنىڭ رىزقىنى قىسقارتىدۇ.

ما گەپنىڭ ئاساسىنى بىرەر كىتابتىن كۆردىڭىزما ياكى سىز ئىجاد قىلدىڭىزمۇ؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-9-28 05:05:17

ھاھا.ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇلئەھەت ئەپەندى..........بەك زېغىرلاپ كەتمەڭە......
بەت: [1] 2
: سىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىڭلار قانداق؟