بۇمۇ بىرخىل ئىزدىنىش: ئانا تىل ۋە يېزىق
بۇ ئىنتىل flv لىرى تىزىملىكىگە يوللىنىپتىكەن. قارىسام ئۆزگىچە تۇرۇدۇ، تەربىيەۋىيلىكى كۈچلۈك ئىكەن.
چىقمىسا بۇ يەردىن كۆرۈڭ http://www.56.com/u51/v_NTQxMjc0MzI.html
خەتكۈچ ياخشى ئىشلەنگەن فىلىمكەن . ئانا تىل ھەققىدىكى ئۇنتۇلغان مەزمۇنلارنى ئىسىمگە سالدى .ئاپېرىن ! ھەقىقەتەن ياخشى تەتقىقات تېمىسى بوپتۇ. بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىۋاتىمەن ھەمدە ئانا تېلىمغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولدۇم.
مېنىڭچە، بىز تىل-يېزىق جەھەتتە ئۆزىمىزدىكى كىچىك نۇقسانلاردىن باشلىشىمىز كېرەك. مەن قارىسام بەزى ئىنكاسلاردا < ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ > ھەرىپلىرى ۋە <ئې، ئى > ھەرىپلىرىنى ئانچە پەرىقلەندۈرمەي يازىدىغانلارمۇ باركەن. بۇ بىر ئادەتتىكى ئىملا خاتالىقى بولۇپلا قالماستىن، بىزنىڭ ئانا تىلىمىزغا قىلىنغان چوڭ ھاقارەت !
ئەسلىدە تىل - يېزىق ئورۇنلىرىنىڭ نوپۇزى بولسا، بىر ئوقتۇرۇش بىلەنلا تۈگىتىۋېتىدۇ. ئەمما.............
مۇشۇ فىلىمنىڭ ئارقىسىغا قىستۇرۇلغان مۇزىكا بولسا ماڭا ئەۋەتىپ بەرسەڭلىمۇ بوپتىكەن. مەن بۇ فىلىمنى كۆرۈپ يەنە بىر بىشىمنى سىلكىۋەتتىم ۋە يەنە بىر قىتىم كۆرۈپ ئولتۇرۇپ بۇ تىمىنى يىزىۋاتىمەن...مۇشۇ فىلىمنى ئشلىگەن بارلىق قىرىنداشلارغا رەخمەت.ھەم مەن بۇ تىمىنى سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورىنىڭ تەۋسىيەلىك تىمىسىغا كۆرسۈتىمەن. http://seidiye.com/YCMS_ShowDj.asp?id=30توختىۋالدىغۇ
بېشى ئازىراق چىقىپ چىقمىدى.ساقلاپ تۇرماي ئاۋۇ ئۇلىنىشتىن كۆرسەڭلار بولغىدەك.
ھەقىقەتەن بىر قېتىملىق قالتىس ياخشى ئۆگىنىش بوپتۇ، گەرچە- بۇنىڭلىق بىلەن بارلىق خاتالىقلارنى تۈزىتىپ كېتەلمىسەكمۇ، ھېچ بولمىغاندا، ياش ئەۋلادلارنىڭ يېزىقىمىزغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا قىسمەن بولسىمۇ پايدىسى بار.
سەئىدىيە قېرىندىشىم، ئەگەر بۇ تېمىنى كۆرۈپ بېشىڭىزنى سىلكىۋەتكەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا، ئىنكاسىڭىزدىكى گىرامماتىكا ۋە ئىملاغا تېخىمۇ دېققەت قىلىڭ. \"يەنە بىر بېشىمنى\" ئەمەس، \"بېشىمنى يەنە بىر قېتىم\"، \"رەخمەت\" ئەمەس، \"رەھمەت\"، \"بىشىمنى\" ئەمەس. \"بېشىمنى\"، \"كۆرسۈتىمەن\" ئەمەس، \"كۆرسىتىمەن\"....................
