UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 18:46:37

« «كۆز-باش » »تىن « «يۇرۇڭقاش » »قىچە

<<كۆز-باش>>تىن <<يۇرۇڭقاش>>قىچە

(بىر قىسىم ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ مەنبەسى)

ئىلھام نىزام
(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن)


قىسچىچە مەزمۇنى: ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم سۆزلەر تىل تەرققىياتىنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئۆز تىل بايلىقىمىز ئاساسىدا شەكىللەنگەن. مەسىلەن، <يېتىلە> سۆزى <ئىت> سۆزىدىن، <قوغلا> سۆزى <قوي> سۆزىدىن، <ياڭاق> سۆزى<يانماق (كۆيمەك)> سۆزىدىن، <قايماق> سۆزى <قاق>سۆزىدىن، <ئاچچىق> سۆزى <ئوچۇق> سۆزىدىن كەلگەن؛ <قاشتېشى> پەقەتلا دەريانىڭ قاش (قىرغاق) قىسمىدا بولىدىغان تاش دېگەننى بىلدۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، <يۇرۇڭقاش> ۋە <قاراقاش>دېگەن ئىككى سۆز ئايرىم-ئايرىم ھالدا دەريا (ئېقىن)نىڭ شەرقىي قىرغىقى ۋە غەربىي قىرغىقى دېگەننى بىلدۈرىدۇ.
ئاچقۇچ سۆزلەر: ئۇيغۇر تىلى، تىل ئامىللىرى، قويلا، يۇرۇڭقاش

摘要:维吾尔语的绝大部分词汇是根据语言发展规律由本语言的资源为基础而形成的。比如,“يېتىلە (引导,牵引)”这一词源自“ئىت (狗)”这一词汇,“قوغلا (追赶,赶走)”源自“قوي (羊)”,“ياڭاق (核桃)”源自“يانماق/كۆيمەك (燃烧)”,“قايماق (奶皮)”源自“قاق (干尔)”,“ئاچچىق (辣,苦)”源自“ئوچۇق (开着)”;“قاشتېشى (玉石)”这一词最初只表示“河岸上的石头”,而“يۇرۇڭقاش (玉龙喀什)”和“قاراقاش (墨玉)”两个词分别表示河流的“东岸”和“西岸”...
关键词:维吾尔语;语素;قويلا، يۇرۇڭقاش

Abstract: The vast majority of Uighur vocabulary is evolved on the base of its own language resources according to general law of language development. For example, the word "yétile (guidance, traction)" came from the word "it (the dog)", the word "qoghla (catch-up, force out)" came from "qoy (sheep)", the word "yangaq (Walnut)" came from "yanmaq/köymek (burning)", the word "qaymaq (奶皮)" came from "qaq (dried)", the word "achchiq (spicy, bitter)" came from "ochuq (opened)"; initially meaning of the word "Qashtashi (jade)" is "the rocks on the bank", and the two rever names, "Yurungqash (Yurungkax)" and "Qaraqash", refers "the east side" and " the west side" of a stream respectively…
Keywords: Uighur language; morpheme; qoyla, Yurungqash

ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ تۈرك تىلى گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ بولۇپ، بۇ تىل گۇرۇپپىدىكى ئاساسلىق بىر تىلدۇر. ئۇ ئۇزۇن تارىخىي زامانلار جەريانىدا نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلارنى، ئىسلاھات-تاسقىلىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. بۇ جەرياندا گەرچە نۇرغۇن يات تىل ئامىللىرى، بولۇپمۇ سۆز تەركىبلىرى ئۇنىڭغا سىڭىپ كىرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزىنىڭ گرامماتىكا ئالاھىدىلىكى ۋە سۆز ئامبىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ساقلىغان ئاساستا تەرەققىي قىلىپ كەلگەن.

تىل، ئىنسانلارنىڭ ئالاقىلىش قورالى بولۇش سۈپىتىدە، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئۇلى قىلىدۇ. ئىپتىدائىي زامانلاردىكى نىسبىي بېكىنمە ھالەتتە، ھەرقانداق بىر تىلنىڭ تەرەققىياتى كىچىك بىر دائىرىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ، يەنى، ئادىيسى مەلۇم بىر يېڭى سۆزنىڭ مەيدانغا كېلىشى ھامان ئالدى بىلەن ئەنە شۇ كىچىك دائىرە ئىچىدىن ئېلىنغان ئەسلىدىن بار بولغان سۆز ئامىللىرىنىڭ قايتا گۇرۇپپىنىلىشىدىن كېلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا ئەسلىدىن بار بولغان تىل ئامىللىرى دەل مەن دېمەكچى بولغان سۆز مەنبەسىدۇر.

ئا. "-لا" ("-لە") قوشۇمچىسىنىڭ ئۇلىنىشىدىن شەكىللەنگەن سۆزلەر

تىلىمىزدا سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار ئىنتايىن مول. بۈگۈنكى ھەر كۈنى دېگۈدەك يېڭى سۆزلەرنى ياساشقا ياكى چەتتىللاردىن تەييارسىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشكە موھتاج بولىدىغان ئۇچۇر دەۋرىدە، سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى يەكۈنلەش، تەتقىق قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. -لا (-لە) قوشۇمچىسى ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى سۆز ياساش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىر خىل سۆز ئارقا قوشۇمچىسىدۇر.

1. ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىدىن ياسالغان سۆزلەر

ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىگە -لا/-لە قوشۇمچىسى ئۇلىنىشتىن ھاسىل بولغان سۆزلەر بىرقەدەر يىغىنچاق، يەنى ئۇلارنى باش قىسىمدىن ئاياق قىسىمغىچە تىزىش مۇمكىن:

باش + لا = باشلا
ئوي + لا = ئويلا
ئاڭ + لا = ئاڭلا
يۈز + لە + ن = يۈزلەن
كۆز + لە = كۆزلە
پۇر + لا = پۇرلا -> پۇرا (بۇ سۆز بۇرۇن دېگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇرۇن سۆزى ئەسلىدە ھايۋانلار، مەسىلەن ئات-ئېشەكلەر، پۇرقىرىغاندا چىقارغان ئاۋازغا ئاساسەن ياسالغان، ئەسلى شەكلى پۇرۇن بولۇشى مۇمكىن.)
چىش + لە = چىشلە
تىل + لا = تىللا
گەۋدە + لە = گەۋدىلە
بوي + لا = بويلا
باغىر (بېغىر) + لا = باغىرلا (بېغىرلا)
قان + لا = قانلا   -> قانا
قول + لا = قوللا
جەينەك + لە = جەينەكلە
پۇت + لا = پۇتلا
تىز + لا = تىزلا (تىزلان)
ئاياق + لا = ئاياقلا (ئاياقلاش)
ئاق + لا = ئاقلا (گۆشىنى شۈلۈپ ئاپ-ئاق ئۇستىخىنىنى كۆرسىتىپ قويۇشقا قارىتىلغان)
ئوڭ + لا = ئوڭلا (ئوڭ سۆزى دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللاردا ئۇتۇق-مۇۋەپپەقىيەت (نىڭ يۈنۈلۈشى)نى بىلدۈرىدۇ.)

2. چارۋىچىلىقتىن كەلگەن سۆزلەر

ئۇيغۇرلار ئۇزۇن زامانلار چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان مىللەت بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا چارۋىچىلىق ھاياتىدىن كەلگەن سۆزلەر ئىنتايىن كۆپ. بۇ يەردە مەن پەقەت “-لا/لە” قوشۇمچىسىنىڭ ئۇلىنىشىدىن شەكىللەنگەن سۆزلەرنىلا تىلغا ئالىمەن.

ئات + لا = ئاتلا، ئاتلان
قوي + لا = قويلا -> قوغلا
ئىت + لە = ئىتلە -> يىتىلە -> يېتىلە (يېتەكچى، يېتىلىمەك)

بۇ يەردىكى ئات سۆزى تىلىمىزدا ئىنتايىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە بىر سۆز بولۇپ، ئەسلى شەكلى (ئورخۇن ئابىدىلىرىدىنمۇ نۇرغۇن يىللار بۇرۇنقى شەكلى) ئالت ئىدى، كېيىن ل ھەرپى چۈشۈپ قېلىپ ئات قا ئۆزگەرگەن]1[. ئات، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. سەپەرگە يۈرۈش ئۈچۈن ئات كېرەك بولىدۇ، يەنى، ئاتلىنىش --- سەپەرگە قەدەم تاشلاش دېمەكتۇر. تىلىمىزدا ئات-ئۇلاق تىكى ئات قا ئوخشاش تەلەپپۇز قىلىنىدىغان، ئەمما ئىسىم دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان يەنە بىر شەكىلداش سۆز بار. ئەسلىنى سۈرۈشتۈرگەندە، بۇ سۆزنىڭ يىلتىزىمۇ يەنىلا ئات-ئۇلاق تىكى ئات بولۇشى كېرەك: كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاتتىن ئايرىلالمايدىغان ئەجداتلىرىمىز، بالىلىرى ئات مىنگۈدەك بولغاندا بەلكىم مەلۇم بىر خىل مۇراسىم ئارقىلىق بالىلىرىغا ئات ئاتا قىلىشى مۇمكىن --- چوڭلار بالىلارغا سەن ئەمدى ئاتلىق بولدۇڭ (ئات مىنگۈدەك بولدۇڭ، يەنى ئادەم بولۇپ يېتىلدىڭ)، دەپ قۇتلۇقلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن ئاتلىق بولۇش دېگەن سۆز ئادەم بولۇش، ئەل ئارىسىدا مۇستەقىل كىشى بولۇش، ئۆز ئالدىغا نام-شۆھرەتنىڭ ئىگىسى بولۇش، دېگەندەك مەنىلەر بىلەن بىرگە،نام-ئاتاق، ئىسىم دېگەن مەنىگىمۇ ئېرىشكەن بولۇشى مۇمكىن.

