kanatsiz يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 10:27:49

داڭلىق ئۇيغۇر شەخسلىرى

ئۇيغۇر توربەت كوچا خەۋەرلىرى سەھىپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە ، يېقىندىن بۇيانقى ئەڭ يىڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا بىر قىسىم ئۇيغۇر  شەخىسلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئىجاد قىلغان ئالەمگە پۇر كەتكەن مەھسۇلاتلاريېڭىدىن بايقىلىپ چىققان بولۇپ بىكارچى تورداشلارنىڭ كۆرۈپ چىقىشى ئۈچۈن ئېلان قىلىندى.


       بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا يۇرتىمىزدا ئەمەر ئاكا دەيدىغان بىر پادىچى بولۇپ ، ئۇ كىشى پادىلىرىنى باققاچ مېڭىۋىرىپ ھازىرقى ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلىقىغا كەپ قاپتۇ ھەم شۇ يەردە ئۆيلىنىپ بالا-چاقىلىق بولۇپ نامى ئەل-يۇرتقا تارقىلىپتۇ.ئەمەر ئاكىنى كېيىنچە يەرلىكلەر ھۆرمەتلەپ ئەمەركا دەپ ئاتايدىغان بولۇپتۇ.بۇ نام تەدرىجى ھالدا تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ نامى بولۇپ قاپتۇ.
        تورداشلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشاپ قەغەزنى كەشىپ قىلغان سەيلۇنمۇ ئۇيغۇرمىش.سەيلۇننىڭ ئەسلى ئىسمى سەيپىدىن بولۇپ خەنزۇ يولداشلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۆزلەشتۈرۈپ سەيلۇن دەپ ئاتىغانمىش .
ئامېرىكىنىڭ سابىق پېرىزدىنتى كىلىنتۇنمۇ ئۇيغۇرمىش
       ئامىرىكىنىڭ سابىق پېرىزدىنتى كىلىنتۇنمۇ ئەسلىدە غۇلجىلىق بولۇپ داڭلىق ھاراقكەش ئىكەنمىش.ئۇ بىر قىتىملىق ھاراق ئېچىش مۇسابىقىسىدە بىرىنجى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كىرەم تۇڭ دىگەن لەقەم قويۇلۇپ قالغانمىش ھەمدە مۇسابىقىدە ئىرىشكەن مۇكاپاتى پۇلى بىلەن ئامېرىكىغا بىرىپ ئولتۇراقلىشىپ كېيىنچە ئامېرىكىغا زۇڭتۇڭ بولغانمىش .
ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرزدىنتى روزۋېلىتمۇ ئۇيغۇرمىش


        ئامىرىكىنىڭ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى سابىق پىرزىدىنتى روزۋىلىتمۇ ئۇيغۇرمىش.ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى روزى ۋېلى بولۇپ ئامېرىكىلىقلار ئۇنىڭ ئىسمىنى روزۋېلىت دەپ ئۆزلەشتۈرۋالغانمىش .

        جۇڭگۇ تارىخىدىكى داڭلىق شائىرلاردىن لىبەي ۋە دۇفۇنىمۇ ئۇيغۇر دەيدۇ . لىكىن تەتقىقاتچىلار ھازىر بۇ ھەقتە جىددىي ئىزدىنىۋىتىپتىمىش . چۈنكى لىبەينىڭ ئەسلى ئىسمى ئەبەي بولۇپ خەنزۇلار لىبەي دەپ ئۆزلەشتۈرۋالغانمىش.دۇفۇنىڭ ئەسلى ئىسمى غوپۇر بولۇپ خەنزۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى دۇفۇ دەپ ئۆزلەشتۈرۋالغانمىش.

مۇشۇ بىزگە غەربتىن كىرگەن كاستيۇم بۇرۇلكىنى ھەممىمىز بىلىمىز..  بۇنىمۇ ئەينى ۋاقىتتا بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەجدادلىرىمىز كىيگەنمىش.ئەينى ۋاقىتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئات ئۈستىدە ئوقيا ئىتىش ۋە ئات چاپتۇرۇش ھۆنىرى ھەقىقەتەن قالتىس بولغان. ئۇلار ئات مىنگەندە ئەپلىك بولغان  كاسسىسىغا كىلىدىغان چاپان ۋە شۇنىڭغا ياراشتۇرۇپ ئىشتان كىيگەن بۇنى ئەجدادلىرىمىز" كاسساتون" دەپ ئاتىغان. ئەجدادلىرىمىز بۇ "كاسساتون" نى كىيىپ غەرب ئەللىرىگە ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتا غەربلىكلەر بىلگەن ۋە كۆپلەپ ئىشلەپ چىقىرىپ چەۋەندازلىرىغا كىيگۈزگەن. كىيىن بۇلار"كاسساتون" نى "كاستۇم" دەپ خاتا ھالدا ئۆزلەشتۈرۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز كىيگەن بۇ كىيىم غەرب مەدىنىيىتىگە مەنسۇپ بولوپ كەتكەنمىش.....

