mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 13:11:34

قاپارتقۇلاردىن سالامەتلىككە نەزەر

ئادەتتە يۈزىمىزگە ھەرخىل قاپارتقۇلار چىقىپ قالىدۇ. بۇ چىققان نەرسىلەر بەدەندىكى ھەرقايسى ئورگانلارنىڭ فۇنكىسىيەلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قاپارتقۇلارنىڭ چىققان ئورنىغا قاراپ سالامەتلىك ئەھۋالىڭىزنى بىلىۋېلىڭ:
1. ئېڭەكنىڭ ئاستى تەرىپىگە چىقسا: ئادەتتە لىمفا تومۇرلىرىدا توكسىن يىغىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
2. بۇرۇننىڭ ئۇچىغا چىقسا: ئاشقازاننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ئاشقازاننىڭ خىزمىتىدىن چاتاق چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
3. ئىككى قاشنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقسا: ئادەتتە بىرەر ئىشقا يۈرىكى سىقىلىش، بىئارام بولۇش، جىددىلىشىشتىن كېلىپ چىققان ئىسسىقى ئېشىشتىن بولىدۇ.
4. سول تەرەپ مەڭىزگە چىقسا: ئادەتتە جىگەرنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش، توكسىننى ھەيدەش ۋە قان ئىشلەپچىقىرىش روللىرىدىن چاتاق چىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
5. بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىگە تۇيۇقسىز چىقىپ قالغان يوغان قاپارتقۇلار ئادەتتە تۇخۇمدان ياكى كۆپىيىش ئەزالىرىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
6. يۈزنىڭ چۆرىسىدىكى چاچ بىلەن تۇتىشىدىغان يەرگە چىقسا: ئادەتتە يۈزدىكى گىرىملارنى پاكىز تازىلىۋەتمىگەنلىك ياكى تېرىنى پاكىز تۇتمىغانلىق سەۋەبىدىن پىشانىگە، قاشنىڭ ئوتتۇرىسىغا ياكى يۈزنىڭ چۆرىسىگە ئۇششاق قىزىل قاپاتقۇلار چىقىپ قالىدۇ.
7. كۆز ئۇچى بىلەن بۇرۇننىڭ ئوتتۇرىسىغىراق چىقىپ قالسا: بۇمۇ ئادەتتە جىگەرنىڭ رولى ياخشى بولمىغانلىقتىن بولىدۇ.
8. ئېغىزنىڭ چۆرىسىگە چىقىپ قالغان قاپارتقۇلار: ئادەتتە قەۋزىيەت ئېغىرلاپ بەدەندىكى توكسىن بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتەلمىگەنلىكتىن، ياكى تەركىبىدە فتور ماددىسى بەك كۆپ بولغان چىش پاستىلىرىنى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
9. ئوڭ تەرەپ مەڭىزگە چىقسا: ئادەتتە چىقىپلا يوقاپ كەتسە، بۇ زۇكامنىڭ ئالامىتى. لېكىن ئادەتتە داۋاملىق بىر نېمە چىقىپ قالىدىغان بولسا، پۇت-قوللار سوغاق تۇرىدىغان بولسا بۇ ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىدىن مەسىلە چىققانلىقىنى بىلدۈرىشى مۇمكىن.
10. پېشانىگە چىقسا: بەلكىم ئادەتتە بېسىم ناھايىتى ئېغىر بولۇپ كېتىپ، يۈرەكنى ئىسسىق ئېلىپ كېتىشتىن، ياكى قان ئايلىنىش سېستېمىسىدىن مەسىلە چىققانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن.
چوقۇم شۇنداق دەپ تۇرۇۋالغىلى بولماس، لېكىن سالامەتلىكىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويارسىلەر.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 13:18:00

مېنىڭ پېشانەم ،ئىككى قېشىمنىڭ ئوتتۇرىسى بىلەن ئېغىزىمغا تولا چىقىپ قالىدۇ...ئېغىزىمغا چىققان ھامان تەبىئىتى سوغاقلىق يىمەكلىكلەرنى يەپ ،ھەركەتنى تولا ئىشلەپ ،يىگەن يىمەكلىكلنى بەدەن سىرتىغا بالدۇرراق چىقىرۋېتىشكە كۆرەش قىلىمەن،شۇنىڭ بىلەن بەك چوڭلاپ كەتمەستىنلا سىڭىپ كېتىدۇ ياكى توختاپ قالىدۇ .

