سىتالىن ياشىسۇن!
(ئىلاۋە: ماۋزۇنى كۆرۈپلا قايناپ كەتمەي ئاۋۋال تېمىنى ئوقۇڭلار...)
سىتالىن رەھبەرلىكىدە پۈتۈن سوۋېت كوممۇنىزىمغا يەتكەن، باياشات، مەمۇرچىلىق زامانلار...
بىر جۈپ ئەر-خوتۇن بار ئىكەن شۇ زامانلاردا. يالغۇز خىلۋەت بىر دەريا بويىدا ياشايدىكەن. بىر كۈنى ئەر يوغانلا بېلىقتىن بىرنى تۇتۇۋاپتۇ. خۇشاللىقىدا ۋارقىراپتۇ:
- خوتۇن، قارا، بېلىق تۇتۇۋالدىم. گۆش دېگەننىمۇ بىر تېتىپ باقىدىغان بولدۇق ئاخىرى. ماڭ يۈگۈر، قازىنىڭنى ئاس!
- قازان يوق، - دېگۈدەك ئايال.
- ئەمىسە چۆگۈن بولسا ئەچىققىنا، سۇدىلا پىشۇرۇپ بولسىمۇ يەيلى.
- چۆگۈن يوق...
- ئۇنداقتا ئوتۇن يىغ، ئوت قالا، كاۋاپلا قىلايلى.
- ئوتۇن يوق، سەرەڭگە يوق...
شۇنداق قىلىپ ھېچنېمە يوق چىقىپتۇ. ئامالنىڭ يوقىدىن ئەر بېلىقنى قويۇۋېتىشكە مەجبۇر بولۇپتۇ.
دەرياغا قايتقان بېلىق، چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا، كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئېلىپ تۇرۇپ، ئوڭ قانىتىنى پېشانىسىگە قويۇپ چاس بېرىپ تۇرۇپ ۋارقىراپتۇ:
-ياشىسۇن سىتالىن!!!
بىر كۈنى سىتالىنئەل ئارسىدائۈزىنىڭ شانۇ شەۋكىتىنىنامايەن قىلىپ ، كوچائارىلاپ يۈرسە ، ئىككىكىچچىك قىز ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ . ئۇلار قۇلىنى ئوڭ تەرەپكە ،كىيىن سول تەرەپكەپۇلاڭلىتىپ .ئاخىردا ئىككىقۇلىنى گېلىغا توغۇرلاپبوينىنى ئېتىپتۇ ، قارىماققا بۇ بىر ئۇسۇل شەكلىكەن . شۇنداختىمۇ ئىستالىن قىزىقىپسواپتۇ ،
- بۇ قانداق ھەركەتقىزچاقلار.
-ئۇسۇل ھەركىتى .
-مەنىسى نىمە؟
- بۇ ھەركەتنىڭ مەنىسى ، ئوڭ تەرەپتىمۇ ستالىن ، سول تەرەپتىمۇ ستالىن ، بوينىمغا كەلگۈچە تۇيۇپ كەتتىم . دىگەن ھەركەت .
ئاتتەك يۇمۇر

بۇ تېما شەبنەمدىكى ئۇيغۇرامۇ ياكى ئۇيغۇرجانمۇ ئىشقىلىپ بىرسى يوللىغاندەك ئېسىمدە. خېلى يىللار بۇرۇنقى ئىدى.
بارىكاللا سىتالىنىڭ دەۋىرىدىكى روسسىيە قوشۇنى گىرمانىيگە قانداق ھوجۇم قىلغاندۇ دەپ ئويلاۋاتىمەن
رۇسلارنىڭ سىتالىن توغرىسىدا ئېيتىپ يۈرگەن يۇمۇرلىرىدىن بىرسىنى دەپ بېرەي
30 يىللارنىڭ مەلۇم بىر يىلدىكى بىرىنجى ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا، بىر توپ قېرىلار قىزىل مەيداندا \"بەخىتلىك ئۆتكەن بالىلىق دەۋرىمىز ئۈچۈن يولداش سىتالىنغا رەھمەت\"دەپ خەت يېزىلغان پلاكاتنى كۆتۈرۈپ مېڭىپتۇ.بىردەمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ يېنىغا پۇقراچە كىيىگەن ئىشپىيوندىن بىرسى كېلىپ \"ساراڭ بولدۇڭلارمۇ،سىلەر بالا ۋاقتىسى يولداش سىتالىن تېخى تۇغۇلمىغان تۇرسا \"دېسە،قېرىلاردىن بىرسى قوپۇپ \"شۇنىڭ ئۈچۈن رەھمەت دەۋاتىمىز\"دېگۈدەك.
ئېسىل ئىكەن!!!
ھە دوسلار،قېرىنداشلار
يۇمۇر يۇمۇر بىلەن تۈگىمىسۇنمۇ
بۇ ئادەمنىڭ تارىخىنى 100 يىلدىن كىيىنكىلەرنىڭ يېزىشىغا قالدۇرۇپ،يۇمۇر بولسا داۋاملىق
بىرىنچىسى قاتىل يۇرمۇكەن ،ئاۋۇ كىيىنكىسىمۇ بولىدىكەن ،ھەزىم قىلالمايدىغان ئادەم چۈشەنمىگۈدەك .ياۋروپالىق تۇرمۇشتىن زىرىككەن بىر بۇرادەر ئاغىينىسىگە مۇنداق قاقشاپتۇ:كاپىتالىزىم چىرىپ تۈگەي دىدى،بۇ جاھاندا ئۈمىت قالمىدى،بەئەينى دوزاخنىڭ ئۆزىلا بولدى.
