tvman يوللانغان ۋاقتى 2010-11-23 21:23:32

(سىنارىيە )گۇما كىلىياڭ مەشرىپى

گۇما كىلىياڭ مەشرىپى

(تېلېۋىزىيە فىلىمى سىنارىيىسى)


مۇقەددىمە

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ جەنۇبى چېگرىسىغا جايلاشقان قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالى يان باغرىدىكى پارچە-پارچە بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن قاراقۇرۇم ئۇيغۇرلىرى ئۆزگىچە جۇغراپىيلىك موھىت ۋە دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشكەن  ئارلاشما ئىگىلىك شەكلىگە ماس ھالدىكى ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە بولغان قاراقۇرۇم ئۇيغۇر مەدىنىيتىنى ياراتقان.
ئاشۇ بوستانلىقلارنىڭ بىرى بولغان گۇما ناھىيسىنىڭ كىلياڭ يېزىسى تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە دۇنياغا مەشھۇر بولغان قەدىمىي كارۋان يولى –لاداخ يولىدىكى موھىم بىر ئۆتكەل بولۇپ ، نەچچە ئەسىردىن بۇيان
  دىيارىمىز بىلەن دۇنيانى تۇتاشتۇرغان ھەرخىل باردى- كەلدىلەرگە گۇۋاھچى بولۇپ كەلگەن . بۇ يىزىدىكى خەلق سەنئەتكارلىرى ئۆزىنىڭ خاس مەدەنىيەت  ئەنئەنىسىگە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلغان ، بۇخىل ئەنئەنە «كىلياڭ مەشىرىپى» دەپ ئاتالغان مەھەللىۋى ئۇنۋېرسال سەنئەت پائالىيتىدە بىر قەدەر مەركەزلىك ھالدا ئىزچىللىشىپ ماڭغان .
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گۇما ناھىيسنىڭ قوشتاغ يىزىسىدا ئۆتكەن  شائىر ۋە خەتتات ئىسمايىل ھاجىمنىڭ دالالىتى بىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۈيۈك نامايەندىلىرىدىن بىرى ،ئالىم،ئاتاقلىق شائىر ۋە ماھىر تېۋىپ ھۈسەيىنخان ئەكبەر تەجەللى قاغىلىقتىن كىلياڭغا كېلىپ بىر مەزگىل تۇرغان. بۇ مەزگىلدە ئىسمايىل ھاجىم ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەجەللى ھەزرەتلىرىگە بولغان چۇڭقۇر ۋە سەمىمىي ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن .
بۇ قېتىم رەتلەپ سۈرەتكە ئېلىنغان كىلياڭ مەشرىپى ئەنە شۇ ئىسمايىل ھاجىمنىڭ تەجەللىنىڭ شەرپىگە ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق ئائىلە مەشرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساسىدا ئىشلەندى.

ۋاقتى: 1920-يىللارنىڭ ئاخىرى.
ئورنى:گۇما ناھىيە كىلياڭ يېزىسىدىكى ئىسمايىل ھاجىمنىڭ قورۇسى.

1

【ئىسمايىل ھاجىنىڭ پىشايۋانلىق قورۇسىغا مەشرەپ ئىشتىراكچىلىرى توپلانغان بولۇپ،پىشايۋان ئاستىدىكى سۇپىنىڭ سول تەرىپىدە تەجەللى ۋە يۇرت مۆتىۋەرلىرى ئورۇن ئېلىشقان،ئىسمايىل ھاجىم سۇپنىڭ لېۋىدە ئولتۇرىدۇ؛سۇپىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كىلياڭ ئەلنەغمىچىلىرى ۋە خەلق سەنئەتكارلىرى ئورنى-ئورنىدا ئولتۇرۇشقان؛ھويلىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئاياللار،ھويلىنىڭ سول تەرىپى ۋە پىشايۋاننىڭ ئدۇل تەرىپىدە ئەرلەر ئولتۇرۇشقان ياكى ئۆرە تۇرۇشقان.】
ئىسمايىل ھاجىم: (ئورنىدىن تۇرۇپ كۆپچىلىككە سالام بېرىدۇ) ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم مېھمانلار! بۈگۈن كەمىنە ئىسسمايىل ھاجى ھۆرمەتلىك ئۇستازىم تەجەللى ھەزرەتلىرىنىڭ كىلياڭ دىيارىغا يەنە مېھمان بولۇپ كەلگەن شەرىپىگە ئاتاپ بۇ مەشرەپنى تۈزدۈم. پېقىرنىڭ غوجىدارى ئەمىنجان ماڭا ۋاكالىتەن ھەر قايسىڭلارنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ.
غوجىدار: (تۆردە ئولتۇرغان تەجەللىگە ) ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەزرىتىم!
تەجەللى: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
غوجىدار: (ئىسمايىل ھاجىمغا قاراپ) پېقىر خىزمەتكە تەييار ھاجىم .
ئىسمايىل ھاجىم: (مەشرەپ باشلانسۇن دېگەن مەنىدە) خوش قېنى.
غوجىدار: لەببەي! (نەغمىچىلەرگە قاراپ) قېنى نەغمە باشلانغاي!

داۋامى بار

tvman يوللانغان ۋاقتى 2010-11-23 21:36:18

【مۇڭلۇق تەمبۇر ساداسىغا ئەگىشىپ،بارات ھەمدۇللا دېگەن مەشھۇر ئەلنەغمىچى مۇقەددىمە باشلايدۇ.】

            بولۇپتۇ خەس بىلەن كۆڭلۈم،
            غەم بىلەن ھەرگىز تىرىلمەيدۇ.
            ئۇرۇپ پەريات مەن چەكسەم،
            قەبرىدىن ئاۋاز كەلمەيدۇ،
            ھەي،ئۆلۈپ تۈگەيدىغان ئالەم.

【مۇقەددىمە تۈگىشىگە ئۇلاپلا بارلىق ئەلنەغمىچى تەڭلا نەغمە باشلايدۇ ۋە بىللە ناخشا ئېيتىدۇ.ناخشا باشلىنىشى بىلەنلا،غوجىدار بىر مەشرەپ ئەھلى ئارىسىدىكى بىر بوۋايغا سالام بېرىپ «ھەشقاللا!»دەيدۇ،بوۋاي مەيدانغا چۈشۈپ تۆردىكىلەرگە سالام قىلىدۇ،غوجىدار يەنە بىر چوكانغا سالام بېرىدۇ،چوكان مەيدانغا چۈشۈپ تۆردە ئولتۇرغانلارغا سالام قىلغاندىن كېيىن،بوۋاي بىلەن چوكان بېقىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ.】

         مەن ئەردىم سېنىڭ بىلەن،
         بولمادىڭ مېنىڭ بىلەن.
         سەن ياشقا كىچىك-نادان،
         كۆيمەدىڭ دىلىڭ بىلەن.
         ئالتۇنۇم، ۋاي-ۋاي جىنىم،ئايارەي.

         ئۆلەرمەنمۇ،كۆيەرمەنمۇ،
         ئۆزۈمنى چاغلىيالمايمەن.
         كۇچا خەلقى يامان ئىكەن،
         ئەقىدە باغلىيالمايمەن.
         ئالتۇنۇم،ۋاي-ۋاي جېنىم،ئايارەي.

【نەغمىنىڭ بىرىنجى ئۆزگىرىشى تۈگەپ،ئىككىنچى ئۆزگىرىشكە ئۆتىدۇ،بۇ چاغدا بوۋاي بىلەن چوكان ئىككى قىزغا سالام بېرىپ ئۇلارنى ئۇسسۇلغا تارتىپ مەيداندىن چۈشىدۇ،ئىككى قىز بېقىشىپ ئۇسسۇلنى داۋاملاشتۇرىدۇ.】

         ئۇنداق ئەتمەڭلار مېنى،
         مۇنداق ئەتمەڭلار مېنى.
         ئاقىۋەت لازىم بولارمىز،
         تاشلىۋەتمەڭلار مېنى.
         يار داغى، ياھۇ يارەي،ئايارەي.

