Elsuyer يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 12:34:13

ئاتا ئانىلار بىلەن سۆھبەت

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىشتىكى سۈيۈملۈك ئاتا ئانىلار:

قارىسام ئىزدىنىشتا يېڭىدىن پەرزەنىتلىك بولغانلار ئاز ئەمەسكەن. ئوغلۇم يېڭى دۇنياغا كۆز ئاچقان كۈنى ئاجايىپ گۈزەل بەخىت تۇيغۇسى جىسمىمنى قاپلىغان ئىدى، شۇ كۈندىن باشلاپ يەنە ھاياتنىڭ  نەقەدەر گۈزەللىكىنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلغان ئىدىم.  مانا ئەمدى بالام تاتلىق قىلىقلىرى بىلەن چوڭ بۇلۇپ 2 ياشقا  قەدەم باستى، ئەمما مىنى يەنە قىيناۋاتقىنى  ئەمدىلا مېڭىشنى ئۆگەنگەن بۇ بالنىڭ   ھەددىدىن زىيادە كەپسىزلىكى. ئۆيدىكى نەرسىلەرنى بۇزۇپ تاشلىغاننى ئاز دەپ ئۇرۇق تۇققان دوسىتلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ   سەللا بىخەسەلىك قىلىپ قالساق چۇقۇم بىرەر قىممەت باھالىق نەرسىلىرىنى ئۇرۇپ چېقىىپ بۇزۇۋېتىپ  بىزگە ئاۋارچىلىق تېپىپ بەرمەي قالمايدۇ، بىرلا كىشىنى سۆيۈندۈردىغان يىرى ئۆزى ئويناۋېتىپ يىقىلىپ چۈشسە ياكى بىرەر يىرى قاتتىق سۈرلۈپ  چىدىغۇسىز ئاغرىپ كەتكەن بولسىمۇ كۆزىدىن يېشىنى چىقارمايدۇ(بۇ تەرپى مىنى تارىتپتۇ)، بۇنىڭغا قاراپ تېخى كىچىك تۇرسا بۇنداق بولسا نورمال ئەمەسمۇ قانداق دەپ تەكشۈرتۈپ بېقىش ئۈچۈن دوختۇرغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈتسەم يىڭننى سانجىپ بولغىچە ۋارقىراپ جارقىراپ دوختۇرخاننى بېشىغا كىيىپ بۇلىدۇ. قارغاندا نورمال بولسا كىرەك دەپ يەنە قايتۇرۇپ كىلىمەن. لىكىن بېشىمنى قاتۇرۋاتقىنى يەنە شۇ كەپسىزلىكى ،ئۇرۇپ چېقىپ بۇزدىغاننى بۇزۇۋېتىپ ھەتتا تىللىساقمۇ قورقۇتساقمۇ پىسەنىت قىلمايدۇ. ئۇرۇپ قورقىتاي دىسە جان پارىمىز بولغانلىقتىن ئىچىمىز ئاغرىيدىكەن، بىراق بىر ئىككى قېتىم ئۇرۇپ باققانمۇ بولدۇم. بىراق ئۇ ئۇرۇشلار بۇ كىچىك بەگزادىگە ھىچبىر تەسىر قىلغاندەك ئەمەس. بەزىدە قىلغان ئىشىنىڭ يامان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۇنداق ئىشنى قىلماسلىققا نەسھەت قىلسام 2 ياشلىق بالا ئۇنداق گەپلەرنى چۈشەنمەيدىغان ئوخشايدۇ، خۇددى قىزىقارلىق يۇمۇر ئاڭلاۋاتقاندەك ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئاڭلاپ بۇلۇپ يەنە قىلدىغىننى قىلىدۇ. بىر نەرسىگە قىزىقتۇراي دىسەم بۇ بالا شۇ ئۇرۇپ چقىش، بۇزۇشتىن باشقا ھىچنىمىگە قىزىقمايدىغان ئوخشايدۇ، قەغەز قەلەم ئەكىلىپ قۇلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ  بىر نەرسىلەرنى سىزغۇزىمەن، بىراق سىزىپ بۇلۇپ قەلەمنى قاتتىق يەرلەرگە ئۇرۇپ پارە پارە قىلىپ بۇلۇپ قەغەزنى ئۇششاق پارچىلۋىتىدۇ.  ئۇف سۆزلەپ كەلسەم  تېخى كۆرگۈلكىمىز تېخىمۇ كۆپ. بېشىم بەك قاتتى ھېلىمۇ بۇ بالىمىزنى دەپ ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ ئالدىدىمۇ بەك خىجىل بۇلۇۋاتىمىز. ئەزىز ئاتا-ئانىلار ياردەم  قىلىپ بۇنداق ئەھۋالنى قانداق ھەل قىلىش كىرەكلىكى توغىرسىدا مەسلىھەت بەرسەڭلار.

