arqen يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 15:45:05

كەچتە ئامال بار تاماقنى ئاز يىيىش كىرەك

كەچتە ئامال بار تاماقنى ئاز يىيىش كىرەك

زامانىۋى تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تىزلىشىغا ئەگىشىپ،چۈشلۈك تاماقنى مۇھىم بىلىدىغان ئادەت ئاللىبۇرۇنلا ئەمەلدىن قىلىپ،كەچلىك تاماق جۇڭگو ھازىرقى زامان ئائىلىلىرى ئىچىدە ئەڭ موھىم بولغان بىر ۋاق تاماق بولۇپ قالدى.بەزى ئائىلىلەردە كەچ سائەت سەككىز،توققۇزلاردا،ھەتتائونلاردا(بىيجىڭ ۋاقتى)،ئاندىن تاماق يىيىلىدۇ.ھەمدە تاماق يەپ بولۇپلا ئۇخلايدۇ.بۇ خىل ياخشى بولمىغان ئادەت ناھايتى ئاسانلا ھەرخىل كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىمى،دېئابىت كىسىلى،مىڭە،قان-تومۇر كىسەللىكلىرى،جىگەر كىسىلى قاتارلىق ئاستا خاراكتىرلىك كىسەللىكلەر يىقىنقى ئون يىلدىن بۇيان كۆپىيىپ قالدى.بۇنىڭ كەچلىك تاماقنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى بىلەن مۇقەررەر باغلىنىشى بار.كەچلىك تاماق ئاساسلىقى ئاقسىل،ماي قاتارلىق ئىنىرگىيە مىقدارى يۇقىرى يىمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىدۇ.بۇنىڭغا تاماقتىن كىيىنكى ھەركەتنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى قوشۇلسا،كەلگۈسىدە سالامەتلىككە زىيانلىق يۇشۇرۇن خەۋىپتىن ساقلىنىش تەس.

كەچلىك تاماقنى ياخشى يىيىش،ساغلام يىيىش ھىچقانچە تەس ئىش ئەمەس.بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك:

بىرىنجى،كەچلىك تاماقنى ھەرگىزمۇ تويغۇچە ياكى ھەددىدىن ئارتۇق يەۋالماسلىق كىرەك.كەچلىك تاماقنى ئەڭ ياخشىسى كەچ سائەت سەككىز(بىيجىڭ ۋاقتى) ئەتىراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇش،توققۇزدىن(بىيجىڭ ۋاقتى) كىيىن سۇ ئىچكەندىن باشقا،ھىچقانداق نەرسە يىمەسلىك كىرەك.

ئىككىنجى،كەچلىك تاماققا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تەركىۋىدە تالالىق ۋە كاربۇن سۇ بىرىكمىلىرى كۆپ بولغان يىمەكلىكلەرنى تاللاش كىرەك.

ئۇچىنجى،كەچتە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مىۋە، تاتلىق ۋە مايدا قورۇلغان يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك،ھاراق ئىچمەسلىك كىرەك.ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى،كەچتە كالتىسىي مىقدارى كۆپ يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك كىرەك.مەسلەن:قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك،قىلتىرىقلىق كىچىك بىلىقلارنى چوقۇم يىمەسلىك،سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك.

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 15:50:46

بىزگە ئوخشاش چۈشتە ئۆيىگە قايتماي ئىشلەيدىغانلار ئۈچۈن ، چۈشتە تايىنى يوق تاماق يېيىشكە توغرا كېلىدىكەن ياكى تالادا يېگەن تاماق ھېساب بولمايدىغان ئىشكەن. شۇنىڭ بىلەن كەچتە ئۆيدە بولسىمۇ تۈزۈكرەك تاماق يېمىسە تېخى تۇرغان ...قانداق قىلىتغان ئىشكىن ؟!

almashan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 16:03:57

سىرىتنىڭ تامىقىغا پەقەتلا تويمايمەن .جىيامىيەن دىگەننى ئۇچ قتىم بەرسە بولمىسا بەرمىسە .ئامال بار ئاز يە دىگەنمۇ گەپمۇ.مەن ئامال يوق ئاز يەيمەن.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 16:07:32

قوساق ئاچ ياكى بىرەر بۇرجىكى سەللىمازا بوش قالغان بولسا پەقەت ئۇيقۇم كەلمەيدۇ.بۇرۇنلاردايىرىم كىچىدە ئىككى تەخسە لەغمەن ، ئىككى قاچا پولانى كۆرمىدىم دەپ سوقىۋىتەتتىم. سىڭەتتى لېكىن. ھازىر قوساقنىڭ بۇرجىكى سەل بوش قىلىپ ۋىژ قىپ قالسا مىۋى-چىۋىلەردىن دانلاپ قويىمەن.