         ئوخشىدۇقەي ئوخشىدۇق،
         پەرداز ئەتمەي ئوخشىدۇق.
         قارا كۆز چاققان خېنىمنى
         مۇشۇ ئايدا تاشلىدۇق.
         يار داغى، ياھۇيارەي،ئايارەي.

         كۆرگىلى كەلدىڭلىمۇ،
         كۆيدۈرگىلى كەلدىڭلىمۇ.
         كۆيۈپ ئۆچكەن ئوتلارنى،
         ياندۇرغىلى كەلدىڭلىمۇ.

         ئۇنى يەيسىز،بۇنى يەيسىز،
         پايدا قىلمايدۇ ساڭا.
         ئېرىڭىز ئەسكى گادايكەن
         دورا قىلمايدۇ ساڭا.

tvman يوللانغان ۋاقتى 2010-11-23 21:36:52

【نەغمىنىڭ ئىككىنچى ئۆزگىرىشى تۈگەپ،تېخىمۇ شوخ پەدە باشلىنىدۇ،ئىككى قىز ئىككى يىگىتكە سالام بېرىپ ئۇسسۇلغا تارتىپ قويۇپ،ئۆزلىرى مەيداندىن چۈشىدۇ.ئۇسسۇلغا تارتىلغان ئىككى يىگىت ئۇسسۇلنى ئەۋجىگە كۆتىرىدۇ.】

         كىچىككىنا،ئايەي،كىچىككىنا،
         ئۆرگىلىپ ئويناڭ،ئايلىناي،كىچىككىنا.

         دەريا سۈيى تارتىلدى،
         يار ئالدىمىكىنا باشتىن.
         دوستلارىمىز دۈشمەن بولدى،
         ئايرىلدۇق قەلەم قاشتىن.

         كىچىككىنا،ئايەي،كىچىككىنا،
         ئۆرگىلىپ ئويناڭ،ئايلىناي،كىچىككىنا.

         ئوينىغىلى ئۇز ياخشى،
         تىيىلغىلى مۇز ياخشى.
         بولار-بولماس چوكاندىن،
         سىڭا سۆڭگەچ قىز ياخشى.

         كىچىككىنا،ئايەي،كىچىككىنا،
         ئۆرگىلىپ ئويناڭ،ئايلىناي،كىچىككىنا.

         بۇلبۇلۇڭ بولاي دەيمەن،
         شاخىڭغا قوناي دەيمەن.
         ياندا يارىڭ بولمىسا،
         مەن يارىڭ بولاي دەيمەن.

         ئايلىنىمەن كاۋاپى،
         چۆرگىلىمەن ساۋابى.
         چوكانلارنىڭ ۋاي نازى،
         يولدا خىيالى.

         تەپسەم ساندۇق ئاچىلۇر،
         گۈل باشىمغا ساچىلۇر.
            زەنجىردە مېنىڭ كۆڭلۈم،
            يارنى سۆيسەم ئاچىلۇر.

         ئايلىنىمەن كاۋاپى،
         چۆرگىلىمەن ساۋابى.
         چوكانلارنىڭ ۋاي نازى،
         يولدا خىيالى.

         ھاراق ئىچكەن مەست ئەمەس،
         تاماكا چەككەن گاس ئەمەس.
         بالدۇر سۆيگەن شۇ يارنى ،
         ئەمدى سۆيمەك تەس ئەمەس.

         ئايلىنىمەن كاۋاپى،
         چۆرگىلىمەن ساۋابى.
         چوكانلارنىڭ ۋاي نازى،
         يولدا خىيالى.


داۋامى بار

tvman يوللانغان ۋاقتى 2010-11-23 21:37:19

【نەغمە تۈگەپ ئۇسسۇل ئاياقلىشىدۇ،ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئىككىيلەن كۆپچىلىككە سالام بېرىدۇ.】
كۆپچىلىك: بارىكاللا!

2

غوجىدار: (بايا ئۇسسۇل ئوينىغان ئىككى قىزنىڭ بىرىگە پەتنۇستا بىر
  پىيالە چاي تۇتىدۇ) رەھمەت،رەھمەت، خوش قېنى،چايغا باقسىلا.
قىز:رەھمەت.
【قىز چاينى ئېلىپ بىر يىگىتنىڭ ئالدىغا بېرىپ بىيىت ئېيتىدۇ. 】

قىز:

كۆك تاۋادا تونىڭز،
ناماز شامدا يولىڭىز.
ئەجەپ قاراپ كەتتىڭىز،
كىمدە ئىدى كۆڭلىڭىز؟

يىگىت:

ئالما ئاتتىم تالغا چۈشتى،
تالنى ئاچقاندا چىقار.
يارنىڭ ئوتى جانغا چۈشتى ،
كۆيۈپ ئۆچكەندە چىقار.

قىز:

سۇ بۇيان سېرىق كېلۇر،
قۇم ياقىسى تېرىق كىلۇر.
ئىككى يار تۇتقان كىشىنىڭ ،
چىرايى سېرىق كىلۇر.

【كۆپچىلىك پاراقلاپ كۈلىشىدۇ،يىگىت بىيىت تاپالماي بېشىنى قاشلايدۇ. 】
يىگىت: ئەستا...
قىز
چاينى يىگىتكە تەڭلەپ) قېنى مەرھەمەت.
【يىگىت چاينى ئېلىپ ئىچىدۇ،مۇزىكا باشلىنىدۇ،يىگىت قولىغا بىر نوغۇچنى ئېلىپ، «ئوسما قويۇش ئۇسۇلى»نى باشلايدۇ.بۇ ئۇسسۇلدا،نەغمىچىلەر مۇزىكا چالغاچ كوللېكتىپ ناخشا ئېيتىدۇ،يىگىت بولسا ناخشىنىڭ مەزمۇنىغا ماسلاشتۇرۇپ،بىر قىزنىڭ سۇ بويىغا بېرىپ،چېچىنى چۇۋۇپ يۇغان،قايتىدىن تاراپ ئۆرىگەن، ئوسما تەرگەن،ئوسمىنى سىققان،ئوسما قويغان،ئوسما قويغان قېشىنى سۇ بىلەن چايقىغان ھەرىكەتلىرىنى رېتىملىق ۋە قىزىقارلىق دورايدۇ. 】

ۋاي- ۋاي سارىخان، ۋاي سارىخان،
مانا- مانا باينىڭ باغىدا، ۋاي سارىخان.
باينىڭ قىزى كۆمەچ ئېتىدۇ، ۋاي سارىخان،
ئەنە- مانا قوينىڭ ياغىدا، ۋاي سارىخان.

سايباغدىكى سارىخان، ۋاي- ۋاي سارىخان ،
ساچىڭ نېمە ئۆسمەيدۇ، ۋاي سارىخان.
يۇمايسەن- تارىمايسەن، ۋاي-ۋاي سارىخان،
ساچىڭ شۇڭا ئۆسمەيدۇ، ۋاي سارىخان.

دەريانىڭ ئۇ قاتىدا، ۋاي- ۋاي سارىخان ،
بىدە پاقلان بولۇپتۇ،ۋاي سارىخان.
ئوسما قويغان ئاشۇ خېنىم، ۋاي سارىخان،
بەكمۇ چاققان بولۇپتۇ، ۋاي سارىخان.

يارنىڭ ئۆيى جەينەكتە، ۋاي-ۋاي سارىخان.
قەستىم يارنى سۆيمەككە، ۋاي سارىخان.
يار ئۆزىنى داڭلايدۇ، ۋاي- ۋاي سارىخان،
قاراپ باقسۇن ئەينەككە، ۋاي سارىخان.

ئوسما قويدۇم مەن دەيسەن، ۋاي-ۋاي سارىخان،
ئوسما قويغۇنۇڭ يالغان، ۋاي سارىخان.
ساڭا كۆيدۈم مەن دەيسەن، ۋاي-ۋاي سارىخان،
ماڭا كۆيگىنىڭ يالغان، ۋاي سارىخان.