قوي، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاساسلىق ئوزۇق مەنبەسىدۇر. قويلارنى يايلاقمۇ-يايلاق ھەيدەپ يۈرۈپ بېقىش، ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كېيىنچە قوينى ھەيدىگەندەك ھەيدە دېگەننى قويلا دېيدىغان بولغان. تۇرپان شىۋىسىدە تا ھازىرغىچە قوغلا دېگەن سۆز قويلا پېتى ئىشلىتىلىدۇ.

ئىت، ئىنسانلارنىڭ دوستى ۋە ياردەمچىسى، دەپ قارىلىدۇ. بولۇپمۇ چارۋىچىلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىتنىڭ رولى تېخىمۇ چوڭ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىت ھەرقانچە ئىنسانلار دوستى دېيىلسىمۇ، بىراق ئۇ بەرىبىر بۆرىنىڭ ئەۋلادى. شۇڭا كۆزىمىز كۆرۈپ تۇرغان چاغدا قويۇپ بېرىپ ئىشلەتكەن بىلەن، باشقا ۋاقتلاردا ئۇنى يەنىلا باغلاپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ، بولۇپمۇ ئىت ئۈچۈن ناتونۇش بولغان كىشىلەر ئالدىغا بارغاندا، ئىت ئىگىسى چوقۇم ئارغامچا بىلەن ئۇنى باغلىۋېلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن، دەسلەپتە ئارغامچا بىلەن باغلاپ باشقۇردېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئىتلە دېگەن بىر سۆز شەكىللەنگەن، ۋاقتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىتلە سۆز باشقۇر، يول كۆرسەت دېگەن مەنىلەرگە ئېرىشكەن.

3. تەبىئەت جىسىملىرى ۋە تەبىئىي ھادىسىلەردىن كەلگەن سۆزلەر

ئاي + لا + ن = ئايلان
تاش + لا = تاشلا
بۇلۇق + لا = بۇلۇقلا (بۇلاق سۆزىمۇ ئەلۋەتتە مۇشۇ سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك)

ئاي، بولۇپمۇ تولۇن ئاي (تولغان ئاي) يۇمىلاق (چەمبەرسىمان) بولۇپ، ئەجداتلىرىمىز چەمبەرسىمان ئىز قالدۇرۇپ ماڭماق ياكى ھەرىكەت قىلماق دېگەن مەنىنى ئايلانماق دەپ ئىپادىلىگەن.

تاش، مەيلى يايلاقتا بولسۇن ياكى ئېتىزدا بولسۇن، كۆپ ھاللاردا كېرەكسىز، ئاۋارىچىلىك كەلتۈرگۈچى جىسىم بولۇپ، بىزنىڭ ئۇلارنى تاقاشمايدىغان بىر جايغا چۆرىۋëتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، چۆرىۋەت دېگەن مەنە تاشلا دەپ ئىپادە قىلىنغان، ھەمدە تاشقا ئوخشاش ئېتىۋارسىز، كېرەكسىز نەرسىلەر تاشلىنىدىغان بولغان.

ئەجداتلىرىمىز يەرنىڭ ئاستىدىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقان سۇنىڭ بۇلۇق، بۇلۇق،  قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىدا، بۇلۇقلا دېگەن سۆزنى ياساپ، سۇنىڭ يەرنى يېرىپ چىقىشىنى ئوبرازلىق ئىپادىلىگەن بولسا، بۇلاق دېگەن سۆزنى ياساپ ئەنە شۇ بۇلۇقلاپ چىققان سۇنىڭ مەنبەسىنى ئىپادىلىگەن.

يۇقۇرىقىلاردىن باشقا يەنە، بىر قىسىم شەكلىنى ئۆزگەرتكەن -لا/-لە قوشۇمچىلىرىمۇ بار. مەسىلەن، ئۇچرا، ئالدىرا، كونىرا، ئەسكىرە ۋە يۇقىرىدا ئۇچرىغان پۇرا دېگەن سۆزلەردىكى -را/-رەلەر دەل -لا/-لەلەرنىڭ ئۆزگەرگەن شەكىللىرىدۇر.

ب. ھەرپلەرنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرىشى سەۋەبىدىن ئەسلى شەكلى نىقابلانغان سۆزلەر

قاپلاق -> قالپاق
پايقاپ -> پايپاق
ياغمۇر -> يامغۇر
قۇشچاق -> قۇشقاچ (بۇ سۆز تىلىمىزدا ئۇششاق قۇشلارغا ئىشلىتىلىدۇ.)
كۆتلۈك -> كۆلتۈك -> كۈلتۈك
مايقاق -> قايماق
قاراغۇلاچ -> قارغىلاچ]2[ -> قارلىغاچ
ياپىلاق -> يالپاق (ياپ + ئى + لاق = ياپىلاق)
ساچرەت -> ساچرات -> ساتراچ]3[
ئاشقاپا -> ئاشپاقا
زىق -> قىز]4[

پاتېنت -> پاتنېت (نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋال)

بۇ سۆزلەرنى كۆزەتكىنىمىزدە، ئالدىنقى تۆتىنى چۈشىنىش ئاسانغا توختايدۇ. چۈنكى، ئەگەر بىز قاپ، پاي، ياغ، ئەركىلىتىش، كىچىكلىتىش مەنىسىگە ئىگە سۆز ئارقا قوشۇمچىسى -چاق لارنىڭ ھازىرقى تىلىمىزدىكى مەنىسىنى ئويلىغىنىمىزدا، قاپلاق، پايقاپ، ياغمۇر، قۇشچاق قاتارلىقلارنىڭ تىلنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە تېخىمۇ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.

مەن بۇ يەردە يەنە ئارتۇق كەتمەس، دەپ، سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە مۇر/مۈرنى قىستۇرۇپ ئۆتمەكچى: بۇ قوشۇمچە، پېئىللاردىن شۇ پېئىللار ئىپادىلىگەن ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ ئىگىسىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنى ياسايدۇ، يەنى، ئۇنىڭ مەنىسى غۇچى دىن ئىبارەت. مەسىلەن،

ياغ + مۇر = ياغمۇر
كۆي + مۈر = كۆيمۈر (ھازىرقى تىلىمىزدىكى شەكلى كۆمۈر)
ئۆس + مۈر = ئۆسمۈر

كۈلتۈك ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بۈشۈكنىڭ بىر جابدۇقى. كۈلتۈك سۆزىنىڭ ئەسلى شەكلى كۆتلۈك تۇر. مېنىڭچە، پاكىزە، قۇلاي بولۇشنى كۆزلەپ، بوۋاقنىڭ كۆت ىگە ئېسىپ قويۇلغان نەرسە، چوقۇم كۆتلۈك دەپ ئاتىلىدۇ، كېيىن كۆتلۈك سۆزىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، يەنى ت ھەرپى بىلەن ل ھەرپى ئورۇن ئالماشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى سەۋەبىدىن ئۆھەرپى ئۈ ھەرپىگە ئالمىشىپ كۈلتۈك شەكىللەنگەن.

