Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 19:13:11

سەرخىل تەرجىمىلەر

بۇلار نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يولدا ئۇچراتقانلىرىنى قولدا بار نەرسە بىلەن رەسىمگە ئېلىۋىلىپ يىغىپ قويغان رەسىملەر ئىدى. مۇشۇنداق تەرجىمىلەرنى كۆرسەم ئىچىم سىقىلىپ ئاچچىق كۈلگۈم كېلىدۇ. بەزىلىرى خەتتىكى خاتالىق، بەزەنلىرى تەرجىمىدىكى <<ئۇستىلىق>>. سىلەرنىڭ كۆرگەنلىرىڭلار بولسا ئۇنىمۇ يوللاپ بېقىڭلار.

بىلەت سېتىش <<توختىتىلدى>>

《前面交钱》

مىىيىپ كىشىلەر <<ئايلىنىپ مېڭىش >> يولى

كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى <<ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ>> ئاچقان نوختا

不要近油、不要抓

起》市》

جىڭ گۇل بار   鲜花有

在》吃一次》

<<ئاۋىئاتسىيە>> يولى

ماۋۇ ئۇ تەرجىمىگە كىرمەيدۇ، لېكىن ھەر كۆرسەم بۇ ۋىۋىسكا <<شىرىنئاي توختىماي كىيىم تىكىۋىرىدۇ>> دېگەندەك بىلىنىدۇ ماڭا

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-29 11:36:36

Pasiban:

ماۋۇ ئۇ تەرجىمىگە كىرمەيدۇ، لېكىن ھەر كۆرسەم بۇ ۋىۋىسكا <<شىرىنئاي توختىماي كىيىم تىكىۋىرىدۇ>> دېگەندەك بىلىنىدۇ ماڭا

بۇ شىرىنئاي دىگىنى قىرغىزلىنىڭ دۇكىنىمىكىن...؟

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 19:28:09

ئۆتكەندە بىزنىڭ مەھەللىنىڭ ئالدىدىكى خەنزۇ گازىرچى مۇماي يېڭى دۇكىنىغا ۋېۋىسقا ئېسىپتىكەن. قارىسام خەنزۇچىسى گازىر دۇكىنى  ، ئۇيغۇرچىسى جىڭ موما دۇكىنى دەپ تۇرىدۇ. قاراپ كۈلگىم كەپ كېتىپ، ئەھۋالنى دەپ قويسام ماڭا قاراپ تۇرۇپ كېتىپ ، بۇنى بىر ئۇيغۇر مۇشۇنداق تەرجىمە قىلىپ بەرگەن دەيدۇ. مەن خاتا قىلىپ قويۇپتۇ. قالغىنىغا ئۆزەڭ قاراپ ئىش كۆرەسە ، دەپ قويغان ئىدىم. ئەتىسى قارىسام توغرا تەرجىمە قىلىنغان ۋېۋىسكىنى ئاسقىلى تۇرۇپتىكەن.

ukar-as يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 19:28:56

ئاۋۇ گۈل دۇككىنىنىڭ ۋىۋىسكىسىدىكى \"گۈلچىلىق\" دېگەنمۇ خاتا بولۇپ قاپتۇ.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 19:30:00

خەنزۇچە خەتنىڭ مەنىسى: ئالدى تەرەپتىن پۇل تاپشۇرۇش ياكى ئالدىغا پۇل تاپشۇرۇش

تۆت ئادەم ھارۋا قويغان جايدا مۇشۇنداق ئاقنانچىلار پەيدا بولىدۇ ھازىر.  ھارۋىڭىزنى بالىڭىز بىلەن بىللە قويۇپ قويسىڭىزمۇ ھارۋا ساقلىغانغا پۇل تۆلە دېيىشىدۇ.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 19:31:48