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 16:09:49

كەچتە تويغىدەك يېمىسەم يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كېتىمەن.

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 16:13:21

يېرىم كېچىدە مۇسابىقە بار كۈنلىرى تۆت ۋاق تاماق يەۋېتىپ قالىمەن، توپ ئوينىماي سەمرىپ كېتىۋاتىمەن...

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 16:15:11

ئاخشىمى جىق يەۋېلىۋاتىمەن يېقىندىن بىرى، ئاشقازاندىن چاتاق چىقمىغىدى.

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 16:20:27

تاماقتىن كىيىن مىۋە يەيمەن ، بولمىسا بىر يەرلىرى كام قالغاندەك ...

barna123 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 16:27:20

مەن مىۋىنى تاماقنىڭ ئورنىدا يەيمەن كەچتە،مېۋە يىمىسەم بەك بىئارام بولىمەن ..

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 16:28:42

چۈشتە بىردىن بۇرۇن (ئۈرۈمچى ۋاقتى)، كەچتە توققۇزدىن بۇرۇن (بىيجىڭ ۋاقتى) ئىشتىن چۈشمەيمەن.ئامال يوقكەندە..

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 16:30:17

كەچتە تاماقنى جىىق يىسا قورساق بالدۇر يوغىناپ كېتىدۇ ،ھەم ئاشقازان ئاستې بېزى بۇزۇلىدۇ .

بۇلارنىڭ ھەممىسى قەنت سىيىش كېسلىنىڭ ئالامەتلىرى ھېساپلىنىدۇ.

مەن يولدىشىمغا تاماقنى ئاستا چايناپ يېيىشنى تەكىتلەپ يۈرۈپ ،ھازىر ئۇنىڭ قورسىقى بۇرۇنقىغا قارىغاندا كىچىكلىدى ،لىكىن بۇرۇنقىدىن جىق تاماق يىيەلەيدۇ ،ئۆزىمۇ خوش بولۇپ ،بەك سىڭشلىك ،يىنىك بولۇپ قالىدىكەن دەپ يۈرۈيدۇ ،ھازىر مەندەكلا جىق چايناپ يەيدۇ .

yvonne يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 16:38:47

مەيخانىنىڭ ئىمزاسى قىزىقكەن.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 16:52:24

ھېي، تارىمىخان،ئەتىگەندە لەغمەن ئەتسەڭ، ئالدىراماي چايناپ چۈشتە بىراقلا قوساق تويغۇزدىغان ئوخشىمامسىلە؟

ئازىراق قۇرساق چىقىپ قالسىغۇ سالاپەتلىك كۈرۈنۈپ قالىدىكەن كىشى

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 16:56:11

mayhana:

ھېي، تارىمىخان،ئەتىگەندە لەغمەن ئەتسەڭ، ئالدىراماي چايناپ چۈشتە بىراقلا قوساق تويغۇزدىغان ئوخشىمامسىلە؟

ئازىراق قۇرساق چىقىپ قالسىغۇ سالاپەتلىك كۈرۈنۈپ قالىدىكەن كىشى

شۇ،دىمىگەن بىلەن سەنلا بىلىسەن جۇما مېنى .

سەنمۇ ئاشتاق قىلغىنە،تاماق پۇلۇڭ تېجىلىپ قالىدىكەن،كۈندە بىر ۋاق يىگەندىكىن

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 17:16:18

كەچتە جىق يېگەننىڭ ئۈسىتىگە كەچرەك ئۇخلاپ قالسام يەنە بىر نەرسە يەپ ئۇخلايمەن

bendora يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 17:23:17

ما ماقالە خەنزۇ خەلق ماقالىسىكەن.

بۇنى شىنجاڭ ۋاقتىغا بويسۇندۇرۇش كېرەك.بولمىسا 8دېگىنى 6، 6دە تاماق يېگەن ئادەم 12گىچە ئولتۇرىدىغان بولسا قورساق تارتىشىپ بېشى قېيىپ قالا؟

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 17:27:47

ۋاقتىدا تاماق يەيدىغان كۈنلەرمۇ كىلە ھە!

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 18:09:25

مەن 4 ۋاخ يەيمەن

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 18:14:45

باشقىلارغا مۇشۇ گەپنى تولا دەيمەن. ئەمما ئۆزۈمگە ئاڭلىتىپ بولالمىدىم.

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 18:15:52

مەن ئۇچۋاق مۇقىم،ئاندىن ھەر تاماقنىڭ ئارلىقىدا ئۇششاق-چۇششەك يىمەكلىكنى يەيمەن.ئۆزۇمنى كونتىرول قىلسام بولاتتى

بەت: [1] 2
: كەچتە ئامال بار تاماقنى ئاز يىيىش كىرەك