maniac يوللانغان ۋاقتى 2010-11-30 23:50:18

ئىنگىلىزچە ئېغىز تىلىنى ياخشى چىقىرىش ئۈچۈن قانداق 3

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار.مەن ئېغىز تىلىمنى يەنىمۇ ياخشىلاي دېگەن.ئەمما،مەن ياشاۋاتقان مۇھىتتا باشقىلار بىلەن ئىنگىلىزچە پاراشلاشقۇدەك ھېچقانداق پۇرسەت يوق.يېقىندا بىر ئىنگىلىزچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ گەرچە ھەل قىلغۇچقا كىرگەن بولساممۇ،ئېغىز تىلىم دېگەندەك راۋان بولماسلىقى تۈپەيلىدىن چېمپيون بولالمىدىم.بۇ مەغلۇبىيەت ماڭا سەلىمازا تەسىر قىلدى.شۇنىڭ بىلەن زادى ئېغىز تىلىنىڭ شامىلىنى يىغىۋېتىشنى قارار قىلدىم. گەرچە،تەلەپپۇز ۋە گرامماتىكا جەھەتتە ئاساسەن مەسىلە يوق بولسىمۇ،دېمەكچى بولغان گېپىمنى ياكى سۆزۈمنى تاپالمايدىغان،دۇدۇقلاپ قالىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت.نەچچە كۈن بۇرۇن ماقالە يادلاشنى قارار قىلدىم.ئەمما،ئۇ كىتابتىكى ماقالىلەر تولىمۇ زېرىكىشلىك ئىكەن.ھەم،نوقۇل تېكست يادلاشنىڭ راستلا ئۈنۈمى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن،شۇڭا،ئورۇنسىز ۋاقىت ئىسراپ بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەيمەن.يادلىغان تەقدىردىمۇ قايسى كىتاب ئەڭ ياخشى؟ئامال بار يۇقىرى سەۋىيىگە ماس كېلىدىغان بولسا بولاتتى.يەنە سىلەرنىڭ قانداق ئۇسۇل،تەجىربە ياكى پىكىر-تەكلىپلىرىڭلار بار؟ئايىماي دەپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

kaysar_f1 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-3 04:29:17

مەشىق

Parwana يوللانغان ۋاقتى 2010-12-3 08:44:24

بۇ تور بەتنى تەۋسىيە قىلاي!

ئۇلارنىڭ دوراپ ئۈگىتىدىغان ئۈگۈنىش ئۇسۇلى خېلى قالتىس، پەقەت سىز بىر دەمدىلا بەل قويىۋەتمىسىڭىزلا!!!

http://learnrealenglish.com/

بۇلارنىڭ دەرسلىكىنى بىرى بۇرۇن بىلىك تورىغا يوللىغان، ئۇنى كۆمپىيوتېرىڭىزغا چۈشۈرىۋېلىپ ئەسەبىيلەرچە مەشىق قىلسىڭىز 6ئايدىن 1 يىلغىچە ئامرىكىلىقتەك تىل چىقىدۇ دەيدۇ!

http://www.bilik.biz/bbs/thread-21886-1-1.html

kuxkach يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 00:16:03

ئەڭ دەسلەپ ئۆگەنگەن چاغلاردىكى ئېغىز تىلى مەشىق قىلىش تەجرىبەمدىن بىرى: داۋاملىق توردىكى chat roomلاردا ئۆزەم ياقتۇرىدىغان تېمىلاردا باشقىلار بىلەن پاراڭلىشاتتىم. ئەڭ باشتا yahoo chat roomغا كىرگەن. كېيىنچە shareislam chat roomغا كىرىدىغان بولدۇم. بۇ يەردىكىلەر بەكلا دوستانە ئىكەن. ھەم ئېغىزچە، ھەمدە يېزىقچە پاراڭلاشقىلى بولىدۇ. بەكرەك تونۇشۇپ چىقىشىپ قالسىڭىز، ئېلخەتتە داۋاملىق خەت يېزىشىپ ئالاقىلىشىسىز...يېزىقچىلىق ئىقتىدارىڭىز ئۆسكەنسىرى سۆزلەش ئىقتىدارىڭىزمۇ يۇقىرىلايدۇ.