ئوسما قويدۇڭ قاشىڭغا، ۋاي-ۋاي سارىخان.
يېلىم چاپتىڭ باشىڭغا، ۋاي سارىخان.
پەدىزىڭنى تاماملاپ، ۋاي- ۋاي سارىخان.
ئەمدى كېلەرسەن قاشىمغا، ۋاي سارىخان،
ۋاي- ۋاي سارىخان.

داۋامى بار

tvman يوللانغان ۋاقتى 2010-11-23 21:37:51

【ناخشا-مۇزىكا ئاياقلىشىدۇ،يىگىت ئوسما قويغان جەرياننى تاماملاپ،كۆپچىلىكتىن سورايدۇ.】
يىگىت: قانداق، ئوسمام يارىشىپتىمۇ؟
كۆپچىلىك: يارىشىپتۇ.
يىگىت
ناھايىتى خوشال ھالدا) ھاھ-ھاھ-ھاھ .... ئوسمام يارىشىپتۇ!
【بۇ ئويۇن ئاياقلىشىپ،يىگىت كۆپچىلىككە سالام قىلىدۇ.】
كۆپچىلىك: بارىكاللا!!

3

غوجىدار: ھاجىمغا مەلۇم بولغاي!
ئىسمايىل ھاجىم: خوش؟
غوجىدار: تەجەللى ھەزرىتىمنىڭ كىلياڭ دىيارىغا كەلگەنلىكى ھەش-پەش دېگۈچە تاغ بويىغا پۇر كېتىپتۇ. تاغدا مال بېقىۋاتقان چورۇقئاخۇن دېگەن كىشى ھەزرىتىمنىڭ دىدارىنى كۆرۈش ئۈچۈن قويچى راۋپىنى ئېلىپ تاغدىن چۈشۈپ ھازىر سورۇنىمىزغا كەلدى.مەشرەپتىن بىر كىشلىك جاي تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
ئىسمايىل ھاجىم: ئىجازەت!
【چورۇقئاخۇن قويچى راۋاپىنى كۆتۈرگەن ھالدا تەجەللىنىڭ ئالدىغا كېلىپ سالام بېرىدۇ.】
چورۇقئاخۇن: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھەزرىتىم!
تەجەللى: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
【چورۇقئاخۇن قويچى راۋىپىنى چىلىپ،مەيداننى ئايلىنىپ راۋاپ قوشاق ئېيتىدۇ.】

تۇمۇچۇقۇم سايرايدۇ،
شاخقا قونۇپ ئولتۇرۇپ.
قارا كۆز يارلار يىغلايدۇ،
يولغا قاراپ ئولتۇرۇپ.

ئېتىم ئىگەر بىلەن كەتتى،
قامچام يانىدا كەتتى.
ئۆز يۇرتۇم دېگەن بىلەن،
غېرىپلىق ماڭا يەتتى.

مەن ئۆگزىگە چىققاندا،
تۈڭلۈكتىن تولا مورا.
ئىزدىسەك تىپلارمۇ،
كۆيۈك ئوتىغا دورا.

ئەتىگەندە شەبنەمدە،
يورغىلايدۇ بوز توشقان.
بۇ قوشاقنى كىم قوشقان،
چۆلدە ماڭغاچ مەن قوشقان.

【راۋاپ قوشاق ئاخىرلىشىپ،چورۇقئاخۇن سالام بېرىدۇ.】
كۆپچىلىك: بارىكاللا!!

4

【غوجىدار نەغمىچىلەرگە سالام بېرىدۇ.】
غوجىدار: ھەشقاللا،قېنى نەغمە باشلانسۇن.
【نەغمىچىلەر «ئوينا-ئويناڭ» دېگەن ناخشىنى باشلايدۇ،تۆت ئەر مەيدانغا چۈشۈپ
ئۇسسۇل ئوينايدۇ.بۇ ئۇسسۇلمۇ ھەجۋىي تۈس ئالغان بولۇپ،ئۇسسۇلچىلار ئۇسسۇل ئوينىغاندا نەغمىچىلەر ئېيتقان ناخشىنىڭ مەزمۇنىغا ماس ھالدىكى ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ. 】

ئالمىنىڭ شاخى تولا،
جىنەستىنىڭ بەرگى تولا.
بىزنى كۆيدۈرگەن جۇۋاننىڭ،
ئوتىدىن دەردى تولا.

مەستان يار،ئايارەي،
چىلگە پۇرايدۇ قوينىڭىز.

باغ ئارىلاپ كېلىسىز،
كۆڭلىڭىز بىزدە ئەمەس.
ۋاي يالغۇزمەن،ۋاي يالغۇزمەن،
چىمىنىڭگە ئاپەت تەگمىسۇن،
ئوينىۋېلىڭ.

ئاسماندىن ئالاي ئاينى،
قوينۇمغا سالاي ئاينى،
ئوينا-ئويناڭ،بەك ئويناڭ،ئويناڭ.
باخ-باخ ئېتىلى يارنى،
ئېچىلسۇن كۆڭلى-قارنى،
ئويناڭ-ئويناڭ.

ئوينىۋالسىلا خانزادىخان،
كۆرىۋالسىلا ئازادىخان.
قارا كۆزلۈك مەستانە،
كەم بولسا بولمايدۇ شازادە،
ئويناڭ-ئويناڭ.

مەن ماڭدىم كېچە بىلەن،
ئورەكنىڭ ئىچى بىلەن،
ئوينا-ئويناڭ،بەك ئويناڭ،ئويناڭ.
يارنىڭ قولى باغلاندى،
دۈشمەننىڭ سۆزى بىلەن،
ئويناڭ-ئويناڭ.

ئوينىۋالسىلا خانزادىخان،
كۆرىۋالسىلا ئازادىخان.
قارا كۆزلۈك مەستانە،
كەم بولسا بولمايدۇ شازادە،
ئويناڭ-ئويناڭ.

چىراق نېمە كۆيمەيدۇ،
پەيلەپ قويسا كۆيمەمدۇ،
ئوينا-ئويناڭ،بەك ئويناڭ،ئويناڭ.
يار نېمىشقا كەلمەيدۇ،
چىلاپ قويسا كەلمەمدۇ،
ئويناڭ-ئويناڭ.

ئوينىۋالسىلا خانزادىخان،
كۆرىۋالسىلا ئازادىخان.
قارا كۆزلۈك مەستانە،
كەم بولسا بولمايدۇ شازادە،
ئويناڭ-ئويناڭ.

مەن كىمنى دەپ ئولتۇردۇم،
يارىمنى دەپ ئولتۇردۇم،
ئوينا-ئويناڭ،بەك ئويناڭ،ئويناڭ.
ئوقەتكە سەۋەپ قىلماي،
ئارقىمغا زوڭ ئولتۇردۇم،
ئويناڭ-ئويناڭ.

ئوينىۋالسىلا خانزادىخان،
كۆرىۋالسىلا ئازادىخان.
قارا كۆزلۈك مەستانە،
كەم بولسا بولمايدۇ شازادە،
ئويناڭ-ئويناڭ.

مەن سېنى پاناھ تارتىپ،
مايماق تۆگىگە ئارتىپ،
ئوينا-ئويناڭ،بەك ئويناڭ،ئويناڭ.
يار كەلمەيدۇ ھال تارتىپ،
مەن بارمايمەن ماي تارتىپ،
ئويناڭ-ئويناڭ.

ئوينىۋالسىلا خانزادىخان،
كۆرىۋالسىلا ئازادىخان.
قارا كۆزلۈك مەستانە،
كەم بولسا بولمايدۇ شازادە،
ئويناڭ-ئويناڭ.

مەن بارمايمەن خوتەنگە،
يارىم چىقسۇن ئۆتەڭگە،
ئوينا-ئويناڭ،بەك ئويناڭ،ئويناڭ.
چوكان ئاشنا تۇتمايمەن،
جىگدە سالدى بۆكىمگە،
ئويناڭ-ئويناڭ.

ئوينىۋالسىلا خانزادىخان،
كۆرىۋالسىلا ئازادىخان.
قارا كۆزلۈك مەستانە،
كەم بولسا بولمايدۇ شازادە،
ئويناڭ-ئويناڭ.