urdek يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 13:06:36

ئەمىر تۇمۇردىن بىرسى تۇغۇلۇپتۇ، مەيلىگە قويۇڭ، ئاللا نىشاننى بىكىتىپتۇ.

Elsuyer يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 13:10:42

ئەسلىدە تورداشلارنى بۇنداق ئىشلارغا ئاۋارە قىلمىسام بۇلاتتى، بالا بېقىپ تەربىيلەش ھەقىقەتەن بەك تەسكەن.

بۇ كىچىك بەگزادە كىمنى دوراۋەتقانكىن تاڭ. مىنى دورىدىمكىن دىسەم مەن ئۇنىڭ ئەكىسچە بىر ئادەم( خۇدايىمنىڭ مۆمىن بەندىسى)، ئاپىسى كۆيۈمچان، چىرايىدىنلا مىھىربانلىقى چىقىپ تۇردىغان جاپاكەش بىر ئانا، بىراق بالىمىز كىچىك تۇرۇپلا بۇلاڭچىدەك چوڭ بولغىلى تۇردى. بەزىدە ناماز ئۇقىۋاتسام مىنى دوراپ باقىدۇيۇ. بىردەمدىلا بېشىمغا مىنىۋېلىپ  نامازنىمۇ ناماز قىلمايدۇ. بەك چارۋىتىۋەتتى بۇ بالا. يەسلىگە ئاپارسام  كىچىك بولغاندىن كىيىن ئالمايدىكەن.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 13:11:10

بۇنى غەرپتە كۆپ ھەرىكەتلىنىش كېسىلى دەپ دورىلارنى بېرىدىكەن. بالىڭىزنىڭ ئوزۇقلۇقى ئېشىپ كەتكەن بولمىسۇن، كۈچلۈك تاماقلارنى بەكمۇ جىق بېرىۋەتمەڭلار.
ئاندىن مەيلى چۈشەنسۇن، چۈشەنمىسۇن، نەسىھەت قىلىۋېرىڭ. ھامان بىر كۈنى چۈشىنىدۇ. سىز ھېرىپ قالسىڭىز بالىڭىز ئۇنتۇپلا قالىدۇ ياكى بۇ مۇنداقلا دەپ قويغان گەپكەن دەپ قالىدۇ. داۋاملىق نەسىھەت قىلىڭ. لېكىن ئۇرۇپ قورقۇتماڭ. ھازىر ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئالدىدا خىجالەتتە قالدىم دەپ ئۇرۇپ قويسىڭىز كېيىن پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىسىز. بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھەرگىز ئۇرۇپ سالماڭ. كىچىك بالا بەك ئاداۋەتخور بولىدۇ. ئۇلارنىڭ غۇرۇرى چوڭلارنىڭ غۇرۇرىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن.