سۈت ئەجداتلىرىمىز تۇرمۇشىدا كەم بولمايدىغان ئوزۇقلۇق. كىشىلەر ئەگەر ئىشلىتىپ تۈگىتەلمىگەن سۈتنى قاچا بىلەن قويۇپ قويغىنىدا، سۈتنىڭ يۈزىدە بىر قەۋەت ماينىڭ قېتىۋالغىنىنى سەزگەن، ھەمدە ئۇنى مايقاق دەپ ئاتىغان، كېيىن بۇ سۆزدە ھەرپ ئالمىشىشى يۈزبېرىپ قايماق قا ئۆزگەرگەن.
ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى ئىملا لۇغىتىدە قارىلىغاچ دەپ مۇقىملاشتۇرۇلغان سۆزنىڭ شەكلى ئەمەلىي ئەھۋالدىن يىراقلىشىپ كەتكەن. مەن تۈركىي تىللار دىۋانىڭ 1- تومىدا ئۇشبۇ سۆزنىڭ قارغىلاچ دەپ خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆردۈم. قارغىلاچ نى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇ سۆزنىڭ ئەسلى شەكلىنىڭ قاراغۇلاچ بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئويلاپ يېتىمىز، يەنى بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى قاپ-قارا غۇلىچىنى ئاچقۇچى بولىدۇ. ئىش بۇ يەردە توختىمايدۇ --- غۇلاچ دېگەن نېمە؟ مەنچە غۇلاچ سۆزىنىڭ ئەسلىسى قول ئاچ بولۇشى كېرەك. يەنى قارىلىغاچ سۆزىنىڭ ئۆزگىرىش يولى مۇنداق:

قارا + قول + ئاچ = قاراقولئاچ -> قاراغۇلاچ -> قاراغىلاچ -> قارالىغاچ -> قارلىغاچ -> قالىغاچ -> قارالىغاچ (ئاخىرقىسى يېقىنقى تىلنى قېلىپلاشتۇرۇشتا بېكىتىلگەن)

(دېمەك، بۇ قۇشچاقنىڭ نامى ھازىرقى زامان تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ چۈشەنچىسىدە ئۆزىنىڭ ئەسلى مەزمۇنىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن، گەرچە شەكىل جەھەتتىن تارىختىكى بىر ھالىتىگە ئوخشاپ قالغان بولسىمۇ.)

ئەمدى ياپىلاق سۆزىگە كېلەيلى. ياپىلاق نىڭ تومۇرى ياپ نىڭ مەنىسى بىرەر نەرسىنىڭ يۈزىنى، تاشقى كۆرۈنۈشىنى توسماق ياكى ئەتمەكتۇر (ئۇيغۇر تىلى ئىملا لۇغىتى). يېپىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە نېپىز، يۈزى كەڭ نەرسە ئىشلىتىلىدۇ، ياپىلاق سۆزى دەل مۇشۇنداق نەرسىنىڭ تەسۋىرىدۇر. نېپىز، يۈزى كەڭ نەرسىلەر ئادەتتە ناھايىتى يېنىك بولۇپ، شامالدا ئاسانلا ھاۋاغا كۆتۈرۈلەلەيدۇ. شۇ ۋەجىدىن، تۇرپاندا كېپىنەك، لەگلەكلەر يوپۇلاق دېيىلىدۇ. يوپۇلاق سۆزىنىڭ ياپىلاق تىن كەلگەنلىكى ئېنىق. ئەمەلىيەتتە، يوپۇلاق سۆزى تۇرپاندا ئۇچارقانات دېگەن سۆزگە ئوخشاپ كېتىدىغان تېخىمۇ كەڭ مەنىگە ئىگە. مەسىلەن، تۇرپاندا شەپەرەڭ دېگەندەك ئاتالغۇلار ئىشلىتىلمەي، چاشقانيوپۇلاق، مۈشۈكيوپۇلاق لار ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلى ئىملا لۇغىتىدە بۇ ئىككى سۆز چاشقانياپىلاق، مۈشۈكياپىلاق دەپ ئېلىنغان. مېنىڭ بۇ توغرىلىق تالاشقۇم يوق. لېكىن دېمەي تۇرالمايدىغىنىم: بۇ ئىككى سۆزدىكى ياپىلاق ئىسىم ئەمەس، بەلكى سۈپەتتۇر. سۈپەت بولغان ئىكەن، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدىسى بويىچە، بۇ ئىككى سۆز چوقۇم ياپىلاقچاشقان، ياپىلاقمۈشۈك شەكلىدە بولۇشى كېرەك! پەقەت كەينىگە ئۇلانغىنى ئىسىم بولغاندىلا، يەنى، ئۇچارقانات مەنىسىدىكى يوپۇلاق بولغاندىلا، ئاندىن ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان چاشقانيوپۇلاق، مۈشۈكيوپۇلاق لارنى ياساش مۇمكىن.. ياپىلاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر سۆزيالپاق بۇ سۆزمۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان قانۇنىيەت بويىچە ياپىلاق تىن ئۆزگەرگەن: ياپىلاق -> ياپلاق -> يالپاق. يوپۇرماق سۆزىنىڭمۇ ياپ سۆزى بىلەن بولغان مۇناسىبىتى خېلى روشەن --- يوپۇرماق دەرەخكە نىسبەتەن قۇياش نۇرىنى يىغىپ ئىشلىتىش ئاپاراتىدۇر، ئادەملەرگە نىسبەتەن بولسا، قۇياش نۇرىنى توسىۋالغۇچى، يەنى ئادەملەرنى يېپىۋالغۇچىدۇر: ياپۇرماق -> يوپۇرماق.

ساچرەت نىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتىنىڭ 2007- يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان ھەيزدىن تارىمغىچە دېگەن ماقالىدىن كۆرگەيسىز.

ئاشپاقا (ئاچپاقا)سۆزى، مېنىڭچە بولغاندا، قاپقا ئوخشاش ئاسان توشمايدىغان دېگەن مەنىنى بېرىدىغان ئاشقاپا(ئاچپاقا) دېيدىغان بىر سۆزدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن.

زىق -> قىز، ئاقۇز -> ئازۇق (ئوزۇق) ئۆزگىرىشلىرى تۈركىي تىللار دىۋانى (1- توم)نىڭ باش قىسمى (7- بەت)دا خاتىرىلەنگەن. بۇ يەردە پەقەت سۆزدە ھەرپلەرنىڭ ئورۇن ئالمىشىشىنىڭ بىر ئىسپاتى قىلىپ يېزىپ قويدۇم.

تىلىمىزدا ھەرپلەرنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇش ھادىسىسى ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، پاتېنت بىر ئىنگلىزچە سۆز بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تىلى كەلمەسلىك سەۋەبىدىن پاتنېت قا ئۆزگەرمەكتە. (يۇقىرىدا دېيىلگەن ماقالەمدە پاتېنت ئۇقۇمى ئۈچۈن خاسنەپ دېيدىغان بىر سۆزنى قۇراشتۇرۇپ چىققان ئىدىم.) ئوخشاشلا گەرپ تىللىرىدىن كىرگەن يەنە بىر سۆز سىستېمامۇ ھەرپلەرنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇشىدىن سىستېماغا ئايلىنىپ قېلىشقا يۈزلەنگەن.

چ. قاپ سۆزىدىن ياسالغان سۆزلەر

“قاپ” سۆزى تىلىمىزدىكى ئەڭ بۇرۇن ئىشلىتىلگەن سۆزلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى سۆز يىلتىزى قىلىپ ياسالغان سۆزلەر ئىنتايىن كۆپ.

قاپ + لاق -> قاپلاق -> قالپاق (“قاپلاق” --- باشنى قاپلاپ تۇرغۇچى)
پاي + قاپ -> پايقاپ -> پايپاق [“پايقاپ” --- پاي (پۇت)نى قاپلاپ تۇرغۇچى]
مۇ + قاپ + ئا -> مۇقاۋا (“قاپ” سۆزىگە كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدىغان سۆز ئالدى قوشۇمچىسى “مۇ-”نىڭ قوشۇلۇشىدىن ياسالغان.)
قاپ + ز -> قاپز -> قەپەس
قاپ + ئا -> قاپا -> خاپا
قاپ + چا -> قاپچا -> قاچا
قاپ + ئاق -> قاپاق
قاپ + ئۇق -> قاپۇق -> قاۋۇق -> قوۋۇق
نى + قاپ -> نىقاب
قاپ + قان -> قاپقان
ئاش + قاپ + ئا -> ئاشقاپا -> ئاشپاقا
قاپ + تال -> قاپتال
قاپ + سا -> قاپسا
“قەپەس” سۆزى 1982- يىلى “يېڭى يېزىق”تا نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەتتە “قەپەس” دەپ ئېلىنغان بولسا، 1984- يىلى ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىقى (“كونا يېزىق”)دا نەشر قىلىنغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتىدە “قەپەس” دەپ ئېلىنىپ، سۆز مەنبەسى “ئەرەپچە” دەپ بېرىلگەن…
“خاپا” سۆزىنىڭ ئەسلى شەكلى “قاپا” بولۇپ، “كۈچلۈك نارازىلىق تۈپەيلى قۇرساق كۆپۈپ قاپتەك بولۇش”نى بىلدۈرىدۇ.
قالغان سۆزلەر توغرۇلۇق چۈشەنچە بېرىشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك؟