يەنە بىلىمىز مۇشۇ "گالىستۇك" دىگەن نەرسە بار. بۇمۇ ئەسلى ئۇيغۇرلارنىڭ بولوپ ئەقىللىق ئەجدادلىرىمىز ئۇنى "گالغا ئاستۇق" دەپ ئاتاشقانمىش. بۇمۇ شۇ يەنە ھىلىقى غەرب كۆچۈرمىچىلىرى تەرىپىدىن گالىستۇك دەپ ئۆزگىرىپ كەتكەن ھەم شۇلارنىڭ مەدىنىيىتىگە تەۋە بوپ كەتكەن گەپ.

سىزگە دىسەم مۇشۇ كومپېيۇتىر دىگەننىمۇ ئۇيغۇر ئىجات قىلغانمىكىن دەيمەن..سىز-بىز مۇنبەرى شەبنەمگە چىقىۋالساق ئۇيقۇ ھارام،ئۆمرىمىز تورغا قارام..كەمپىرىمىز بىزنى ئۇخلىتىپ بولالماي ئۇيقۇغا رام!.. شۇ سەۋەپتىن بۇ ئوقەتنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىلىگىدىن،ئاتىلىرىمىز كومپېيۇتىر دىگەن بۇ جانىۋارنىڭ نامىنى ساپ ئۇيغۇرچە بولغان "كەمپېر ياتۇر" دەپ قويغانمىكىن دەيمىنا..تايىنلىق ئۇنىمۇ بىر دومىلىتىپلا.. كومپېيۇتىر دەۋالغان گەپ جۇمۇ؟!....نىمىسىنى دەي؟..يەنە بار تىخى!...تېلىفون دەپ بىر جانىۋار بارغۇ؟. .شۇنىمۇ ئۇيغۇر ئىجات قىلغانمىكىن دەيمىنا..بىزنىڭ بوۋىلىرىمىز بىر-بىرىدىن يىراق جۇغراپىيەلىك جايلاردا،بۆلۈنمە بوستانلىقلاردا ياشىغاچ ئۆز ئارا ئالاقىغە قولاي بولسۇن ئۇچۇن ئىجات قىلغان بولسا(ھەرقانداق كەشپىيات چوقۇم ئىنسانىيەتنىڭ تەقەززاسىدىن يارالغان) نامىنى "تىل ئۇقۇڭ " دەپ قويغان بولسا..ماركى پولو يېپەك يولىدىن ئۆتكەندە بىزدىن بىرەرنى ئوغۇرلاپ كىتىپ،يۇرتىغا ئاپىرىپلا تىلىفون دەپلا ئوزگەرتىۋالدىمۇ..ئۇنىمۇ بىرنەرسە دەپ بولمايدۇ جۇما..

مەنبە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن

Baghrim يوللانغان ۋاقتى 2010-11-22 10:12:38

mastura:
Baghrim:

mastura:
بۇ بۇرۇنقى شەبنەم مۇنبىرىدىكى ئالپامىشنىڭ يازمىسى. مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتمايلى.

ئالپامىش ئۆزى يازغانمۇ يا ئۇمۇ بىر يەردىن كۆچۈرۈپ كەپتىكەنمۇ ؟


ئالپامىشنىڭ بىر يەردىن تېما كۆچۈرۈپ كېلىدىغان ئادىتى يوق.
دېگىلى گەپ تاپالماي دېگەن گەپمۇ بۇ؟

تونۇش - بىلىش ئادەملەر مەن ئارتۇق گەپ قىلماي ، مېنىڭمۇ خەقنىڭ كەينىدىن گەپ تاپىدىغان ئاتىدىم يوق ، بىر ئىشلارنى بىلمىسەم بۇنداقمۇ دېمەستىم ...

