(تەڭرىقۇت )قىزىمنىڭ جاۋاپلىرى
ھەر كۈنى كەچتە ياتار چاغدا قىزىم مىنىڭ قوينۇمغا كىرىۋېلىپ ھىكايە ئېيتىپ بىرىڭ دەپ تۇرىۋالىدۇ. مەن ئاساسلىغى تىلى ئاددى، قىزىم چۈشىنەلىگىدەك ھىكايىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئېيتىپ بىرىمەن( قىزىم ئەمدى تۆت ياشقا كىردى).ھىكايىلىرىمنىڭ تولىسى كىچىكىمىزدە ئوقىغان ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئىچىدىكى ھىكايىلەر. ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرى ئىچىدىكى چۆچەكلەردە، ھەققانىيەت ھەر زامان غالىپ كىلىدىغانلىقى،ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھامان ياخشى بولىدىغانلىقى سۆزلىنىدىغان بولغاچقا، بالىلارغا قارىتا تەربىيە ئەھمىيىتى چوڭ بولىدۇ دەپ قارايمەن. تۈنۈگۈن يەنە شەيتانلىق قىلىپ قوينۇمغا كىرىۋالدى. ئۇ كىتاپلاردا بۇنداق بىر ھىكايە بولىدىغان.بىرمەلىكە توي قىلماقچى بۇلۇپ ئالدىغا كەلگەنلەردىن سۇئال سورايدىغان.شۇنى باشلاپ سۇئال سورايدىغان يىرىگە كىلىپ،دۇنيادا نىمە ئەڭ يۈگرۈك(يۈگۈرەيدۇ)؟ دىگەن سۇئالغا كەلگەندە، بىر يىگىت كۆڭۈل:'' ئەڭ يۈگرۈك(يۈگرەيدۇ)''- دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ دىسەم، قىزىم:''خاتا، توشقان بەك يۈگرەيدۇ''-- دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزىمنى گەپكە سالدىم. سورىغانسىرى قىزىق گەپلەر چىقىپ بەك كۈلىۋىتىپتىمەن. بەك كۈلىۋاتسام ھىچنىمە بولمىغاندەك پاتپات:'' خاتاما؟''- دەپ سوراپ قويىدۇ .ۋاي توغرا دەپ يۈرۈپ بىر ھازاغىچە كۈلۈپتىمەن. كىچىك بالىنىڭ تەپەككۈرىنى بۇغۇپ قويماسلىق ئۈچۈن جىق گەپ قىلمىدىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سورالغان سۇئاللارنىڭمۇ ئۆلچەملىك جاۋابى تازا دىگەندەك يوق بولغاچقا،ئىككىمىزگە ئۇيۇن بۇلۇپ بەردى.مەن سۇئال سوراشنى باشلىدىم...
--دۇنيادا نىمە ئەڭ تاتلىق؟
--ھەسەل
-دۇنيادا نىمە ئەڭ ئاچچىق؟
-- لازا(قىزىلمۇچ)
-- نىمە ئەڭ قاتتىق؟
-- بىزنىڭ داسقاندىكى نان
-- نىمە ئەڭ يۇمشاق؟
-- پاختا
-- دۇنيادا قايەر ئەڭ ئىسسىق؟
-- مىنىڭ يوتقۇنۇم
-- دۇنيادا قەيەر ئەڭ سوغۇق؟
-- تالا
-- دۇنيادا كىم ئەڭ سىمىز؟
-- چوڭئانام
-- دۇنيادا كىم ئەڭ ئۇرۇق؟
-- مەن
-- دۇنيادا كىم ئەڭ يوغان؟
-- گۈەيشوۋ(ئاۋتۇمەندە چىقىدىغان ھېلىقى ھايۋانلار)
--دۇنيادا كىم ئەڭ كىچىك؟
-- زىلالە(ئاچامنىڭ ئىككى ياشلىق قىزى)
-- دۇنيادا كىم ئەڭ ئەسكى؟
-- ۋاڭ خەنيۈ(باغچىسىدىكى بىر كەپسىز گۇي)
-- دۇنيادا كىم ئەڭ ياخشى؟
-- ئاپام بىلەن سىز
-- دۇنيادا قايسى تاماق ئەڭ تاتلىق؟
-- پولو
-- دۇنيادا نىمە تاماق ئەڭ ئاچچىق؟
-- ئاچچىق تاماقنى يەپ باقمىدىم
-- دۇنيادا نىمە ئەڭ ئىگىز؟
-- قەۋەت
-- دۇنيادا نىمە ئەڭ پاكار؟
-- پاقا
-- دۇنيادا نىمە ئەڭ يۇمىلاق؟
-- ماشىنىنىڭ چاقى...