د. ھېكايىلىك سۆزلەر

ئاچچىق

ئاچ -> ئاچىق -> ئاچچىق

بۇ سۆزنىڭ دەسلەپكى ياسىلىش ئەھۋالىنى مۇنداق قىياس قىلىش مۇمكىن: بىركىم مۇرچ تۈرىدىكى مەلۇم بىر نەرسىنى ئۇقماستىن يەۋېلىپ، ئۇنىڭ كۈچلۈك غىدىقلاش تەمىگە چىدىيالماي ئاغزىنى يوغان ئاچقىنىچە باشقىلارغا ئۆز ھالىنى ئاۋازسىز بايان قىلىدۇ؛ باشقىلار ئۇ كىشىنىڭ ھالىتىگە قاراپ، “قاراڭلار، ئۇنىڭ ئاغزى ئاچىق بولۇپتۇ!” دەيدۇ؛ نەتىجىدە كىشىلەر مۇرچ تۈرىدىكى نەرسىلەرنى يېسە ئادەمنىڭ ئاغزى “ئاچىق بولىدۇ”غانلىقىنى بىلىدۇ؛ ۋاقتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، “ئاچىق” دېگەن سۆز مۇرچ تۈرىدىكى نەرسىلەرنىڭ تەمىنى بىلدۈرىدىغان خاس سۆزگە ئايلىنىدۇ؛ ئۇزۇن يىللار داۋامىدا “ئاچىق” سۆزى “ئاچچىق”قا ئۆزگىرىدۇ…

سۇر (رەڭ)

سۇ + رەڭ -> سۇرەڭ -> سۇررەڭ -> سۇر (رەڭ)

ھەممىمىز بىلىمىز، سۇ رەڭسىز، تەمسىز بولىدۇ. ئەمما سىز دېڭىزغا ئوخشاش كەڭ سۇ يۈزىگە قارىسىڭىز سۇنىڭ رەڭسىز ئەمەسلىكىنى بايقايسىز. ئەجداتلىرىمىز چوقۇم بايكال كۆلى بويىدا ياشىغان زامانلاردا “سۇ رەڭ” دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن، ھەمدە يۇقۇرىقىدەك ئۆزگىرىش جەريانىنى بېسىپ، “سۇر” دېگەن رەڭنام شەكىللەنگەن.

ياڭاق

يان + غاق -> يانغاق -> ياڭغاق -> ياڭاق

ياڭاق زېمىنىمىزنىڭ بىر ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى. تۇرپان يەرلىك تىلىدا ياڭاق “ياڭغاق” دېيىلىدۇ. مەنچە بۇنداق ئاتاش ھەرگىزمۇ “بۇزۇلغان شىۋە” ئەمەس. ياڭاق مېغىزىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ماي بولۇپ، ئەگەر سىز ئۇنىڭغا ئوت ياقسىڭىز ئۇنىڭ ناھايىتى ئاسان يانىدىغانلىقىنى ھەم ئۇزاق كۆيىدىغانلىقىنى بايقايسىز. ئەلۋەتتە، بۇنى ئەجداتلىرىمىز قەدىمدىلا بايقىغان، ھەمدە بۇ ئالاھىدىلىككە ئاساسەن ئۇنىڭغا “يانغاق” دەپ نام بەرگەن.

ئەل بولماق


“ئەل بولماق” دېگەن سۆز بىرىكمىسىنىڭ “تەسلىم بولماق” دېگەن بىلەن ئوخشاش مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. لېكىن “ئەل” سۆزىنىڭ مەنىسى ئەلۋەتتە “تەسلىم” سۆزى بىلەن ئوخشاش ئەمەس! “ئەل” سۆزى ئەزەلدىن “پۇقرا، خەلق، ئاۋام” دېگەن بىر خىللا تۈپ مەنىگە ئىگە بولغان، قالغان مەنىلىرى بولسا ئاشۇ تۈپ مەنىسىدىن كەلگەن “تۇغۇندا” مەنىلەردۇر. شۇ مەنىدىن ئالغاندا “ئەل بولماق”نىڭ مەنىسى “پۇقرا بولماق، (غالىپلارنىڭ) ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلماق” دېگەن بولىدۇ. دېمەك، “تەسلىم بولۇش” بىلەن “ئەل بولۇش” مەنە جەھەتتىن ئازراق پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ھازىرقى زامان ئۇرۇشلىرىدا “تەسلىم بولۇش” يۈزبەرسىمۇ، لېكىن “ئەل بولۇش” ئاساسەن يۈزبەرمەيدۇ.

يۇرۇڭقاش؛ قاراقاش


بۇ ئىككى سۆز خوتەندىكى قاشتېشى چىقىدىغان ئىككى دەريانىڭ ئىسمىدۇر. گەرچە بۇ ئىككى دەريا ئاتالغۇسىدىكى “قاش”نى كىشىلەر ھازىر “قاشتېشى” دەپ چۈشەنسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يالغۇز كەلگەن چاغدىكى تۈپ مەنىسى “قىرغاق، گىرۋەك” بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئەزەلدىن “خوتەن قېشى” دېيدىغان ئاتالغۇ ئىشلىتىلىپ باقمىغان!

بۇ يەردە مەن يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق بىر قىياسنى ئوتتۇرىغا قوئۇماقچى: ئەگەر بىز كۇئېنلۇن تېغىدىن ئېقىپ چۈشكەن يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قاراقاش دەرياسىنىڭ خوتەن شەھەرىنى ئىككى تەرەپتىن ياقىلاپ ئۆتكەندىن كېيىن قوشۇلۇپ خوتەن دەرياسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى خەرىتىدىن كۆزىتىدىغان بولساق، خوتەن شەھەرىنىڭ يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قاراقاش دەرياسىنى ئىككى قىرغاق (“قاش”) قىلغان غايەت زور بىر ئېقىننىڭ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان بىر شەھەر بولۇش ئېھتىماللىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالىشىمىز مۇمكىن. ئۇنداقتا، “يۇرۇڭ”، “قارا” دېگەنلەرنىڭ مەنىسى نېمە؟ “يۇرۇڭ” سۆزىنىڭ ئەسلى شەكلى “ئۈرۈڭ” بولۇپ، مەنىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى “ئاق” دېگەن سۆز بىلەن ئوخشاش؛ “قارا” سۆزىنىڭ مەنىسى بولسا “ئۈرۈڭ” بىلەن قارىمۇ-قارشى، يەنى ئۇيغۇرچىدىكى ھازىرقى ئىستېمال مەنىسى بىلەن ئوخشاش. بۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئويلىغىنىمىزدا، “يۇرۇڭ” سۆزى “شەرق”نى، يەنى يورۇقلۇقنىڭ يۈنۈلۈشىنى؛ “قارا” بولسا “غەرب”نى، يەنى قاراڭغۇلۇقنىڭ يۈنۈلۈشىنى بىلدۈرۈشى كېرەك! شۇنداق بولغاندا، “يۇرۇڭقاش”نىڭ ئەسلى مەنىسى “شەرقىي قىرغاق”، “قاراقاش”نىڭ ئەسلى مەنىسى بولسا “غەربىي قىرغاق” بولىدۇ؛ “قاشتېشى” بولسا “دەريانىڭ قىرغاقلىرىدا ئۇچرايدىغان تاش”، يەنى كىشىلەر سۇغا چۈشمەي تۇرۇپلا كۆرەلەيدىغان تاش بولۇشى كېرەك. دېمەك، دەسلەپتە خوتەن زېمىنىدا ياشىغان ئەجداتلىرىمىز بەلكىم ئەنە شۇنداق دەريانىڭ قاشلىرىدا سۇنىڭ يالىشى سەۋەبلىك ئېچىلىپ قالغان چىرايلىق (كېيىنچە گۆھەر قاتارىدا سانالغان) تاشلارنى كۆرگىلى بولىدىغان زامانلاردا، ئاشۇ تاشلارغا “دەريا قىرغىقىدىكى تاش” دېگەن مەنىدە “قاشتېشى” دەپ ئات قويغان بولۇشى مۇمكىن. بىر قەدەر كەڭ تارقالغان “قاراقاش دەرياسىدىن قارا رەڭلىك قاشتېشى چىقىدىغان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان، يۇرۇڭقاش دەرياسى بولسا ئاق رەڭلىك قاشتېشى چىقىدىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان،” دېگەن ئۇقۇمغا كەلسەك، بۇ بەلكىم ئاشۇ ئىككى دەريانىڭ نامى كىشىلەرگە بەرگەن يۈزەكىي خاتا چۈشەنچە بولسا كېرەك(؟) چۈنكى مېنىڭ قاشتېشى سودىسى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت شوغۇللانغان خوتەنلىك قېرىنداشلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ بىلىشىمچە، يۇرۇڭقاش دەرياسىدىن ئەڭ ئېسىل قارا رەڭلىك قاشتاشلىرى چىقىدىكەن، قاراقاش دەرياسىدىنمۇ ئاق رەڭلىك قاشتاشلىرى چىقىدىكەن --- قاشتېشىنىڭ رەڭى بىلەن دەريا نامىنىڭ قىلچىلىكمۇ مۇناسىبىتى يوق ئىكەن.