داۋامى بار

tvman يوللانغان ۋاقتى 2010-11-23 21:38:20

【ناخشا-ئۇسسۇل ئاياقلىشىپ،ئۇسسۇلچىلار سالام بېرىدۇ.】
كۆپچىلىك: بارىكاللا!!

5

【كۆپچىلىكنىڭ بارىكاللىسى بېسىقىشى بىلەن تەڭلا، ئىسقىرىتقان ئاۋاز ئاڭلىنىپ،بىر «كىيىك»(كىيىك قىياپىتىدە ياسانغان ئادەم)  سورۇنغا تۆت پۇتلۇق ھالدا ئويناقلاپ كىرىدۇ ۋە داپنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن ھەرخىل ھەركەتلەرنى قىلىپ،سورۇننى بىر ئايلىنىپ چىقىدۇ،ئاندىن بىر ئەرنىڭ ئالدىغا بىرىپ «پۈت-پۈت» دەپ تۇرىۋالىدۇ ۋە ئۇنى ئۈسسۈيدۇ.】
ئەر:ماقۇل،ماقۇل،توختاڭ،توختاڭ،مەن دەپ بېرەي.(بىيىت ئېيتىدۇ)

ئەي كىيىك،ئوبدان كىيىك،
ئاسماندىكى ئۈكەرسىز.
ئاغزىڭىزدا سۇ ئەكىلىپ،
چاڭگىلىمغا تۆكەرسىز.

【«كىيىك» ئۇنىماي يەنە «پۈت-پۈت» دەپ بەكرەك ئۈسسۈيدۇ.】
ئەر:ماقۇل،ماقۇل يەنە دەپ بېرەي،توختاڭ.

ئاتنىڭ ئاتلىقى باردۇر ،
ناۋاتنىڭ تاتلىقى باردۇر.
ياخشى يار بىلەن ئۆتسە،
كۆڭۈلنىڭ شادلىقى باردۇر.

【«كىيىك» رازى بولۇپ تاقلاپ كېتىدۇ،ئاندىن يەنە بىر قىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ «پۇت-پۇت» دەپ تۇرىۋالىدۇ.】

قىز:

مەككىنىڭ مىھرابىدەك،
ئەگىم- ئەگىم قاشلىرى،
تارتىدۇ دىل زوقىنى ،
كىيىكتەك ئويناشلىرى.

【«كىيىك» رازى بولۇپ سەكرەپ قويۇپ بىر نەغمىچىنىڭ ئالدىغا بارىدۇ. 】

نەغمىچى:

توشقان ئۆزى ئاق نەرسە،
ياتقان يىرى بۈكلۈك.
بارچە كىشىنىڭ ئاق بولسا ،
سىزنىڭ نېمىشقا تۈكلۈك؟!

【«كىيىك» بۇ ئادەمنى ئۈسسۈيدۇ.】

نەغمىچى: ماقۇل ،ماقۇل،ۋاي بولدى،مەن يەنە بېيىت ئىيتاي.

بىر چارەك تېرىق ئالسام ،
يەرگە چېچىلىپ كەتتى .
سىز جەگرەننى بىر كۆرۈپ،
كۆڭلۈم ئېچىلىپ كەتتى.

【«كىيىك» رازى بولۇپ سەكرەيدۇ، ئاندىن يەنە بىر ئەرنىڭ ئالدىغا بارىدۇ. 】

ئەر:

ئىشىك ئالدى لايلاتما،
لايلاتمىغا تاش ئاتما.
مېنىڭ ساڭا مەيلىم يوق،
كۆز ئوينىتىپ قاش ئاتما.

【«كىيىك» بۇ كىشىنى ئۈسسۈيدۇ. 】
ئەر: ماقۇل،بولدى،مەن ئېيتاي .
【«كىيىك» توختايدۇ 】
ئەر:
         
تاغدىكى ئالتە قوتازنىڭ ،
مۈڭگۈزى ئىلغاي بولۇر .
قارچۇغا بويلۇق خېنىمنى،
ئۈندىسە تورغاي بولۇر .

تاغنىڭ يولى تاشلىقكەن ،
ماڭماي دېسەم ياشلىقكەن .
بىزنى كۆيدۈرگەن جۇۋان ،
چېچى ئۇزۇن قاشلىقكەن .

【«كېيىك» رازى بولۇپ سەكرەيدۇ، بىر ئىسقىرتىش بىلەن تەڭ سورۇندىن چىقىپ كېتىدۇ. 】
كۆپچىلىك: بارىكاللا!!

داۋامى بار

tvman يوللانغان ۋاقتى 2010-11-23 21:38:55

غوجىدار : ھاجىمغا مەلۇم بولغاي.
ئىسمايىل ھاجىم: خوش؟
غوجىدار: ئەمدى تۆۋەنكى مەھەللىدىن كەلگەن دۇتتارچى مەتتوختىئاخۇنغا نۆۋەت كەلدى.
ئىسمايىل ھاجىم: خوش قېنى.
【مەتتوختى دۇتتار چىلىپ،يەنە بىرەيلەن داپ چېلىپ،يەنە ئىككىيلەن ئىككى تەرەپتە ساپايى چېلىپ نەغمە باشلايدۇ،مەتتوختى ناخشا ئېيتىدۇ.ناخشا باشلىنىش بىلەن تەڭ ئىككى ساپايىچى بىردەم ئۇسسۇل ئويناپ،ئاندىن بىر قىزنى ئۇسسۇلغا تارتىدۇ، قىز چۈشۈپ تۆردىكىلەرگە سالام بېرىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ.】

ئاغرىپ قالسام كەلمىدىڭىز،
بىزنى يوقلاپ قويمىدىڭىز.
ناۋات ئاغزىڭدا لىۋىمگە ،
سۆيۈپ قويمىدىڭىز.

باشتا ئاقمىدىڭىز،
سېغىزخاندىن ساقمىدىڭىز.
كۆڭلۈمنى بىرەي دىسەم،
باچكا بىلەن باقمىدىڭىز.
كۆڭلۈمنى بىرەي دىسەم ،
كاۋاپ بىلەن باقمىدىڭىز.

ئۇنداق دېمىسىلە،
مۇنداق دېمىسىلە.
ئاخشام بولغان گەپ سۆزنى
خەققە دېمىسىلە.

باشتا ئاقمىدىڭىز،
سېغىزخاندىن ساقمىدىڭىز.
كۆڭلۈمنى بىرەي دىسەم،
باچكا بىلەن،
گۆشنان بىلەن،
كاۋاپ بىلەن باقمىدىڭىز.
كۆڭلۈمنى بىرەي دىسەم ،
كاۋاپ بىلەن باقمىدىڭىز.

ئاق چامغۇر،
مەكە چامغۇر،
ئۆيگە كىرىڭ،
تۇردىخاچام،
قاچا –قۇچىنى يۇملاقشىتىۋەت.
شۇنداق پەدىگە چالغاندا،
شوخلاپ كېتىپ ئوينىغۇسى بار.

ئۆستەڭ بويىدا كاتۇ،
مەتتوختى دۇتار چاتۇ.
دەردىڭدە ئۆلۈپ قالسام ،
مېنىڭ ئورنۇمغا كىم قاتۇ.

ئاق چامغۇر،
مەكە چامغۇر،
ھېكىم بوش،
ئۆيگە كىرىڭ،
تۇردىخاچام،
قاچا-قۇچىنى يۇملاقشىتىۋەت.
شۇنداق پەدىگە چالغاندا ،
شوخلاپ كېتىپ ئوينىغۇسى بار.

【ناخشا تۈگەپ ئۇسسۇل ئاياقلىشىدۇ،قىز كۆپچىلىككە سالام بېرىدۇ.】
كۆپچىلىك: بارىكاللا!

7

【غوجىدار بايا ئۇسسۇل ئوينىغان قىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا چاي تۇتىدۇ. 】
غوجىدار: ھەشقاللا رەھمەت!
【قىز چاينى ئېلىپ،بىر بوۋاينىڭ ئالدىغا بېرىپ چاينى ئۇنىڭغا تۇتۇىدۇ.】

قىز :

باغقا كىردىم گۈل ئۈزەي دەپ،
ئۈزمىدىم نادانمۇ دەپ .
ئاقساقال ئادمنى كۆرۈپ ،
يىغلاپتىمەن داداممۇ دەپ.