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 13:21:38

سىزدىگىنى Attention-Deficit Hyperactivity Disorder  شۇما  مەستۇرە؟

ئەگەر شۇنىڭغا چۈشسە، مەيلىگە قويىۋەتمەسلىك كېرەك. بۇ ھەركەتچانلىققا ئەگىشىپ دىققەت ئاجىزلىق ، تىل قابىلىيىتى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن . ئانىسى توختىماي گەپ قىلىپ چۈشەندۈرسە ئاخىرى ئاڭقىرىدۇ.  ئاندىن بۇنداق كىچىك بالىلار چوڭلارنى بەك دورايدۇ. چوڭلار ھەمراھ بولغاندا دىققىتىنى تارتىدىغان پايدىلىق ھەركەت - پائالىيەتلەرنى قىلىپ بالىمۇ ئەگىشىپ باشقا پايدىلىق ئىشلارغا مەغۇل قىلساڭلار بولىدۇ .  ئويۇنچۇقلاردىن ئۆزى چىداملىق، يەڭگىل ئويۇنچۇقلارنى ئەپ بەرسەڭلىمۇ بولىدۇ (قانچە تاشلاپ ئۇرۇپ ئوينىسا ئاسان بۇزۇلمايدىغان).  سىرتقا كۆپرەك ئەچىقىپ بەرسىمۇ پايدىلىق.

مېنىڭ بالالمۇ مۇشۇنداق ھەركىتى جىق كەپسىزتى. قولىغان چىققاننى سۇندۇرۇپ، بۇزۇپ، تېخى بويى سەل ئۆسەپتى ، قولىغا نىمە چىقسا 4. قەۋەت دەرىزىدىن يولغا تاشلاپ پەستىكىلەرگە داڭقى چىقىپ كېتىپتىكەن. يۇقارقى ئاماللارنى قىلىپ يۈرۈپ ئۇ قىلىقلىرىنى ئاستا - ئاستا ئۇنتۇدى.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 13:26:36

ھەئە شۇ. مەن تونۇيدىغان بىرسىنىڭ بالىسى شۇنداقراقتى، ئۇنچە بەك ئۇرۇپ-چېقىپ كەتمەيدۇ، دادىسى شۇنداق قاراپ قويسىلا قورقۇپ تۈگۈلۈپلا كېتىدۇ بولمىسا. لېكىنزە ئىشقىلىپ ئاغزى ئويغانغاندا بىر ئېچىلسا ئۇخلىغاندا يۇمۇلامدۇ بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ توختىماي سۆزلەپلا تۇرىدۇ. بىزنى پاراڭلاشقىلى قويمىدىڭ دەپمۇ تاياق يەپ قالىدۇ. لېكىن يەنە توختىمايدۇ-دە. شۇنىمۇ شۇنداق دەپتۇ دوختۇر.

Algha يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 13:26:44

mastura:
بۇنى غەرپتە كۆپ ھەرىكەتلىنىش كېسىلى دەپ دورىلارنى بېرىدىكەن. بالىڭىزنىڭ ئوزۇقلۇقى ئېشىپ كەتكەن بولمىسۇن، كۈچلۈك تاماقلارنى بەكمۇ جىق بېرىۋەتمەڭلار.
ئاندىن مەيلى چۈشەنسۇن، چۈشەنمىسۇن، نەسىھەت قىلىۋېرىڭ. ھامان بىر كۈنى چۈشىنىدۇ. سىز ھېرىپ قالسىڭىز بالىڭىز ئۇنتۇپلا قالىدۇ ياكى بۇ مۇنداقلا دەپ قويغان گەپكەن دەپ قالىدۇ. داۋاملىق نەسىھەت قىلىڭ. لېكىن ئۇرۇپ قورقۇتماڭ. ھازىر ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئالدىدا خىجالەتتە قالدىم دەپ ئۇرۇپ قويسىڭىز كېيىن پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىسىز. بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھەرگىز ئۇرۇپ سالماڭ. كىچىك بالا بەك ئاداۋەتخور بولىدۇ. ئۇلارنىڭ غۇرۇرى چوڭلارنىڭ غۇرۇرىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن.