ئىككى بالامنىڭ 0 يېشىدىن باشلاپ رەسىمى ۋە ئاۋازىنى ساقلاپ كىلىۋاتىمىز ، سۈرەتكە ئاپىسى مەسئۇل . ئاۋازغا مەن .
قايسى كۈنى ئاكىسى بىلەن تازا قىززىق ئويناۋېتىپتىكەن . مىكرافۇننى ئوغۇرلۇقچە ئەكىرىپ ئاۋازغا ئېلىۋالغان ئىدىم
خاتا ئەمەسكەن، ھەممىسى تاتلىق جاۋابلاركەن .
ئوغلۇم ئوغۇز بىلەنمۇ مۇشۇنداق مۇڭدىشىشقا تەقەززا بولىۋاتىمەن ...
نىمە دىگەن ئوماق جاۋاپلار
زىراپىنىڭ بويى قانداق؟
- ئىگىژژژ
پىلنىڭ بۇرنى قانداق؟
- ئۇژۇۇۇنننن
كىت قانداق قىلىدۇ؟
- پۇۋۋۋۋۋ...
بانكىدىكى ماشىنىغا نېمە سالىمىز؟
-كايتا
كارتا سالساق نېمە چىقىدۇ؟
- پۇي...
پۇلغا نېمە ئالىمىز؟
- باپ باپ..
يەنىچۇ؟
- مە...
مەنى نېمە قىلىمىز؟
- پىخ
پىخ قىلىپ نېمە قىلىمىز؟
- ھام ھام ...
بالام ماۋۇ قانچە؟
-بى
ئىككىدىن بىرنى ئالسا قانچە؟
- بى
ئۈچتىن ئىككىنى ئالسا قانچە؟
-بى
بەشتىن بىرنى ئالسا قانچە؟
-بى....
بىر يېرىم ياشلىق قىزىمنىڭ جاۋابلىرى.
ئاتا دىكىئا
ئەينەكتىكى ئە
ناندىكىن
پولۇدىكىپ
راۋاپتىكى ل ...................................
4 ياشلىق قىزىمنىڭ جاۋاپلىرى


بىكارچىنىڭكى بىلەن قوشۇلۇپ تازا كۈلۈپتمەن
-- نىمە ئەڭ قاتتىق؟
-- بىزنىڭ داسقاندىكى نان
-- دۇنيادا قايەر ئەڭ ئىسسىق؟
-- مىنىڭ يوتقۇنۇم
-- دۇنيادا قەيەر ئەڭ سوغۇق؟
-- تالا
——————————————————————————————————————
نېمانداق قىززىق ئوماق جاۋاپلار بۇ
ۋىيەي.بىر ياشلىق جىيەن قىزىمنى خويمۇ سېغىندىم بۇ تېمىنى كۆرۈپ،
تاتلىقلىقى زېرىكلىكى بالا دېگەننىڭ....بىر يەرنى ئۈسىۋالسا بېرىپ ئەھ ئەھ دەپ ئۇۇرپ كېتىدۇ، ئويۇنچۇق ئېتى باتى يېرلىپ كېتىپتى، .ئېتىڭىز قانداق بوپ قالدى دېسەكبېشىنى تۆۋۈن سېلىپ ئۆۋۋۋۋۋ دەيدۇ......
بىزنىڭمۇ شۇنداق ۋاقلىرىمىز بولغانمىدۇ دەپ كېتىمەن ئۇنىڭغا قاراپ.

كۆزتەگمىسۇن! تىخىمۇ ئەقىللىق چوڭ بولسۇن!