بوۋاي: (كۈلۈپ) ئەستا مەن بېيىت ئۇقمايمەن ئەينا !
غوجىدار: ئۇنداق بولسا ، سورۇن ئۆزلىرىگە قالدى!
【بوۋاي چاينى ئېلىپ ئىچىدۇ،ئاندىن بىر نەغمىچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى بىللە ئويۇن ئويناشقا تەكلىپ قىلىدۇ.بوۋاي بىلەن نەغمىچى سورۇننىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ،بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل ھالدا،تىزىنى تىزىغا تەككۈزۈپ، يۈكۈنۈپ ئولتۇرىدۇ.«خام توقۇش ئويۇنى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئويۇندا،ئىككى ئادەم خام توقۇيدىغان دۇكان ۋە خامچىغا تەقلىد قىلىپ،بىر تەرەپتىن،ئالدى –كەينىگە سۈرۈلۈپ ھەرىكەت قىلسا،يەنە بىر تەرەپتىن،ھەرىكەتكە مۇناسىپ ھالدىكى قوشاقلارنى ئېيتىپ،خام توقۇغان ھالەتنى ھەجۋىي تۈستە دورايدۇ.
بوۋاي: ئاتا-بوۋىمىزدىن قالغان قەدىمىي مىراس خام توقۇش ھۈنىرىمىز بار ئىدى، شۇنى باشلاي دېسەم ، دۇكان سەل كونىراپ قاپتۇ،شۇڭا دۇكاننى بىر ئوڭشىۋېلىپ ئاندىن باشلاي دەيمىنا.(ئۇ ئۆزىگە روبىرو ئولتۇرغان نەغمىچىنىڭ ئوڭ مۈرىسىگە شاپىلاق بىلەن ئۇرىدۇ،نەغمىچىنىڭ ئوڭ مۈرىسى پەس بولۇپ قالىدۇ؛بوۋاي ئۇنىڭ سول مۈرىسىگە ئۇرىدۇ،ئەمدى نەغمىچىنىڭ سول مۈرىسى پەس بولۇپ قالىدۇ؛بوۋاي نەغمىچىنىڭ ئىككى مۈرىسىگە ئىككى قولى بىلەن تەڭلا ئۇرىدۇ،نەغمىچى رۇسلىنىپ ئولتۇرىدۇ) ھە دۇكان ئەمدى ئوڭلاندى. بۇ دۇكاننىڭ ئالدىدىكى شادىلىرىنىڭ يىپلىرى ئۈزۈلۈپ كېتىپتۇ،بۇ يىپنى بىر ئۇلاي (بوۋاي نەغمىچىنىڭ ئىشتان بېغىنى يېشىپ قايتا ئۇلاش جەريانىدا،نەغمىچىنى غىدىقلاپ بوزەك قىلىدۇ) ھە،مانا رەسمىي ئۇلىۋەتتۇق.

بوۋاي:

ئېمىقى ئې،
ئېمىقى ئې.

ئامرىقىم دەيمۇ سېنى،
چىرايلىقى دەيمۇ سېنى.
باغدا باققان پاقلىنىمدەك،
ئۆلتۈرۈپ يەيمۇ سېنى.

ئېمىقى ئې،
غۇررەتىككى غۇر.

ئامرىقىم قىلسا گۇناھنى،
مەن قولنى بىر باغلىسام.
لاخشىگىردە چوغ ئېلىپ،
چولپان كۆزىنى داغلىسام.

ئېمىقى ئې،
غۇررە تىككى غۇر.

ئوچۇقۇمدا ئوتمۇ يوق،
شۇك ئولتۇرسىلا، شۇك.
قاپىقىمدا سۇمۇ يوق،
شۈك ئولتۇرسىلا ،شۈك.
ئېمىقى ئې،
غۇررە تىككى غۇر.

【بوۋاي تۇيۇقسىزلا نەغمىچىنى ئارقىغا ئىتتىرىۋېتىدۇ،نەغمىچى كەينىگە يىقىلىدۇ.】
بوۋاي:نەچچە تاش؟
نەغمىچى: بىر تاغار تاش.
【ئويۇن تۈگەيدۇ،ئىككىيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ سالام بېرىدۇ.】
كۆپچىلىك: بارىكللا!

داۋامى بار

tvman يوللانغان ۋاقتى 2010-11-23 21:39:39



【غوجىدار بىر يىگىتنىڭ ئالىدىغا كېلىپ سالام بېرىدۇ.】
غوجىدار: ھەشقاللا!
【يىگىت مەيدانغا چۈشىدۇ،نەغمىچىلەر «دار ئويۇنى» نىڭ مۇزىكىسىنى باشلايدۇ.يىگىت ئىككى قولىنى كېرىپ تەڭشەك قىلىپ،ئىككى قەدىمىنى مۇزىكا رېتىمىغا ماسلاشتۇرغان ھالدا بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە ئالدى-كەينىگە يۆتكەپ،داردا ماڭغاننى دورايدۇ. ئويۇن يېرىملاشقاندا، يىگىت تۇيۇقسىز توختاپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ.】
غوجىدار : قارىم ، توختاپ قالدىلىغۇ ؟
يىگىت : مەن ئەمدى دارنىڭ ئۈستى تەرپىگە ماڭىمەن غوجام،« يامغۇر بىلەن يەر كۆكىرەر ، مەدەت بىلەن ئەر كۆكىرەر» دېگەن گەپ بار. مەن تەجەللى ھەزرەتلىرىدىن مەدەت تىلىمەكچى.
غوجىدار: خوش؟
يىگىت : مېنىڭ تەجەللى ھەزرەتلىرىدىن سورىۋالىدىغان بىرنەچچە سۇئالىم بار ئىدى.
غوجىدار: (تەجەللىنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام بېرىدۇ) ھەزرىتىم،رۇخسەتمىكىن؟
تەجەللى:ئىجازەت.
غوجىدار: (يىگىتكە) قېنى سورىسىلا.
يىگىت: ھەزرىتىم ئىنساننىڭ ئەڭ ئالىي پەزىلىتى نېمىكىن؟
تەجەللى : ئۆز بېشىغا كەلگەن قىيىنلىققا بەرداشلىق بىرىش،  ۋە ئۆز ئىلىگە، خەلقىگە، دوستىغا خىيانەت قىلماسلىق .
يىگىت : ھاياتلىقنىڭ ئەۋزەللىكى نېمىكىن؟
تەجەللى:  ئىلىم-مەرىپەت ، ھالال مېھنەت ، پاك مۇھەببەتتۇر.
يىگىت : ھەزرىتىم ، دۇنيادا ئەڭ ئېغىر نەرسە نېمىدۇر؟
تەجەللى:غېرىبلىق،جۇدالىق،مۇھتاجلىق دۇنيادا ئەڭ ئېغىر نەرسىلەردۇر.
يىگىت: ئەڭ ئېسىل بايلىق نېمىكىن؟
تەجەللى : سالامەتلىك ۋە خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشتىن ئارتۇق بايلىق يوق.
يىگىت: ھەشقاللا ھەزرىتىم ، ئۆزلىرىنىڭ تەلىمى پېقىرغا مەدەت بولدى. يا پىرىم!
【يىگىت «دار»نىڭ ئۈستىگە قاراپ ماڭىدۇ،ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى قىلىپ،داردا ماڭغان خەتەرلىك ھالەتلەرنى دورايدۇ.مۇزىكا توختاپ،ئويۇن ئاياقلىشىدۇ،يىگىت كۆپچىلىككە سالام بېرىدۇ. 】
كۆپچىلىك:بارىكاللا!

9

【غوجىدار بىر ئەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ سالام بېرىدۇ. 】
غوجىدار: ھەشقاللا،ھەشقاللا!

