eRVen_RuMMeL يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 17:07:19

« «سىگان » »مىللىتىنى بىلەمسىز ؟

يىقىندىن بۇيان تىلىۋىزور ۋە باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ياۋروپادىكى قىسمەن دۆلەتلەردە سىگان ئىسىملىك مىللەت توغۇرلۇق ئۇچۇرلارنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز ئۇنداقتا سىگانلار قانداق مىللەت ؟

ئاتاقلىق روس شائىرى پوشكىن <<سىگان >>ناملىق مەشھۇر داستانىدا مۇنداق دەپ يازغان ئىدى ؛

         

                         بىر توپ خۇشچدقچدق سىگانلار ،

                         كىزىپ يۈرىدۇ بىسارابىينى .

                         ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى قونالغۇسى بۇ،

                         تىكتى دەريا بويىغا يىرتىق چىدىرلىرىنى .

پوشكىن ئىيىتقان سىگانلار دەل بىز فىرانسىيە ،ئىتالىيە پورتۇگالىيە ،ئىسپانىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ،خەۋەرلەردە تىلغا ئىلىۋاتقان سىگانلاردۇر .

سىگانلار سەرگەردان مىللەت بولۇپ ،قەدىمدىن تارتىپلا ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنى يوق ،مۇقىم ماكانلاشقان يىرىمۇ يوق ،ھازىرغىچە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىقىپ يۈرگەن سىگانلار 6مىليوندىن 13مىليونغىچە بولۇشى مۇمكىن ،سىگانلارنىڭ ئەسلى يۇرتى نەدە ؟ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بۇنىڭغا تا ھازىرغىچە ھىچكىم بۇ مەسىلىگە ئىنىق جاۋاب بىرەلمەيدۇ ،بەزى تارىخشۇناسلار سىگانلار ئەسلىدە ھىندىستاننىڭ شىمالىدا ياشاپ كەلگەن ،تەخمىنەن 13.ئەسىرلەردە ئۇلار ئىراندىن ئۆتكەندە ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ ،بىر يولدىكىلەر جەنۇپقا قاراپ مىڭىپ ،مىسىر ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرگە يىتىپ بارغان ،يەنە بىر يولدىكىلەر تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يىتىپ بارغان ،دەپ قارايدۇ .

سىگانلار دۇنيادىكى ئۆزىنىڭ كونا ئەنئەنىۋىي ئۆرپ_ئادىتىنى ساقلاپ كىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ بىرى ،ھازىرقى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى سىگانلارنىڭ كۆپرەكىنىڭ تۇرمۇشى ئويۇن قويۇش ،ناخشا ئوقۇش ،قارا ئىش قىلىش ،ئۇششاق تىجارەت ،ۋە كونا نەرسىلەرنى يىغىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدۇ .

سىگانلار قەدىمدىن تارتىپ بەزى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سىگانلارنى كەمسىتىدىغان ،قوغلاپ چىقىرىدىغان قانۇن پەرمانلىرىنى بەلگىلىگەن ،مەسىلەن فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەندە سىگانلارنى چىگرىدىن قوغلاپ چىقىردىغان بىر يۈرۈش قانۇن لاھىيسىنى ماقۇللىدى ،لىكىن پورتۇگالىيە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە فىرانسىينىڭ بۇ قىلمىشىغاقارشى نامايىش بولدى .

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 21:01:55

Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 21:26:06

مەنمۇ بۇرۇن شۇ فىلىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىغانتىم.  بولسا شۇ فىلىمنىڭ ئادرىسىنى بۇ يەرگە يوللاپ قويارسزمۇ رۇسلان ...

aragon يوللانغان ۋاقتى 2010-11-25 00:26:02

ئۇلار ھازىرمۇ باما؟؟؟

bendora يوللانغان ۋاقتى 2010-11-25 05:15:48

بىلىمەن،بىزنىڭ بىر تۇغقان مىللىتىمىز. تىلى چىقىپلا ناخشا ئېيتىدىغان،ئايىغى چىقىپلا ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان مىللەت.

لېكىن ئۇلارنىڭ ۋەتىنى يوق سەرگەردان ئۇيغۇرلار،بىزنىڭ ۋەتىنىمىز بار،بىز سەرگەردان ئەمەس  سىگانلار...

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-25 07:21:30

سىگانلارنى ئۇيغۇرلارغا قانداقمۇ ئوخشاتقىلى بولىدۇ؟ ھاياتىمىزدا بىر سىگاننىڭ بىرەر ئۇنىۋېرسىتېتتا دوكتورلۇق ئوقۇغىنىنى ئاڭلاپ باقىمىزمۇ؟ ئۇلار ھېچ ئوقۇمايدىغان، ئوغرىلىق، ئۇسسۇل ئويناش، پال سېلىش، ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇش پۇلى بىلەنلا جان باقىدىغان خەق. بىز شۇ كۈنگە قالمىغاندىمىز؟ بىز ئۇسسۇل ئوينىيالايمىز، لېكىن ھەممىمىزلا ئۇسسۇلچى بولۇپ كەتكىنىمىز يوق.
سىگانلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسمىراتادەك تەسەۋۋۇر قىلىۋالمايلى. ئۇلارنى كىملا كۆرسە «بىزنى مۇشۇلارنىڭ كۈنىگە قويمىغىن خۇدا!» دەپ دۇئا قىلىپ ئۆتكىدەكلا. بىز ھەر ھالدا دۇنيادىكى ھېچبىر مىللەتتىن بەك قېلىشىپ كەتمىگۈدەك ياشاپ ئۆتۈۋاتىمىز....

