UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 17:43:57

تارىختا بۈگۈن (24-نويابىر )

1642-يىلى گوللاندىيەلىك ئىكسپىدىدىتسىيەچى ئابەل تاسمان(Abel Tasman)ئاۋىستىرالىيەنىڭ تاسمانىيە ئارلىغا بارغان ھەمدە ،ئۇشبۇ ئارالغا بارغان تۇنجى ياۋروپالىق بولۇپ قالغان .

تاسمانىيە ئارىلىنىڭ نامى ئاشۇ كىشىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن شۇنداق قويۇلغان .

1650-يىلى بۈگۈنكى كۈندە چىڭ قوشۇنى گۇڭجۇغا ھوجۇم قىلىپ ،گۇاڭجۇ قىرغىنچىلىقىنى(ياكى 庚寅之劫) ئېلىپ بارغان .

بۇ قرغىنچلىق 20نەچچە كۈن داۋاملاشقان بولۇپ ،ئۇلار قېرى-ياش،ئەر-ئايال دەپ ئايرىماي ئالدىغا ئۇچۇرغانكى كىشىنى ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرگەن ،بۇ قېتىملىق قىرغانچىلقتا ئۆلگەن ئادەم سانى 700،000غا يەتكەن .

1859-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئەنگىلىيەلىك بىئولوگىيەشۇناس دارۋىننىڭ(Charles Robert Darwin) داڭلىق ئەسىرى بولغان <جانلىقلارنىڭ كىلىپ چىقىشى>نەشىردىن چىققان .

جانلىقلارنىڭ كىلىپ چىقىشى (ئىنگىلىزچە تولۇق ئىسىمىOn the Origin of Species by Means of Natural Selection, or the: Preservation of Favoured Races in the Struggle for Life)---دارۋىننىڭ جانلىقلار تەدرىجى تەرەققىياتىنى تەسۋىرلەيدىغان ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسىرى بولۇپ،19-ئەسىردە تالاش-تارتىش ئەڭ چوڭ بولغان ئەسەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ .ئەسەردە يېزىلغان كۆز-قاراشلارنىڭ كۆپىنچىسىنى بۈگۈنكى پەن-تېخنىكىمۇ توغرا دەپ قارايدۇ .

ئەينى ۋاقىتتا  گەرچە دارۋىن  نۇرغۇن خاتالىقتىن مۇستەسنا بولالمىغان بولسىمۇ لىكىن ،ھۆجەيرە تەلىماتى ،ئىنىرگىيەنىڭ ئايلىنىش ،ساقلىنىش قانۇنىيتى ۋە دارۋىننىڭ جانلىقلارنىڭ كىلىپ چىقىش نەزىريەسى ئومۇملاشتۇرلۇپ--19-ئەسىردىكى تەبئى پەن ساھەسىدا ئۈچ چوڭ بايقاش دەپ ئاتىلىدۇ .

1944-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىلق  Harold Clayton Urey دىگەن كىشى گاز دىففۇزىيىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇران 235نى ئىشلەپچىقىرىپ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان .

ئۇران235--ئۇراننىڭ ئۈچ خىل ئىزوتونىنىڭ بىرى ،ئەمما بۇ ئۈچ خىل ئىزوتۇننىڭ ئىچىدە پەقەت ئۇران 235لا يادرو پارچىلىنىش رېئاكسىيەسىگە كىرشەلەيدۇ .ھەمدە زەنجىرسىمان يادرو پارچىلىنىش رېئاكسىيەسى ھاسىل قىلالايدۇ(دۇنيادىكى ھازىرچە بىردىن-بىر مۇشۇنداق رىئاكسىيەگە كىرشەلەيدىغان ئېلمىنىت) .شۇڭا ئۇران 235ئاتوم بومبىسى ،يادرو ئېلىكتىر ئىستانسى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.خەلىقئارا ئاتون ئىنىرگىيە ئورگىنىنىڭ ئىنىقلىمىسىدا 3%قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران 235توۋەن قويۇقلۇقتىكى ،80%قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران 235يۇقۇرى قويۇقلۇقتىكى ،90%قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران 235بولسا قۇرال-ياراغلارغا ئىشلىتىلدىغان ئۇران خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ.

ئاتوم بومبىسى:

1966-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئاسيا تەرەققىيات بانكىسى قۇرۇلغان .

