sezgurboy يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 15:37:55

مەن ئىملايىمنى مۇنداق ئوڭشۇدۇم، سىزچۇ؟

مەن مەكتەپتە « ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى» دەرسىنى تازا ياخشى ئۆگەنمەپتىكەنمەن. نەزەر دائىرەمنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئىملانىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتىم ۋە ئىملايىمنى تۈزىتىش نىيىتىگە كەلگەندىن بۇيان بىرىنچىدىن توردىكى ئىملاغا ئائىت يازمىلارغا دىققەت قىلدىم يەنە بىر تەرەپتىن گېزىت ژورنال كۆرگەندە سۆز- ئىبارىلەرنىڭ قانداق يېزىلىۋاتقىنىغا دىققەت قىلىپ كۆردۈم.

نەتىجىدە مۇشۇنچىلىك ھالەتتە توغرا يازالايدىغان بولدۇم، ئەلبەتتە بۇ يىتەرلىك ئەمەس شۇنداقتىمۇ تىرىشقاننىڭ پايدىسى بولدى.

دوستۇم سىزچۇ؟ سىز قانداق قىلىۋاتىسىز؟

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 15:58:24

تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن! ئەمما، ئىملادا يەنىلا ئازدۇر - كۆپتۇر مەسىلە بار. داۋاملىق تىرىشىشىڭىز كېرەكتەك تۇرىدۇ.

rock يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 16:04:07

مەن خەقتىن قوسۇر ئىزدەپ ئۆگەنگەن.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 16:04:21

ئىملاغا دېققەت قىلىشنىڭ ئۆزى پەقەت خەتنىڭ ھەرپلىرىنىڭ گرامماتىكىلىق تەرتىپكە ئۇيغۇنمۇ -ئەمەسمۇ دىگەننى كۈزۈتۈش بىلەن بىرگە ،يەنە يېزىلىۋاتقان سۆز -جۈملىلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر گرامماتىكىسى قائىدىسىگە ئۇيغۇن كېلىۋاتامدۇ ،شۇنىمۇ تەكىتلەش زۆرۈرمىكىن دەيمەن .

sezgurboy يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 16:04:39

رەھمەت، تەندە جان، يۈرەكتە قان بولسىلا توختىماي ئۆگىنىمىز.

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 16:05:44

tarimi:
ئىملاغا دېققەت قىلىشنىڭ ئۆزى پەقەت خەتنىڭ ھەرپلىرىنىڭ گرامماتىكىلىق تەرتىپكە ئۇيغۇنمۇ -ئەمەسمۇ دىگەننى كۈزۈتۈش بىلەن بىرگە ،يەنە يېزىلىۋاتقان سۆز -جۈملىلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر گرامماتىكىسى قائىدىسىگە ئۇيغۇن كېلىۋاتامدۇ ،شۇنىمۇ تەكىتلەش زۆرۈرمىكىن دەيمەن .

دۇرۇس گەپ

Ay يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 16:14:49

\"مەن ئىملايىمنى مۇنداق ئوڭشۇدۇم،سىزچۇ؟\"

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 16:30:25

مەن مۇشۇ ئى بىلەن ئې نى پەرقلەندۈرەلمىگەندىن باشقا ئىملاغا خىلى دىققەت قىلىمەن.كۆپ ئۇچرىمايدىغان سۆزلەرگە ئامال يوق. ئانچە-مۇنچە خاتالىق بار.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 16:40:11

ئىملانى ئاساسەن توغرا يازىمەن، بىلەلمىگەنلىرىمنى<ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى>گە قارايمەن.

5tash يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 16:50:25

sezgurboy:
رەھمەت، تەندە جان، يۈرەكتە قان بولسىلا توختىماي ئۆگىنىمىز.

ئىسىل گەپ.

yasin88 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 16:55:30

جۈملىلىەرنىڭ ئارلىقىغا ،پەش بەلگىسىنى قويۇشمۇ مۇھىم !

Nurbulaq يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 17:02:03

ئۇيغۇر خەقنىڭ ئىملاسى تىكىشى توختىمىغان نېمىنىڭ نېمىسىدەك تولا ئۆزگىرەيدىكەن، تولا كايىيتتىم بۇرۇن مەنمۇ، ھازىر مەقسەتنى ئۇقتۇرسام بولدى...

bizakqi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 17:05:16

مەنمۇ بەكلا دىققەت قىلىمەنرەھمەت

koktash يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 17:16:19

مەن بۇرۇن \"بىز ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان تۇرساق، يەنە دەرس قىلىپ، ھەرخىل شەكىل ۋە قائىدە چىقىرىپ نېمە ئاۋارە قىلىدۇ ئادەمنى\" دەپ ئويلايتتىم. ھازىر \"ئۇيغۇر تىلى\" دەرسلىكىنى ياخشى ئۆگەنمىگەنلىكىمدىن خېلى پۇشايمىنىم بار.