maniac يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 00:28:32

ھەي...مەن تورغا چىقساملا ئويۇن-تاماششاغا ئۆزۈمنى ئاتىدىكەنمەن.ئۇنداق يەرلەرگە كىرىپ بولالمايدىكەنمەن،ماڭا ئەڭ ياخشىسى تورغا چىقماي ئىجرا قىلىدىغان ئۇسۇلنى دەپ بەرسىڭىز بولاتتى.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 00:41:09

بۇ قىتىم ھەل قىلغۇچقا كىرەلىگىنىڭىزنىڭ ئۆزى چوڭ ئىشكەن، كىلەر قىتىم چىمپيۇن بولغاندا ئىغىز تىلىڭىزمۇ تەبى بىر بالداق يۇقىرلىغان بولىدۇ، شۇڭا چىمپۇنلۇق ئۈچۈن تىرىشىڭ! ئۈمۈد ھاجىدەك چىمپيۇن بولۇشنى كۆزلەپ بېقىڭ. مۇمكىن بولسا ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرسىڭىز تىخى ياخشى...
ئىنگىلىز تىلى مۇھىتىدا بولماي تۇرۇپ ئىنگىلىز تىلىنى ياخشى سۆزلەيدىغانلارغا رەسمى قول قويىمەن. سىزنىڭ دۇدۇقلاپ قېلىشىڭىز ۋاستىلىك پىكىر قىلغىنىڭىزدىن بولسا كىرەك. بىۋاستە، تىز ئىنكاس قايتۇرىدىغان بولۇش ئۈچۈن مەشىق قىلىش كىرەك.
كۆپ ماتېرىياللارنى كۆرۇپ يادلىغاندىن بىر ياخشى نوتۇقنى تىپىپ %100 قىلىپ ئىچىۋەتسىڭىز ئېنىقكى پايدىسى زور بولىدۇ.  يەنە بىر تور بىكىتى باركەن، مەنمۇپايدىلىنىشنى ئويلىشىۋاتىمەن لىكىن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالمىدىم، \" ھەقىقى ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش\" دەپ. بۇلارنىڭ بىر يۇرۇش دەرسلىكىنى توردىن سىتىۋېلىپ كۆرۈپ باقسىڭىز ئۈنۈمى بولىدۇ. بۇ بىكەتنىڭ ئادرىسى: http://learnrealenglish.com

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 01:18:14

مەن پات - پات مۇنداق قىلىمەن . ئاۋال بىرەر تەلەپپۇزى ياخشى ئېنگىلىزنىڭ نۇتىقلىرىدىن تازا ئاڭلىۋېتىپ ( مەن TTC دە لىكسىيە سۆزلەيدىغان بىر دكتۇرنى ئاڭلاپ قويىمەن ) ئاندىن بىرەر پارچە تېكسىتنى ئېلىۋېلىپ شۇنى ئۈنلۈك دوراپ ئوقۇيمەن،  يەنە بەزىدە ئۆزەم كاللىدا خالىغانچە جۈملە قۇراشتۇرۇپ شۇنى ئۈنلۈك دەپ مەشىق قىپ قويىمەن . بەزىدە ئالدىمدا بىرسى بار دەپ شۇنىڭ بىلەن ئۈنلۈك سۆھبەتلىشىپ قويىدىكەنمەن تېخى  ب(ئەمما جىق ئادەم بىلەن ئېنگىلزچە سۆزلەشكۈدەك پۇرسەت يوق جۇما، رەسمى native speaker لار بىلەن سۆزلەشسە باشقىچە پايدىسى بولامدىكىن)

kuxkach يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 01:43:40

maniac:
،ماڭا ئەڭ ياخشىسى تورغا چىقماي ئىجرا قىلىدىغان ئۇسۇلنى دەپ بەرسىڭىز بولاتتى.

دەرسلىك كىتابلىرىمىنى تونۇشتۇاي ئەمىسە.