سىز ئۇنىڭغا تېخى نەسىھەت،ياكى باشقا ئىشلارنى قويۇپ،بالىڭىزنى ئەركىن چوڭ بولغىلى قۇيۇڭ. 2 ياشقا كىرگەن بالىدا بولىدىغان نورمال ئەھۋال.قوشنامنىڭ 25 ياشقا كىرگەن بىر بالىسا قارىسام،سىزنىڭ بالىڭىز بىلەن ئوخشاشكەن.بىراق ئۇ 25 ياش.ھازىر قىلىۋالسا،كېيىن ئاستا ئوڭشۇلۇپ كىتىدۇ.

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 13:26:50

بىر ياشتىن ئاشقان بالىنىڭ شۇنداق ۋاقتى،قەلەم سۇندۇرۇش،قەغەز يىرتىش،چىنە چېقىش،دەستىخانلارنى تارتىپ چۈشۈرۈپ ئۈستەلدە ئويناش،لاي ئويناش،ئاسمانغا قۇم چېچىش،يۈزىگە لاي سۈركەش،سۇ كېچىش،تاش بىلەن ئەينەك ياكى ئۇدۇل كەلگەن نەرسىنى ئۇرۇپ بېقىش،ئۇچلۇق،تىغلىق نەرسىلەرگە ئالاھىدە ئىشتىياق باغلاش،ئوت،شام،توكقا قىزىقىش...مىڭ بىر تۈرلۈك ئىشلىرى بولىدۇ.يىغىپ كەلگەندە شۇ ئۇسۇللار بىلەن ئەتراپىدىكى دۇنيانى،ئەتراپىدىكى شەيئىلەرنىڭ ماددى ھالىتى توغرىسىدا ھىسسى چۈشەنچە شەكىللەندۈرىدۇ.شۇڭا بالىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى كەلگۈسىنىڭ زۆرۈر تەييارلىقىدۇر.

بىر نەچچە ئامال بار،بىرى ،تولا مىھماندارچىلىق ئوينىماي .ئۆيدە،تالادا ياخشى ئوينىتىڭ،ئۆز ئۆيىڭىزدە قانداق قىلسا مەيلى،خەقنىڭ ئۆيىدە قەغىشلىك قىلسا:\"ئەمدى قىلسىڭىز ئەكىتىمەن بالام،ئاداشلار بىلەن ياخشى ئوينىمايدىكەنسىز،بۇزغۇنچىلىق قىلسىڭىز ئۆيدە يالغۇزلا ئوينايسىز\"دەپ ئۈگىتىڭ،يەنە شۇنداق قىلسا دەررۇ ئەكىتىڭ،كىچىك بالىلار ئادەم جىق بولغاننى ياخشى كۆرىدۇ،ئۆزىنىڭ سەۋەبىدىن ئۆيدە قالىدىغانلىقىنى چۈشەنسۇن،كىچىك بالىسى بار ئادەمدىن ھىچكىم مىھمانغا كەلمىدى دەپ خاپا بولمايدۇ.ئىككىنجسى،ئەڭ ياخشىسى ئۆيدە قالغانداتەكرار چۈشۈندۈرۈڭ،ئۇرماي تىللىماي يالغان سۆزلىمەي تىلىڭىزنىڭ پېيى تارتىشىپ قالغۇچە،زېرىكمەي تەكرار چۈشەندۈرۈڭ.ئۈچىنجىسى قىزىقىدىغان ئىشىنى تېپىپ قىلغۇزۇڭ،بىرنەرسىدىن زېرىكىپ خاپا قىلغىلى تۇرسا دىققىتىنى دەررۇ باشقا ئىشقا بۇراڭ،بالام رەسىم سىزمىدى،كىتاپ ئوقىمىدى،ھەرىپ ئۈگەنمىدى دەپ رەنجىپ بەك زورلاپ سالماڭ،بالىنى قارشى قىلىپ قويىسىز.ھەر بالىنىڭ ئوينايدىغان ئويۇنى ئوخشىمايدۇ،تالاغا ئامراق بولسا سىرتتا چىملاردا توپ ئېتىپ ئوينىتىڭ،تاش تىزىپ،قۇم قەلئە ياساپ،ئىلەڭگۈچ ئۇچۇپ،سۇ ئويناپ ھارغۇزۇڭ،ئويۇنلىرىغا قانغاندا .قوسىغى تويۇپ تازا بىر ئۇخلىغاندا جىم بولىدۇ.تۆتىنجىسى،زىيادە كەپسىز بىر بالىلار بولىدۇ،بۇنى 多动症دەپ قويىدۇ،بەزىدە يىمەك ئىچمەك،مۇھىت بۇلغۇنىشى سەۋەبىدىن بەدىنىدە قوغۇشۇن،مىس ئارتىپ كەتسىمۇ بالا تېرىككەك،ئۇرۇپ چاققاق،زىيادە تەنتەك بولۇپ قالىدۇ.دوختۇرغا كۆرسىتىپ دورىسىنى قىلىڭ.ئومۇمى پىرىنسىپ شۇكى،ھەرگىز ئالدىماڭ،قوقاق سالماڭ،دىگىنىمگە سالىمەن دەپ خام خىيال قىلماڭ.ئەڭ ئەڭ تۈپ پىرىنسىپ شۇكى،بالىنى مەڭگۈ سەل چاغلىماڭ.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 13:30:37