ئېسىل تېما بوپتۇ. مۇشۇنداق ئەمەلىي ھەرىكەتلەر بىزگە دائىم كېرەك. ئەمما بەزىلەرنىڭ ئاچچىق ئىنكاسلىرى ماڭا ياقمىدى. ئۇلۇغ گەپلەرنى قىلمايلى. مۇشۇنداق ئاددى ئىشلار، ئەمەلىي ئوقۇتۇش، تەربىيە ئۈنۈمى يۇقىرى ئەمگەكلەر تور دۇنياسىدىكى قالايمىقان مۇنازىرىلەردىن كۆپ ياخشى. ياخشى نىيەت دوستلارنىڭ مىھنىتىگە رەھمەت. مائارىپ ئەسلى مۇشۇنداق بولىشى كېرەك. يەنى بالىلارغا ئەمەلىي دۇنيا بىلەن كىتابتىكى نەرسىلەرنى باغلاپ كۆرسىتىپ بېرەلىشى كېرەك.پوسكام ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ 2- يىللىق 7- سىنپ تەتقىقات گۇرۇپىسى رايۇنىمىزدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش ئېلىپ كەپتۇ، بارىكاللا ئەزىزلەر، سىلەرنىڭ بۇ قىلغىنىڭلار ئىزباسارلارنى تىل - يېزىققا مۇھەببەتلىك قىلىپ تەربىيىلەش جەھەتتىكى ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئۈچۈنلا ئەمەس، جەمىيەت ئۈچۈنمۇ بىر چاقىرىق بولۇپتۇ، تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم، ئۇزۇندىن بىرى كۆرىشەلمىگەن شاگىرتلارنى كۆرۈپ سۆيۈندۈم، ئەجرىڭلەرگە كۆزتەەمىسۇن، مەغرۇرلۇقتىن ساقلىسۇن، تېخىمۇ روناق تاپقىلى نىسىپ قىلسۇن.
تەكلىۋىم، بۇ فىلىمدە بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز ۋە مەڭگۈ تاشلىرىمىز سۆزلىنىپتۇ، ئەمما مۇشۇ ھەقتە سۆزلىنىۋاتقاندا شۇلارنىڭ رەسىمى قىستۇرۇلغان بولسا فىلىمنىڭ قىممىتى تېخىمۇ ئاشاركەن، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئىشلارغا ئىتىبار بىلەن قارىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.
ئاخىرىدا مەكتىۋىڭلەردىكى بارلىق ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا مەندىن ئىھتىراملار بولسۇن، جۈملىدىن پاتىگۈل ئوسمان خانىمغا ھېيتلىق سالاملار بولسۇن.
مەتبۇئاتقا بېرىشتىن بۇرۇن ئىزدىنىشتە ئېلان قىلىنىپ، تورداشلارنىڭ قىزغىن يارىدىمىگە ئىرىشكەن ھەم ئانا تىلىم توربېتىنىڭ بارلىققا كىلىشىگە تۈرتكە بولغان ماقالام \"ھازىرقى مەتبۇئاتلىرىمىزدىن ئانا تىلىمىزدىكى بىرقانچە مەسىلىگە نەزەر\"نى دىققىتىڭلەرگە تەقدىم ئىتىمەن.
ئاددىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيى ئەھمىيىتى زور مۇشۇنچىلىك بىر فىلىمنى ئىشلىگىنىدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم.
مەن بۇ فىلىمنى avi شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا قويۇپ بەردىم، ئۇلار ۋاقىت چىقىرىپ دەرس ئارىلىقىدا ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىدىغان بولۇشتى.
ھەممىمىز قولىمىزدىن كېلىدىغىنىنى قىلايلى
ئانا تىل ۋە يېزىق- ۋىۋىسكىدىكى خاتالىقلار
http://www.intil.biz/home/forum-viewthread-tid-1738-fromuid-10.html