داۋامى بار

tvman يوللانغان ۋاقتى 2010-11-23 21:40:13

【ئەر مەيدانغا چۈشۈپ تۆردىكىلەرگە سالام بېرىدۇ،نەغمىچىلەر «قېنى-قېنى»دېگەن ھەجۋىي ئېيتىشىشنىڭ مۇزىكىسىغا چېلىشقا باشلايدۇ. بۇ ئېيتىشىشتا نەغمىچىلەر يىگىتنىڭ رولىدا كۆللېكتىپ ناخشا ئېيتىدۇ،ئۇسسۇلچى ئەر بولسا قىزنىڭ رولىدا جاۋاپ ناخشا ئېيتقاچ،ناخشا تېكىستىنىڭ مەزمۇنىغا ماسلاشتۇرۇپ،ناخشىدا نېمە دېيىلسە،شۇ مەزمۇننى قىزىقارلىق ھەجۋىي ھەرىكەتلەر بىلەن ئورۇنلاپ ئۇسسۇل ئويناپ، مەشرەپ ئەھلىنى كۈلدۈرىدۇ.】

نەغمىچىلەر:

قېنى خېنىكام، قېنى باشىڭىز،
قېنى-قېنى باشىڭىز، قېنى؟

ئەر:

مانا جېنىكام،مانا باشىمىز،
مانا- مانا باشىمىز، مانا.

نەغمىچىلەر:

مەن ئېپ بەرگەن دوپپىلارنى ،
كىيمەي كەپسىز خېنىكام، قېنى؟
قېنى-قېنى خېنىكام، قېنى؟

ئەر:

سىز ئېپ بەرگەن دوپپلىرىڭىز،
شاپاق چىقتى جېنىكام،
ئۆزىمىزدە بار ئىكەن،
كىيگەچ كەلدۇق مانا،
مانا-مانا جېنىكام،مانا.

نەغمىچىلەر:

ئۆزىڭىز شاپاقكەن،ئۆزىڭىز كىيەلمەس،
ئېپ بەرمىسەم بوپتىكەن ئېسىت،
زايە كەتكەن پۇللىرىم ،ئېسىت.

ئەر:

ئېسىت باشىمەي، ئېسىت باشىمەي،
شاپاق كىيگەن باشىمەي،ئېسىت.

نەغمىچىلەر:

خاپا بولماڭ، كۆپ يىغلىماڭ ،
ئېپ بىرىمەن خېنىكام يەنە.

نەغمىچىلەر:

قېنى خېنىكام، قېنى قاشىڭىز،
قېنى- قېنى قاشىڭىز، قېنى؟

ئەر:

مانا جېنىكام، مانا قاشىمىز،
مانا- مانا قاشىمىز، مانا .

نەغمىچىلەر:

مەن ئېپ بەرگەن ئوسمىلارنى ،
قويماي كەپسىز خېنىكام ، قېنى؟
قېنى-قېنى خېنىكام، قېنى؟

ئەر:

سىز ئېپ بەرگەن ئوسمىلىرىڭىز
كۆمۈر چىقتى جېنىكام ،
ئۆزىمىزدە بار ئىكەن،
قويغاچ كەلدۇق مانا،
مانا-مانا جېنىكام، مانا.

نەغمىچىلەر:

ئۆزىڭىز قويالماس،ئۆزىڭىز كۆمۈركەن،
ئېپ بەرمىسەم بوپتىكەن، ئېسىت،
زايە كەتكەن پۇللىرىم، ئېسىت.

ئەر:

ئېسىت قاشىمەي ،ئېسىت قاشىمەي،
كۆمۈر قويغان قاشىمەي ،ئېسىت .

نەغمىچىلەر:

خاپا بولماڭ، كۆپ يىغلىماڭ ،
ئېپ بىرىمەن خېنىكام يەنە .

نەغمىچىلەر:
قېنى خېنىكام، قېنى قۇلىقىڭىز،
قېنى-قېنى قۇلىقىڭىز،قېنى؟

ئەر:

مانا جېنىكام، مانا قۇلىقىمىز،
مانا-مانا قۇلىقىمىز، مانا.

نەغمىچىلەر:

مەن ئېپ بەرگەن ئالتۇن زىرىنى،
سالماي كەپسىز خېنىكام،قېنى؟
قېنى-قېنى خېنىكام، قېنى؟

ئەر:

سىز ئېپ بەرگەن ئالتۇن زىرىڭىز
تۆمۈر چىقتى جېنىكام،
ئۆزىمىزدە بار ئىكەن،
سالغاچ كەلدۇق مانا،
مانا –مانا جېنىكام،مانا.

نەغمىچىلەر:

ئۆزىڭىز تۆمۈركەن، ئۆزىڭىز سالالماس،
ئېپ بەرمىسەم بوپتىكەن ئېسىت،
زايە كەتكەن پۇللىرىم، ئېسىت.

ئەر:

ئېسىت قۇلقىمەي ، ئېسىت قۇلقىمەي،
تۆمۇر ئاسقان قۇلقىمەي، ئېسىت.

نەغمىچىلەر:

خاپا بولماڭ ، كۆپ يىغلىماڭ ،
ئېپ بىرىمەن خېنىكام يەنە.

نەغمىچىلەر:

قېنى خېنىكام، قېنى قولىڭىز ،
قېنى- قېنى قولىڭىز قېنى ؟

ئەر:

مان جېنىكام ،مانا قولىمىز،
مانا-مانا قولىمىز، مانا.

نەغمىچىلەر:

مەن ئېپ بەرگەن ئالتۇن بىلەزۇكنى،
سالماي كەپسىز خېنىكام ،قېنى؟
قېنى-قېنى خېنىكام، قېنى؟

ئەر:

سىز ئېپ بەرگەن ئالتۇن بىلەزۈك
يالغان چىقتى جېنىكام،
ئۆزىمىزدە بار ئىكەن،
سالغاچ كەلدۇق،مانا،
مانا –مانا جېنىكام، مانا.

نەغمىچىلەر:

ئۆزىڭىز يالغان، ئۆزىڭىز سالالماس،
ئېپ بەرمىسەم بوپتىكەن، ئېسىت،
زايە كەتكەن پۇللىرىم، ئېسىت.

ئەر:

ئېسىت قولىمەي ،ئېسىت قولىمەي،
يالغان سالغان قولىمەي،ئېسىت.

نەغمىچىلەر:

خاپا بولماڭ،كۆپ يىغلىماڭ ،
ئېپ بېرىمەن خېنىكام يەنە .

نەغمىچىلەر:

قېنى خېنىكام،قېنى بېلىڭىز،
قېنى-قېنى بېلىڭىز، قېنى؟

ئەر:

مانا جېنىكام، مانا بېلىمىز،
مانا –مانا بېلىمىز، مانا.

نەغمىچىلەر:

مەن ئېپ بەرگەن شايى پوتىنى،
چىگمەي كەپسىز خېنىكام، قېنى؟
قېنى-قېنى خېنىكام، قېنى؟

ئەر:

سىز ئېپ بەرگەن شايى پوتا
شوينا چىقتى جېنىكام،
ئۆزىمىزدە بار ئىكەن،
چىگكەچ كەلدۇق،مانا،
مانا-مانا جېنىكام، مانا.

نەغمىچىلەر:

ئۆزىڭىز شوينا، ئۆزىڭىز چىگەلمەس،
ئېپ بەرمىسەم بوپتىكەن ئېسىت،
زايە كەتكەن پۇللىرىم، ئېسىت .

ئەر:

ئېسىت بېلىمەي ،ئېسىت بېلىمەي،
شوينا چىگكەن بېلىمەي، ئېسىت .

نەغمىچىلەر:

خاپا بولماڭ،كۆپ يىغلىماڭ
ئېپ بىرىمەن خېنىكام يەنە.

【ناخشا ئاياقلىشىپ،ئەر سورۇندىكىلەرگە سالام بېرىدۇ.】
كۆپچىلىك: بارىكاللا!