مەن ئالىي مەكتەپتە ئېنگلىز تىلى كەسپىدە ئوقىغان. 1-2-يىلى بىزگە \"سۆزلىشىش\"会话 دەرسىدە Oral Englishدەپ بىر كىتابنى ئۆگەتكەن. كىتابنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇن ھەممىسى دىئالوگ ئىدى. ئامېرىلىق ئوقۇتقۇچى ئۆتكەن بۇ دەرسنى. دىئالوگلارنى بىزگە يادلاتقۇزمايتتى، ئېسمىزدە تۇتۇۋېلىپ، راۋان جۈملە تۈزەپ بېرەلىسەكلا ok دەيتتى. ئاڭلاش 听力دەرسىمزدە Step by step سەككىز قىسىمنى يەنە شۇ ئامېرىكىلىق مۇئەللىم ئۆتكەن. ئاڭلىغانلىرىمىزدىن سۇئال سورايتتى، جاۋاپ بېرەتتۇق، ئىمتىھان سۇئاللىرىنى بەك ئاددى چىقىراتتى. خەنزۇ مۇئەللىملەر گراماتىكا، intensive reading精读 (بۇنىڭدا ھېلىقى 大学英语)دېگەن كىتاپ 6 قىسىم، ئاندىن 3-4-يىلى 英语教程دېگەن كىتاپ 8 قىسىم، 泛读 fast reading, comprehensive reading,كۆرۈش ئاڭلاش视听 دەرسىمىزدە走遍美国 ئىككى قىسىم، يەنە ئامېرىكىنىڭ كىنولىرى (بىزنىڭ ئامېرىكىلىق ئوقۇتقۇچى مېسيونېر ئىدى، داۋاملىق دەرس باھانىسىدا خرىستىيان دىنىنى تەشۋىق قىلىدىغان فىلىم قويۇپ بېرەتتى)، ئامېرىكىدا چىقىدىغان Timesھەپتىلىك ژورنىلىدىكى يېڭى يېڭى خەۋەرلەر...مۇشۇلارنى كۈندە ئوقۇپ ئاڭلاپ ئۆگەنگەن.3-4-يىلى 二外ئۆگىنىش شەرت دەپ فرانسوز تىلى ئۆگەتكەن. خەنزۇ مۇئەللىمنىڭ تەلەپپۇزى بەك كۈلكىلىكتى. لا شىن la chine دەپ ئوقۇيدىغاننى لا چاينا la china دەپ ئارىلاشتۇرۇپ ئوقۇيتتى. ئالىي مەكتەپتىكى كەسپىي دەرسلەر ئىچىدە بىز 4-يىلى ئوقىغان English Speaking Countries Survey دەرسى، English literature، يەنە Linguistics (بىز بۇنى语言学دەپ، Lexicologyنى 词汇学دەپ ئۈگەنگەن)، يەنە خەنزۇ مۇئەللىملەر ئۆگىتىدىغان يېزىقچىلىق، تەرجىمە نەزىرىيىسى قاتارلىق دەرسلەرنى ئوقىغان. دەرسلىك كىتابلىرىمىز ئاساسەن 98% ئېنگلىزچە ئىدى.

مەن گەرچە رەسمىي كەسىپ قىلىپ ئوقىغان بولساممۇ، ئۇيغۇر سىنىپتىكى باشقا كەسپتە ئوقۇيدىغان، ئېنگلىزچىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەنلەر مەندىن ياخشىراق سۆزلىشەلەيدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. سىنىپىمىزدىكى خەنزۇلار ھەممىسى Chinglish سۆزلەپ ئولتۇراتتى (بۇنى ئۆزلىرى ئېتىراب قىلىشاتتى). English Cornerلارغا بارساقمۇ ئادەتتە باشقا كەسپتە ئوقۇيدىغانلار بىزدىن راۋان گەپ قىلالايتتى. بىز پەقەت يېزىقچىلىق، تەرجىمانلىق ۋە گرامماتىكا جەھەتتىلا بىر قەدەر يامان ئەمەس ئىدۇق.

بۇ تىل دېگەن بەك يۈزسىز نېمە، داۋاملىق سۆزلەپ، يېزىپ، ئىشلىتىپ تۇرمىسىڭىزلا بىر دەمدە \"يۈز ئۆرۈپ\" قاچىدۇ. VOA Special English نىڭمۇ يامان ئەمەس خەۋەر ۋە قىسىملىق ھېكايىلىرى بار، MP3كە قاچىلاپ يانچۇقىڭىزغا سېلىۋالسىڭىز بولىدۇ، بۇنى چوقۇم مەندىن ياخشىراق بىلىسىز.

