ipad دىن جىددى ياردەم سورايمەن
بۈگۈن ios 4.2 چىقىپتۇ دەپ قولۇمدىكى ipad نىڭ دەرجىىسىنى ئۆستۈرەي دەپ قاچىلىسام بەش سائەت ۋاقىت چىقىرىپ خاتالىق ئۇچۇرى
1604 دەپ چىقىۋىلىپ پەقەت بولمىدى ، ipad مۇ ئېىچىلماس بوپ قالدى ، بەك جىلە بوپ كەتتىم ،، بىر ياردەم قىلساڭلار ،،باشقۇرغۇچىلار جاۋاپ چىققۇچە بىر تەستىقلاپ قويساڭلار ،، ئاندىن ئۆچۈرۋەتسەڭلارمۇ مەيلى، بەك مۇھىمتى
كومپيۇتېردىكى Messenger,Telnet,Terminal Servieces قاتارلىق دېتاللارنىڭ مۇلازىمېترنى ئاچسىڭىزىلام بۇ مەسىلە ھەل بولىدۇ.
ئادەتتە نۇرغۇن كومپيۇتېرلارىدا بۇ ئۈچ خېل دېتالىنڭ مۇلازىمتېرى توخىتىلغان ھالەتتە.
oghlan:
بۈگۈن ios 4.2 چىقىپتۇ دەپ قولۇمدىكى ipad نىڭ دەرجىىسىنى ئۆستۈرەي دەپ قاچىلىسام بەش سائەت ۋاقىت چىقىرىپ خاتالىق ئۇچۇرى
1604 دەپ چىقىۋىلىپ پەقەت بولمىدى ، ipad مۇ ئېىچىلماس بوپ قالدى ، بەك جىلە بوپ كەتتىم ،، بىر ياردەم قىلساڭلار ،،باشقۇرغۇچىلار جاۋاپ چىققۇچە بىر تەستىقلاپ قويساڭلار ،، ئاندىن ئۆچۈرۋەتسەڭلارمۇ مەيلى، بەك مۇھىمتى
بۇنىڭغا جىلە بولۇش كەتمەيدۇ. iPad ئېكرانى يۇرۇمدۇ؟ بۇ دېگەنلىك ئىپادنى كومپيۇتېرغا چاتسىڭىز كومپيۇتېردا بىرەر دېتال بايقىغانلىق ئۇچۇرى چىقامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئىتۇنېسنى قوزغىتىپ زاۋۇت ھالىتگە ياندۇرۇش مەشغۇلاتى قىلىڭ.
زاۋۇت ھالىتىگە ئوڭۇشلۇق ياندۇرالىسىڭىز سىستېما نەشرىمۇ 4.2 گە يېڭىلىنىدۇ. شۇغىنىسى ئىچىدىكى سىز قاچىلىغان بارلىق نەرسىلەر يوقلا بولىدۇ شۇ. ئۈستىدىكى ئىنكاستا دېيىلگەندەك يېڭىلاۋاتقاندا توردا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن گەپ. شۇڭا شۇنداق بولىدۇ. ئادەتتە مەشغۇلات ئوڭۇشلۇق بولسا كۆپ بولسا بىر سائەت بولمىسا يېرىم سائەتلەردە مەسىلە ھەل بولاتتى.
مەن ئىپاد ئىشلىتىپ باقمىدىم، ئەمما ئىپاد بىلەن ئايفۇننىڭ مەشغۇلات شەكلى ئوخشاش بولغاچقا سىزگە بۇ تەكلىپنى بېرىۋاتىمەن. ئىپاد (ياكى ئايفۇن) ئېكرانىدا ئىتۇنېس ۋە سانلىق مەلۇمات سىمىنىڭ بەلگىسى چىقىپ قوزغىلالمىسا مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلالايسىز.
مېنىڭ ئايفون4.0.2 نەشرى...4.2غا قاچان كۆتۈرۈش مۇمكىن بولار.
مۇنداق سىناپ بېقىڭ:ئالدى بىلەن ipadنى ئۆچۈرۈڭ(power+home)نى بېسىپ، itunesنىمۇ ئۆچۈرۈڭ،ئاندىن كومپىيۇتېردىن ئالدى بىلەن كونتىرۇل تاختىسى--باشقۇرۇش ئەسۋابى--مۇلازىمەت---messenger,telnet,terminal services دىگەن بۇ 3 تۈرنى تاللاڭ، ئېچىش ئۇسۇلى دىگەنگە ئالدى بىلەن ئاپتۇماتىك دىگەننى تاللاڭ،ئاندىن مۇلازىمەت دىگەن يەردىن قوزغۇتۇڭ،كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغۇتۇڭ،ئاندىن قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى يەنە بىر سىناپ بېقىڭ...مەن بىر قېتىم ئايفوننىڭ توكىنى چېتىپ قويۇپ ئېكران قاپ قارىلا بوپ قېلىپ .بىر سائەت گۇگۇل قىلىپ ئاخىرى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان،لېكىن ئۇ چاغدا خاتالىق ئۇچۇرى 1602 تى.
كومپىيۇتېرىڭىز قايسى سېستىما؟ ياكى بولمىسا باشقا سېستىمىلىق كومپىيۇتېردىمۇ سىناپ بېقىڭ ئالدى بىلەن.
ipadڭىز ئوڭشالغاندىن كېيىن سىزگە بەزى پېچەت ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە كىتابلارنى تەۋسىيە قىلاي. ipadدىلا ئېچىپ ئوقۇيسىز. يەنە كومپىيۇتېرنىڭ usb سىگىمۇ دىققەت قىلىپ بېقىڭ،بەزىدە ئۇلىنىش ياخشى بولمايدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ...باشقا كومپىيۇتېرغا ئالماشتۇرۇپ بېقىڭ.http://forum.tgbus.com/viewthread.php?tid=1051452
http://www.baidu.com/s?wd=1604+&n=2
بەك ئەپلەشمىسە ماڭا سەپ بىرىڭ مەن ئوڭشاپ بىرەي .