مەن بىر چاغدا بىر كىتاپتا 5ياشقا كىرگەن بالىنىڭ 6دۆلەتنىڭ تىلىنى بىلىپ بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغانتىم، ئىشەنمەي دېسەممۇ ئىشەنگەنتىم .(بالىلارنىڭ چۈچۈك تىلى ئاڭلاشقا بەك ئوماق،ئەمما بالىلار قانچە كىچىك تىلى يېتىلسە ئاتا-ئانا تېخىمۇ خۇشھال بولىدىغۇ دەيمەن؟)
بۇ يىل يازدا قارامايدا بىر قىزنى كۆردۈم،2ياشقا كىرىپتۇ،گەپ دېگەن بولدى شۇ قىزدىكەن دېدىم،«ز،ر،ل»ھەرىپلىرىنى تولۇق چىقىرىدىكەن،ئۇنى كۆرۈپلا كىتاپتىكى ھېلىقى ۋەقەلىك ئېسىمگە كېلىپ«مەن مۇشۇنداق بىر كىتاپ كۆرگەنتىم،ئۇنىڭدا 5 ياشلىق بىر بالىنىڭ 6دۆلەتنىڭ تىلىنى بىلىپ بولغانلىقى يېزىلىپتىكەن،دادىسىنىڭ دېيىشىچە،كىچىكىدىن ئۇنىڭغا ئەركىلەتمە سۆزلەردىن بىرنىمۇ دېمەستىن، ساپ چوڭلار تىلىدا سۆزلەپتىكەن،شۇڭا بالىنىڭ ئانا تىلى بەكلا راۋان ھەم بالدۇر چىقىپتۇ... ...»دېيىشىمگە،«شۇ كىتاپنى مەنمۇ ئوقۇغانتىم، شۇ تەسىر قىلىپ كېتىپ مەنمۇ شۇنداق تەربىيىلەپ باقاي دەپ شۇ ئۇسسۇلنى قوللانغان»دېدى.دېمەك،ھېلىقى ئەجنەبىي بالىنىڭ 6تىلنى بىلگىنىگە تېخىمۇ ئىشەندىم،
بۇ يەردە مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس بولۇپ قالدى،ئەمما ئۆتكەنكى (كىمنىڭ تېمىسى بولغىيتى؟يېڭى بولغاچ ئىسمىڭلارنى تۇتۇپ بولالمىدىم) «بالامنىڭ تىلى چىقتى»دېگەن تېمىغا ئەينى چاغدا كەلمىگەن ما ئەقلىم ھازىر كەلگەنتى،شۇڭا تۇتۇۋالدىم.ئاللاھ خالىسا مېنىڭمۇ شۇنداق تەربىيلىگۈم بار،مىجەزىم ئىتتىك بولغاچقىمىكى،بەزىدە بالىلارنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمىسەم يىغلىۋەتكىلى تاس قالىمەن،جىلە بولۇپ،يا ئۇرغىلى بولمىسا...
بالىلار مەكتەپكە كىرىپ تاپشۇرۇققا باغلانغاندىن بېرى تەپپەككۇرى چېكىنىپ كەتكەندەك بولۇپ قالىدىكەنئىزدىنىشتىكى بوۋاقلارغا يەسلى ئاچىدىغان يەرگە كەلدى زادى


نىمانداق ئوماق بالىلىرىڭلار بار.
17 ياش ۋاقتىم ئىدى،شۇ ۋاقىتلاردا كىچىك بالا دىگەنگە ششۇنداق ئۆچتىم(نەۋرە ئىنىلىرىم بەك خاپا قىلىپ ئىچىمنى پۇشىرىۋىتەتتى،8،9ياشقا كىرسە بالىلاربشۇنداق بوپ قالامدۇ يا.)،دوستلۇرۇمنىڭ ئالدىدا كىچىك بالا دىگەنگە خۇيمۇ ئۆچ بوپ كەتتىم،كىيىن بالام بولسىمۇ ياقتۇرماسمەنمىكى دىسىم بىر دوستۇم شۇۋاقىتتا خۇدا ساڭا بالاڭغا بولغان مىھىرنى بالا بىلەن قوشۇپ بىرىدۇ دىگەن بەك تەسىر قىپتىكەن شۇگەپ،ھازىر كىچىك بالا دىگەن شۇنداق چىرايلىق كۆرۈنىدۇ كۆزۈمگە.قاچان بالام بولار دەپ كىتىمەن.ئوقۇش بىلەن جىيەنىمنىڭ يېنىدىمۇ ئۇزۇن تۇرالمىدىم.