تاڭ ئاتتى

تارىختىن مەلۇمكى، ئەجداتلىرىمىز بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكتە قۇرۇلغان خانلىقلار ئارىسىدا ساناقسىز توقۇنۇشلار بولغان. بولۇپمۇ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ خىل توقۇنۇشلار كۈندە دېگۈدەك يۈز بەرگەن --- ھەر كۈنى سەھەردە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، كۈندىكى سەھەرنى "تاڭ" تەرەپتىن ئېتىلغان ئوقلار ئىچىدە باشلىغان ئەجداتلىرىمىز، "كېچە ئۆتۈپ سەھەر كەلدى" دېگەننى "تاڭ ئاتتى" دەپ ئىپادە قىلىدىغان بولغان.

ئە. خۇلاسە

“ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتۇر،” دېگەن ئىبارە بىر تىلنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى بىلەن تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا مۇھىمدۇر. تىلنىڭ ئۆتمۈشىنى، يىلتىزىنى تەتقىق تىلىش دەل ئۇنىڭ داۋاملىق بېيىشى، تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈندۇر. ئۇيغۇر تىلى بىزنىڭ تۈگىمەس بايلىقىمىز، گەرچە “تۈگىمەس” بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا كۆمۈلۈپ قېلىشتىن قورقىدۇ. تىلىمىزنى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئىشلىتىش، داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇش --- بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز.


پايدىلانمىلار:

]1[ ئىلھام نىزام، ئابدىلىم ئابۇرېيىم: لاتىن يېزىقىنىڭ ئورخۇن يېزىقىدىن كەلگەنلىك ئېھتىماللىقى ۋە باشقىلار. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتى، 2007- يىللىق 3- سان؛ ياكى بولمىسا ماۋۇ توربەتكە مەرھەمەت قىلىڭ:http://snipr.com/orkhun

]2[ تۈركىي تىللار دىۋانى، 1- توم، 682- بەت
]3[ ئىلھام نىزام: ھەيزدىن تارىمغىچە. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتى، 2007- يىللىق 1- سان؛ ياكى بولمىسا ماۋۇ توربەتكە مەرھەمەت قىلىڭ:http://hi.baidu.com/aptap/blog/item/2e29863d39d7d3c69f3d625e.html

]4[ تۈركىي تىللار دىۋانى، 1- توم، 7- بەت
]5[ ئىلھام نىزام: “ئوت” سۆزىدىن كېلىپ چىققان سۆزلەر. تىل ۋە تەرجىمە، 2006- يىللىق 2- سان
]6[ تۈركىي تىللار دىۋانى، 1- توم، 181- بەت

بۇ ماقالە "شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى گېزىتىنىڭ2010-يىللىق 8-سانىدا ئىلان قىلىنغان. ]CN65-0801/(G)W[      

بۇ ماقالىنىڭ توردىكى مەنبەسى:كۈنتۇرا بلوگى

مەرھەممەت

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 19:42:17

ئاتىكاچىلىق قىلما- ئاتىلىق، ئاكىلىق ،ئاچىلىق، قىلما.

ساتىرش-ساچ تارىغۇچى.

ئايال-ئايا،ئايالغۇچى.

كىمنى ئالىسەن؟

ئايگۈلنى ئالىمەن...............................بۇ ئۇيغۈر تىلىغا تازا ماس كەلمەيدىغان گەپ.

بۇرۇنقى فىودال جەمىيەتە قىزلارنى كوچىلارغا ئەپچىقىپ ساتىدىكەنتۇق،پۇلى بارلار ئالىدىكەنتۇق ،شۇڭا بۇ گەپ ھازىرقى جەمىيەتكە ماس كەلمەيدۇ.

sabahi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 21:10:30

ئاي+لا+ن  

مېنىڭچە ئايلان دېگەن سۆز : ئاي + لان ( تۇرغۇن سۆزلەردىن پېئىل ياسىغۇچى قوشۇمچە، ۋارىيانتى -لان، -لەن ) ئارقىلىق ياسالغانمىكىن دەيمەن. ئۇنى ئۇنداق پارچىلىۋەتسەك \" ئاي+لا \" ئايلا بولسا نېمە مەنىنى بىلدۈرىدۇ؟

Huxtikin يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 21:26:56

بەزى سۆزلەرنى پارچىلاشتا ۋە تۈپ سۆز بىلەن قوشۇلغۇچىلارنى قوشۇشتا بەكلا زورقۇپ كېتىپتۇ.

Huxtikin يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 21:38:06

ئاشپاقا (ئاچپاقا)سۆزى، مېنىڭچە بولغاندا، قاپقا ئوخشاش ئاسان توشمايدىغان دېگەن مەنىنى بېرىدىغان ئاشقاپا(ئاچپاقا) دېيدىغان بىر سۆزدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن.

------------------------------------

بۇ سۆز ئۆزىدىن چىقىپ تۇرمامدۇ

قاراقاش ۋە يورۇڭقاش توغىرىسىدا مېنىڭ دەسلەپكى بېلىشىمچە يورۇڭقاشتا قاشتىشى مول چىقىدۇ،قاراقاشتا ئاندا مۇندا چىقىپ قالىدۇ.شۇڭا بىرنىڭ ئىسمى يورۇڭقاش.

بۇماقالە ئەسلى،ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن ماقالە ئىلان قىلىنغان بولۇش دىگەن تەلەپ ئۈچۈنلا يىزىلغان ئوخشايدۇ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 22:12:43

ئايگۈلنى ئالىمەن...............................بۇ ئۇيغۈر تىلىغا تازا ماس كەلمەيدىغان گەپ.

بۇرۇنقى فىودال جەمىيەتە قىزلارنى كوچىلارغا ئەپچىقىپ ساتىدىكەنتۇق،پۇلى بارلار ئالىدىكەنتۇق ،شۇڭا بۇ گەپ ھازىرقى جەمىيەتكە ماس كەلمەيدۇ.

============

ئەمرىمگە ياكى نىكاھىمغا ئالىمەن،ئۆتكۈزىمەن دەيدۇ

بۇنىڭغا ئىككى پىياز دەيدىغان زامان ھەقىقەتەن كەتتى

well يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 23:32:59

تاڭ ئاتتى ؟! تاڭ سۇلالىسى ئاتتى  !چاقچاقمۇ يا ؟ بىر چاغدا بىر  ئەمەلدار: چىنار سۆزى، ئەسلى چاينا CHINAدىگەن سۆز شۇ دەپ شەرھىلەپ، قەدىمى چىنار ھەققىدە زامانىۋىي رىۋايەتلەرنى بايان قىلىپ بەرگەن ئىدى.  

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 02:45:00

بۇنداق پەرەز ۋە \"مېنىڭچە\"لەر بىلەن يازغىلى تۇرساق، بىزنىڭ ئىزدىنىشتىكى ئىنكاسلىرىمىزمۇ ئىلمى ماقالە بولۇپ كەتمەمدۇ. ئۆزى يازغان باشقا بىر ماقالە بىلەن \"تۈرك تىلى دىۋانى\" ئىسمىنى ئاخىرىغا يېزىپ قويسىلا ئىلمى ماقالە بولامدىكەن؟ ماقالىنىڭ ھېچبىر جۈملىسىنىڭ ئارقىسىدا، ستاتا كۆرمىدىمغۇ مەن؟

\"شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژورنىلى\" بۇ خىل ماقالىلەرنى ئوقۇمايلا باسامدۇ يا، ئۇلارنىڭ تەلىپى تۆۋەنلەپ كەتتىمۇ؟.... ئەگەر بۇنداق ماقالە زۆرۈر بولۇپ قالغان بولسا، سەپەرۋەر قىلساق، ئىزدىنىشتىن ئون ئادەم چىقىدۇ بۇنداق ماقالىدىن ھەر بىرى ئوننى يېزىپ بېرىدۇ بىر كۈندە.

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 03:17:48

ھەي  خۇدايىم!  چاقچاق قىلىۋاتامدۇ يا رەسمىي بىر تەتقىقات دەپ قاراپ يازدىمۇ ما ماقالىنى؟

ما ماقالە كەسپىمدىن بەزدۇردىغۇ مېنى!