ئەگەر تاپالىسىڭىز، English Lexicologyدېگەن كىتابنى چوقۇم باشتىن ئاخىرى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ كىتابتا ئېنگلىز تىلىدىكى سۆز ياساش قائىدىلىرى،ئالدى قۇشۇلغۇچى، كەينى قۇشۇلغۇچى، سۆزلەرنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى... قاتارلىق بىلىملەر بەك تەپسىلىي بار. بۇنى ئۆگەنسىڭىز لاتىنچىنى 40% بىلدىم دېسىڭىز ھەرگىز ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ (بىزنىڭ مۇئەللىم شۇنداق دېگەن).   

مەن مەكتەپتە كەسىپتە ئۆگىنەلمىگەن كۆپ نەرسىنى توردىن ئۆگەندىم ۋە ئۆگىنىۋاتىمەن. ھازىر ماڭا ئېنگلىزچە سۆزلىشىدىغان شارائىت ۋە ماكان بولمىغاندىكىن، كۆپ چىكىنىپ كەتتىم.

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 01:53:29

مەن پۈتۈن داھىلارنى دوراپ نۇتۇق سۆزلەپ باققان.ھەتتا كىنودىكى مورفى بىلەن تاشقى پىلانىتلىقلار بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان زۇڭتۇڭمۇ قالمىغان.ھازىرغىچە ئىزدىنىشتا بىرنىمە يازسەم ئاغىنىلەر كەم دىگەندە سىياسى بىيورونىڭ ئەزاسىدەك گەپ قىلىدىكەنسەن دەپ زاڭلىق قىلىدۇ.

ئاۋال سىز ئۆزىڭىز ئەڭ پىششىق بولغان ئانا تىلدا سۆز سالاپىتىڭىز قانداقراق،شۇنىڭغا كۆپرەك دىققەت قىلىڭ.ئەگەر ئانا تىلدا مەندەك ئو ك بولسىڭىز،قازاقچىدىمۇ گەپ يۇق نازاربايىفتەك سۆزلەيسىز دىگەن گەپ.

سۆزۈڭ فونتاندەك ئوخچۇپ تۇرسۇن دىسەڭ،ئارقىسىدا ئەقىل-پاراسەت بۇلىقى بۇلدۇقلاپ تۇرسۇن.جىق-جىق كىتاپ ئوقۇڭ،جىق-جىق كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىڭ،جىق-جىق بىلىم ئىگەللەڭ.ناۋايىكامنىڭ ھېلىقى غەزىلىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ.يىغىپ ئېيتقاندا تىل بىر ئۇنۋىرسال بىلىم غەزىنىسى.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 01:54:36

AVAR:

مەن پات - پات مۇنداق قىلىمەن . ئاۋال بىرەر تەلەپپۇزى ياخشى ئېنگىلىزنىڭ نۇتىقلىرىدىن تازا ئاڭلىۋېتىپ ( مەن TTC دە لىكسىيە سۆزلەيدىغان بىر دكتۇرنى ئاڭلاپ قويىمەن )

بۇ يەردە ئاممىۋى قاتناشنى TTC دەيمىز.

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 02:02:54

TTC - http://www.teach12.com

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 02:54:47

ئەڭ ياخشىسى دوراش شۇ. New Concept English نىڭ پىلاستىنكىلىرىنى ئاڭلايتتىم، ياقتۇرغان تېكىسىتلەرنى يادلىۋالاتتىم، ھەم ئامال بار پىلاستىنكىدىكىگە ئوخشاش قىلىشقا تىرىشاتتىم. ئاساسنى مۇشۇنداق سالغان. كىيىن ھىلقى قىسىملىق Friends نى قايتۇرۇپ قايتۇرۇپ كۆرگەن، دەسلىپىدە خەنزۇچە خىتى بىلەن، كىيىن ئىنگىلىزچىسى بىلەن، ئاخىرىدا خەتسىز كۆردۈم  ھەم كۆرۈش جەريانىدا بەزى قىسقا جۈملىلەرنى تەخمىنى ئوخشىتىپ يادلىۋالغان.