تىل- تەرجىمە خىزمىتى بىلەن قوشۇمچە شوغۇللانغان ۋە شوغۇللىنىۋاتقان مەزگىللىرىمدە، ئاناتىلىمىزغا بولغان بەزى ئىزدىنىشلىرىممۇ بولدى، بەزى ئوي-پىكىرىمنى ئاناتىلىم ۋە ئىزدىنىش مۇنبەرلىرىدە ئېلان قىلغان ئىدىم.

مەنچە بولغاندا، \"ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى\" نىڭ ئەڭ دەسلەپكى تۈزۈلۈشى، يەنى ئۇلتېشى توغرا بولمىغان. 1950-يىللىرىدا غۇلجا ۋە ئۈرۈمچى شىۋىسىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن بۇ يېڭى ئەدەبىي تىل ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا زول ئىجابىي روللارنى ئوينىغان بولسىمۇ، يېرىم ئەسىردەك ئىشلىتىلىش جەريانىدا 6 قېتىم \"رېمۇنت\"قا چۈشۈپ، ئىملا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلدى. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ھازىرقى ئەدەبىي تىلىمىزنىڭ پۇختا تۈزۈلمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

يەنە مەنچە بولسا، ئەينى ۋاقىتتا، مەلۇم شىۋىنى ئاساس قىلماي، \"چاغاتاي تۈرك تىلى\" (چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۆزبەكلەر \"ئەسكى ئۆزبەك تىلى\" دەيدۇ) مق ئاساس قىلىپ تۈزۈلسە، ئا ئە ھەرىپلىرى ئاجىزلاشمىسا، يەنى \"ئانىسى\" دېمەي \"ئاناسى\" دەپ يېزىلسا توغرا بولاتتى.شۇنداق بولغاندا، كەم دىگەندىمۇ %90 ئادەم ئىملانى توغرا يازالىغان بولاتتى. ھازىرچۇ؟ %90 تىن كۆپ ئۇيغۇر ئىملانى خاتا يازىدۇ. قىسقىسى، مەزكۇر تېمىدىمۇ ئىملا خاتالىقى بار.

مەسىلەن:

1. يېتىپ كەلدى. 2 بېرىپ كەلدى. دېگەندەكلەرنىڭ ئىملاسىنى يېزىشتىن باشقا، مەنا خاتالىقلىرىمۇ كۆپ كۆرىلىدۇ.

1. \"ياتىپ كەلىدى\"مۇ ياكى \"يەتىپ كەلدى\" مۇ؟.\" ياتىپ كەلىدى\" دېگەندە مەلۇم بىر يەردە يېتىپ ياكى ئۇخلاپ كەلگەنلىكىنى، \"يەتىپ كەلدى\" بولسا مەنزىلىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

2. \"بارىپ كەلدى\"مۇ ياكى \"بەرىپ كەلدى\" مۇ؟\"بارىپ كەلدى\" دېگەندە، مەلۇم بىر يەرگەن بېرىپ، ئاندىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى، \"بەرىپ كەلدى\" بولسا مەلۇم نەرسىنى بىرەيلەنگەن بېرىۋېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

bendora يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 17:25:28

sezgurboy:

مەن مەكتەپتە « ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى» دەرسىنى تازا ياخشى ئۆگەنمەپتىكەنمەن. نەزەر دائىرەمنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئىملانىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتىم ۋە ئىملايىمنى تۈزىتىش نىيىتىگە كەلگەندىن بۇيان بىرىنچىدىن توردىكى ئىملاغا ئائىت يازمىلارغا دىققەت قىلدىم يەنە بىر تەرەپتىن گېزىت ژورنال كۆرگەندە سۆز- ئىبارىلەرنىڭ قانداق يېزىلىۋاتقىنىغا دىققەت قىلىپ كۆردۈم.

نەتىجىدە مۇشۇنچىلىك ھالەتتە توغرا يازالايدىغان بولدۇم، ئەلبەتتە بۇ يىتەرلىك ئەمەس شۇنداقتىمۇ تىرىشقاننىڭ پايدىسى بولدى.