ئاۋۇ تاڭ   سۆزىنى قانداق تەھلىل قىلغىنىنى كۆردۈڭلاما؟ ۋاي خۇدايىم!   ئەگەر مۇشۇ ماقالىنى شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىنىڭ ژورنىلىدا چىقارغان بولسا،(تىللىساڭلارمۇ مەيلى)تۈگەپتۇ ما ژورنال.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 04:58:39

يەنە بىر قېتىم تۆۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋەەەەەەەەەەەەەەەەەەە!!!!!!!!!!!!!!

gunes يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 05:06:09

ئىلھامجان ما پاراڭلارنى شىندانىڭ قايسى سورۇنلىرىدىن ئاڭلاپ كەپ يازغاندۇ بىلمىدىم، ئەمما سورۇننىڭ نوچىسىنى ئوينايدىغان بالىكەن.

ما ماقالىنى ئوقۇپ \"ھە... ئەسلىدە مانداكەندە\" دەيدىغان بىرسى چىقىپ قالمىسا بولاتتىغۇ...

ئىت + لە = ئىتلە -> يىتىلە -> يېتىلە (يېتەكچى، يېتىلىمەك)

بۇ يەردىكى ئات سۆزى تىلىمىزدا ئىنتايىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە بىر سۆز بولۇپ، ئەسلى شەكلى (ئورخۇن ئابىدىلىرىدىنمۇ نۇرغۇن يىللار بۇرۇنقى شەكلى) ئالت ئىدى، كېيىن ل ھەرپى چۈشۈپ قېلىپ ئات قا ئۆزگەرگەن

كېيىنچە قوينى ھەيدىگەندەك ھەيدە دېگەننى قويلا دېيدىغان بولغان. تۇرپان شىۋىسىدە تا ھازىرغىچە قوغلا

ئىت ئۈچۈن ناتونۇش بولغان كىشىلەر ئالدىغا بارغاندا، ئىت ئىگىسى چوقۇم ئارغامچا بىلەن ئۇنى باغلىۋېلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن، دەسلەپتە ئارغامچا بىلەن باغلاپ باشقۇردېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئىتلە دېگەن بىر سۆز شەكىللەنگەن، ۋاقتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىتلە سۆز باشقۇر، يول كۆرسەت دېگەن مەنىلەرگە ئېرىشكەن

تاش، مەيلى يايلاقتا بولسۇن ياكى ئېتىزدا بولسۇن، كۆپ ھاللاردا كېرەكسىز، ئاۋارىچىلىك كەلتۈرگۈچى جىسىم بولۇپ، بىزنىڭ ئۇلارنى تاقاشمايدىغان بىر جايغا چۆرىۋëتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، چۆرىۋەت دېگەن مەنە تاشلا دەپ ئىپادە قىلىنغان، ھەمدە تاشقا ئوخشاش ئېتىۋارسىز، كېرەكسىز نەرسىلەر تاشلىنىدىغان بولغان.

قاپلاق -> قالپاق
پايقاپ -> پايپاق

مايقاق -> قايماق
قاراغۇلاچ -> قارغىلاچ]2[ -> قارلىغاچ
ياپىلاق -> يالپاق (ياپ + ئى + لاق = ياپىلاق)
ساچرەت -> ساچرات -> ساتراچ]3[
ئاشقاپا -> ئاشپاقا
زىق -> قىز]4[

سۈت ئەجداتلىرىمىز تۇرمۇشىدا كەم بولمايدىغان ئوزۇقلۇق. كىشىلەر ئەگەر ئىشلىتىپ تۈگىتەلمىگەن سۈتنى قاچا بىلەن قويۇپ قويغىنىدا، سۈتنىڭ يۈزىدە بىر قەۋەت ماينىڭ قېتىۋالغىنىنى سەزگەن، ھەمدە ئۇنى مايقاق دەپ ئاتىغان، كېيىن بۇ سۆزدە ھەرپ ئالمىشىشى يۈزبېرىپ قايماق قا ئۆزگەرگەن.
ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى ئىملا لۇغىتىدە قارىلىغاچ دەپ مۇقىملاشتۇرۇلغان سۆزنىڭ شەكلى ئەمەلىي ئەھۋالدىن يىراقلىشىپ كەتكەن. مەن تۈركىي تىللار دىۋانىڭ 1- تومىدا ئۇشبۇ سۆزنىڭ قارغىلاچ دەپ خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆردۈم. قارغىلاچ نى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇ سۆزنىڭ ئەسلى شەكلىنىڭ قاراغۇلاچ بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئويلاپ يېتىمىز، يەنى بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى قاپ-قارا غۇلىچىنى ئاچقۇچى بولىدۇ. ئىش بۇ يەردە توختىمايدۇ --- غۇلاچ دېگەن نېمە؟ مەنچە غۇلاچ سۆزىنىڭ ئەسلىسى قول ئاچ بولۇشى كېرەك. يەنى قارىلىغاچ سۆزىنىڭ ئۆزگىرىش يولى مۇنداق:

قارا + قول + ئاچ = قاراقولئاچ -> قاراغۇلاچ -> قاراغىلاچ -> قارالىغاچ -> قارلىغاچ -> قالىغاچ -> قارالىغاچ (ئاخىرقىسى يېقىنقى تىلنى قېلىپلاشتۇرۇشتا بېكىتىلگەن)

ئەمدى ياپىلاق سۆزىگە كېلەيلى. ياپىلاق نىڭ تومۇرى ياپ نىڭ مەنىسى بىرەر نەرسىنىڭ يۈزىنى، تاشقى كۆرۈنۈشىنى توسماق ياكى ئەتمەكتۇر (ئۇيغۇر تىلى ئىملا لۇغىتى). يېپىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە نېپىز، يۈزى كەڭ نەرسە ئىشلىتىلىدۇ، ياپىلاق سۆزى دەل مۇشۇنداق نەرسىنىڭ تەسۋىرىدۇر. نېپىز، يۈزى كەڭ نەرسىلەر ئادەتتە ناھايىتى يېنىك بولۇپ، شامالدا ئاسانلا ھاۋاغا كۆتۈرۈلەلەيدۇ. شۇ ۋەجىدىن، تۇرپاندا كېپىنەك، لەگلەكلەر يوپۇلاق دېيىلىدۇ. يوپۇلاق سۆزىنىڭ ياپىلاق تىن كەلگەنلىكى ئېنىق. ئەمەلىيەتتە، يوپۇلاق سۆزى تۇرپاندا ئۇچارقانات دېگەن سۆزگە ئوخشاپ كېتىدىغان تېخىمۇ كەڭ مەنىگە ئىگە. مەسىلەن، تۇرپاندا شەپەرەڭ دېگەندەك ئاتالغۇلار ئىشلىتىلمەي، چاشقانيوپۇلاق، مۈشۈكيوپۇلاق لار ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلى ئىملا لۇغىتىدە بۇ ئىككى سۆز چاشقانياپىلاق، مۈشۈكياپىلاق دەپ ئېلىنغان. مېنىڭ بۇ توغرىلىق تالاشقۇم يوق. لېكىن دېمەي تۇرالمايدىغىنىم: بۇ ئىككى سۆزدىكى ياپىلاق ئىسىم ئەمەس، بەلكى سۈپەتتۇر. سۈپەت بولغان ئىكەن، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدىسى بويىچە، بۇ ئىككى سۆز چوقۇم ياپىلاقچاشقان، ياپىلاقمۈشۈك شەكلىدە بولۇشى كېرەك! پەقەت كەينىگە ئۇلانغىنى ئىسىم بولغاندىلا، يەنى، ئۇچارقانات مەنىسىدىكى يوپۇلاق بولغاندىلا، ئاندىن ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان چاشقانيوپۇلاق، مۈشۈكيوپۇلاق لارنى ياساش مۇمكىن.. ياپىلاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر سۆزيالپاق بۇ سۆزمۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان قانۇنىيەت بويىچە ياپىلاق تىن ئۆزگەرگەن: ياپىلاق -> ياپلاق -> يالپاق. يوپۇرماق سۆزىنىڭمۇ ياپ سۆزى بىلەن بولغان مۇناسىبىتى خېلى روشەن --- يوپۇرماق دەرەخكە نىسبەتەن قۇياش نۇرىنى يىغىپ ئىشلىتىش ئاپاراتىدۇر، ئادەملەرگە نىسبەتەن بولسا، قۇياش نۇرىنى توسىۋالغۇچى، يەنى ئادەملەرنى يېپىۋالغۇچىدۇر: ياپۇرماق -> يوپۇرماق.

ساچرەت نىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتىنىڭ 2007- يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان ھەيزدىن تارىمغىچە دېگەن ماقالىدىن كۆرگەيسىز.

ئاشپاقا (ئاچپاقا)سۆزى، مېنىڭچە بولغاندا، قاپقا ئوخشاش ئاسان توشمايدىغان دېگەن مەنىنى بېرىدىغان ئاشقاپا(ئاچپاقا) دېيدىغان بىر سۆزدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن.

