UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-30 16:11:03

تارىختا بۈگۈن (27-نويابىر )

1703-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئەنگىلىيە دېڭىز قىرغىقىدا بوران-چاپقۇن كۆرۈلۈپ 7000ئادەم ئۆلگەن .

1896-يىلى بۈگۈنكى كۈندە شۋېتسىيەلىك خېمىيە ئالىمى نوبىل (Alfred Bernhard Nobel)پارىژدا ۋەسيەتنامە قالدۇرۇپ ،ئۆزىنىڭ كۆپ قىسىم مال-مۈلىكىنى نوبىل مۇكاپاتى قىلىپ تارقىتىشنى ئېيىتقان .

نوبىل-پاتىلاتقۇچ بومبىنىڭ كەشپىياتچىسى

نوبىل مۇكاپاتىنىڭ مىدالى:

1912-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ماراكەش ئىسپانىيەنىڭ ھامىيلىقتىكى دۆلەت بولۇپ قالغان .

1926-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ھېندىنوزىيە كومپارتىيەسى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن .

1940-يىلى بۈگۈنكى كۈندە گىرمانىيە فىرانسىيەنىڭ گرىن ئۆلكىسىنى يۇتىۋالغان .

1945-يىلى بۈگۈنكى كۈندە George Catlett Marshallئامېرىكىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى،ئىچكى ئۇرۇشنى ياراشتۇرۇش ئۈچۈن  جۇڭگوغا كەلگەن .

1961-يىلى بۈگۈنكى كۈندە سوۋىت ئىتتىپاقى دۇنيا بويىىنچە تۇنجى ئاي شارى ئەسۋابىنى(月球仪 ياساپ چىققان.

1962-يىلى بۈگۈنكى كۈندە بوئىن727سىناق قىلىپ ئۇچۇرۇلغان .

بوئىن 727ئامېرىكا بۇئىن شېركىتىنىڭ ئىشلەپچىقارغان مەسھۇلاتى بولۇپ،145كىشلىك ياكى 189كىشلىك.ئومۇمى ئىشلەپچىقرىلغان سانى 1832.ھازىر ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلغان .

1970-يىلى بۈگۈنكى كۈندە سوۋىت ئىتتىپاقىلىق نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى Aleksandr Isayevich Solzhenitsynسىياسى سەۋەب تۈپەيلى مۇكاپات ئېلىشقا بارالمىغان .

سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ،سىياسىي قارىشى ئوخشىمايدىغانلارنىڭ بىرى(持不同政见者) ،ئۇ كىشى سوۋىت ئىتتىپاقىغا قارىشى تۇرۇش ،سوۋىتقا قارىشى تەشكىلات قۇرۇش قاتارلىق جىنايەت بىلەن 8يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان(1945-يىلى  .)  1953-يىلى قويۇپ بېرىلگەن .

1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تارىخشۇناسلار تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەريەسىنىڭ بىردىنبىر ياراتقۇچىسىنىڭ ئېينىشتىيىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان .

2008-يىلى بۈگۈنكى كۈندە خېيلوڭجىياڭ ئۆلكىسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا پارتىلاش يۈز بېرىپ ،171ئادەم قازا قىلغان .

مەنبە:ۋېكپىدىيە قامۇسى

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-30 16:37:27

سەل كىيىن يولىنىپ قالدىمۇ بۇ تېما ؟!! ...بۇگۇن بولغان موھىم ۋەقەلىدىن يوللاپ قوياي دىسەم ،بۇگۇن 30كەن چىسلاغا !!!!...ھەممىسى دىگۇدەك مەن تۇغۇلماستىن بۇرۇن بولغان ئىشلاركەن!!!

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-30 16:57:30

oygak2005:
سەل كىيىن يولىنىپ قالدىمۇ بۇ تېما ؟!! ...بۇگۇن بولغان موھىم ۋەقەلىدىن يوللاپ قوياي دىسەم ،بۇگۇن 30كەن چىسلاغا !!!!...ھەممىسى دىگۇدەك مەن تۇغۇلماستىن بۇرۇن بولغان ئىشلاركەن!!!

شۇ سەل كىيىن بولۇپ قالدى ،ئەسلى شۇ كۈندىكىنى شۇ كۈنى يوللايتىم .ئەمما سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم ،قارىسام بىرسىڭلار يوللاپ قويماپسىلە .چالا بولۇپ قالمىسۇن دەپ تولۇقلىۋەتتىم .ئامال بار كۈنلۈكنى شۇ كۈنى يوللايمەن .بۇ ئىشلار مەن تۇغۇلماستىن بۇرۇن بولغان ئىشلار ھەم

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(27-نويابىر)