lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 22:19:53

مېنىڭ تۇنجى فوتۇ ئەسەرلىرىم !!!

ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى !!!

پېقىر يېقىندا رەپىقەمنى ئېلىپ يېنىمىزدىكى خاڭجۇ شەھىرىگە شېرىن ئاينىڭ كىچىكىنى ئۆتكۈزگىلى بارغان . شۇ ۋاقىتتا رەسىم تارىتقاچ بىر نەچچە پارچە رەسىم ئۆزەمگە يېقىپ قالدى . مەن بۇرۇن رەسىم تارتىش دىگەن ئاپىراتنى توغۇرلاپلا چاك قىلىپ بېسىش دەپ ئويلايتىم . ئەمما بۇ ئىشنىڭ ئۇنچىلك ئاسان ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ قالدىم . شۇڭا دەسلەپتە تۆتلا پارچە رەسىمنى چىقىرىپ باقتىم . ئاراڭلاردا فوتۇ سۈرەتچىلىككە قىزىقىدىغانلارنىڭ كۆپرەك مەسلىھەت بېرىشىنى سورايمەن . تۇنجى قىتىملىق تورغا رەسىم يوللىشىم . ھىچقانداق مەزمون يوق .مەركىزى ئىدىيە مۇ يوق . پەقەتلا تەبىئەت مەنزىرىسى. نىكون ئاپراتىنىڭ coolpixنى ئىشلەتكەن .

1。

2.مەن بۇرۇن راس گەپ قىلسام يۇپۇرماقلارغا بۇنچىلىك دىققەت قىلىپ باقماپتىكەنمەن . بۇنچلىك گۈزەللىكىنى ئويلاپ باقماپتىمەن !

3。。ئۆزەمگە ئەڭ ياققان رەسىم مۇشۇ بولدى .

4。

Estami يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 23:10:10

پاسىبان ئوبدان تارتىپىسز. قايسى تىپتىكىئاپرات . تەڭشلىكىنى قانچىگە تەڭشدىڭىز گۈلىنى تارتقاندا ؟

بولسا ئەسىلى رەسىملىرىڭىزنى ئاۋرە بولماي emailئادېرسىمىغا يوللاپ بېرەىمسىز كۆپ رەھمەت .   

alptaken@gmail.com

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 23:35:11

ساياھەتكە خاڭجۇغا بارسا بولامدۇ نىمە؟ رەسىمنى باھالاشنى بىلمىسەممۇ ماڭا ياختى.

tashnur يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 23:44:06

بەك پەيزى تارتىپسىز، ئاپاراتىڭىزمۇ بەك نوچىكەن. چۈشۈرۋالدىم.
كەسىپ ئەھلى بولمىغاچ موشۇ گەپنىلا قىلالىدىم.

xayda يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 23:54:25

شىخۇ كۆلىنى تارتىپسىزمۇ نېمە ؟شىخۇنىڭ كېچلىك مەنزىرسىمۇ شۇنداق چىرايلىق ئىدى مەنمۇ قايسى كۈنى كۆرۈپ كەلدىم تېخى

Toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 23:55:47

ماڭا 2 - سۇرەت ياقتى.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 00:14:45

ماڭا بىرىنچىسىدىن باشقا ھەممىسى ياقتى ،بىرىنچىسى ھاۋا سەلتۇتۇقكەن ،ئوچۇقراق بولغانبولسا كېمىلەرنى توغۇرلىغىنىڭىز جايىدا بوپتىكەنتۇق .قالغىنى گەپ قىلىدىغان رەسىملەركەن

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 08:42:19

مەنمۇ سۈرەت تارتىشقا قىزىقىمەن. مەن بۇ رەسىملەردىن تۆۋەندىكىلەرنى بايقىدىم.

1-رەسىم ئورۇن ياخشى تاللانغان، پەيتى ئەمەس ۋاقىتتا تارتىلغان. بۇنىڭغا ئامال يوق. ھاۋا شارائىتى يار بەرمىگەنلىكتىن مۇشۇنداق بولىدۇ.

2-رەسىمدە ئوتتۇرىدىكى قۇياش نۇرىنىڭ يوپۇرماقلار ئارىسىدىن چۈشكەن نۇرىمىكىن دېسەم قۇياش بىلەن بولغان يۆنىلىشى ئوخشىمايدىكەن. شۇڭا 快门 نىڭ ئېچىلىش ۋاقتىدىكى مەسىلە دەپ چۈشەندىم. 快门 نى 80~125 ئارىلىقىدا تەڭشەپ ISO نى 400 قىلىپ تارتسىڭىز بەلكىم قاراڭغۇ يەرلىرى ئوچۇق، ئوشۇقچە سىزىقلار يوق بولۇپ چىقىشى مۇمكىن ئىدى.