مىىيىپ كىشىلەر <<ئايلىنىپ مېڭىش >> يولى

پىيادىلەر يولىدا ھەقىقەتەن مىيىپ كىشىلەر ماڭىدىغان جاي بار ئەمما بۇ دائىرە زەنجىردە چىتلانغان ۋە ياكى ھارۋا ساقلايدىغانلار ئىگەللىۋالغان.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 19:31:56

راسلا كۈلكىلىككەن

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 19:35:27

يۇقارقى ئىسىمنى دېمىگەندىمۇ ئۇيغۇرچە نامى بار جايلارنىڭ ئېنگىلىسچە نامى خەنزۇچە تەلەپپۇزدا يېزىلىدىغان ئىش ھەممە يەردە بارمىكىن.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 19:37:16

پىنھان يوللىغان ئادىل مىجىتنىڭ ئويۇن قويۇش ئېلانىنىڭ رەسىمى بارتى شۇ يادىمغا كەلدى.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 19:42:47

ئاۋىئاتسىيە يولى دېمەي ئاسترونومىيە يولى دىيىش كېرەك ئەسلى. ئاۋىئاتسىيەنى 航空، ئاسترونومىيەنى 航天 دەيتى، ئارىلاشتۇرىۋاپتۇ. مۇشۇ يەردە ئىشلەيدىغانلارمۇ بۇنى ئايرىيالمىغانغا ھەيران بولدۇم

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 19:48:26

ئىچكىردە 5-6 يىل يانچۇقچىلىق قىلىدىغان گەپ .

خەقنىڭ يانچۇقىدىن 50-60 نى قۇمۇرۇپ كىلىپ ، نىمە ئىش قىلىشنى بىلمەي ، 3-4 ئاي يۈرۈيدىغان گەپ .

3-4 ئاي جەريانىدا ، خان ئالىلىرىدەك بەگلەردەپ ، كومىنا ۋاقتىدىكى پومچىكتەك ، پۇلنى ئايماي خەجلەيدىغان گەپ .

ئاخىرىدا ، كالتە - كوسەي word فىلىم ئىشلايدىغان كومپىيۇتېرچىغا شاگەرىتىلىققا كىرىدىغان گەپ .

1-2 ئاي ئۆگىنىپ ، دۇكاندىن بىرنى ئاچىدىغان گەپ .

ئاخىرى قىلغان ئىشى  مۇشۇنداق ، مومىنى گۆش ، ئاياقنى پايپاق دەپ تەرجىمە قىلىپ ، ۋىۋىسكا ئىشلەپ ئىناۋەتنى گاڭپەن قىلىدىغان گەپ

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 20:06:45

ماۋۇچۇ؟    土耳其唱歌

http://www.izdinix.com//forum.php?mod=viewthread&tid=39479

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 20:10:03

توردا مۇنداق بىر دىتال تارقىتىلىۋاتىدۇ.

« تىز ئۇلاش» ( tiz ulax )

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 20:15:20

مۇشۇ كورلا شەھىرىنىڭ 6-كالۇندىن ئوتكەن يەردە بىر بالۇن دۇككىنىنىڭ ۋىۋېسكىسىدىكى   بالۇننىڭ  خەنزۇچە يېزىلىشى  轮胎 نى ئۇيغۇرچە بۈگۈر دۇكىنى دەپ(轮台县  بۈگۈر ناھىيىسى ) يېزىۋېلىپ 10يىلدەك تۇردى ، ھەرقېتىم بارغاندا قاراپ كېتەتتىم، بۇقېتىم قارىسام توغرىسىنى يېزىۋاپتۇ.