365:

سىز ئۇنىڭغا تېخى نەسىھەت،ياكى باشقا ئىشلارنى قويۇپ،بالىڭىزنى ئەركىن چوڭ بولغىلى قۇيۇڭ. 2 ياشقا كىرگەن بالىدا بولىدىغان نورمال ئەھۋال.قوشنامنىڭ 25 ياشقا كىرگەن بىر بالىسا قارىسام،سىزنىڭ بالىڭىز بىلەن ئوخشاشكەن.بىراق ئۇ 25 ياش.ھازىر قىلىۋالسا،كېيىن ئاستا ئوڭشۇلۇپ كىتىدۇ.

سىزنىڭ نەچچە بالىڭىز بار؟
ئەركىنلىك دېگەن ئۇتتۇر كەلگەن نەرسىنى ئۇرۇپ-چاقسىمۇ مەيلىگە قويۇش دېگەنلىك ئەمەس. بالىنى كىچىك ۋاقتىدا كىچىك دەپ، ياش ۋاقتىدا ياش دەپ قويۇپ بېرىپ ئوڭشالمايلا ئۆتۈپ كېتىمىز. بالىنىڭ تەربىيىسى قورساقتىنلا باشلىنىدۇ قاراڭ. تەربىيە قىلماڭ، قويۇپ بېرىڭ دېگەن ئىنسانلارغا لايىق تەربىيە ئۇسۇلى ئەمەس. بالام نېمە ئۈچۈن تۇغۇلدى، قانداقراق ئادەم بولۇشى لازىم، دېگەننى ئويلىماي قانداق بولسا بولسۇن دېسەك ئاتا-ئانا دېگەن نامغا لايىق بولالماي قالىمىز.

bendora يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 13:33:24

قورقۇتماڭ، مەندەك ئىچىگە تىنىدىغان بولۇپ چوڭ بولۇپ قالمىسۇن!

ئۇرماڭ،سىزنىڭ بالىنى ئۇرىدىغان ھېچبىر ھەققىڭىز يوق، بۇنداق دېسەم بالا مېنىڭ تۇرسا دېمەڭ، ئاددىيسى سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەس،ھەممىمىز ياراتقۇچىمىزنىڭ. بالا ئاللاھنىڭ بەندىگە بەرگەن ئامانىتى دەپ يېزىپتىكەن(مەنبەنى ئۇنتۇپتىمەن.).