زىق -> قىز، ئاقۇز -> ئازۇق (ئوزۇق) ئۆزگىرىشلىرى تۈركىي تىللار دىۋانى (1- توم)نىڭ باش قىسمى (7- بەت)دا خاتىرىلەنگەن. بۇ يەردە پەقەت سۆزدە ھەرپلەرنىڭ ئورۇن ئالمىشىشىنىڭ بىر ئىسپاتى قىلىپ يېزىپ قويدۇم.

ئاچچىق

ئاچ -> ئاچىق -> ئاچچىق

بۇ سۆزنىڭ دەسلەپكى ياسىلىش ئەھۋالىنى مۇنداق قىياس قىلىش مۇمكىن: بىركىم مۇرچ تۈرىدىكى مەلۇم بىر نەرسىنى ئۇقماستىن يەۋېلىپ، ئۇنىڭ كۈچلۈك غىدىقلاش تەمىگە چىدىيالماي ئاغزىنى يوغان ئاچقىنىچە باشقىلارغا ئۆز ھالىنى ئاۋازسىز بايان قىلىدۇ؛ باشقىلار ئۇ كىشىنىڭ ھالىتىگە قاراپ، “قاراڭلار، ئۇنىڭ ئاغزى ئاچىق بولۇپتۇ!” دەيدۇ؛ نەتىجىدە كىشىلەر مۇرچ تۈرىدىكى نەرسىلەرنى يېسە ئادەمنىڭ ئاغزى “ئاچىق بولىدۇ”غانلىقىنى بىلىدۇ؛ ۋاقتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، “ئاچىق” دېگەن سۆز مۇرچ تۈرىدىكى نەرسىلەرنىڭ تەمىنى بىلدۈرىدىغان خاس سۆزگە ئايلىنىدۇ؛ ئۇزۇن يىللار داۋامىدا “ئاچىق” سۆزى “ئاچچىق”قا ئۆزگىرىدۇ…

سۇر (رەڭ)

سۇ + رەڭ -> سۇرەڭ -> سۇررەڭ -> سۇر (رەڭ)

ھەممىمىز بىلىمىز، سۇ رەڭسىز، تەمسىز بولىدۇ. ئەمما سىز دېڭىزغا ئوخشاش كەڭ سۇ يۈزىگە قارىسىڭىز سۇنىڭ رەڭسىز ئەمەسلىكىنى بايقايسىز. ئەجداتلىرىمىز چوقۇم بايكال كۆلى بويىدا ياشىغان زامانلاردا “سۇ رەڭ” دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن، ھەمدە يۇقۇرىقىدەك ئۆزگىرىش جەريانىنى بېسىپ، “سۇر” دېگەن رەڭنام شەكىللەنگەن.

ياڭاق

يان + غاق -> يانغاق -> ياڭغاق -> ياڭاق

ياڭاق زېمىنىمىزنىڭ بىر ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى. تۇرپان يەرلىك تىلىدا ياڭاق “ياڭغاق” دېيىلىدۇ. مەنچە بۇنداق ئاتاش ھەرگىزمۇ “بۇزۇلغان شىۋە” ئەمەس. ياڭاق مېغىزىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ماي بولۇپ، ئەگەر سىز ئۇنىڭغا ئوت ياقسىڭىز ئۇنىڭ ناھايىتى ئاسان يانىدىغانلىقىنى ھەم ئۇزاق كۆيىدىغانلىقىنى بايقايسىز. ئەلۋەتتە، بۇنى ئەجداتلىرىمىز قەدىمدىلا بايقىغان، ھەمدە بۇ ئالاھىدىلىككە ئاساسەن ئۇنىڭغا “يانغاق” دەپ نام بەرگەن.


“يۇرۇڭ” سۆزى “شەرق”نى، يەنى يورۇقلۇقنىڭ يۈنۈلۈشىنى؛ “قارا” بولسا “غەرب”نى، يەنى قاراڭغۇلۇقنىڭ يۈنۈلۈشىنى بىلدۈرۈشى كېرەك!

تاڭ ئاتتى

تارىختىن مەلۇمكى، ئەجداتلىرىمىز بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكتە قۇرۇلغان خانلىقلار ئارىسىدا ساناقسىز توقۇنۇشلار بولغان. بولۇپمۇ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ خىل توقۇنۇشلار كۈندە دېگۈدەك يۈز بەرگەن --- ھەر كۈنى سەھەردە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، كۈندىكى سەھەرنى \"تاڭ\" تەرەپتىن ئېتىلغان ئوقلار ئىچىدە باشلىغان ئەجداتلىرىمىز، \"كېچە ئۆتۈپ سەھەر كەلدى\" دېگەننى \"تاڭ ئاتتى\" دەپ ئىپادە قىلىدىغان بولغان.

xjdxwhx يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 06:17:34

بۇنى تەتقىقات ماقالىسى دېيىشكە بولمىغۇدەك.

تىلدا ئۆزگىرىش بولىدىغىنى راست. لېكىن ئۇ ھامان مەلۇم قانۇنىيەت بويىچە بولىدۇ. ناۋادا ئاپتۇر بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىلمىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلىيالىسا، مەن ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىپ بېرىشكە كاپالەت بېرىمەن.

ئىنكاس يازغان دوستلار دىققەت: شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى گېزىتى ھەرگىزمۇ بىر نەرسە ئەمەس. شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى ئىلمىيلىققا خېلى دىققەت قىلىدۇ. مانداق \"ئىلمىي\" ماقالىلارنى بېسىپ يۈرمەيدۇ. لېكن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى گېزىتىنى\" مەكتەپ يېتەكچىلىكىدە\" ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى چىقىرىدۇ، شوڭا بەزىدە مۇنبەرلەردە ئۇچراپ قالىدىغان \" ئىلمىي\" ماقالىلەرمۇ بېسىلىپ قالىدۇ. شۇڭا ئۈستىدە بېرىلگەن مەنبەگە دىققەت قىلىپ قويارسىلەر.

Jalzat0013 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 11:10:24

YELKEN:

بۇنداق پەرەز ۋە \"مېنىڭچە\"لەر بىلەن يازغىلى تۇرساق، بىزنىڭ ئىزدىنىشتىكى ئىنكاسلىرىمىزمۇ ئىلمى ماقالە بولۇپ كەتمەمدۇ. ئۆزى يازغان باشقا بىر ماقالە بىلەن \"تۈرك تىلى دىۋانى\" ئىسمىنى ئاخىرىغا يېزىپ قويسىلا ئىلمى ماقالە بولامدىكەن؟ ماقالىنىڭ ھېچبىر جۈملىسىنىڭ ئارقىسىدا، ستاتا كۆرمىدىمغۇ مەن؟

\"شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژورنىلى\" بۇ خىل ماقالىلەرنى ئوقۇمايلا باسامدۇ يا، ئۇلارنىڭ تەلىپى تۆۋەنلەپ كەتتىمۇ؟.... ئەگەر بۇنداق ماقالە زۆرۈر بولۇپ قالغان بولسا، سەپەرۋەر قىلساق، ئىزدىنىشتىن ئون ئادەم چىقىدۇ بۇنداق ماقالىدىن ھەر بىرى ئوننى يېزىپ بېرىدۇ بىر كۈندە.

سىزمۇ تىمىنى ئوقۇمايلا    بۇنداق پەرەز ۋە \"مېنىڭچە\"لەر بىلەن يازغىلى تۇرساق، خېلى سەۋىيەلەك <ئىلمىي ماقالە> يېزىپسىز!

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى گېزىتنى ئوخشاش كۆرمەڭ !  (ئوقۇمايلا ئىنكاس يېزىپسىز! زۆرۈر بولۇپ قالغان بولسا )

Jalzat0013 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 11:49:35

YELKEN:

بۇنداق پەرەز ۋە \"مېنىڭچە\"لەر بىلەن يازغىلى تۇرساق، بىزنىڭ ئىزدىنىشتىكى ئىنكاسلىرىمىزمۇ ئىلمى ماقالە بولۇپ كەتمەمدۇ. ئۆزى يازغان باشقا بىر ماقالە بىلەن \"تۈرك تىلى دىۋانى\" ئىسمىنى ئاخىرىغا يېزىپ قويسىلا ئىلمى ماقالە بولامدىكەن؟ ماقالىنىڭ ھېچبىر جۈملىسىنىڭ ئارقىسىدا، ستاتا كۆرمىدىمغۇ مەن؟

\"شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژورنىلى\" بۇ خىل ماقالىلەرنى ئوقۇمايلا باسامدۇ يا، ئۇلارنىڭ تەلىپى تۆۋەنلەپ كەتتىمۇ؟.... ئەگەر بۇنداق ماقالە زۆرۈر بولۇپ قالغان بولسا، سەپەرۋەر قىلساق، ئىزدىنىشتىن ئون ئادەم چىقىدۇ بۇنداق ماقالىدىن ھەر بىرى ئوننى يېزىپ بېرىدۇ بىر كۈندە.