3-رەسىمدە ئاپارات كەينى مەنزىرىدىكى يورۇقلۇقنى ئاساس قىلىۋالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن يوپۇرماقلاردا سەل قاراڭغۇلۇق بار.

4-رەسىمدە باشقا رەسىملەرگە ئوخشاش ئوبىكت ئىنتايىن ياخشى تاللانغان. شۇ چاغدا قولىڭىزدا Canon EOS 550D نىڭ پۈتۈن كۆرىنىشلىك لىنزىسى ئورۇنلاشتۇرغان 单反机 بولغان بولسا ما رەسىم قاراپ ئولتۇرغىدەك چىقاتتى.

سىز مەنزىرە تاللاشقا ماھىركەنسىز. تېمىنى ياخشى تاللايدىكەنسىز، سۈرەت تارتىشتىكى بىلىمىڭىزنى موللاشتۇرۇپ ئاپاراتنىڭ نوچىراقى قولىڭىزغا چۈشۈپ قالسا ياخشى فوتوگراف بولغۇدەكسىز جۇمۇ. مەنمۇ كەسپىي ئەمەس، ئۆزەم نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان رەسىم تارتىپ يۈرۈپ ئۆگىنىۋالغان نەرسىلەر. خاتا دەپ قالغان يەرلەر بولسا تەڭ ئۆگىنىمىزغۇ، ئاقساقاللىق قىپ قويدۇممۇ ھە ...

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 10:08:17

بۇ مېنىڭ تارتقان سۈرەتلىرىم ئىچىدىكى بىر قانچە پارچە ئۆزۈم ياقتۇرغانلىرى

ئەسلى رەسىمنىڭ بىرسى 3.5 مېگابايت كېلەتتى. ئۇنى كىچىكلىتىپ 1.2 مېگابايت كېلىدىغان قىلىپ يوللىسام يەنە كىچىلىتىۋېتىپتۇ. ئەگەر سۈزۈكى لازىم بولسا ئېلخەت قىلىپ يوللاپ بەرسەم بولىدۇ. لازىم بولغانلار قىسقا ئۇچۇر يوللاڭ

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 10:22:52

پاسىبان فوتۇگىرافما ؟

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 10:26:08

پاسىبان ،سىزنىڭ رەسىملىرىڭىز پەچەت چىقىپتۇ .ساقلىۋالدىم

گۈللىرىڭىزنىڭ تارتىلىشى مېنىڭ تارتقان گۈللىرىمگە ئوخشايدىكەن،مەنمۇ گۈللەرنى مۇشۇنداق تارتقىلى ئامراق .

تاغ مەنزىرلىرىنى تېخى تارتىپ باقمىدىم.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 10:28:20

بەك چىرايلىق چىقىپتۇ مەيلى لوۋۇنلىنىس مەيلى پاسىبان بولسۇن.مەنمۇ كۈندە توختىماي رەسىمگە تارتىپ يۈرىمەن ئۇنى بۇنى لېكىن فوتو ئاپاراتىمنى ئىشلەتمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،ئايفوندىمۇ چىقىۋېرىدىكەن دەپ...ئا كۈنى كۈننىڭ چىقىۋاتقىنىنى ئايرۇپىلاندىن تارتىۋېلىپ ئۆزەمچە بەك پەيزى ھىس قىپ كەتكەنتىم،سىلەرنىڭ رەسىملەرگە قاراپ سەللىمازا ئاددى كەپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم.

يەنە بارمۇ،يوللاپ قويۇڭلار پىقسىقلىق قىلماي مۇنداق ھە راس ماۋۇ كىم؟pose نوچى چىقىپتۇ جۇمۇ...

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 10:28:25

شۇ خاڭجۇغا ئەجەپ بىر بىرىپ بولالمىدىم دىسە ،تىما ئىگىسىنىڭ2-رەسىمنى ياقتۇردۇم. پاسىباننىڭ تارتقانلىرىمۇ چىرايلىق چىقپتۇ،

kay-nam يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 10:33:04

تازا تەڭشەلمەپتۇ. قارىغاندا ئېنىق مەقسەت يوق تارتقان ئوخشايسىز. سىزگە مەسلىھىتىم : ئۇچرىغانلا نەرسىنى تارتسىڭىز بەلكىم تاساددىپىي بەزى ياخشى ئەسەلەر چىقىپ قىلىىشى مومكىن.بىراق يەنىلا ئېنىق بىر مەقسەتنىڭ بولغىنىغا يەتمەيدۇ.شۇڭا ئالدى بىلەن مۇقىم بىر نشان بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بىرىڭ. تارتىش نوقتىسى ،يورۇقلۇق تەڭشەلمىسە تارتقان رەسىمىڭىز ياخشى چىقمايدۇ. خۇددىي ئاۋۇ تارتقان رەسىملىرىڭىزدە نۇر تەڭشەلمىگەندەكلا.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 10:37:27

