YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 01:04:17

ئەر ۋە ئايالنىڭ ئۈچ سىنارىيىسى

ئوخشاش بىر تېمىدىكى سۆھبەتنىڭ ئۈچ سىنارىىيىسى:

  1. ئايال\ئەر
  2. ئايال\ئايال
  3. ئەر\ئەر

1-سىنارىيە: بىر ئەركىشىنىڭ ھاياتى قانداق تۈگىشىدۇ؟

ئايال: چېچىمنى كەستۈرەيمۇ؟

ئەر: بولىدۇ.

ئايال: بىراق قىيمايۋاتىمەن.

ئەر: ئەمسە كەستۈرمە.

ئايال: چېچىمنى ئۆزگەرتىپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ.

ئەر: ئەمىسە كەستۈر.

ئايال: بولدى ماڭا ئەقىل كۆرسەتمە، دۆتلەرگە ئەقىل كۆرسەتكەندەك.

ئەر: مېنىڭ قايسىسىنى ياقتۇرىدىغانلىقىمنى بىلگىڭ بولسا، مەن ئۇزۇن چېچىڭنى ياخشى كۆرىمەن. بۇنى سەن بىلىسەن.

ئايال: مەن بىلەن تونۇشقاندا، قىسقا ئىدى.

ئەر: ۋە ساڭا نېمە دېگىنىم ئېنىق ئېسىمدە: "چېچىڭ ئۇزۇن بولسا نېمىدىگەن چىرايلىق بولاتتى."

ئايال: بىراق ھەممىسى كەسكىن دىيىشىۋاتىدۇ.

ئەر: ئۇنداقتا ساتىراچخانىغا بارغىن ۋە مەن ئۇخلاي بولدى. سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي.

ئايال: ئەمىسە قانداق كەستۈرەي؟ قات-قاتمۇ ياكى ئالدىدىن چۈشۈرۈپمۇ؟

ئەر: قات-قات.

ئايال: ماڭا ياراشماسمىكىن، مېنىڭ چېچىم بەك تۈز.

ئەر: ئەمىسە پېشانەڭدىن چۈشۈرگىن.

ئايال: بەك ئاۋارىچىلىق.

ئەر: كىيىن يەنە كەستۈرەرسىن

ئايال: ئۇنداقتا ھەرگىز ئۇزاتالمايمەن.

ئەر: ئۇزاتقىڭ بولسا كەستۈرمىگىن، جېنىم.

ئايال: مېنى جېنىم دېمە.

ئەر:؟!؟!؟!؟!؟!؟!

2. سىنارىيە: ئايال\ئايال

ئا: ۋاي ئاداش، چېچىڭنى كەستۈرۈپسە ھە! بەك چىرايلىق بوپتۇ!!

ب: راست دەۋاتامسە؟ تازا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. بەك قىسقا بولۇپ قالمىغاندۇ دەيمەن.

ئا: نىمە دەيدىغانسەن؟ مېنىڭ يۈزۈم بۇنچىلىك چوڭ بولمىغان بولسا، مەنمۇ سېنىڭكىدەك كەستۈرەتتىم. مېنىڭ بۇ چېچىم كلاسسىكلىشىپ قالدى، يېڭى پاسونغا ئالماشتۇرۇشتىن قورقىمەن.

ب: نىمە دەيدىغانسەن سەن، يۈزۈڭ ھېچقانداق ئەمەسقۇ. قارا، شۇ يەرلەردىن قات چىقارساڭ، بەك پەيزى بولىدۇ! مېنىڭ بويۇم ئېگىز بولمىغان بولسا، دەل سېنىڭكىدەك پوسوندا قىلدۇراتتىم.

ئا: ۋاي دوستۇم، قىززىق گەپ قىلىسەن. كاشكى بويۇم سېنىڭكىدەك بولغان بولسا، ھېچ بولمىغاندا، شۇ چۆكۈك مۈرەمنىڭ خەقنىڭ دېققىتىنى تارتىشىدىن توسۇپ قالاتتىم دە.

ب: نىمىلەرنى دەۋاتىسەن سەن؟ مۈرىسىنىڭ سېنىڭكىدەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان نۇرغۇن قىزلار بار...نېمە كەيسەڭ، ساڭا شۇنداق يارىشىدۇ... مېنىڭ شۇ قىسقا بېلىكىمگە قارىغىنە. مۈرەم سېنىڭكىدەك بولغان بولسا، كۆينەكلىرىم خۇددى خەقنىڭكىدەك تۇرامتى؟.....

3-سىنارىيە: ئەر\ئەر

ئا: چېچىڭنى قىسقارتىپسەن (كەستۈرۈپسەن) ھە؟

ب: ھەئە.

ئا: يارىشىپتۇ.

ب: رەھمەت.

مانا موشۇنچىلىك!

مەنبە: Facebook

Estami يوللانغان ۋاقتى 2010-11-29 00:08:17

email  نى قالدۇرۇڭلار مەن ئەۋەتىپ بېرەي دېتالىنى .

