تارىختا بۈگۈن (28-نويابىر )
1443-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئالبانىيەنىڭ مىللى قەھرىمانى ئىسكەندەر Gjergj Kastrioti "Skënderbeu ئوسمانىيلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان ،ھەمدە قارا رەڭلىك قوشباشلىق بۈركۈتنىڭ رەسىمىنى(ھازىرقى ئالبانىيە دۆلەت بايرىقى ئۈسىتىدە رەسىمى بار) ئۆزىنىڭ بايرىقى قىىلىپ بېكىتكەن .
1912-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئالبانىيە مۇستەقىل بولغان .
1919-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئاسىت خانىم (阿斯特夫人)ئەنگىلىيە پارلامىنتىغا كىرىپ ،ئەنگىلىيە پارلامىنتىغا كىرگەن تۇنجى ئايال بولۇپ قالغان.
1943-يىلى بۈگۈنكى كۈندە سىتالىن ، روزۋېلىت،چېرچىل قاتارلىقلار ئىراننىڭ تېھران شەھرىدە تېھران يىغىنىنى ئاچقان .
تھران يىغىنى 1943-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىنچە ئېچىلغان بولۇپ ،ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئىشلار مۇزاكىرە قىلىنغان .
1.ب د ت نى قۇرۇپ خەلىقئارا ئىتتىپاقنىڭ ئورنىغا دەسستىش.
2.پولشانىڭ شەرقى قىسمىدىكى بىر قىسىم زىمىننى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئەجرىگە بېرىش.
3.ياۋروپادىكى 2-قۇرۇقلۇق جەڭ مەيدانىنى ئېچىش ھەمدە نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىش.
4.سوۋىت ئىتتىپاقى گىرمانىيە بىلەن قىلغان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن ياپونىيە بىلەن ئۇرشىقا ۋەدە بېرىش،بۇنىڭ بەدىلىگە 库页岛غا ئېرىشىش.
تىھران يىغىنىدىكى ئۈچ كاتتاباش:
1960-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ماۋرىتانىيە مۇستەقىللىق ئىلان قىلىپ ،ئىسلام جۇمھۇريىتى بولۇپ قۇرۇلغان.
1979-يىلى بۈگۈنكى كۈندە يېڭى زىللاندىيەنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئانتاراكتىدا قىتئەسىدە تاغقا سوقۇلۇپ كىتىپ ،257ئادەم ئۆلگەن.
2004-يىلى بۈگۈنكى كۈندە شەنشىدىكى بىر كاندا پارتىلاش يۈز بېرىپ ،166ئادەم ئۆلگەن .
مەنبە:ۋېكپىدىيە قامۇسى
تارىختىكى بۈگۈن سەل زېرىكىشلىكمۇ نىمە؟جىق ئىشلار يۈز بەرمەپتۇ.
\"قوشمۈڭگۈزلۈك ئىسكەندەر\"دىگەن بىر چۆچەك بولىدىغان،كىچىك ۋاقتىمىزدا ئاڭلىغان،ئالبانىيىلىك ئىسكەندەر شۇمۇ-يا
دەل شۇ MOTOBOY:
دەل شۇ
نىمىنى دەيسىز ئەپەندى ؟