UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-21 12:09:34

تارىختا بۈگۈن (21-نويابىر )

1789-يىلى بۈگۈنكى كۈندە شىمالى كارولىنا شىتاتى ئامېركىنىڭ ئاساسا قانۇنىنى تەستىقلاپ ،ئا ق ش نىڭ 20-شىتاتى بولۇپ قالغان .

1877-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئىدىسون پاتېفوننى كەشىپ قىلغانلىقىنى جاكارلىغان .

1878-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئەنگىلىيە بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرسىدا 2-قېتىملىق ئەنگىلىيە-ئافغانىستان ئۇرۇشى پارتىلىغان.

1885-يىلى بۈگۈنكى كۈندە شاڭخەي گېجى بىلىم يۇرتى (上海格致书院) دۆلىتىمىز ئىچىدە تۇنجى قېتىم كىنو قويغان .

1928-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئىتالىيە دۆلىتىمىز ئوتتۇرسىدا دوستانە سودا قىلىش شەرىتنامىسى ئېمزالانغان .

1957-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ماۋزىدوڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ سوۋىت ئىتتىپاقىغا زىيارەتكە بارغان.

1962-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو-ھېندىستان چىگرا تۇقۇنىشى ،جۇڭگو تەرەپ ئۇرۇش توختىدىغانلىقىنى جاكارلىغان .

1969-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تۇنجى ئارپا تورى(The Advanced Research Projects Agency Network) مەيدانغا كەلگەن.

ئارپا تورى-ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستېرلىكى تەتقىق قىلىپ چىققان يېپىق ھالەتتىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تورى بولۇپ ،ئۇ ھازىرقى ئىنتېرنىت تورىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ .

ئارپاتورىنىڭ ئۇلىنىش شەكلى سىخىمىسى:

1977-يىلى بۈگۈنكى كۈندە مىسىر،ئىسرائىلىيە ئوتتۇرسىدا  تىنىچلىق تۈزۈلگەن .

1979-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېركىنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ھوجۇمغا ئۇچىراپ تۆت ئادەم ئۆلگەن.

1992-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئېكۋاتوردا دېلفىنلارنىڭ كوللىكتىپ ھالدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش ھادىسسى يۈز بەرگەن.

مەنبە؛ۋېكپىدىيە قامۇسى

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(21-نويابىر)