بۇنداق پەرەز ۋە \"مېنىڭچە\"لەر بىلەن يازغىلى تۇرساق، ...  ياخشى بولمايدۇ ھە ؟ مەنمۇ سىزدەك ئويلاپتىمەن  !

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژورنىلى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتى ئككى نەرسە !

.....  \"شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژورنىلى\" بۇ خىل ماقالىلەرنى ئوقۇمايلا باسامدۇ يا، ئۇلارنىڭ تەلىپى تۆۋەنلەپ كەتتىمۇ؟.... ئەگەر بۇنداق ماقالە زۆرۈر بولۇپ قالغان بولسا، سەپەرۋەر قىلساق، ئىزدىنىشتىن ئون ئادەم چىقىدۇ بۇنداق ماقالىدىن ھەر بىرى ئوننى يېزىپ بېرىدۇ بىر كۈندە  ....

سىزمۇ ئوقۇمايلا ئىنكاس يازامسىز ؟         ئىنكاس زۆرۈر بولۇپ قالغان بولسا    مۇشۇنداق قىلىپ قويسىڭىز بولمامدۇ ؟

ئەلۋەتتە مەنمۇ بەك زۆرۈر بولغاچقا يازدىم .   ھەممىز ئۆزىمىزدىن باشلىساق مۇشۇنداق ئىش بولىدۇ .

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 12:27:56

ئىنكاسنى زۆرۈرىيەتتىن ئەمەس، قايناپ قېلىپ يېزىپ كەتتىم. بەك قايناپ كەتكەچكە، 'شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى' دىگەن خەتكە قاراپتىمەن، 'ئىلمى ژورنىلى'نى ئۆزۈم قوشۇۋاپتىمەن. گەرچە 'شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتى' ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىقىرىلىدىغان گېزىت بولسىمۇ، بۇ ماقالە ئاخىرقى ھېسابتا يەنە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشى مۇمكىن، خۇددى ھازىر بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتقاندەك.

بەك چېچىلىپ قالدىم، لېكىن تولۇق ئوقۇدۇم. ئۆزۈمنى بېسىۋالسام بولغۇدەك. چېچىلىپ قالمىغان بولسام، ئىنكاس يېزىپ ئولتۇرماي، مۇنداقلا ئۆتكۈزىۋېتەر ئىدىم.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 13:34:46

YELKEN:

بۇنداق پەرەز ۋە \"مېنىڭچە\"لەر بىلەن يازغىلى تۇرساق، بىزنىڭ ئىزدىنىشتىكى ئىنكاسلىرىمىزمۇ ئىلمى ماقالە بولۇپ كەتمەمدۇ. ئۆزى يازغان باشقا بىر ماقالە بىلەن \"تۈرك تىلى دىۋانى\" ئىسمىنى ئاخىرىغا يېزىپ قويسىلا ئىلمى ماقالە بولامدىكەن؟ ماقالىنىڭ ھېچبىر جۈملىسىنىڭ ئارقىسىدا، ستاتا كۆرمىدىمغۇ مەن؟

\"شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژورنىلى\" بۇ خىل ماقالىلەرنى ئوقۇمايلا باسامدۇ يا، ئۇلارنىڭ تەلىپى تۆۋەنلەپ كەتتىمۇ؟.... ئەگەر بۇنداق ماقالە زۆرۈر بولۇپ قالغان بولسا، سەپەرۋەر قىلساق، ئىزدىنىشتىن ئون ئادەم چىقىدۇ بۇنداق ماقالىدىن ھەر بىرى ئوننى يېزىپ بېرىدۇ بىر كۈندە.

ئوبدان قاراڭ ،تولۇق ،تەپسىلى ئوقۇپ ئىنكاس يازسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز .

afifiya يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 14:17:27

قاملاشمىغان ...............

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 17:27:17

گوگەي ،گوگەي!!

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 21:34:55

قېنى قايسىڭلار قاملاشتۇرۇپ رەددىيە بىرەلەيسىلەر ؟ قاملاشمىغان دىگەن گەپنى دىيىش ئاسان،سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردىكى <قاملاشمىغان >گەپنى دىيىش ئۇنچە ئاسانمۇ ئەمەس ،

يەنە ئەسكەرتىپ قوياي ،ئاپتۇرنىڭ ئىلمى ئۈنۋان بىلەن ئانچە خوشى يوقىمىكىن ،شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى گىزىتىغا بېسىلغان بولسا نىمە بوپتۇ ؟ سىلەر بېسىلغان يېرىگە قاراپ گەپ قىلامسىلەرما؟ مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ،ئىلان قىلۋەتمىسە بولمايدىغانلىقى ،باشقا ژورناللارنىڭ بىسىپ چىقىرىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغانلىقى تۈپەيلى گېزىتكە بېسىلغان خالاس ،

ئىسپاتىڭلار بولسا ،قاملاشمىغان يەرگە رەددىيە بەرمەمسىلەر؟ ۋاقتىڭلار يوق ؟ كەسىپ ئەھلى ئەمەس؟ ھەممسى قۇرۇق گەپ ،مەنمۇ دىيەلەيمەن بۇنداق (بەزەنلەرنىڭ ئىنكاسىغا ئوخشاش)تام تۈۋىدىن ھۇشۇۋاي چىققاندەك گەپلەرنى..............

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2010-11-29 16:26:00

مەن قاتتىق رەدىدىيە بېرىپ ئىنكاس يازغان. بىراق ماقالىغا قاراپ ئىنكاسىم زايە كەتكىدەك دەپ ئۆچۈرىۋەتتىم.  ئىنكاسنى كىلاۋزۇننىڭ لوغىتىنى ئېچىپ قويۇپ تۇرۇپ يازغان، ما ماقالىدە يازغاندەك ئاساسسىزگەپ قىلىپ قالماي دەپ. مەنمۇ مۇشۇ كەسىپنى ئوقۇپ نىنىنى يەۋاتقانلاردىن.  ھەرقانچە ئىلمىي ئۇنۋان بىلەن خوشى يوق زاتىمىز بولسىمۇ مۇشۇنداق كەسىپكە ھۈرمەتسىزلىك قىلسا  قانداق بولىدۇ؟  كەسىپ ئەھلى بولغان ئادەم ھەرگىز بۇنداق داڭقان پۇتى گەپ قىلمايدۇ.  مەيلى ئۇيغۇرچە گەپلەرنى پارچىلىدى دەيلى،يېڭىلىقكەن دەيلى،  بوپتۇ تەھلىللەرنىڭ ئاساسسىز ياكى ئاساسى بارلىغىنىنى سۈرۈشتۈرمەيلى.  ئامما ئەرەپچە سۆزلەرنى قايسى ئەقىل بىلەن پارچىلالىدى؟  بېسىلغان يېرىگە قاراپ گەپ قىلمىدۇق.  مەن بېسىلغان يېرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكاس يازغان. ماقالە ئۈستىدە تۇرۇپ گەپ قىلىۋاتمىز!راست ەيسىز، بىزنىڭ نەزىرىمىدىكى قاملاشمىغان گەپنى قىلىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، چۈنكى بىر ئېغىز تەھلىلنى بەش ئالتە كىتاپنى كۆرۈپ تۇرۇپ يازىمىز.چۈنكى تىل دىگەن نەگە سۆرىسە شۇ يەرگە ماڭىدىغان نەرسە. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر سۆزنى تەھلىل قىلىش ئۈچۈن قېرىنداش تىللارنىڭ مۇناسىۋىتىنىمۇ ئازراق بىلىش كېرەك. ما گەپنى نەدە قانداق دەيدىكەن دىگەندەك.   مىيە دە بىز كۆمىگەننى كۆرۈپ ئوقۇپ بىر ماقالىنى يېزىش ئۈچۈن بىر يىل كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرايلى، ئا يەدە مۇشۇنداق مەسئولىيەتسىز ماقالىلەر يېزىلسۇن.چۈنكى بىزدە كەسىپكە نىسبەتەن ھۈرمەت بار. بىر دە ئازراق بولسىمۇ مەنتىق دىگەن بىر نىمە بار.      

ئاۋۇ تاڭ سۆزىنى قانداق تەھلىل قىلغانلىقىنى كۆرۈپمۇ قاقشىغىڭلار كەلمىدىمۇ؟ توۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋا~

ئەجەپ قاقشىۋالدىم .  ئۆزەڭلارغا ئالىدىغان يەرلەرنى ئۆزەڭلارغا ئېلىپ قالغان يەرلىرىنى يازغۇچىغا قالدۇرۇپ قويۇڭلار!

بەت: [1] 2
: ««كۆز-باش»»تىن ««يۇرۇڭقاش»»قىچە