داۋامى بار

tvman يوللانغان ۋاقتى 2010-11-23 21:40:42

【بارىكاللا بېسىقىشى بىلەنلا، سورۇنغا ئوۋچى قىياپىتىدە ياسانغان چاققان بىر بوۋاي كىرىپ كېلىدۇ.ئۇ بىر تۇماقنى تەتۈر ئۆرۈپ،توم يىپ بىلەن ئوتتۇرىسىدىن چىگىپ «قارچۇغا» قىلىپ،ئۇنى قولىغا قوندۇرغان قىياپەتتە بىر قولىدا تۇتىۋالغان،يەنە بىر قولىدا يىپنىڭ بىر ئۇچىنى تۇتقان.】
ئوۋچى:ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
غوجىدار:ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
ئوۋچى: مېنىڭ بىر قارچۇغام بار ئىدى،مۇنداق قارىسام مۇشۇ يەردە قۇشلىسام بولىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار ئىكەن،رۇخسەت قىلسىلا بىر قۇشلىسام بولامدىكىن.
غوجىدار : (ئىسمايىل ھاجىمنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ ) ئىجازەتمىكىن ھاجىم ؟
ئىسمايىل ھاجىم: ئىجازەت!
غوجىدار: (ئوۋچىغا)قېنى،مەرھەمەت.
【ئوۋچى «قارچۇغا»نى كۆتىرىپ سورۇننى ئايلىنىپ،تۇيۇقسىزلا «ھايت!» دەپ ۋاقىرىغىنىچە «قارچۇغا» بىلەن بىر چوكاننى ئۇرىدۇ ۋە چاققانلىق بىلەن يىپنى تارتىپ «قارچۇغا»نى قايتۇرۇپ كېلىدۇ.】
غوجىدار : باقشىم، نېمە قۇشلاپلا ؟
ئوۋچى :كاس-كاس سېغىزخاندىن بىرنى قۇشلاپتىمەن!
غوجىدار : نېمىش قىپتىكەن ئۇ سېغىزخان ؟
ئوۋچى : مەشرەپنىڭ تەرتىپىنى بۇزۇپ،باشقىلارنى گەپكە تۇتۇپتىكەن.
ئوۋچى: ئوبدان قىپلا باقشىم،ئوبدان قىپلا.
【ئوۋچى سورۇننى ئايلىنىپ،ئالدىنقى ھەرىكەتنى تەكرارلاپ،بىر بوۋاينى قۇشلايدۇ.】
غوجىدار : نېمە قۇشلاپلا باقشىم ؟
ئوۋچى : نېمە قۇشلايتىم،تورغايدىن بىرنى قۇشلاپتىمەن!
غوجىدار: نېمىش قىپتىكەن ئۇ تورغاي ؟
ئوۋچى: بۇ تورغاي ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى بىرەيلەننىڭ نەرسىسىنى ئوغۇرلىۋاپتىكەن.
غوجىدار :ھە،ئوبدان قىپلا باقشىم !
【ئوۋچى سورۇننى ئايلىنىپ چىقىپ،تۇيۇقسىز بىر نەغمىچىنى قۇشلايدۇ .】
غوجىدار : باقشىم نېمە قۇشلاپلا؟
ئوۋچى : قاپقارا توشقاندىن بىرنى قۇشلاپتىمەن !
غوجىدار : نېمىش قىپتىكەن ئۇ توشقان؟
ئوۋچى :  شۇنداق ئوبدان مەشرەپ بولىۋاتسا مۈگىدەپ قاپتۇ ،كۆرمەملا!
غوجىدار : ئوبدان قىپلا باقشىم،ئوبدان قىپلا.
【ئوۋچى تۇيۇقسىز يەنە بىر ئەرنى قۇشلايدۇ . 】
غوجىدار : نېمە قۇشلاپلا باقشىم ؟
ئوۋچى : ئۇرۇق بىر كەكلىك قۇشلاپتىمەن،غوجام .
غوجىدار : نېمىش قىپتىكەن ئۇ كەكلىك ؟
ئوۋچى : نېمىش قىلاتت،ئۇ كەكلىك تۆنۈگۈن سۇغا چىققان بىر چوكانغا كۆلنىڭ بېشىدا چاقچاق قىپتىكەن .
غوجىدار : ئوبدان قىپلا باقشىم،ئوبدان قىپلا. ئۇ كەكلىك بىزگە بىر ئويۇن كۆرسىتىپ بەرسۇنمۇ؟
ئوۋچى: شۇنداق قىلسۇن.

11

【نەغمىچىلەر «قوچاق ئۇسسۇلى»نىڭ مۇزىكىسىنى چېلىپ ناخشىسىنى باشلايدۇ.تەمبەل بىر ئادەم ئۈستىگە ئايالچە كىيىم كىيدۈرۈلگەن بىر قوچاقنى كۆتىرىپ سورۇنغا كىرىدۇ،ئىككى يىگىت قوچاقنى چۆگىلەپ ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ.بۇ ئويۇندا بايىقى «كەكلىك» بەدىنىنى ئايالچە كىيىم بىلەن يېپىۋېلىپ، ئىككى پۇتىنى قوچاقنىڭ قولى قىلىپ،ئىككى قولىنى قوچاقنىڭ بېشى قىلىپ،مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ قىزىقارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ.  ئىككى يىگىت بولسا،خۇددى ئۇسسۇل ئويناۋاتقان بىر قىزغا چاقچاق قىلغاندەك ۋە ئۇ قىزنى ئىككى يىگىت تالاشقاندەك ھەرىكەتلەرنى قىلىپ،مەشرەپ ئەھلىنى كۈلدۈرىدۇ. 】

ئوڭ يانىغا تاشلاپ ئويناسۇن،
سول يانىغا تاشلاپ ئويناسۇن.
ساچىغا ئاسقان لېنىتىسىنى،
يانىغا تاشلاپ ئويناسۇن.

يا ئۇيانلىق بولمايدۇ،
يا بۇيانلىق بولمايدۇ.
ئوتىڭىز يامان خېنىم،
چىدىغىلى بولمايدۇ.

بىزنىڭ باغدا ياڭاق بار،
ئىچەي دېسە شاراپ بار.
بىكار گەپنى ئاز قىلسىلا،
ئاھانەت بىلەن تاياق بار.

ساماۋەرلەر بولسىدى،
چايلىرى قايناپ تۇرسىدى.
بىر چىنە چاينى ئىچكىچە،
يارىم ئويناپ تۇرسىدى.

ئېرىق بويى چىم بوپتۇ،
چىم بولغانغا نېم بوپتۇ.
يارىم بوشراق ناز قىلسۇن،
بىر سۆيگەنگە نېم بوپتۇ.

【ناخشا ئاياقلىشىپ،ئىككى ئۇسسۇلچى يىگىت،قوچاق بولغان «كەكلىك» ۋە قوچاقنى كۆتىرىپ تۇرغان ئادەم كۆپچىلىككە سالام بېرىدۇ.】
كۆپچىلىك: بارىكاللا!


داۋامى بار

tvman يوللانغان ۋاقتى 2010-11-23 21:41:09

ئىسمايىل ھاجىم : (تەجەللىگە قاراپ) مانا مۇشۇنداق دىل ئازادە چاغلاردا ئۆزلىرىدىن نەزمە ئاڭلىغا ن بولساق بەكمۇ خۇرسەن بولار ئىدۇق .
تەجەللى : ( ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىدۇ) مەيلى ، بىر بىيىت يادىمغا كەلدى دەپ باقاي :

سەنسىز ئولسام باغ ئارا باغ مېھنەت تاغىدۇر،
سەن بىلەن تاغ ئىچرە يۈرسەم تاغ جەننەت باغىدۇر.

ئىسمايىل ھاجىم : (ۋە باشقىلار ئورنىدىن يېرىم تۇرۇپ) ئاپىرىن، ئاپىرىن،ھەشقاللا ھەزرىتىم، ھەشقاللا!

13

【نەغمە باشلىنىدۇ. غوجىدار «ھەشقاللا ،ھەشقاللا»  دەپ ئىككى چوكاننى ئۇسسۇلغا تارتىدۇ.ئىككى چوكان ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ.】

ئوتياشمۇ كىشى،سىمى-سىمى كۆكلەگىلى،
نادانمۇ كىشى،شۇنچەلىنى بىلمەگىلى.