Musicfan:
پاسىبان فوتۇگىرافما ؟

نەدىكىنى، شۇنداق بىر ھەۋىسىم بار بۇ ئىشلارغا خالاس.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 10:42:20

espresso:

بەك چىرايلىق چىقىپتۇ مەيلى لوۋۇنلىنىس مەيلى پاسىبان بولسۇن.مەنمۇ كۈندە توختىماي رەسىمگە تارتىپ يۈرىمەن ئۇنى بۇنى لېكىن فوتو ئاپاراتىمنى ئىشلەتمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،ئايفوندىمۇ چىقىۋېرىدىكەن دەپ...ئا كۈنى كۈننىڭ چىقىۋاتقىنىنى ئايرۇپىلاندىن تارتىۋېلىپ ئۆزەمچە بەك پەيزى ھىس قىپ كەتكەنتىم،سىلەرنىڭ رەسىملەرگە قاراپ سەللىمازا ئاددى كەپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم.

يەنە بارمۇ،يوللاپ قويۇڭلار پىقسىقلىق قىلماي مۇنداق ھە راس ماۋۇ كىم؟pose نوچى چىقىپتۇ جۇمۇ...

تاغدىكى قىرغىز پادىچى بالا. ئاجايىپ كېلىشكەن، چىرايلىق گۇيتىكەن. ئويتاغنىڭ ساپ ھاۋاسى بىلەن ئەركەك سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان چىغىۋا. رەسىمگە مۇنداقراق چىقىپ قاپتۇ تېخى. ئاغىينە بالىلار تاغ يولىنى سوراۋاتقان ۋاقىت ئېدى.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 10:43:37

tarimi:

پاسىبان ،سىزنىڭ رەسىملىرىڭىز پەچەت چىقىپتۇ .ساقلىۋالدىم

گۈللىرىڭىزنىڭ تارتىلىشى مېنىڭ تارتقان گۈللىرىمگە ئوخشايدىكەن،مەنمۇ گۈللەرنى مۇشۇنداق تارتقىلى ئامراق .

تاغ مەنزىرلىرىنى تېخى تارتىپ باقمىدىم.

كىيۇ-كىيۇ خەت ساندۇقىڭىزغا يوللىۋەتتىم سۈزۈكىنى. بۇنى ساقلاشقا سەل كىچىك كەپ قالىدۇ.

temkin يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 10:45:12

پاسىبان ، بالىڭىزنىڭ ئوماق رەسىملىرىنىمۇ يوللاپ قويمامسىز.

------------------------------------------------

مەنمۇ ئۆزەم تارتقان رەسىمدىن ئىككى پارچە يوللاي

ماۋۇ رەسىمگە قاراۋەرسە باشنى قايدۇرىدىكەن ، بەك تېخنىكىلىق تارتىۋەتتىممۇ قانداق .......

*رەسىملەر رازمىرى كىچىكلىتىلدى

*ئاپرات :SONY HDR SR-11E

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 10:50:41

بالامنىڭ رەسىمى ما كومپىيۇتېرىمدا يوق ئىدى.

سىزنىڭ رەسىملىرىڭىز كۆرۈنمەپتۇ. ماۋۇ بەتتىن تىزىملىتىپ يوللىسىڭىز ھەقسىزكەن:

http://www.myspace.cn/

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 10:55:32

ھە ئەمدى كۆرۈنۈپتىغۇ. سىزنىڭ قىزىڭىز ئوخشىمامدۇ؟ ئوماقلىقىنى...

بۇ رەسىمدە زاتۋور (快门) نىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ئۇزۇن بوپقالغان. ھېلىمۇ چاقماق بىلەن تارتىپسىز، بولمىسا ئۇققىلى بولمايدىغان چىقىپ قالاتتى. سونىينىڭ ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ئاپاراتلىرى بوپقويىدۇ. نىكون ۋە كانون 单反机 ياسىسىلا بولىتى. ئۇششاق ئاپاراتنى سونىيغا تاشلاپ بېرىپ ...

بەت: [1] 2 3
: مېنىڭ تۇنجى فوتۇ ئەسەرلىرىم !!!