ئىملاغا دىققەت قىلىشنى ozhal بىلەن Musicfan دىن باشلايلى
كۆزىتىشىمچە ئاقسۇ ۋە خوتەن دىيارىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ياكى شۇ يەرلەردە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزدا مۇشۇ « ئو » نىڭ ئورنىغا «ئۇ » ئىشلىتىدىغان ئادەت باركەن. يەنى ئويۇن نى ئۇيۇن، كوچا نى كۇچا ، پولات نى پۇلات ...دەپ يازىدىكەن. ھازىر بۇ ئەھۋالغا كۆنۈپمۇ قېلىۋاتىمىز مەنمۇ بەزىدە ئەسلىدە ئو كىلىدىغان جايلارغا ئۇ كىلەمتىيا؟ دەپ قالىدىغانمۇ بولۇپ قالدىم.شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا ئۆلچەملىك، ئورتاق تىل- يېزىقنىڭ بولغىنى ياخشى دەپ قارايمەن.
گەپنىڭ پوسكال؛لىسى:مۇشۇ ئىزدىنىشتىكى ozhal بىلەن Musicfan دىمۇ بۇ ئەھۋال خېلى بار، بۇلار ھۆرمەتكە سازاۋەر زىيالىيلاردىن . شۇڭا بۇ ئىشنى تۈزىتىشنى مۇشۇ ozhal بىلەن Musicfan دىن باشلىساق. مۇشۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئىملانى تۈزۈتىۋالساق دەيمەن.
ئىمكان بولسا مىنى ئىدارىدىن بەش يىل ئاجىرىتىپ بىرەر باشلانغۇچ مەكتەپكە مىنى ئوقۇتقان مۇئەللىم بىلەن بىللە ئاپىرىپ بەرسەڭلار ئىككىمىز قايتىدىن ئوقۇپ ئىملانى توغۇرلىۋالساق بۇلاتتى . مىنىڭ ئىملارىم مىنى ئوقۇتقان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىملاسىدىن ياخشى تىخى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا يۇرىتقا بارسام مىنى چوڭ يازغۇچى بۇلۇپ كەتتى دەپ يىغلاپ كەتتى تىخى بو، بۇلىدىغان ياخشى گەپكەن. قېنى كارتا؟ شىماللىق ئۇيغۇرلاردا \"ئۇ\" نىڭ ئورنىغا \" ا\" نى ئىشلىتىدىغان ئەھۋالمۇ خېلە بار. مەسىلەنگە: ئويۇننى ئويان، ئولتۇرۇشنى ئولتۇراش دىگەندەك..... ozhal:
ئىمكان بولسا مىنى ئىدارىدىن بەش يىل ئاجىرىتىپ بىرەر باشلانغۇچ مەكتەپكە مىنى ئوقۇتقان مۇئەللىم بىلەن بىللە ئاپىرىپ بەرسەڭلار ئىككىمىز قايتىدىن ئوقۇپ ئىملانى توغۇرلىۋالساق بۇلاتتى . مىنىڭ ئىملارىم مىنى ئوقۇتقان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىملاسىدىن ياخشى تىخى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا يۇرىتقا بارسام مىنى چوڭ يازغۇچى بۇلۇپ كەتتى دەپ يىغلاپ كەتتى تىخى
مىنىڭ-- مېنىڭ
مىنى-- مېنى
مەنمۇ توغرىلاپ قوياي ...
مۇشۇنداق باشلايلى . مەن قزىغىىن ئاۋىز قۈشايباغرىم:
نېمېنى توغرىلاپ قۇيىسىز؟
ئېمېلانىېتىخى---تېخى يۇرىتقا ---يۇرتقا
ۋۇييۇ ، ئىملا بۇزۇش باشلىنىپ كەتتىمۇ نېمە ؟ ئو ئۇئۆ ئۈ بۇلارنىڭ ئۇرۇن ئالمىشىپ قېلىشىمۇ بار .....ئاقسۇنىڭ نەرىنى دەۋاتىسىزكىن؟
قىسمەنلىك بىلەن ئومۇمىيلىقنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. يامان تەسىر بەردى بىرىنچى جۈملىڭىز،\"قىزلار بۇزۇلۇپ كەتتى\"،\"ئۇيغۇر دېگەن دۆت\"دېگەنلەر بىلەن پەرقسىز.
يەنە \"توغۇلۇپ\"،\"تۈزىتىۋالساق\" دەپ يازىسىز.
ئۆزىڭىزدىن باشلاڭ.
ozhal:
ئېمېلانىې
بۇ قانداق گەپ ئەمدى ؟
ozhal:
مۇشۇنداق باشلايلى . مەن قزىغىىن ئاۋىز قۈشاي
ھەزىل قىلىش باشلاندى!
بەزى ئىنكاسنىڭ كەينىگەچاخچاق دەپ يېزىپ قويساڭلار. راست يالغاننى ئايرىپ بولالماي تاس قالىدىكەنمىز \" مېنى\"دەپ سالغىلى.
lukqek-m:
بو، بۇلىدىغان ياخشى گەپكەن.
ozhal:
مۇشۇنداق باشلايلى . مەن قزىغىىن ئاۋىز قۈشاي
ozhal:
ئېمېلانىې
توۋا، ئىملا ھەققىدە بىرىلگەن تەكلىپنىڭ جاۋابى ھە بۇ؟
ozhal:
مۇشۇنداق باشلايلى . مەن قزىغىىن ئاۋىز قۈشاي
قزىغىىن --- قىزغىن
ماۋۇ تېما ئەسلىدە بىر ئوبدان ئوتتۇرىغا قويۇلغان تېما ئىكەنتۇق، لېكىن ئىنكاسلارنى كۆرۈپ سەل كۆڭلۈم بىئارام بولدى. ھەممەيلەن ئاساسەن بۇ تېمىنى چاخچاققا ئايلاندۇرغۇلى تۇرۇپتۇغۇ؟
بۇ ئىزدىنىشتا تېما چاقچاققا ئايلانمىسا قىزىمامدۇ يە؟
پەقەت ئەستايىدىل ئەمەسكەنسىلەر كۆپچىلىك . قىزىلگۈل مۇئەللىمنى سېغىنىپ قالدىم .ئىزدىنىشنىڭ ئىملا ئوقۇتقوچىسى ،قېنى سىز ؟؟؟!!!