مەستۇرە ، مۇشۇ گەپنىڭ ئورنىغا '' ئالپامىشنىڭ بىر يەردىن تېما كۆچۈرۈپ كېلىدىغان ئادىتى يوق ، بەلكىم خاتالىشىپ قالغان ئوخشايسىز '' دېگەندەك گەپلەرنى دېسىڭىزمۇ بولاتتى ، ئۇنداق قوپاللىق قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى .ئالپامىشنىڭ بىر يەردىن تېما كۆچۈرىدىغان ئادىتىنىڭ بار - يوقلىقىنى سىز بىلسىڭىز مەنمۇ بىلىمەن ... بولدىلا يەنىلا جىم تۇراي ئالپامىش بىلەنمۇ ئاز - تولا تونۇشلۇقىمىز بار ، سەت تۇرمىسۇن ...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 12:13:19

..

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 12:14:32

بۇ بۇرۇنقى شەبنەم مۇنبىرىدىكى ئالپامىشنىڭ يازمىسى. مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتمايلى.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 12:16:46

ئىلمىي بولمىغان مۇنازىرىگە چۈشكەن تېتىقسىز گەپلەر.

تۈنۈگۈن ئوقۇپتىم لىبەي راستىنلا ئۇيغۇرمۇ دېگەن تېمىنى. لىبەي تۈرك يۇرتلىرىدا تۇغۇلغان دېسىلا تۈگەيدىغان ئىش ئەسلى. تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن تاللانما دېگەن كىتابتىمۇ لىبەينى سوياپتا تۇغۇلغان دەپ ئېلىنغاندىكىن.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 12:19:30

بۇ تېتىقسىز گەپلەر ئەمەس، بەلكى شۇنداق تېتىقسىز گەپلەرنى مەسخىرە قىلغان يازما.
مىللەتتىن سۆيۈنۈش ھېسسىياتىمىزغۇ ياخشى....شۇغىنىسى نېمىلا بولسا، بىر چاپىنىنىڭ پېشى تېگىپ قالسىمۇ بىزنىڭ دەۋالىدىغان ئىشلىرىمىز چىقىپ قالىدۇ بەزىدە.....
بايىمۇ توپتا چاقچاق قىلىشتۇق، كىرىيە بىلەن كورىيە دېگەن ئىككى يۇرت ئىسمى نېمىشقا شۇنداق يېقىن؟ چوقۇم كورىيەلىكلەر كىرىيەدىن كۆچۈپ بارغان دەپ. بۇ يازمىنىمۇ شۇنداق چۈشىنىڭ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 12:23:52

mastura:
بۇ تېتىقسىز گەپلەر ئەمەس، بەلكى شۇنداق تېتىقسىز گەپلەرنى مەسخىرە قىلغان يازما.
مىللەتتىن سۆيۈنۈش ھېسسىياتىمىزغۇ ياخشى....شۇغىنىسى نېمىلا بولسا، بىر چاپىنىنىڭ پېشى تېگىپ قالسىمۇ بىزنىڭ دەۋالىدىغان ئىشلىرىمىز چىقىپ قالىدۇ بەزىدە.....
بايىمۇ توپتا چاقچاق قىلىشتۇق، كىرىيە بىلەن كورىيە دېگەن ئىككى يۇرت ئىسمى نېمىشقا شۇنداق يېقىن؟ چوقۇم كورىيەلىكلەر كىرىيەدىن كۆچۈپ بارغان دەپ. بۇ يازمىنىمۇ شۇنداق چۈشىنىڭ.

يامان كۈلىۋەتتىم نەن ماۋۇ ئىنكاسقا

بولمىسا ئىككىمىز قىلىشقان گەپلەر ئىدى

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 12:27:00

mastura:
بۇ تېتىقسىز گەپلەر ئەمەس، بەلكى شۇنداق تېتىقسىز گەپلەرنى مەسخىرە قىلغان يازما.
مىللەتتىن سۆيۈنۈش ھېسسىياتىمىزغۇ ياخشى....شۇغىنىسى نېمىلا بولسا، بىر چاپىنىنىڭ پېشى تېگىپ قالسىمۇ بىزنىڭ دەۋالىدىغان ئىشلىرىمىز چىقىپ قالىدۇ بەزىدە.....
بايىمۇ توپتا چاقچاق قىلىشتۇق، كىرىيە بىلەن كورىيە دېگەن ئىككى يۇرت ئىسمى نېمىشقا شۇنداق يېقىن؟ چوقۇم كورىيەلىكلەر كىرىيەدىن كۆچۈپ بارغان دەپ. بۇ يازمىنىمۇ شۇنداق چۈشىنىڭ.