لىكىن قېشىمنىڭ ئوتتۇرسىدىكىسى بىلەنپېشانەمگە چىققانغا ئامال قىلالمايمەن .

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 13:28:27

كەيپىياتمۇ بەك تەسىر قىلىدىكەن مۇشۇ مۇدۇرلارنىڭ چىقىشىغا...

توي قىلمىغان بويتاقلارنىڭ يۈزىگىمۇ ئۇششاق مۇدۇرلار چىقىدۇ، توي قىلىپ كەيپىياتى بىسقىغا چۈشكەندىن كىيىن ساقىيىپ كېتىدىكەن. يەنە بەزىلەرنىڭتوي يقىلىپ جىنسىي تۇرمۇشى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ يەنە تۈگىمەيدىكەن بۇ مۇدۇرلار

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 13:36:06

بىرزات ھەكىم،يۈرەكتىكى 左前分支دىگەن نىمە كېسەللىك ئۇ ،پات-پات يۈرىكىم تېز سوقۇپ كېتىدۇ ،تىتىلداپ تەمتىراپ كېتىمەن ،تەكشۈرتسەم مۇشۇنداق دەيدۇ .

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 14:32:51

تاجىسىمان ئارتىريە سول ئالدى تەرەپ شاخچىسىدا ئاز تولا مەسىلە كۆرۈلدىمىكىن. سىلىدە ئۇنچە كۆپ روھىي بېسىم يوقتۇ؟ ئۆزلىرىنى ئازادە تۇتۇپ ئارام ئىلىشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بەرسىلە.

تېبابەت دورىلرىدىن ئەبرىشىم شەربىتى، مۇپەررىھى ياقۇت، داۋائىل مىشكى، خېمىرى مەرۋايىت قاتارلىقلار بولىدۇ.

yurtum1028 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 14:46:05

ئېڭەككە چىقسىچۇ ؟

دائىم ئاستىنقى كالپۇكىمنىڭ ئاستى قىسىملىرىغا ئۇششاق بىلىنەر بىلىنمەس نەرسە چىقىدۇ .

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 14:48:06

ئادەت مىقدارى ئازلاپ قالغان، قەۋزىيەت بار بولىشى مومكىن.

Erzat يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 14:58:09

左前分支传导阻滞نىڭ ئادەتتە يالغۇز كەلسەچوڭ ئەھمىيىتى يوق. كۆپىنچە ياشتا چوڭ، تاجىسىمان ئارتىرىيە قېتىشتىن بولغان يۈرەك كېسەللىكلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ.

بەيدۇغا左前分支传导阻滞   دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەپ بېقىڭ.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 15:24:48

ھەر ئىككىڭلار توپتوغرا دىئاگنۇز قويىۋېتىپسىلەرغۇ .بەك تەسىر بولمايدىكەن .لىكىن پات-پات ئىتتىك سوقۇپ كېتىدۇ ،شۇ ۋاقتىدا تىترەپ كېتىمەن .جىم تۇرىۋالسام ئۇنچە تەسىر بولمايدىكەن.

بىرزات،سىز بىلەن ئالاقىلىشاي،دورا لازىم بولۇپ قالدىغاندەك تۇرىدۇ.

Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 17:32:43

ئەيچىڭ گادانىڭ گېپىكەندە .......

hekimm يوللانغان ۋاقتى 2010-11-28 12:29:48

تىرناققا قاراپ كېسەل كۆرۈش ماڭا ئادەت بولۇپ قالغىلى تۇردى. شۇنچە ئىنىق چىقىدۇ. ئۆت ياللۇقى، جىگەرنى ماي قاپلاش، ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك، ئاشقازان ياللۇقى، ئەرلىك ئاجىزلىق ، قان ئازلىق دېگەندەكلەرنى بىر قاراپلا خىلى توغرا بىلگىلى بولىدۇ. بىر زات ھەكىمدىن بەك ئۈگۈنۈپ كەتتىم بۇلارنى.
بەت: [1]
: قاپارتقۇلاردىن سالامەتلىككە نەزەر