دوستۇم سىزچۇ؟ سىز قانداق قىلىۋاتىسىز؟

گرامماتىكا دەمدۇق گىرامماتىكا؟

سەزگۈرجان داۋاملىق شۇ كىتابنى كۆرۈپ،پەش-چېكىت،سىزىق-پىزىق دېگەنلەرنىڭ ئورنىنىمۇ بىلىۋېلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

sabahi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 17:31:49

سىزنىڭ ئىملاغا دىققەت قىلغىنىڭىز بەك ياخشى بوپتۇ، ئون نەچچە يىل مەكتەپتە ئوقۇپ ئىملالىق خەت يازاممىسا ئادەمنىڭ يۈزىگە بەك سەتكەن ئەمەسمۇ؟ ھەي...... ئەمما مەن يېقىندا بىر ئۇسسۇلنى قوللىنىپ خېلى ئۈنۈمگە ئېرىشتىم. يەنى كىتاب ئوقۇغاندا ئىملاغا بەك دىققەت قىلىدىغان بولدۇم، بەزىدە گېزىت-ژۇرناللاردىنمۇ قۇسۇر تېپىۋالىمەن تېخى...... بەزىدە ئىككى خىل چىقىپ قالسا، ئىملا لۇغىتى ئاختۇرىمەن. ئەمما لېكىن، يېقىننىڭياقى، ئىملا لۇغىتىمۇ تولا ئۆزگىرەيدىغان بولۇپ كەتتى، يەنە قانداق قىسام بولا دەپ بېشىمغا غەم چۈشتى.....

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 17:32:22

\"ئەلۋەتتە\"

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 19:20:07

\"ئا، ئە\" تاۋۇشلىرىنىڭ \"ئې، ئى\" تاۋۇشلىرىغا ئاجىزلېششىى ھەققىدە تونۇشى كەم باللار خىلى كۆپكەن.
كۆپىنچە\" ئا\"\"ئې\" غا ، \"ئە\"\"ئى\" غا ئاجىزلېشىۇ. مەسىلەن: كەڭ-كىڭىيىشى(كېڭىيىشى ئەمەس) مەن- مىنىڭ، گال-گېلى، ماڭ-مېڭىپ، پاس-پېسى، ئات-ئېتى، گەپ-گىپى، كەت-كىتىپ...
يەنە پەش، چىكىتلەرنى جايغا قويۇشمۇ ھۇھىم. مەسىلەن:سىزنىڭ

<div class=\"ForumPostContentText\">

مەن مەكتەبتە « ئۇيغۇر تىلى گىرامماتېكىسى» دەرسىنى تازا ياخشى ئۆگەنمەپتىكەنمەن. نەزەر دائىرەمنىڭ كىڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئىملانىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتىم ۋە ئىملايىمنى تۈزىتىش نىيىتىگە كەلگەندىن بۇيان بىرىنچىدىن، توردىكى ئىملاغا ئائىت يازمىلارغا دىققەت قىلدىم، يەنە بىر تەرەپتىن گېزىت ژورنال كۆرگەندە سۆز- ئىبارىلەرنىڭ قانداق يېزىلىۋاتقىنىغا دىققەت قىلىپ كۆردۈم.

نەتىجىدە مۇشۇنچىلىك ھالەتتە توغرا يازالايدىغان بولدۇم. ئەلۋەتتە بۇ يىتەرلىك ئەمەس، شۇنداقتىمۇ تىرىشقاننىڭ پايدىسى بولدى.

دوستۇم سىزچۇ، سىز قانداق قىلىۋاتىسىز؟

دىگەن سۆزلىرىڭىزدىكى مەن قىزىل رەڭگە بوياپ قويغان يەرلەر تۈزىتىلگەن . ئىملانى توغرىلىماقچى بولغىنىڭىزدىن بەكمۇ سۆيۈدۈم

</div>

ukar-as يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 19:43:49

ماۋۇ گېپىڭىز بەك كۆڭلۈمگە كەلدى دېسە..........

ئۇيغۇر خەقنىڭ ئىملاسى ئۇنداق تولا ئۆزگەرمەيدۇ، ھازىرقى يېزىقىمىز رەسمىي ئىشلىتىلگەندىن باشلاپ دەسلەپ فونىتىكىلىق قانۇنىيەت بويىچە ئىملا قائىدىسى تۈزۈلگەن، كىيىن بۇ قائىدىنىڭ تازا مۇۋاپىق بولمىغانلىقى ئىسپاتلىنىپ، مورفولوگىيىلىك قانۇنىيەت بويىچە ئىملا قائىدىسى تۈزۈلگەن، ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىمىز دەل كىيىنكىسى، بۇ قائىدە تۈزۈلگىنى ئۇزۇن يىللار بولدى، ھەم ئۆزگەرمەي كېلىۋاتىدۇ.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 21:30:59

مەن تۈزىتەي
بەت: [1] 2
: مەن ئىملايىمنى مۇنداق ئوڭشۇدۇم، سىزچۇ؟