ھە بۇنىڭ ئالپامىشنىڭ يازمىسى ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلدىم، مەن تېخى تۈنۈگۈن مۇنازىرە بولغان تېمىغا يېزىلغان چېغىۋا دەپتىمەن.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 12:28:05

شۇ بايام دېيىشىپ قارىسام ماۋۇ تېمىغا نەقلا كېلىپ قالدى. دېمىسىمۇ راست ھە. لېكىن ماۋۇ گېپىمىزنى ھېلىقى كۈندىكى «ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ چۈشكەن يېرى خوتەن» دېگەن ماقالىنى يازغان خەنسۇ ئاڭلاپ قالسا گۆھەر تېپىۋالغاندەك بولۇپ كېتەرمىكى. بەك ئۇستىكەن ئەمەسمۇ قوراشتۇرۇشقا.

kanatsiz يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 13:00:47

شۇنداق بۇ ئالپامىش ئەپەندىمنىڭ يازمىسى ئىدى.. بىراق باش قىسمى ئۇنىڭ ئەمەس.  بۇگۈن قايسى بىر تور بەتتە ئۇچرىتىپ قىلىپ بۇ يەرگە يوللاپ قويىشىم.....  مۇشۇ ئالپامىش ئەپەندىمنىڭ ئەسەرلىرىنى بەك ياخشى كۆرۈپ ئوقويتتۇم.. يوقاپلا كەتتى بۇ ئاددەم....

