ھېيتلىق سالام، ناخشا: ئانا تىلىم
قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى ۋە ئىنتىل سەيناسىغا يوللانغان سەرخىل، ئۆزگىچە سوۋغاتلاردىن كۆڭلۈم ئالەمچە خۇشھاللىققا تولدى. بۇ خوشلىقىمنى مۇشۇ ئاددىي سوۋغام بىلەن ئىپادىلەي.
بۇ ناخشىنى يولياردا ئاڭلاپ قانداقراق بىر يىگىت ئوقۇغاندۇ دەپ ھەۋەسلىنىپ كەتكەن ئىدىم . بۈگۈن قۇربان ھېيتنىڭ 4- كۈنى بولسىمۇ ئىنتىل سەيناسىدىكى ئىلىم سۆيەر خالىس ئەزىمەتلىرىمىز، ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن مىننەتسىز ئەجىر قىلىۋاتقان ئالپلىرىمىزغا مەدەت ۋە سوۋغا سۈپىتىدە مۇنۇ ناخشىنى تەۋسىيە قىلدىم.
مەنبە: http://www.56.com/u94/v_NTM4MjUzNzE.html
ئابدۇللا توقاينىڭ شۇ ناملىق تېكىستىگە ئىككى تاتار يىگىت ئېيتقان ناخشىمۇ بەك يارايدۇ ماڭا. لەپتوپتا ساقلاقلىق ھامان.
muzatd:
ئابدۇللا توقاينىڭ شۇ ناملىق تېكىستىگە ئىككى تاتار يىگىت ئېيتقان ناخشىمۇ بەك يارايدۇ ماڭا. لەپتوپتا ساقلاقلىق ھامان.
بىزمۇ ساقلىۋالمايلىمۇ؟
تىمىنى مۇنبەردى مۇنبەرگە يۆتكىگەن دىققەت قىلايلى ...ماۋۇ ئىزدىنىش
ناخشا بەك تېتىدى
سەل مۇڭلۇق بوپ كېتىپتىمۇ نېمە؟ بۇنداق ناخشىلار ئابدۇرېھىم ھىيىت ئاكىمىز ئىجراسىدىكى <ئاتىلار> غا ئوخشاش جەڭگىۋار بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى تەسىرچان بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن.
لېكىن بۇ سەنئەتكارلىرىمىزغىمۇ رەھمەت. خېلى كۆپ ئەقلىگە كەلمەي <دىبا ناخشىچىسى>، <دىبا ئۇسۇلچىسى> بوپ كېتىۋاتقان پۇلپەز، سەنئەتكارلار ئويلاشقا ئۈلگۈرمىگەن بىر تېمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپتۇ.
Musicfan:
تىمىنى مۇنبەردى مۇنبەرگە يۆتكىگەن دىققەت قىلايلى ...ماۋۇ ئىزدىنىش
ناخشا بەك تېتىدى
بىلىپ يوللىغان.
نىيەت ياخشى، گەپ ياخشى، ناخشا ياخشى. شۇڭا ئەينەن يوللىغان.
قاسىم سىدىق مۇشۇ ئەسىردىكى بۈيۈك شائىرلارنىڭ بىرى . بۇ ناخشچىلار ناخشىنى ئىيتقان بىلەن ھىسيات جەھەتتىن ۋايىغا يەتەكۇزەلمەيدۇ . شۇنداقتىمۇ ھەممە ئادەمنىڭ بۇ ھەقتە پىكىر قىلىش . ھەركەت قىلىش . ناخشا ئىيتىش ھوقۇقۇقى . سالاھىتى . ھەققى . مەجبۇرىيتى بار . پات ئارىدا مەنمۇ بىرنى تەييار قىلىمەن . ozhal:
قاسىم سىدىق مۇشۇ ئەسىردىكى بۈيۈك شائىرلارنىڭ بىرى . بۇ ناخشچىلار ناخشىنى ئىيتقان بىلەن ھىسيات جەھەتتىن ۋايىغا يەتەكۇزەلمەيدۇ . شۇنداقتىمۇ ھەممە ئادەمنىڭ بۇ ھەقتە پىكىر قىلىش . ھەركەت قىلىش . ناخشا ئىيتىش ھوقۇقۇقى . سالاھىتى . ھەققى . مەجبۇرىيتى بار . پات ئارىدا مەنمۇ بىرنى تەييار قىلىمەن .
ياخشىغۇ. ئىشتەي ساقلايمىز ئەمىسە.
مۇرات ئەخمەدىينىڭ دەل مۇشۇ تېمىدىكى بىر ناخشىسى بولىدىغان، مەلۇم بىر پروگىراممىدا خۇشتار ئابلىمىت ئورۇنلىغان. بۇ ناخشىچى ئېيتقان < سەنچىلىك >دېگەن ناخشىمۇ بەك ياخشى ئېيتىلغان . ماڭا بەك يارايدۇ.