UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-30 17:47:30

تارىختا بۈگۈن (29-نويابىر )

1847-يىلى بۈگۈنكى كۈندە كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ 2-قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئېچىلغان .

1877-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئىدىسون تۇنجى قېتىم پاتىفوننى كۆرگەزمە قىلغان .

ئىدىسون كەشىپ قىلغان پاتىفون

1890-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ياپونىيەنىڭ تۇنجى ئاساسى قانۇنى بولغان <بۈيۈك ياپونىيە ئېمپىريەسىنىڭ ئاساسى قانۇنى>ئىجرا قىلنىشقا باشلىغان ،تۇنجى نۆۋەتلىك ئېمپىرىيە يېغىنى ئېچىلغان.

1909-يىلى بۈگۈنكى كۈندە روسيە يازغۇچىسى گورگى <ئۇششاق بۇرژازىيەنىڭ ھوزۇرلانغۇچىسى> دىگەن جىنايەت بىلەن ئىنقىلابچى پارتىيەدىن قوغلانغان .

1940-يىلى بۈگۈنكى كۈندە گىرمانىيە لوندوننى بومباردىمان قىلغان .

1942-يىلى بۈگۈنكى كۈندە بوستۇن كۇلۇبىدا(ئامېرىكا) ئوت ئاپىتى كۆرۈلۈپ 300ئادەم ئۆلگەن .

1944-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئالبانىيە ئازاد بولغان .

1945-يىلى بۈگۈنكى كۈندە يۈگۈسلاۋىيە سوتسىيالىستك فېدېراتسىيە  خەلىق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان .

يۈگۈسلاۋىيە ( سوتسىيالىستىك )فېدېراتسىيە خەلىق جۇمھۇريىتى-تارىخقا ئايلانغان دۆلەت ئىسىمى ،1992-يلىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان .1992-يىلى بۇ جۇمھۇريەت يۈگۈسلاۋىيە ئىتتىپاقداش جۇمھۇريىتى(يۇگوسلاۋىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى)،كىرودىيە جۇمھۇريىتى،سلوۋېنىيە جۇمھۇرىيىتى،ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى،بوسنىيە گىرىتسىگوۋىنا جۇمھۇريىتى قاتارلىق بەش دۆلەتكە پارچىلىنىپ كەتكەن .2003-يىلى يۇگوسلاۋىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى ئىسمىنى سېربىيە ۋە قاراتاغ قىلىپ ئۆزگەرىتكەن لىكىن 2006-يىلى يەنە پارچىلىنىپ سېربىيە ۋە قارا تاغدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتكە ئايلانغان .2008-يىلى كوسۇۋۇ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلاپ،سېربىيەدىن ئايرىلىپ چىققان .

1948-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو خەلىق ئازادلىق ئارمىيەسى گومىنداڭ مۇداپىيە قىلىۋاتقان جىياڭجىياكۇۋغا ھوجۇم قىلغان،بېيجىڭ-تىيەنجىن ئۇرۇشى پارتىلىغان .

1947-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ب د ت 181-نومۇرلۇق قارارنى ماقۇللاپ ،پەلەستىن رايونىنى يەھۇديلار دۆلىتى ۋە ئەرەپلەر دۆلىتى دەپ ئىككى رايونغا ئايرىغان .

ب د ت نىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قارارىغا ئاساسەن بۆلۈنگەن پەلەستىن رايونى:

1951-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا تۇنجى قېتىم يەر ئاستىدا ئاتوم بومبىسى پارتىلىتىش تەجىربىسنى ئىشلىگەن .

1960-يىلى بۈگۈنكى كۈندە گىرمانىيەلىك ئالىم Martin Strelۋە ئامېرىكىلىق ئالىم 伍德沃德  خلروفىلنى مۇۋەپپىقيەتلىك سىنتىزلاپ چىققان .

خىلروفىل- يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتۇسىنتىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان  پىگمىنتى .

1967-يىلى بۈگۈنكى كۈندە يەمەن خەلىق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغان .

1973-يىلى بۈگۈنكى كۈندە گەنسۇدا خەنجەرچىشلىق يولۋاسنىڭ تاشقاتمىسى تېپىلغان .

1975-يىلى بۈگۈنكى كۈندە بېل-گايتىس ۋە ئەيلۇن قۇرغان شىركەتنىڭ نامىنى Microsoft قىلىپ بىكىتكەن.

1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە شۋېتسارىيە ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق خىروئن قاتارلىق زەھەرلەرنى قانۇنلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرغان .

مەنبە:ۋېكپىدىيە قامۇسى

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(29-نويابىر)