kanatsiz يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 13:05:47

ئېينىشتىنمۇ ئۇيغۇرمىش

  ئاڭلىسام ئېينىشتىنمۇ ئۇيغۇرمىش،كۈلىۋاتىسىز ھە...؟ئەمىسە تۆۋەندىكى قۇرلار نەزىرىڭىزدە بولسۇن،ئىشىنىمەنكى..سىزمۇ مەندەك خىيال قىلىپ قالىسىز...
جاھاندىكى كاتتا كەشپىياتلارنىڭ ھەممىسىنى بىز ئۇيغۇرلار ياراتقانمىدىكىن دەيمەن.نىم-نىمە؟!..ئىشەنمەمسىزا؟...ئۇنداقتا ئۇيغۇر دىگەن شور پىشانىگە مەسخىرىدە ئالايماي ئىلتىپات كۆرسىتىپ مۆھتىرەم دىققىتىڭىزنى بۇ قۇرلارغا ئاغدۇرغايسىز..
  گالاستۇك دىگەن بويۇن تاسمىسىنى بىلىسىزغۇ؟تەپەككۈر قىلىڭچۇ..ئۇ ئەسلىدە گالغا ئاستۇق دىگەن ئۇيغۇرچە سوزنىڭ نەق ئوزى ئەمەسمۇ؟!..بۇ ھىلىگەر كۆككۆز فىرانكىلار بىزدىن بىر دومىلىتىپلا گالاستۇك دەۋالغان بولمامدۇ...يەنەشۇبھىلىنىۋاتامسىزا؟..ئەمىسە كاستىيۇم دىگەن سۆزچۇ؟...ئۇمۇ ئۇيغۇرچە سۆز!..نىمە نىمە؟..ئىشەنمەمسىزا؟بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىز ئۇزۇن تون كىيەتتىكەنتۇق،بالىلىرى بولسا قىسقا تون كىيەتتىكەنتۇق،ئاتىلارنىڭ نەزىرىدە قىسقا تون دەل كاساتون دەپ ئاتالغان ئىكەن.يەنە شۇ بەچچىغەر يىشىلكۆزلەر شەرىقتىن غەرىپكە بىر دومىلىتىپلا كاستىيۇم دەۋالغان گەپ! باش چايقايسىزا؟...سىز داۋاملىق غىزالىنىدىغان ھېلىقى رىستۇران دىگەننى بىلىسىزغۇ؟.. خاتالاشمىسام تېخى ھازىرلا ئىككى رۇمكا قېقىپ،تۆت چوكا يەپ،ئۇيغۇرسىمان چىش كوچىلىغۇچتا
كوماك چىشلىرىڭىزنى ئىرەنچىكلىك بىلەن كوچىلاپ يۇرگەندەك قىلاتتىڭىز،ھە..ئاشۇ جاينىڭ مۇبارەك ئىسمىمۇ ئەسلىدە ئۇيغۇرچە ئىكەنتۇق،بۇرۇنلاردا بوۋىلىرىمىز يىمەك-ئىچمەكنى ئەركەكتەك يەيدىكەنتۇق،بوي-بەستىمۇ سوقا-سەندەلدەك،تۇرقىمۇ پۇتىمىغان مەندەك(ئالپامىشتەك)كىلەركەنمىش! دەل شۇ سەۋەپتىن تاماقلىنىدىغان ئەسلى جاينىڭ ئىسمىنى راساتوياڭ دەپ ئاتىغان ئىكەنتۇق.ئەپسۇسكى بىزدەك لەقۋالارنىڭ بىپەرۋالىغىدىن ئاتىلىرىمىزنىڭ مۇبارەك تەۋەررۇكلىرى ئوغۇرلىنىپ،ئەمدىلىكتە چەتئەلدىن ئۆز تەۋەرۈكلىرىمىزنى بويۇن سوزۇپ تىلەپ يۇرۇپتۇق.دەل ئاشۇ چېقىركۆزلەر ئاسىيادىن ياۋروپاغا بىر دومىلىتىپلا رىستۇران قىلىۋالغان گەپ.نىمىسىنى دەي؟!!...ھەي..ئىسىت ''كەشپىياتلىرىمىز''!....
  ئەمدى ئىشەنمىسىڭىز كىرلىشىپ كەتكەن ياقامنى چىشلەشكە مەجبۇر بولىمەن جۇمۇ...خەيرىيەت،يەنىلا سەۋرىچان بولاي پاكىت ھەممىدىن ئۇستۇن.ئەمىسە يەنە بىر مىسالىمغا دىققەت قېلىڭ: پۇتبول دىگەن بىر نىمىنى بىلىدىغانسىز؟ئەسلىيەلمەيۋاتامسىز؟...يا..پاناھ..!ۋاي سىزنىڭ ئالتۇندەك
ۋاقىتلىرىڭىزنى،قايماقتەك ئۇيقۇلىرىڭىزنى قۇربان قېلىپ تېلىۋىزورنىڭ ئالدىدا چىكەتكىدەك چەكچەيتىپ،ئۆمۈچۈكتەك مۈكچەيتىپ ئولتۇرغۇزغان ھېلىقى لەنىتى تەنھەركەتچۇ؟يۇمشاق كاللىڭىزنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى بىزنىڭ كومپېيۇتېرنىڭ قاتتىق دىسكىسىغا يەتمەمدۇ نىمە؟..ۋاي..ھېلىقى دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىچۇ..ھېلىقى بىز باغلىشىپ تۇركىيە كومادىسى بىزنى 4:0 يىڭىۋىلىپ بىزلەرنى داغدا،تۈركلەرنى باغدا قويغان ھېلىقى تەنھەركەتچۇ..ھەئە..شۇ..ئەمدى ئېسىڭىزگە كەلدىڭىز..