Teddy يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 01:27:24

Facebook تىن كەلگەن ئەسەركەندە؟ مەن بىر پارچە رەسىم كۆرگەن، بىر ئايال بىلەن بىر ئەرنىڭ ھاجەتخانىغا كىرىپ چىقىش جەريانىنى سۈرەتلىگەن، ئۇنىڭدا دېمەكچى بولغىنىمۇ مۇشۇ ئىكەندۇق.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 01:27:34

رەسىمدىكى خان/يىگىتنىڭ جىنسىنىڭ ئايرىيالمىدىم....

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 01:38:36

دېمەك يەنىلا ئاياللار ئەقىللىق ۋە ئاقكۆڭۈل كېلىدىكەنمىز. دوستلىرىمىزنىڭ ھەممە يېرىگە دىققەت قىلىدىكەنمىز ھەم بىرەر يېرى قاملاشمىغان بولسا لايىقىدا تەسەللى بېرەلەيدىكەنمىز. ئەرلەرنىڭ دۇنياسى پەقەتلا كۈلرەڭ، ئاياللارنىڭ دۇنياسى ھەسەن-ھۈسەن رەڭلىككەن.

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 03:09:38

ئەرلەرنىڭ:

-چىچىڭنى ئالدۇردۇڭ؟

-ھە.

-دۆت چىراي بوپ قاپسەن.

-قىسە.

ماۋۇ ۋارىيانتى تەبىئىرەك.

bendora يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 04:25:36

facebook ئويناۋاتامسىلەر؟ ئاچچىقىم كەلسە شىياڭگاڭغا بېرىپ facebookۇمنى ئېچىپ كېلەيمىكى.

ما تېمىدىكى گەپنى باشقا بىر يەردىمۇ كۆرۈپتىكەنمەن.بىرىنجى سىنارىيە ياقىدۇ ماڭا.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 04:30:49

mastura:
رەسىمدىكى خان/يىگىتنىڭ جىنسىنىڭ ئايرىيالمىدىم....

خاندەك تۇرىدۇ.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 07:47:52

ئاياللار نىمە دىگەن سۆيۈملۈك، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدۇ،مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردىنمۇ خوشاللىق ۋە مەنە ئىزدەيدۇ.

ئېسىمگە \"دوسلار\"دىكى روسنىڭ چەندىلىرغا ئىش ئۈگىتىپ \"قىز دوستۇڭ سېمىز كۆرۈنۈپ قاپتىمەنمۇ دىسە ھەرگىز بىر قارىۋېتىپ جاۋاپ بەرمە،ئاپتوماتىك ھالدا نەدە ئۇنداق دىيىشىڭ كېرەك\"دىگىنى كېلىۋاتىدۇ ئاياللار مەيلى قانچىلىك گۈزەل مەيلى قانچىلىك ئۆزىگە ئىشەنسۇن بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئازراق كەمچىل بولىدىكەن دەپ قالدىم...چوقۇم ئەركىشىنىڭ جەزىملەشتۈرىشى بىلەن كۆڭلى ئارام تاپىدىكەن...

President يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 08:02:40

YELKEN:

mastura:
رەسىمدىكى خان/يىگىتنىڭ جىنسىنىڭ ئايرىيالمىدىم....

خاندەك تۇرىدۇ.


قوش جىنىسلىق خاندەك قىلىدۇ

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 08:37:43

facebook نى ئېچىش ئۈچۈن شىياڭگاڭغا بېرىش كەتمەيدۇ

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 08:57:01

ziltar:
facebook نى ئېچىش ئۈچۈن شىياڭگاڭغا بېرىش كەتمەيدۇ

ئەمىسە قانداق ئۇسۇل بىلەن ئاچقىلى بولىدۇ. تېخنىكاڭلار بولسا بىزمۇ ئورتاقلىشايلى زىلتار

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 09:10:06

يۇزىدىكى تۇكنى تەرگىلى تۇرۇپتۇ بۇ خان.

bendora يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 10:24:53

ziltar:
facebook نى ئېچىش ئۈچۈن شىياڭگاڭغا بېرىش كەتمەيدۇ

ئەمىسە قانداق ئاچىدۇ؟ دەپ بېرىڭە ئۆگىنىۋالاي،2يىل ياق بىر يىلدىن ئېشىپتۇ ئاچمىغىلى.

Teddy يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 11:14:51

自由门

Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 12:36:52

自由门——————

——————————————————————

    بولامۇ مۇشۇ ؟

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 12:42:50

ئۆزبېكىسستان ياكى قازاقىستانغا بارساڭلارمۇ بولىدىغۇ

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 12:55:42


ok

Teddy يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 13:18:09

关系好的女士们
QQ پەچەتقۇ؟

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 13:20:03

بىر چاغدا بىر قىزنىڭ qq سىغا قارىسام 老公 دەپ گۇرۇپپا ئايرىۋاپتۇ، ئىچىدە 4-5 تال نومۇر تۇرىدۇ.
بەت: [1] 2
: ئەر ۋە ئايالنىڭ ئۈچ سىنارىيىسى