ئاغىينىسى مۇنداق دەپتۇ:خاتالاشتىڭ،دوزاخ بۇيەردە بولغان بىلەن جەننەت رۇسىيىدە.
ھىلىقىسى ھەيران قاپتۇ:ئالجىدىڭمۇ،رۇسىيە قانداقمۇ جەننەت بولسۇن؟
ئاغىينىسى مۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ:رۇسلار كەيگۈدەك كىيمى يوق،يېرىم-يالىڭاچ يۈرۈيدۇ،بىر ئائىلىدىكىلەر بىر ئالما،بىرەر تەرخەمەك تاپسا بۆلۈشۈپ يەيدۇ،ئولتۇرىدىغان ئۆيىنى ئەسكى-تۈسكى قاڭالتىرنى چاپلاپ ياسىۋالغان،شۇنداق بولسىمۇ سوتسىيالىزىم ھەممىدىن ئەۋزەل،رۇسىيە خەلقى دۇنيادا ئېزىلىش بولمىغان،باي-كەمبىغەلنىڭ پەرقى يوقىتىلغان تېنىچ-بەختىيار زاماندا ياشاۋاتىمىز دەپ يۈرۈشىدۇ.جەننەت راستلا رۇسىيەدىمىكەن.
سىتالىن پۇقراچە ياسىنىپ خەلق ئىچىنى ئارىلاپ يۈرگەن كۈنلەردە بىر يىگىتتىن سوراپتۇ.
-تۇرمىشىڭىز قانداقراق؟ ھازىرقى تۈزۈمدىن رازىمۇ سىز؟
-ئۇلۇغ داھىمىز سىتالىننىڭ رەھبەرلىكىدە تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن باياشات، ھېچنىمىمىزدىن غېمىمىز يوق.
-ياخشى، ياخشى. يىگىت سېنى ياقتۇرۇپ قالدىم، مەن سىتالىن بولىمەن. قانداق تەلىپىڭ بولسا ئېيىت، مۇشۇ سۆزۈڭ ئۈچۈن چوقۇم قىلىپ بېرىمەن.
-ئۇنداقتا ماڭا بىر پاسپورت بىجىرىپ بەرگەن بولسىڭىز، چەتئەلگە چىقىپ كېتەي دېگەنتىم.
مەنغۇ تارىخنى تازا بىلىپ كەتمەيمەن. ئاڭلىشىمچەجاھاندىكى نۇرغۇن ئېزىلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ شۇ كۈنگە قېلىشىغا كاتتا سەۋەب بولغانلاردىن بىر ئىكەنگۇ بۇ سىتالىن دىگىنى!قاتىل ،قاتىل،،،،،
تاماق سىڭمەيدىغان بولدى ماڭا ،،،،،،تولا كۈلۈپ
ئانا يۇرتنى بىر ئوقۇساڭلار خېلى بىلىپ قالىسىلەر بۇ مەشھۇر كىشىنىڭ بىزگە قىلغان <<ياخشىلىقى>>نى....
SULMAS:
بارىكاللا سىتالىنىڭ دەۋىرىدىكى روسسىيە قوشۇنى گىرمانىيگە قانداق ھوجۇم قىلغاندۇ دەپ ئويلاۋاتىمەن
ئىككى ئەسكەرگە بەش پاي ئوق، بىر مىلتىق بېرىپ، كەينىدىن پىلىموتنى تەڭلەپ، ھوجۇم قىلمىساڭ ئاتىمەن دەپ ھوجۇم قىلدۇرۇپتىكەن.
tarimi:
بىرىنچىسى قاتىل يۇرمۇكەن ،ئاۋۇ كىيىنكىسىمۇ بولىدىكەن ،ھەزىم قىلالمايدىغان ئادەم چۈشەنمىگۈدەك .
مەن بىرنىلا كۆردۈمغۇ؟
بىر كۈنى سىتالىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مولوتوف بىلەن ئوۋغا چىقىپتۇ.ستالىن قورالنى بەتلەپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ئۆدەككە قارىتىپ ئېتىپتىكەن،ئوق تەگمەي قاپتۇ.سىتالىن ئوڭايسىزلىنىپ،كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا مولوتوفقا قارىسا،مولوتوف دەرھاللا \"يولداش سىتالىن،دۇنيادا ئاجايىپ غارايىپ ئىشلار بولىدىكەن،ئۆلگەن ئۆدەكمۇ ئۇچۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ\"دەپتۇ.
ئىنقىلاپ مۇزېيىدا بىر ئادەم ئارىلاپ كېتىپ بېرىپ،سىتالىننىڭ ئاپسىنىڭ پورترېتى ئالدىدا توختاپ قاپتۇ.ئۇ ئادەم رەسىمنى بىردەم كۆرۈپ،بېشىنى بىر چايقىۋېتىپ قاتتىق ئۇھ تارتقان ھالدا مۇنداق دەپتۇ \"ھەي ........،قارىسا بىر چىرايلىق ئايال،نېمە دەپ ئەينى ۋاقتى بالىسىنى ئالدۇرىۋەتمىگەندۇ؟.....\"
قاتىل قاتىل قوش قاتىلكەن....