raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-30 21:04:50

تارىختا بۈگۈن (30-نويابىر )

1998-يىلى كامبودژا پادىشاھلىقى بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. شۇ كۈنى كامبودژا سايلىمى ئاخىرلىشىپ، خۇنسېن باش ۋەزىر باشچىلىقىدىكى 2-نۆۋەتلىك كامبودژا پادىشاھلىقى بىرلەشمە ھۆكۈمىتى ئاخىرى پارلامېنت يىغىنىنىڭ قارارىدىن ئۆتكەن. بۇ نەتىجە ھەقىقەتەنمۇ تەستە قولغا كەلگەن. تۇنجى قېتىملىق سايلام 1993-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، رانارېس رەھبەرلىكىدىكى پارتىيە ئۇتۇپ چىققان. كامبودژا ۋە خەلقئارا جەمئىيەت كامبودژا ۋەزىيىتىنىڭ مۇھىم ئىلگىرلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى مۇبارەكلىگەن.

1995-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 55 يىل بۇرۇن يەھۇدىينى قۇتقۇزۇپ جازاغا بۇيرۇلغان شىۋېتسارىيەلىك ساقچى گېلىنگېرنىڭ نامى سوت تەرىپىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. گېلىنگېر 1938-يىلىدىن 1939-يىلغىچە ساقچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋاقتىدا، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە پىسەنت قىلماي، ۋىزىسى يوق بىر يەھۇدىينىڭ شىۋېتسىيە چېگرىسى ئىچىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان. بۇ قىلمىش شىۋېتسىيە قانۇنىغا خىلاپ ئىدى. ئاۋسترىيە ناتسېسلار تەرىپىدىن يۈتۈۋېلىنغاندىن كېيىن، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى چېگرانى تاقاپ، ۋىزىسى يوق يەھۇدىيلارنى كىرگۈزمەيتتى. شۇڭا گېلىنگېر ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان، جەرىمانە قويۇلغان. ياشانغاندا بېقىنىش پۇلى بېرىلمىگەن. 1972-يىلى گېلىنگېر ئۇۋالچىلىق تارتىپ ئۆلۈك كەتكەن. 1995-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى نەچچە ئون 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى يەھۇدىي مۇساپىرلىرى كېلىپ، گېلىنگېرنى ئاقلىغان.

1991-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا قىزلار لەۋھە تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسى گۇاڭجۇدا غەلبىلىك ئاخىرلاشقان. ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن نورۋىگىيە كوماندىسى چىمپىيونلۇقنى تالاشقان. ئامېرىكا كوماندىسى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يەڭگەن.

1989-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گېرمانىيە بانكىسىنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى قەستكە ئۇچرىغان. فېدىراتسىيە گېرمانىيەنىڭ ئۈچ چوڭ بانكىسىنىڭ بىرى بولغان گېرمانىيە بانكىسىنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى خېلخوسسىن تېررورچىلارنىڭ پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. خېلخوسسىن نەق مەيداندىلا ئۆلگەن. شوپۇر قاتتىق يارىلىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇمۇ قازا قىلغان.

1835-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كىنايە ئەدەبىياتچى ئۇستىسى مارك تۋىن ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدىكى نامرات ئادۋۇكات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئامېرىكىنىڭ قىزىقچى ئۇستىسى، يازغۇچى، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ئامېرىكا رىئالىزم ئەدەبىياتىنىڭ داڭدار ۋەكىلى مارك تۋىننىڭ ئەسەرلىرى ئىنتايىن كۆپ، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «مىليون فوندستېرلىڭ»، «خاكبېرنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسى»، «زاھىتلىق خاتىرىسى» قاتارلىقلار بار. ئۇ 1910-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.

مەنبە: مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە تور بېكىتى

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن (30-نويابىر)