Uyghun يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 09:07:05

maniac نىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن !

مۇشۇ خىل تىملارنىڭ مۇنبەرگە كۆپرەك يوللنىشنى ئۇمۇت قىلمەن .

afifiya يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 10:31:16

http://cn.livemocha.com/ ما يەر بولاتتى. چەتەللىكلەر كۆپ كىردىغان.

ھەم ئاڭلاپ ھەم يادلاپ تاپشۇرۇقمۇ ئىشلەيدۇ تېخى، لېكىن تەلەپپپۇزى 50 پىرسەنتكىمۇ توشمايدۇ . كىم ئوقىغانكىن تاڭ ئۇ يەردىكى دەرىسلىكلەرنى.......

ئىشقىلىپ  Nothing is impossible , to a willing heart  دەپتىكەن. تىرىشسىلا  چوقۇم نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ.

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 13:59:16

مېنىڭ بلوگىمدا ئېىگىلىزتىلىدىن 8000 جۈملە دەيدىغان تېما بار. بۇ 8000 جۈملە پۈتۈن تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغان سۆزلەر بار. بولسا شۇنى ئاڭلاپ بېقىڭ. سىزگە پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، زېرىكمەي ئاڭلىسىڭىز قىززىقىپ قالىسىز.

http://chewendazlar.com/?p=72

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 15:42:47

مەن ئۆگەنگەن چاغلاردا \"قەيسەر يۈرەك\"،\"گىلادىياتور\" دىگەندەك نادىر كىنولار كەينى كەينىدىن چىقىپ تۇراتتى، ئۇ چاغدا توردىن پايدىنلىش ھازىرقىنىڭ 2 پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيتى، يۇقۇرقىدەك كىنولارنىڭ ئەسلى ئاۋازى ۋە ئۈنئالغۇ لىنتىسى بىراقلا چىقىدىغان بىر ماتىريال بۇلدىغان،شۇ بەك ئەسقاتقان ماڭا،قەيسەر يۈرەكنىڭ سۆزلىرنى ئاساسەن يادىلاپ بولغان.. بۇ ھال مىنىڭ كىيىنكى ئېغىز ،يىزىق جەھەتتىن سەۋيەمنىڭ تىز يۇقىرى كۆتىرىلىشىگە ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان.