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-25 09:13:18

ياخشى مەستۇرە ..پىچەت گەپ قىلىپسىز

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-11-25 09:15:55

سىگانلار قانداقمۇ بىزنىڭ تۇققىنىمىز بولىدۇ؟؟؟؟

ilhamiye يوللانغان ۋاقتى 2010-11-25 10:00:30

<سىگان قىزى يېسەينىيا>بەك ياقتۇرۇپ كۆرىمەن بۇ كىنونى.

ilhamiye يوللانغان ۋاقتى 2010-11-25 10:09:04

بۇ كىنودا سىگانلار تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن.

ئادرىسى:http://www.56.com/u11/v_NDg1OTE0MzM.html

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-25 11:37:26

سىگان دەپ مىللەت بارمۇ-يوقمۇ؟ بار بولسا نىمە ئۈچۈن نەچچە يۈز يىلنىڭ ياقى ياۋرۇپالىقلارغا سىڭىپ يوقاپ كەتمەيدۇ، ياۋرۇپالىقلار جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى ئىشسىز، ساۋاتسىز، ئۆي-ماكانسىز كىشىلەرنى سىگان دەپ ئاتامدۇ نېمە

bendora يوللانغان ۋاقتى 2010-11-25 13:14:55

مېنىڭ ئىنكاس يېزىشىمنى ئاخىر بىراقلا چەكلىۋېتىدۇ مۇشۇ ئىزدىنىش

ئا يۇقىردىكى ئىنكاسىمنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالدىم،چۈنكى ئاران بىر چۈشەندۈرگەن ئىنكاسىم چىقالماي،1000يىللىق قۇدۇقنىڭ تېگىگە چۆكۈپ كەتتى.

ئىنكاسىمنى ئالدى-كەينىگە بىر ياندۇرۇپ كۆرۈڭلار،مۇشۇنچىلىكلا شەرەت بېرەي.

ئاللاھىم مۇشۇ پۇتاقسىز ئىنكاسىمنى كىم قۇدۇققا چۆرىۋېتىدىكەن،شۇنى مېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە نېسىپ قىلغايسەن،ئامىن!

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2010-11-25 13:43:53

ئۆتكەندىكى  ياۋرۇپا باشلىقلىرى يىغىنىدا فىرانسىيەنىڭ سىگانلارنى فىرانسىيادىن قوغلىغانلىقى قاتتىق تەنقىتلەنگەن ئىدى ، ھەتتا بۇيىغىندا ساركوزى تاسقالدى باشقىلار بىلەن ياقىلاشقىلى . ساركوزى مۇنداق دىگەن سىگانلارنى سىلەر بولساڭلار يۇشۇرۇن قوغلىغان مەن  ئاشكارا قوغلىدىم !

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-25 14:43:19

ناخشا -ئۇسسۇل سىگان مىللىتىنىڭ بارلىقى ۋە بىردىنبىر خوشاللىقى.ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ناخشا-ئۇسسۇلسىز تەسۋىرلىگىلى بولمايدۇ.

ئۇلاردا ۋەتەن ئۇقۇمى مەۋجۇت ئەمەس.ھازىر مودا بولىۋاتقان فلامېنكو سەنئەت ئېقىمى دەل سىگانلارنىڭ ئىجادىيىتىدۇر.

ھاراق خۇمپەر ھاپ ئەتتى ئىندىئانلارنى،

ناخشا-ئۇسسۇل تۈگەشتۈردى سىگانلارنى.

بۇ ئككى يەيدۇر بىزدىمۇ تەلدۇر،

ھاپ ئىتەركىن قايسىسى بالدۇر؟

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-25 15:25:49

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-11-25 15:37:03

ئاۋۇ ئايالنىڭ بىشىدىكى ياغلىق ئانىللىرىمىز ئارىسىدا ھازىر قايىتدىن مودا بولغان ياغلىققا ئوخشايدىكەنيا

bendora يوللانغان ۋاقتى 2010-11-25 16:21:37

مېنىڭ كەينىمدىلا يۈرىدىغان چالمىدىن بىرسى پەيدا بولاپ قالدا؟

ئادەم ئەتكەن بولسام چوقۇم ئىنكاس قايتۇراتتىم ئىنكاسىنى نەقىل ئېلىپ.

afifiya يوللانغان ۋاقتى 2010-11-25 16:32:09

bendora بىزنىڭ تۇققىنىمىز دېسىڭىز نىمە دەيدىكىن دەپ قاپتىمەن. بەك كۈلۈىۋەتتىم ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ. زاڭلىق قىپ ئەمەس جۇمۇ.

بەك ئوماق گەپ قىلىدىكەنسىز.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-25 16:41:27

Filiz يوللانغان ۋاقتى 2010-11-25 17:47:32

\" مىڭ قىزغا بىر كۆز \" دە  تەسۋىرلەنگىنى دەل سىگانلارنىڭ تۇرمۇشى ..... ھەي ، بىچارە قىز يەنە ئىسىمگە كەپ قالدى ....

بەت: [1] 2
: ««سىگان »»مىللىتىنى بىلەمسىز ؟