1976-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ماۋزىدوڭ خاتىرە ساريىنىڭ ئۇل سېلىش مۇراسمى تىيەنئەنمىندە ئېچىلغان .

1992-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو جەنۇپ ئاۋئاتسىيە شېركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانى يۈننەندە چۈشۈپ كىتىپ 141ئادەم ۋاپات بولغان.

مەنبە:ۋېكپىدىيە قامۇسى

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 18:09:57

UyghurBaligh:

1650-يىلى بۈگۈنكى كۈندە چىڭ قوشۇنى گۇڭجۇغا ھوجۇم قىلىپ ،گۇاڭجۇ قىرغىنچىلىقىنى(ياكى 庚寅之劫) ئېلىپ بارغان .

بۇ قرغىنچلىق 20نەچچە كۈن داۋاملاشقان بولۇپ ،ئۇلار قېرى-ياش،ئەر-ئايال دەپ ئايرىماي ئالدىغا ئۇچۇرغانكى كىشىنى ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرگەن ،بۇ قېتىملىق قىرغانچىلقتا ئۆلگەن ئادەم سانى 700،000غا يەتكەن .

700000ئىنساننى  ھاياتىدىن ئايرىلىش ......بىر ئوچۇم مانجۇنىڭ يامانلىغىنى قارىڭە

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 18:18:03

تەپسىلى تەرجىمە قىلاي دىسەم بەزى تارىخى ئاتالغۇلارنى بىلمايدىكەنمەن .قىزىقسىڭىز بۇ داۋاملىق كۆرۈڭ !

http://zh.wikipedia.org/zh-cn/%E5%BB%A3%E5%B7%9E%E5%A4%A7%E5%B1%A0%E6%AE%BA

Jalzat0013 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 18:30:25

ئاخىرى يوللاپسىز دە !   

سېغىندۇرۇپ   !!!!!!!!!!!!

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 18:34:37

Jalzat0013:

ئاخىرى يوللاپسىز دە !   

سېغىندۇرۇپ   !!!!!!!!!!!!

بىر تەربىيەلەشتە بولۇپ قېلىپ سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم .ئامال بار ھەر-كۈنلىكىنى ھەر كۈنى ،بولمىسا 3-4كۈنلۈكنى بىر يوللايمەن .

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 06:50:25

2003-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سەيپىدىن ئەزىزى بېيجىڭدا ۋاپات بولغان. ئۇ 1915-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاتۇشتا دۇنياغا كەلگەن. 1935-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1949-يىلى 9-ئايدا بېيجىڭغا كېلىپ، جۇڭگو خەلق سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ 1-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا، يېڭى جۇڭگو قۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان. 1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغان، سەيپىدىن ئەزىزى رەئىس بولغان. 1955-يىلى لېيتىنانت گېنىرال بولغان. 1994-يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مۇستەقىل تۆھپە مېدالىغا ئېرىشكەن.

\"\"

1998-يىلى ئامېرىكىلىق «ئۆلۈم دوختۇرى» غا 1-دەرىجىلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بېرىلگەن. ئادەتتە «ئازابلانماي ئۆلۈش» قانۇنلۇق ئىش، بىراق دوختۇرنىڭ بىمارلارنى مەجبۇرلاپ «ئازابلانماي ئۆلتۈرۈش» ى قانۇنغا خىلاپ. 70 ياشلىق جېك ئامېرىكىلىق داڭلىق كىشى. ئۇنىڭ داڭلىق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇ ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى «ئازابلانماي ئۆلۈۋېلىش» قا تەشەببۇس قىلغان ھەمدە 130 بىمارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىغا ياردەم قىلغان. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى تۆت قېتىم ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن ئەرز قىلىنغان. ئۈچ قېتىم گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن. شۇ يىلى 22-نويابىر ئامېرىكىنىڭ «60 مىنۇت» پروگراممىسىدا جېكنىڭ «ئازابلانماي ئۆلۈۋېلىش» سىنئالغۇسى قويۇلغان. بۇ پروگرامما ئامېرىكىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇ غۇلغۇلىنىڭ تەسىرىدە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇ ۋەقەگە قايتىدىن ئارىلاشقان. سوتتا جېك ئۆزىگە ئادۋۇكات تەكلىپ قىلمىغان، ئۆزى ئۆزىنى ئاقلىغان. سوت ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەن.

مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

http://www.uycnr.com/lssdjt/201011/t20101123_65473_1.html

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(24-نويابىر)