Elsuyer يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 18:36:37

خەتكۈچ

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 19:29:33

crazy English نىڭ «ئېغىز تىلى» دەيدىغان بىر ژۇرنىلى بارغۇ؟ قوش ئايلىق ژۇرنالمىكىن، يا ئايلىق ژۇرنالمىكىن ئۇنتۇپ قاپتىمەن. لېكىن ئاشۇ ژۇرنال بولىدۇ، مەن ھەر سانىنى ئالاتتىم، CD لىقمۇ، لېنتىلىكمۇ بار، شۇنىڭغا قاراپ ئالسىڭىز بولىدۇ.
لېكىن ئېغىز تىلىدا راۋان پاراڭلىشىش يەنىلا چەت ئەللىك بىلەن يۈز-تۇرانە تۇرۇپ پاراڭلاشقاندا يېتىلىدۇ، يەنى سىز ئىنگلىزچە سۆزلەشكە رەسمىي مەجبۇر بولغان چاغدا. يېڭى خىزمەتكە چۈشكەن ۋاقتىمدا كۈندە ئەتىگەندە باشلىق ئىدارىگە كېلىشتىن بۇرۇن، ھەر قېتىم بىرەر ئىشنى باشلىققا دېيىشتىن بۇرۇن لۇغەت ئاختۇرۇپ، تورغا قاراپ يۈرۈپ دېمەكچى بولغان گەپلىرىمگە پۇختا تەييارلىق قىلىۋالاتتىم. مەن باشقىلارنىڭ ئالدىدا خىجىللىققا قېلىشتىن بەكلا قورقىمەن دەڭە. كېيىن بارا-بارا راۋان سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتكەن.
يەنە بىرى سىزنىڭ ئۆگىنىش قابىلىيىتىڭىزگىمۇ باغلىق، مەسىلەن مەن بىرەر دوستۇم بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ بىر كىنو كۆرسەم ھېچبولمىسا ئۈچ-تۆت چىرايلىق جۈملە ئۆگىنىۋالىمەن. تۈركچە كىنو كۆرسەممۇ شۇ، دوستلىرىم سېنىڭ كاللاڭ كىنونىڭ ۋەقەلىكىدىمۇ يا خەقنىڭ نېمە دەۋاتقىنىدىمۇ دەپ قويىدۇ. ئادەتتە تېز ئۆگىنەلەيدىغان، تېز قوبۇل قىلىدىغان تىپتىن بولسىڭىز، مەزمۇنى رەڭدار بىر كىتاب ياكى كىنو دېگەندەكلەرنى تېپىپ دوراپ يۈرۈپ ئۆگەنسىڭىز جىق ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
بىزنىڭ بىر ساۋاقدىشىمىز بولىدىغان، خەقنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارى يوق، گەپنىڭ يېرىمىنى ئىنگلىزچە قىلىپ تۇرۇۋالاتتى، ئۇ قىز «دوستلار» نى يادلاپ ئىچىۋەتكۈدەك بولۇپ كېتىپتىكەن، ئۆزى بەك ياخشى كۆرەتتىكەن. ئوۋ ماي گاد! رىلىي؟ دەپ توۋلاپ قوياتتى، رېيچولغا ئوپ-ئوخشاش قىلىپ. شۇ قىزنىڭ تەلەپپۇزىمۇ بەك ياخشى، سۆزلىگەندە ھەم ئازراقمۇ ھودۇقۇپ قالماي سۆزلىيەلەيتتى.
قۇشقاچ خانىم جىق ياخشى تەجرىبىلەرنى تونۇشتۇرۇپتۇ. مەنمۇ ئۆزەم كۆرگەن ۋە سىناپ باققانلىرىنى دېدىم. ئىشقىلىپ چوقۇم سىز قىزىقىدىغان نەرسىنى تېپىڭ. توپ مۇسابىقىسى، كىنو، ھېكايە....دېگەندەك. قىزىقمىغان نەرسىنى بېسىپ، زورلاپ ئۆگەنسىڭىز ئاسانلا چارچاپ ئۆگىنىۋاتقان نەرسىدىن زېرىكىپ قالىسىز. ئۆزىڭىزمۇ دەپسىز، تېكىست يادلاش زېرىكىشلىك دەپ.

maniac يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 21:00:23

mastura:

ئاۋۇ ساۋاقدىشىڭىزنىڭ ئۇسۇلى قالتىسكەن!ئەممازە ئوغۇل بالىغا تەستە بۇ ئىش.يۈزى قېلىن بولمىسا بولمايدىكەن.مەن يېقىن ئاغىنىلىرىمغا مۇشۇنداق قىلاي،نېمىلا گەپ بولسا ئاۋال ئىنگىلىزچىسىنى دەۋېتىپ ئاندىن ئۇيغۇرچىسىنى دەپ بېرەي.بولغۇدەك بولغۇدەك!لېكىن،بۇمۇ مەسىلىنى ماھىيەتتىن ھەل قىلالمايدۇ.بەلكىم،نەچچە كۈندىن كېيىن بۇنداق قىلىشتىن توختاپ قېلىشىم مۇمكىن.ژۇرنال كۆرۈش،كىنو كۆرۈش،mp3 ئاڭلاش گەرچە تىل سېزىمىنى يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىسىمۇ،ئەمما بۇ ئېغىز تىلى دېگەن نەرسە ئېغىزدىن زادى بىر نەرسە چىقمىغۇچە ھەل بولمايدىكەن.مەن كۈندە ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا listen to this،脱口而出 دېگەندەكلەرنى ۋە ئىنگىلىزچە داڭلىق تەپەككۇر نەزەرىيلىرىگە ئائىت كىتابلارنىڭ mp3 سىنى يېرىم سائەت ئاڭلاپ يېتىۋاتىمەن.ئەمما،ئېغىز تىلى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم ئېغىز ئېچىپ سۆزلىمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.شۇڭا،托福高分作文 دېگەن كىتابتىكى ئۈلگىلىك ماقالىلەرنى ئۈنلۈك،ھېسياتلىق،تېز ئوقۇش ۋە يادلاشنى باشلىغان.بۇ ماقالىلەرنىڭ ھەممىسى مۇھاكىمە ماقالىلىرى بولغانلىقتىن،كېيىن نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرىدىمۇ ياخشى مۇنازىرە ئاساسىغا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلغان ئىدىم.ئەمما،بۇ ماقالىلەر ساپلا جۇڭگوچە تۈستە بولغاچ ئادەمنى ئوڭايلا زېرىكتۈرۈپ قويىدىكەن.شۇڭا،بۈگۈن يېڭى ئۇقۇم ئىنگىلىز تىلى 4-قىسىمنى كۆرۈپ باقاي دەپ ئالدىم.كىم بىلسۇن،بۇنىڭدىكى ماقالىلەر تېخىمۇ زېرىكىشلىك ھەم ماڭا سەل ئاددىي كېلىپ قالىدىكەن.شۇڭا،سىلەر بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيىدىكى،ئېغىز تىلى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق ئېسىل ماقالىلەر بار كىتابنى بىلسەڭلار تەۋسىيە قىلىڭلار.سىز دېگەندەك،ئەڭ ئۈنۈملۈكى يەنىلا شۇ چەتئەللىك بىلەن يۈز تۇرانە پاراڭلىشىش ئىدى.ئەمما،ماڭا ھازىر ئۇنداق شارائىت يوق.شۇڭا،چوقۇم باشقىچە يول بىلەن سۇدەك راۋان سۆزلەشنى يېتىلدۈرمىسەم بولمايدۇ.قېنى يەنە قانداق ياخشى تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا چىقاركىن؟

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2010-12-3 09:56:06

maniac:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار.مەن ئېغىز تىلىمنى يەنىمۇ ياخشىلاي دېگەن.ئەمما،مەن ياشاۋاتقان مۇھىتتا باشقىلار بىلەن ئىنگىلىزچە پاراشلاشقۇدەك ھېچقانداق پۇرسەت يوق.يېقىندا بىر ئىنگىلىزچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ گەرچە ھەل قىلغۇچقا كىرگەن بولساممۇ،ئېغىز تىلىم دېگەندەك راۋان بولماسلىقى تۈپەيلىدىن چېمپيون بولالمىدىم.بۇ مەغلۇبىيەت ماڭا سەلىمازا تەسىر قىلدى.شۇنىڭ بىلەن زادى ئېغىز تىلىنىڭ شامىلىنى يىغىۋېتىشنى قارار قىلدىم. گەرچە،تەلەپپۇز ۋە گرامماتىكا جەھەتتە ئاساسەن مەسىلە يوق بولسىمۇ،دېمەكچى بولغان گېپىمنى ياكى سۆزۈمنى تاپالمايدىغان،دۇدۇقلاپ قالىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت.نەچچە كۈن بۇرۇن ماقالە يادلاشنى قارار قىلدىم.ئەمما،ئۇ كىتابتىكى ماقالىلەر تولىمۇ زېرىكىشلىك ئىكەن.ھەم،نوقۇل تېكست يادلاشنىڭ راستلا ئۈنۈمى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن،شۇڭا،ئورۇنسىز ۋاقىت ئىسراپ بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەيمەن.يادلىغان تەقدىردىمۇ قايسى كىتاب ئەڭ ياخشى؟ئامال بار يۇقىرى سەۋىيىگە ماس كېلىدىغان بولسا بولاتتى.يەنە سىلەرنىڭ قانداق ئۇسۇل،تەجىربە ياكى پىكىر-تەكلىپلىرىڭلار بار؟ئايىماي دەپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ياخشىمۇسىز .!   سىز قايسى مۇسابىقىنى دەيسىز ...ھېلىقى تەۋپىق لوڭقسنى دەمسىز....

بەت: [1] 2
: ئىنگىلىزچە ئېغىز تىلىنى ياخشى چىقىرىش ئۈچۈن قانداق قىلاي؟