بالىڭىزنىڭ قىززىقىشىنى بايقاڭ،قارىغاندا تېخىچە بايقاپ بولالمىغان ئوخشايسىز،خالىمىغان نەرسىسىگە زورلىماڭ، سىزدىن قاچىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

شۇ قىززىقىشىنى بايقاپ قالسىڭىزلا شۇنىڭ ئاساسىدا باشقا ئىشلارغا باشلىيالايسىز.ئاقىل ئاچىدىغان ئويۇنچۇقلار بارغۇ،شۇلارنى ئوينۇتۇڭ بولمىسا...

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 14:02:43

باشقا يەدە كىچىك باللادا بولىدىغان، بىز پەرۋا قىلمايدىغان نۇرغۇن ئالامەتلەرنىڭ \"كېسەللىك\" ئىسمى باركەن .  ئىشقىلىپ كېيىن ئوڭشىلىپ كېتىدۇ دەپ تاشلاپ قويمىغان ئەۋزەل .

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 14:08:09

جىيەن ئوغلۇم شۇنداق ئىدى،بىزمۇ تەكشۈرۈپ بىلدۇق،دورىسىنى قىلسا ئاسان ئىشكەن.

قىزىم يېقىندىن بىرى بەكلا ئۇرۇشقاق بولۇپ كەتتى،ئالدىنقى كۈنى دوختۇرخانىدا ئېغىر مىتال تەكشۈرتۈپ قويدۇق،نەتىجىسى كېيىنرەك چىقىدىكەن.

Elsuyer يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 15:28:28

ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى بىرىپسىلەر رەھمەت سىلەرگە، ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن ..

ئەمدى يەنە بىر مەسىلە بۇ بالا   تۇرۇپ تۇرۇپلا  كىچىدە قاتتىق ئۇخلاۋاتقاندا جۆيلۈپ كىتىدۇ، بىر كۈنى كىچىسى بەل تەرپىنى كۆرسىتىپ قاتتىق ئاغرىغانلىقىنى ئىشارەت قىلىدى، مەن  ئەنسىرەپ دوختۇرخانىغا ئاپارسام بۆرەكنى ۋە بەل ئەتراپىنى تەكشۈرۈپ بېقىپ  ساقكەن بەلكىم يەل تۇرۇپ قالغاندۇ ياكى شامالداراپ قالغان  بولسا كىرەك بىر خىل چاپلايدىغان دورا بەردى، شۇنى بىلىگە چاپلاپ قويدۇم، شامالداراپ قالغان بولمىسۇن دەپ ئاپىسى ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ باقتى، ئاردىن 10 كۈندەك ئۆتۈپ يەنە ئاغرىدى دەيدۇ، بىراق بۇ ئاغىرىق داۋاملىق ئەمەس، ئايدا بىر نەچچە قېتىم ئاغرىيدۇ، لىكىن يەنە ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ، بەزىدە ئويلىنىپ قالىمەن بۇ بالا كىچىك تۇرۇپ  ساختىلىق قىلۋاتامدىغاندۇ دەپ. ۋىلايەتلىك دوختۇرخانلارغىمۇ ئاپاردىم، ئۇلارمۇ بۇ ئاغرىقنى تاپالمىدى. بۇ زادى نىمە سەۋەپتىندۇ؟

