UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-22 15:26:29

تارىختا بۈگۈن (22-نويابىر )

1910-يىلى بۈگۈنكى كۈندە لىف تولىستوينىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۇنىڭ يۇرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن .

1943-يىلى بۈگۈنكى كۈندە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ،ئەنگىلىيە،ئامېرىكا رەھبەرلىرى قاھىرەدە <قاھىرە يىغىنى>نى ئاچقان .

بۇ يىغىنغا ئامېرىكا زوڭتۇڭى روزۋېلىت،جۇڭخۇا مىنگو ھەربى ئىشلار كومتىتىنىڭ باشلىقى جىياڭ جوڭجىڭ (باشقا مەنبەدە جىياڭ جىشى دەپ ئېلىنىپتۇ)،ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى  چېرچىل    قاتارلىقلار ئۆز دۆلەتلىرىگە ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان بولۇپ، بۇ يىغىندا ئاسالىقى ياپونىيەنى شەرىتسىز تەسلىم بولۇشقا قىستاش ،ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتا بېسىۋالغان بارلىق زىمىنىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش ،چاۋشىيەن يېرىم ئارلىنىڭ مۇستەقىل بولىشىنى قوللاش قاتارلىق مەسلىلەر مۇزاكىرە قىلىغان .

1949-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو خەلىق ئازادلىق ئارمىيەسى  دىڭىز ئارمىيە دالىيەن پاراخوتچىلار ئىنىستىتوتى قۇرۇلغان .

1956-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى يۈننەن ئۆلكىسى دالى بەيزۇ ئاپتۇنۇم ئوبلاستى قۇرۇلغان.

1963-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا زوڭتۇڭى كېنىدى قەسىتكە ئۇچىراپ، ئۆلتۈرۈلگەن.

1967-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشى 242-نومۇرلۇق قارارنى ماقۇللاپ ،ئىسرائىليەدىن 3-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرىق ئۇرشىدا ئىگەللىۋالغان پەلەستىننىڭ بارلىق زىمىنىدىن چىكىنىپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان .

1971-يىلى بۈگۈنكى كۈندە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئادەمسىز ئالەم ئايروپىلانى مارىس2-نومۇر بىر دانە قونۇش ئەسۋابىنى مارىسقا ئېلىپ چىققان .

1972-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا زوڭتۇڭى نېكسون ئامېرىكىلىقلارنىڭ جۇڭگوغا ساياھەتكە بېرىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان .

1986-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تەيسۇن دۇنيادىكى ئەڭ ياش بوكىس چولپىنى بولۇپ قالغان .

1990-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ساچىر خانىم ئەنگىلىيە باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسدىن ئىستىپا بەرگەن .

2002-يىلى بۈگۈنكى كۈندە نېگىرىيەدە دۇنيا گۈزىلىنى تاللاش مۇسابىقسىدە قالايمىقانچىلق يۈز بېرىپ 100ئادەم ئۆلگەن.

2005-يىلى بۈگۈنكى كۈندە مېركىل گىرمانىيەنىڭ زۇڭلىسى بولغان ،ھەمدە گىرمانىيە تارىخدىدىكى تۇنجى ئايال زۇڭلى بولۇپ قالغان .

مەنبە؛ۋېكپىدىيە قامۇسى

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-22 17:31:47

UyghurBaligh:

1943-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو،ئەنگىلىيە،ئامېرىكا رەھبەرلىرى قاھىرەدە <قاھىرە يىغىنى>نى ئاچقان .

جۇڭگۇ ۋەكىللىرىنى قاتناشتى دىسەك مۇۋاپىقمىكىن دەيمەن...

MengYol يوللانغان ۋاقتى 2010-11-22 21:05:48

رەھمەت بىلۋالدىم

uyghurtegin يوللانغان ۋاقتى 2010-11-23 16:33:26

جاپا تارتىپسىز ...

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(22-نويابىر)