شامەشرەپ ئاكا ئۆيۈڭ سېنىڭ قايدا بولۇر،
مۇشۇ يەرگە سالسام ساراي نەغمە بولۇر.

تۈنۈگۈن چۈش ۋاقتىدا،
ئىككى جۇۋان چىقتى سۇغا.
قاپىقى لايغا پېتىپ،
ئالمالىرى ئاقتى سۇدا.

【بىرىنجى ئۆزگىرىش ئاخىرلىشىپ،ئىككى چوكان ئىككى ئادەمنى ئۇسسۇلغا تارتىپ، ئۆزلىرى سورۇندىن چۈشىدۇ،ئىككى ئادەم ئۇسسۇلنى داۋاملاشتۇرىدۇ.】

داپنى چالىمەن دۇڭغا،
غەزەل ئوقۇيمەن ئوڭغا.
بىر پىيالە چاي تۇتتۇم،
ئاشنام قارا كۆز چوڭغا.

ئەتىيازدىن بۇياقى،
لاي سۇ پەسلىگەن ئەمەس.
مەن شۇنچە ئادەم بولۇپ،
كىشىنى قەستلىگەن ئەمەس.

يۇلغۇن چېچىكى سايدا،
مېھرىبان يارىم قايدا.
سۆيسەڭ ياخشىنى سۆيگىن،
شېرىن جانىڭغا پايدا.

【ناخشىنىڭ ئىككىنجى ئۆزگىرىشى ئاياقلىشىپ،ئۈچىنچى ئۆزگىرىشكە ئۆتكەندە،ئىككى ئادەم سالام بىلەن ئىككى يىگىتنى ئۇسسۇلغا تارتىپ،ئۆزلىرى سورۇندىن چۈشىدۇ،ئىككى يىگىت ئۇسسۇلنى داۋاملاشتۇرىدۇ.】

مالنى قىرغا ھەيدەڭلار،
ئېگىز قىرنى بويلىتىپ.
سەن ئالامسەن بۇ جاننى،
قاش-كۆزۈڭنى ئوينىتىپ.

باغ بىلەن بوستان سالقىن ئىكەن،
تېرەكلىك بوستان سالقىن ئىكەن.

كېۋەزنىڭ بويى ئازغان،
ئالغان ئوتلىرىم قالغان.
ئارزۇلاپ سۆيگەن يارغا،
قاچان يۈرەكىم قانغان.

باغ بىلەن بوستان سالقىن ئىكەن،
تېرەكلىك بوستان سالقىن ئىكەن.

【نەغمە ئاياقلىشىپ ئىككى يىگىت كۆپچىلىككە سالام قىلىدۇ.】
كۆپچىلىك: بارىكاللا!

14

【غوجىدار بايا ئۇسسۇل ئوينىغان ئىككى يىگىتنىڭ بىرىگە چاي تۇتىدۇ. 】
غوجىدار: ھەشقاللا،ھەشقاللا!
【يىگىت چاينى ئېلىپ تۆردە ئولتۇرغان ھەمدەمباينىڭ ئالدىغا كېلىدۇ .】

يىگىت :

ئېگىز تاغ بېشىدا ،
تېشىلدى چورۇق .
ئوبدان باقمىغاچ ،
قويلار بەك ئورۇق .

ھەمدەم باي :

قويچى قوينى قانداق باقار ،
باققىلى تۈز بولمىسا ؟
بۇغرا كېچىكتىن قانداق ئۆتەر ،
كۆرگىلى كۆز بولمىسا ؟

يىگىت :

ئاۋۇ تاغنىڭ ئۈستىدە
قامچام قالدىمۇ؟
قامچا بويلۇق يار ئورمىدا
قولى تالدىمۇ؟

ھەمدەمباي  : ئاپىرىن، پېقىر ھەمدەم باي تەن بەردىم.(يىگىتنىڭ قولىدىكى چاينى ئالىدۇ)
غوجىدار : پالۋان ئېشى كەلتۈرۈلسۇن !
【قىزلار يەتتە لىگەندە يەل –يېمىش،قەنت-گېزەكلەرنى ئېلىپ چىقىپ داستىخانغا قويىدۇ. ھەمدەم باي قولىدىكى چاينى ئىچىۋىتىپ،غوجىدار ۋە قىزلارنىڭ ياردىمىدە يەل-يېمىشلەرنى ئاۋال تەجەللى باشلىق تۆردىكىلەرگە،ئاندىن سورۇندىكىلەرگە تۇتىدۇ،ئاخىردا سورۇننىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىدۇ.】
ھەمدەمباي : پېقىر ھەمدەمباي تەجەللى ھەزرىتىمنىڭ ھۆرمىتىگە كېلەر  ئازنا كۈنى كەچتە تۆۋەن چاقاردىكى قورۇيىمدا مەشرەپكە داستىخان سالىمەن، تەجەللى ھەزرىتىمنىڭ، يۇرۇت كاتتىلىرىنىڭ  ۋە يۇرتداشلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى سورايمەن.
تەجەللى : تەشەككۈر ،تەشەككۈر !
كۆپچىلىك: بارىكاللا ،بارىكاللا !

داۋامى بار

tvman يوللانغان ۋاقتى 2010-11-23 21:41:37

【غوجىدار نەغمىچىلەرنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ.】
غوجىدار: قېنى مەرھەمەت!
【«نەغمە » باشلىنىدۇ،غوجىدار مەشرەپ ئەھلىنى ئۇسسۇلغا تارتىدۇ،مەشرەپ ئەھلى بىر- بىرلەپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، كوللېكتىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ،مەشرەپ ئەۋجىگە چىقىدۇ. 】

سېنىڭ جانىڭ مېنىڭ جانىم،
بىر جان ئەمەسمۇ.
سېنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ جانىم،
قۇربان ئەمەسمۇ.

باھار بولدى،گۈللەر ئاچىلدى،
مېنىڭ گۈلۈم ئاچىلمىدى.
مېنىڭ گۈلۈم ئاچىلغاندا
نە بولدى يارىم كەلمىدى.

دەريا بويى ئىككى قاش،
پالتا چاپسام تېگى تاش.
بىر تەكىيدە ئىككى باش،
ئىككىلىسى قەلەم قاش.

چىڭگىلىككا –چىڭگىلىك،
ئۆستەڭ بويىدا چىڭگىلەك.
تاپسا تاللاپ سۆيگۈلۈك،
تاپمىسا مەندەك يۈرگىلىك.

بارسىلا بىرگە بارايلى،
يولدا يالغۇزلۇق يامان.
يالغۇزلۇققا كىم ئۆلۈپتۇ،
ئايرىلىپ قالغان يامان.

نەدىكى گەپنى قىلىپ،
ئەندىشىگە قالدى كىشى.
چەككىلى تاماكا يوق،
مۇڭداشقىلى نەدە كىشى.

يارىم بىلەن مەن باردىم ،
باغدىن گۈل ئۈزۈپ ياندىم.
سەن يارىمنىڭ ئىشقىدا،
كالتە بالاغا قالدىم.

چاقچاق گېپىڭىز بار يارىم،
غۇنچە گۈلىڭىز يوق،
ئەسلا خەۋىرىڭ يوق ئويناشتىن.

يارىم شەرەت قىلىدۇ،مەن بارماي تۇرىمەنا،
يارنىڭ ئىشىق ئوتىغا پايلىماي تۇرىمەنا.

-----

داۋامى يوق تۈگىدى

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 10:52:13

.

ئايال كىشى پوتا باغلامدۇ ؟ شاپاق دوپپا كىيەمدۇ ؟

begtash يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 22:35:54

زىرىكمەي-تىرىكمەي يىزىپ چىقىپسىزدە

hababam يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 23:25:30

tvmanنىڭ قولىغا دەرت كەلمىگەي.ئۆزۈم بىرىپ مەشرەپ ئوينىغاندەك بولدۇم.
بەت: [1]
: (سىنارىيە)گۇما كىلىياڭ مەشرىپى