Elsuyer يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 16:54:42

بىر كۈنى بۇ بەگزادىنى ئېلىپ  يېزىدىكى بىر تۇققىنىمىزنىڭ ئۆيىگە باردۇق، بۇ بالا بىر دەمدىلا يېزىدىكى تۇققىنىمىز باققان كىچىك ئاسلانچىقىغا مەپتۇن بۇلۇپ قاپتۇ، ئوينىۋالسۇن سەپ بىردەم مەيلىگە قويغانمۇ بولدۇق، خۇددى بۇ ئىككىسى بىر بىرسىنىڭ تىلىنى ئۇقۇشىدىغاندەك بىر دەمدىلا يېقىن دوسىتلاردىن بۇلۇپ قالدى، ئاسلانچاق بەگزادىنى قوغلىسا بىردەمدە بەگزادەم ئاسلانچاقنى قوغلاپ خوشال ئويناۋاتاتتى. تۇيۇقسىز بىر ئېچىنىشلىق ئاۋاز ئاڭلاندى، بۇ كەپسىز بەگزادە تۇغۇلغىنىغا تېخى 3 ئايمۇ بولمىغان بۇ ئۇماق ئاسلانچاقنى پۇتىدىن تۇتىۋېلىپ  ھويلىدىكى چوڭراق ياغاچ   تۈۋرىككە توختىماي ئۇرغىلى تۇرۇپتۇ، بىز ھاي دەپ  قېشىغا يىتىپ بارغىچە بىچارە ئاسلانچاقنىڭ تىنىغى توختىدى.

............

ئارىدىن يەنە بىر نەچچە كۈن ئۆتتى، ئاپىسى قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە ئويناتقىلى ئەچىقىپتىكەن، ئۇلارنىڭ تىلۋۇزۇرىدا ھايۋاناتلار دۇنياسىنى چىقىۋېتىپتۇ، بۇ بالا تىلۋۇزۇردىن ھېلقى مۈشۈككە ئوخشايدىغان بىر مۈشۈكنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ تىلۋۇزۇرغا يېقىنراق بېرىپ قاراپ تۇرۇپ بىر نىملەرنى دەپ خوشال بۇلۇپ كەتتى، ئەپسۇس ھېلقى مۈشۈك بىردەمدىن كىيىنلا يۇقاپ كىتىۋىدى تىلۋۇزۇرنىڭ يېنىدا تۇرغان چەينەكنى تۇتقان پېتى تىلۋۇزۇرغا قارتىپ ئېتىپ قوشنىمىزنىڭ 41 سۇڭلۇڭ رەڭلىك تىلۋۇزۇرنىڭ ئېكراندىن يوغان بىر تۈشۈك ئېچىپ قويدى، ھېلىمۇ خۇداغا شۈكرى بۇ بەگزادىنىڭ ھىچقانداق يىرى يارلانماپتۇ. شۇنداق قىلىپ 7000 نەچچە يۈز يۈەنگە شۇنىڭغا ئوخشاش تىلۋۇزۇردىن بىرنى تۆلەپ بەرگەن بولدۇم.

..............................

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 16:57:33

Elsuyer:

ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى بىرىپسىلەر رەھمەت سىلەرگە، ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن ..

ئەمدى يەنە بىر مەسىلە بۇ بالا   تۇرۇپ تۇرۇپلا  كىچىدە قاتتىق ئۇخلاۋاتقاندا جۆيلۈپ كىتىدۇ، بىر كۈنى كىچىسى بەل تەرپىنى كۆرسىتىپ قاتتىق ئاغرىغانلىقىنى ئىشارەت قىلىدى، مەن  ئەنسىرەپ دوختۇرخانىغا ئاپارسام بۆرەكنى ۋە بەل ئەتراپىنى تەكشۈرۈپ بېقىپ  ساقكەن بەلكىم يەل تۇرۇپ قالغاندۇ ياكى شامالداراپ قالغان  بولسا كىرەك بىر خىل چاپلايدىغان دورا بەردى، شۇنى بىلىگە چاپلاپ قويدۇم، شامالداراپ قالغان بولمىسۇن دەپ ئاپىسى ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ باقتى، ئاردىن 10 كۈندەك ئۆتۈپ يەنە ئاغرىدى دەيدۇ، بىراق بۇ ئاغىرىق داۋاملىق ئەمەس، ئايدا بىر نەچچە قېتىم ئاغرىيدۇ، لىكىن يەنە ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ، بەزىدە ئويلىنىپ قالىمەن بۇ بالا كىچىك تۇرۇپ  ساختىلىق قىلۋاتامدىغاندۇ دەپ. ۋىلايەتلىك دوختۇرخانلارغىمۇ ئاپاردىم، ئۇلارمۇ بۇ ئاغرىقنى تاپالمىدى. بۇ زادى نىمە سەۋەپتىندۇ؟

