تارىختا بۈگۈن (26-نويابىر )
1580-يىلى بۈگۈنكى كۈندە فىرانسىيەنىڭ 7-قېتىملىق دىن ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان .
1832-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى تۇنجى ترامۋاي نىيو-يورىك شەھرىدە ئىشقا كىرىشكەن .
1905-يىلى بۈگۈنكى كۈندە سۈنجوڭشەن تۇنجى قېتىم ئۈچ مەسلەكنى ئوتتۇرغا قويغان .
1919-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ياشلار كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇلغان .
1941-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا زوڭتۇڭى روزۋېلىت ھەر يىلى 11-ئاينىڭ 4-يەكشەنبە كۈنىنى تەشەككۈر ئېيتىش بايرىمى قىلشىنى بەلگىلىگەن.
1965-يىلى بۈگۈنكى كۈندە فىرانسىيە تۇنجى سۈنئى ھەمرايىنى قويۇپ بەرگەن .
1975-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتمىز ئۆزى تەتقىق قىىلىپ ياسىغان يىراقتىن سېزىش سۈنئى ھەمرايى مۇۋاپپىقيەتلىك قويۇپ بېرىلگەن.دۆلىتمىز سۈنئى ھەمرانى قايتۇرۇپ كىلىش تېخنىكىسىغا ئىگە 3-دۆلەت بولۇپ قالغان .
1979-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتمىز گومىنداڭنىڭ ئورنىنى ئېگەللەپ ئولىمپىك كومتىتىدىكى قانۇنلۇق ۋەكىللىك سالاھىيتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن .
1981-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئاسىيا ئولىمپىك مۇدىريىتى قۇرۇلغان .
1983-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئەنگىلىيەدە تارىختىكى ئەڭ چوڭ قۇراللىق بۇلاڭچىلىق دىلوسى يۈز بەرگەن .ئالتە نەپەر قۇراللىق بۇلاڭچى لوندۇن ئەتراپىدىكى بىر ئىسكىلاتتىن قىممىتى 27،000،000فونېستىرلىڭ قىممىتىدىكى ئۈچ توننا ئالتۇننى بۇلاپ كەتكەن .
1984-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېركىنىڭ كۇلۇمبىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا پارتىلاش يۈز بېرىپ 1ئادەم ئۆلۈپ 2ئادەم يارلانغان .
1990-يىلى بۈگۈنكى كۈندە شاڭخەي ئاكسىيە بىرژىسى قۇرۇلۇش تەستىقلانغان .
1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتمىزدىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئىنتېرنىت كارخانىسى بولغان 瀛海威نىڭ 15نەپەر يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى كوللىكتىپ ئىستىپا بەرگەن .
مەنبە:ۋېكپىدىيە قامۇسى
تەشەككۇر ئيتىش بايرىمى ئىندىئانلارغا قىلىغان ئەڭ چوڭ ھاقارەت.ئاچ قالغانغا تاماق،يالىڭاچ قالغانغا كىيىم بەرگەن خەقنى بۇرنى قۇلۇقۇغۇچە تويغۇزۇپ كىيىن تەشەككۈر ئىيتىپ ھەي جاھاننىڭ ئىشلىرى...ئۆزىمىز توغرۇلۇق، بىريىلنىڭ 365كۈنىدە ، ئەھمىيەتلىك خاتىرە كۈنلەر تۈزۈك بولمىسا كېرەك، ياكى بىلمەي ئۆتۈپ كېتىۋاتامدىغاندۇق. ھەر ھالدا ، ئۆزگىنى بىلگەنمۇ ياخشى،...
باشقا مەقسەت يوق، ئەجرىڭىزگە رەھمەت، ئۇيغۇربالىغ
1832-يىلىدىكى تىرامۋاي نىمە بىلەن ماڭىدىغاندۇ، ئات قاتامدىغانمىدۇ ياكى كۆمۈر قالامدىغانمىدۇ.