Shayatun يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 20:06:24

تارىختىكى ئەڭ زېرىكىشلىك كۈن 1954-يىل 11-ئاپرېل...

كامبىرىج ئۇنىۋېرستىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىللىئام تانستول ( William Tunstall-Pedoe ) نىڭ بىر كومپيۇتېر پىروگراممىسى ئارقىلىق بايقىلىشىچە، 1954 يىلى 11-ئاپرېل كۈنى دۇنيادا ھېچقانداق بىر چوڭ ۋەقە يۈز بەرمىگەن بولۇپ، 1900-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زېرىكىشلىك كۈن دەپ بېكىىلگەن.

خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇ كۈنى بېلگىيەدە سايلام بولغان، بىر تۈركىيىلىك ئاكادېمىك (Abdullah Atalar ) تۇغۇلغان ۋە بىر ئەنگىلىيىلىك پۇتبولچى ئالەمدىن ئۆتكەندىن باشقا ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەن ئىكەن.

ۋىللىئامنىڭ بۇ پروگراممىسىنىڭ ئىسمى "ھەقىقىي بىلىم" ( True Knowledge  ) بولۇپ، "ۋاقىت، ئورۇن، ئادەم ۋە ۋەقە" نى ئاساس قىلغان ھالدا، كىرگۈزۈلگەن 300 مىليون پارچىدىن ئارتۇق  ئۇچۇردىن بۇ نەتىجىنى ئىزدەپ چىققان.

"20-ئەسىرنىڭ ھەربىر كۈنىدە ھەرخىل چوڭ ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرغان، مەشھۇر شەخسلەر تۇغۇلۇپ تۇرغان بولۇپ، نېمە ئۈچۈن پەقەت شۇ كۈنىلا ئۇنداق بولمىغانلىقىنى بىلمەيمەن" دەيدۇ ۋىللىئام.

خەۋەر قىلىنىشىچە ئۇ كۈنى فىرانسىيەنىڭ ھىندىستاندىكى كىچىك مۇستەملىكىسى يانون ( Yanaon ) دا  شۇ كۈنى كەچتە بىر ھەربىي ئۆزگۈرۈش پىلانلانغان بولۇپ، ئاخىرى ۋۇجۇدقا چىقمىغان.

Commando يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 20:19:12

تارىخىتىكى ئەڭ ئىسىل كۈن 11-.اينىڭ 11-كۈنى.

President يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 20:20:32

راست زىرىكىشلىككەن بۇ كۈن...

Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 23:41:52

Commando:
تارىخىتىكى ئەڭ ئىسىل كۈن 11-.اينىڭ 11-كۈنى.

بويتاقلار بايرىمىنى دەمسىز ...

koktash يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 08:41:28

راست زېرىكىشلىك كۈنكەن!
بەت: [1]
: تارىختىكى ئەڭ زېرىكىشلىك كۈن 1954-يىل 11-ئاپرېل...