nuriya يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 11:33:09

ئىچكى amp

   

                                               ئىچكى  موڭغۇلدىكى ھەر قايسى جايلار ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىپ، مال باھاسى ئۆسۈپ كېتىشكە تاقابىل تۇردى

       شىنخۇا تورى كۆكخوت 26- نويابر تېلېگراممىسى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايونى بازارلىرىدا كۆكتات، ئاشلىق- ماي، تۇخۇم، گۆش قاتارلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۆسۈپ، ئاھالىلەر تۇرمۇشىغا تۇرمۇشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ مال باھاسى ئۆسۈشكە قارىتا قوللانغان تەدبىرلىرى ئاساسىدا ، پۈتۈن رايوننىڭ ھەر قايسى جايلىرى بەس - بەس بىلەن ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، باھا نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، بازار تەرتىپىنى قوغداپ، تولۇقلىما بۇيۇملار تارقىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىغان.
   ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىدىكى لياۋنىڭ شەھىرىدە، ئىچكى مۇڭغۇل مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتېتى مەكتەپ ئاشخانىلرى تاماق باھاسىغا قارىتا قاتتىق كونترول قىلىش تەدبىرى قوللىنىپ، نۆۋەتتىكى باھانى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، تاماق سۈپىتىنىڭ ناچارلىشىپ كەتمەسلىكىگىمۇ كاپالەتلىك قىلغان. مۇخبىرنىڭ زىيارەت قىلىپ ئىگىلىشىچە، ئوقۇغۇچىلار بىر ۋاق تاماق ئۈچۈن پەقەت - 4 -3 يۈەنلا خىراجەت قىلسا كۆكتات، تۇخۇم، گۆش تۈرىدىكى تاماقلارنى يېيەلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەكتەپ يېمەكلىك مۇلازىمەت مەركىزى يەنە مەكتەپ ئاشخانىسى ئامبىرىغا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، زاپاس ئىقتىدارنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىق، ماي، گۈرۈچ قاتارلىقلارلاردىن ئالدىنئالا تەييارلىق كۆرگەن.   

   ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئەڭ شەرقىدىكى ئالاسان ئايمىقى باھا نازارەاتچىلىك، ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاشلىق، ماي، گۆش، قۇش، تۇخۇم، كۆكتات قاتارلىق ئامما تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان تاۋارلار باھاسى ۋە كۆمۈر، نېفىت، پولات ماتېرىياللىرى، سېمونت قاتارلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى، خام ماتېرىيال ۋە ترانسپوت ھەققى قاتارلىقلارغا قارىتا نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالاسان ئايمىقى يەنە باھانى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، سودا - ساراي، تاللا بازىرى، رېستۇرانلاردىكى ئاھالە تۇرمۇشىغا زۆرۈر بولغان مەھسۇلاتلار باھاسى ۋە يېمەك - ئىچمەك باھاسىغا قارىتا نۇقتىلىق نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، باھا ئالداملىچلىقى، مونوپول قىلىۋېلىش ۋە ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ باھا ئۆستۈرۈش، ھايانكەشلىك قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ چىقىشنى قارار قىلغان.
  

    ئۇلانچاب شەھىرى جىنىڭ رايونى ئۆز قارىمىقىدىكى نامرات ئاھالىلەرگە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى تۆۋەن بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، دەل ۋاقتىدا نامرات ئاھالىلەرنى تەكشۈرۈپ، ئۇچۇرلارنى رەتلەپ، تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئۆتۈۋاتقان  ئائىلىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىگەللەپ، ھەر قايسى ئاھالىلەردىكى خەلقپەرۋەر تاللا بازارلىرىنىڭ رولىنى سەپەرۋەر قىلىپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكىلىرىنى خەلقنىڭ قولىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، مال باھاسى ئۆسۈشنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرىنى ئازايتقان.
   
   
   ئىچكى موڭغۇل، مال باھاسى، ئۆسۈش، تەدبىر

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 13:18:19

مۇڭغۇللارمۇ ھىلىگەر بولاپ كىتىپتۇ دە

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 13:19:17

ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى 3  ، يىللاردىن بۇيان يىسىۋىلەكنى موچەندىن ئالاتتۇق ، ھازىر يۈەن بىلەن ئالىمىز .

ئىشقلىپ دىھقانچىلىق سايمانلىرىنىڭ باھاسى ئاجايىپ ئۆسەپ كەتتى .

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 13:37:53

يەنە بىر مەزگىلدىن كىيىن ،جوڭگۇ ئىقتىسادى مانچە پىرسەنت ئۆسۈپ ،ئىستىمال قىممىتى مانچىلىىك ئۆستى دىگەن رەقەمنى ۋە خەۋەرلەرنى كۆرىمىز .

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 14:30:29

بۇلتۇرلا 35 سوملۇق  قېزا بۇ يىل 60 سومغا چىقىپتۇ 20 كىلولاپ  ئېلىپ يەيدىغان يىللار كېتىپتۇ مانا

بەت: [1]
: ئىچكى ھەر قايسى