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 20:23:37

بىر قۇلىغى ئاغرىيدىغان كىشى قۇلىغىنى داۋالىتىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا بېرىپتۇ، بارسا دوختۇر خەنزۇكەن ، بۇكىشى  كاردۇردا تازلىق قىلىۋاتقان قىزدىن قۇلاقنى خەنزۇچە نىمە دەپ ئاتايدۇ دەپ سوراپتىكەن قىز :ئېردۇو  دەپ بىلدۈرۇپ قويۇپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى دوختۇرنىڭ قېشىغا كىرىپ، دوختۇر : نالى بۇشوفۇ دەپ سوراپتىكەن، ھېلىقى كىشى  كوڭلىدە مېنىڭ بىر قۇلۇغۇم ئاغىرىيدىغان تۇرسا ، ئىككى قۇلاقنى ئېردۇو دىگەن بولغانكىن دەپ ئويلاپ دوختۇرغا : يىدوۇ تىڭدىخىڭ دەپتىكەن دوختۇر بىر دەپ تۇرۇپ كېتىپ كۈلۇپ ئۈتكۈپ قاپتۇ

alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 21:33:08

بۇ ئىشلار دېگەندە مىسال نۇرغۇن. مەن يەتتە يىل بۇرۇن لايىھىلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقتىمدا (شۇ ۋاقىتتا بىر خەنزۇنىڭ دوكىنىدا تەكشىلىكتە لايىھىلەشكە مەسئۇل ئىدىم.)  بىر خەنزۇ  添加剂 (تېتىقۇ) ساتىدىغان بىر دۇكانغا ۋىۋىسكا ياساتقىلى كەپتكەن.  مەن بۇ گەپنى تۇنجى قېتىم ئۇچرىتىشىم ئىدى. بىر نەچچە تەرجىمان دوستلىرىمغا تېلېفۇن بېرىپ سورىسام بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيىتتى. لۇغەتكە قارىسام بۇ سۆز يوق. خەتلەرنى بىرمۇ - بىر قۇراشتۇرۇپ، «يېمەكلىككە قوشۇلىدىغان بىھۇش دورىسى» تەرجىمە قىلىپ، ۋىۋىسكىنى پۈتتۈردۇق. يولداشلار ئېسىپ بېرىپ كەلدى. ئەتىسى ۋىۋىسكىنى سۆكۈپ كەپتۇ. سەن بىزنى زاڭلىق ئېتىپسە ئۇيغۇرچە باشقا گەپلەرنى يېزىپ قويۇپسە باشقىدىن ياساپ بەر تۇرىۋالدى. قانداق بىلدىڭ دېسەم، بىر نەچچە دائىملىق ئۇيغۇر خېرىدارلىرىنى باشلاپ كەپتۇ. ئۇلاردىن سورىسام بۇنداق دېسەك قەتئىي بولمايدۇ. بۇ دوكاندا دورا - دەرمەك، پاگىي دېگەندەك نەرسىلەرنى ساتىدۇ دەيدۇ. ھەراست، بۇ دېگەن تېتقۇ دېگەن گەپ ئەمەسمۇ دەپ، شۇئان قايتىدىن لايىھىلەپ ياساپ بەرگەنتىم. يېرىم راسخۇدىنى مەن كۆتۈرۈپ، 130 يۈەن پۇلۇم كەتكەن.

nureli-balbal يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 21:35:55

پاسبان  航天    دىگەن ئاستىرنومىيە ئەمەس،ئاۋئاتسىيە دىگەن توغرا

yari يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 22:14:35

航空ئاۋىئاتسىيە دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ.

航天ئالەم ياكى ئالەم بوشلۇقى دەيمىز

tashnur يوللانغان ۋاقتى 2010-11-29 00:15:58

مۇسۇلمانچە قاۋاقخانا دىگەن ۋىۋىسكىنى كۆرۈپ باشتا بەك كۈلۈپ كەتكەنتىم.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-29 00:31:48

tashnur:
مۇسۇلمانچە قاۋاقخانا دىگەن ۋىۋىسكىنى كۆرۈپ باشتا بەك كۈلۈپ كەتكەنتىم.

جەڭگىۋارنى يادىمغا سالدىڭىز.

بەت: [1] 2
: سەرخىل تەرجىمىلەر