كۆزىگە بىر نەرسە كۆرۈنەمدۇ ؟ كېچىسى جۆيلۈشتىن باشقا، سوغۇق تەرلەپ، خۇدىنى بىلمەي قاتتىق يىغلاپ كېتىدىغان ئىش بارمۇ ؟

Elsuyer يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 17:03:14

AVAR:

ياق ئۇنداق ئەھۋاللار يوق. بىردەم جۆيلۈپلا يەنە جىمىپ قالىدۇ، بىراق سوغوق تەرلەيدىغان، خۇدىنى بىلمەي يىغلاپ كىتىدىغان ئەھۋاللار يوق.

ay~chiwar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 20:46:12

ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﻰ ﺗﯧﺰ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ ﻛﺎﻟﺘﺴﯩﻲ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﻠﯩﻚ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻗﻮﻝ - ﭘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﭘﯧﻴﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﻏﺮﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻳﯩﻐﻼﺵ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﺭ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ .
    ﻛﻪﭘﺴﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ئاددىي ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ، بالىنىڭ ﺩﯦﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﯘﻧﻐﺎ ﺑﯘﺭﺍﺵ ، ﺑﺎﻻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ ، ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺶ .  ﻗﻮﺭﻗﯘﺗﯘﺵ ، ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﺵ ، ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .  ﻛﻪﭘﺴﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﻪﻙ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ  . ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺪﯗ .

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 23:54:06

ئاۋۇ مۈشۈكنىڭ ئىشىنى جىق ئويلاپ كەتتىم ئوقۇغاندىن بېرى.
بەلكىم ئادەتتىكىلا بىر ئىش بولۇشىمۇ مۇمكىن. بەلكىم بالىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان....ناچار ئامىللارنىڭ تەسىرى بولۇشى مۇمكىن.
ئادەتتە بالىڭىز سىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تېلىۋىزور كۆرەمدۇ؟ قانداق فىلىملەرنى كۆرىسىلەر؟
بالا تېخى كىچىكقۇ دەپ بالا بار يەردە زوراۋانلىق، ۋەھشىيلىك تەسۋىرلىنىدىغان كىنولارنى، بالىلارغا ناچار تەربىيە بېرىدىغان كىنولارنى كۆرۈشىمىز مۇمكىن. لېكىن بالىنىڭ چوڭ مېڭىسى تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۆرگەن نەرسىلىرىنى خاتىرىلەپ ماڭىدۇ. كۆرگەنلىرى، ئاڭلىغانلىرى ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.
ئەگەر سىز تۇرۇۋاتقان يەردىن بالىلار مۇتەخەسىسى ياكى پىسخىك دوختۇر تېپىش ئىمكانىيىتى بولسا بىر سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ. ئەگەر تاپالمىسىڭىز توردىمۇ دوختۇرلار بار، پاراڭلىشىپ كۆرەيلى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-11-25 00:27:12

ھازىر مەكتەپلەرگە پىسخىك دوختۇر سەپلەش تېزلىتىلىۋاتىدۇ. چوڭراق مەكتەپلەردىن ئىزدەپ پىسخىك مەسلىھەت سوراشمۇ بىر چارە بولۇشى مۇمكىن. مەستۇرەنىڭ دىگىنىمۇ ئورۇنلۇق. ياخشى ئۈلگە بوپ بېرىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قەستەن قىلىپ، ھېكايىنى كۆپرەك ئوقۇپ بېرىڭلار.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-25 09:21:54

جاھان بۇزۇلغانسىرى  بالا تەربىيەلەش ئاتا - ئانىلار ئۈچۈن زور سىناق
بەت: [1] 2
: ئاتا ئانىلار بىلەن سۆھبەت