قارىغاندا مېڭىڭىزنى قايتا تۆۋەن دەرىجىدە فورماتلاتتۇرمىسىڭىز بولمىغۇدەك.دەل ئاشۇ مەيداندا ئوينايدىغان توپچۇ قاراڭ،ئەسلىدە ئۇيغۇرچە ئىكەنتۇق. قەدىمقى ئاتا-بوۋىلىرىمىز يايلاقتىكى يىشىل چۆپلۈكلەردە تېپىپ ئوينايدىكەنتۇق،شۇ سەۋەپتىن پۇتتوپ دەپ نام بەرگەن ئىكەن،ۋاي نىمىسىنى دەي...يەنە شۇ قىزىلكوزلەر پۇت توپىمىزنى تەپكەنچە تىپە..تەپ.. پۇتتوپنىڭ ئوزىنى يۇمىلاتقانچە،ئىسمىنى دۇمىلاتقانچە ياۋروپاغا ئاپىرىۋالغان گەپ..
    يا ھەزرەت! يەنە ئىشەنمەيۋاتامسىز؟... ئۇنداقتا ھېلىقى كۆككۆز بايلار ئوينايدىغان توپ بارغۇ؟...ئىسمى گۇلف توپ.ھە..دەل ئاشۇ ناممۇ ئەسلى(ئۇيغۇرچە) ئىكەنتۇق. بوۋىلىرىمىز راھەت- پاراغەتكە كۆمۈلۈپ كەتكەن ئاشۇ زامانلاردا گۇللۇكلەردە ئىغىنىشىپ سەمىرىپ كىتىپ ئازراق تەنھەركەت قىلغۇسى كىلىپ ، گۈلتوپنى ئىجات قىلغانكەنتۇق.كىيىن بۇ ئاچكوزلەر ئۇنىمۇ تىپە..تەپ!...ئۇيغۇرچە نامىنى يەپ...گۇلف توپ دەپ ئوزگەرتىۋالغان گەپ.راستنى دىسەم،مەن سىزدىن ئۇمۇتسىزلىنىپ قالدىم،سىز ئۆزىڭىگە ئىشىنەلمەيدىغان بەكلا لايغەزەل ئىكەنسىز.نىمە..نىمە؟...پاكىتلىق سۆزلە دىمەكچىمۇ سىز؟...ئەمىسە سىزگە يەنە بىر مىسال: غەرىپچە داۋالاش دىگەننىغۇ بىلەرسىز؟...شۇنى ئۇلار ئەسلىدە ئۇلۇغ بوۋىمىز ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنادىن ئارىيەت ئالغان ئىكەن.بوۋىمىز ئىبنىسىنا ھەزرەتلىرى كۆككۆزلەرنىڭ كىسەل ئازاۋىدىن قېينىلىپ كىتىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ،ئىنسانپەرۋەرلىگى تۇتۇپ ئۇيغۇرغا خاس مىھرىبانلىق ۋە كەڭ قورساقلىق ئاخماقلىغى بىلەن ئۆزىنىڭ مۇبارەك رېتسىپلىرىنى ۋە داۋالاش تەجىربىلىرىنىڭ جەۋھىرى بولغان \"ئەلقانۇن فىتتىب\" دىگەن كاتتا ئەسىرىنى ئۇلارغا شەرتلىك
ئارىيەتكە بەرگەن ئىكەن.شەرتى شۇكى 1-دىن ياۋروپادىكى بارلىق تىبابەت بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيەلەنگەن دوكتۇر ، ماگىستىر، پاسارپۇسۇرلار بىردەك ئېلمىي ئۇنۋان ياقلاپ،شەرەپكە نائىل بولغان ۋاقىتلىرىدا مۇراسىم ئۆتكۇزۇپ شەرەپ ئىگىلىرىگە ئۇيغۇرچە تون كەيدۇرۇش ۋە بىشىغا سەللە يوگەش،ھەي..نىمىسىنى دەي؟...بۇ زىغىر كۆزلەر ئۇنىمۇ بىر دومىلىتىپلا سەللە ئورنىغا تۆپىلىگى سەھرادىكى ئۇيغۇرنىڭ ئويىنىڭ لەمپىسىدەك،چىكىلىگى ئۇيغۇرنىڭ دوپپىسىدەك، مۇنچىقى بالامنىڭ زىرە-مۇنچىقىدەك بىرنەرسىگە ئايلاندۇرۇشۇۋاپتۇ. 2- شەرتى شۇكى،ياۋروپادىكى بارلىق تىببىي ئالىمنىڭ نامىنى بىردەك ئۆز نامىدا ئاتاش. ئەپسۇسكى بۇ پىتىركوزلەر ئۇنىمۇ بىر دومىلىتىپلا ئىبنى سىنانىڭ ئورنىغا مىدىتسىنا دىيىشىۋاپتۇ.نىمە؟...يەنە ئىشەنمەيۋاتامسىزا؟... ھېلىمۇ بىز مىللەتنى يەر يۇتۇپ ئاتىلارنىڭ قارغىشى قۇرۇتۇپ كەتمەپتۇ جۇمۇ!...ھەي..ئىسىت كەشپىياتلىرىمىز!....بىرلىرى مۇسقە دىگەن سوزنى مۇزىكا دەۋالسا،بىرلىرى تۇرۇپ دىگەن سوزنى تۇلوبو دەۋالسا..بىرلىرى سەۋزە دىگەن سوزنى خوڭلوبو دەۋالسا.بىرلىرى شوخلا دىگەن سوزنى شىخوڭشى دەۋالسا..ھېلىمۇ مەدەنىيەتتە دەسمايىمىزدىن ئايرىلىپ قەلەندەر بوپقالماپتىمىز جۇمۇ؟!....
سىز يەنىلا باش چايقاۋاتامىسز نىمە؟...
  سىزگە دىسەم مۇشۇ كومپېيۇتىر دىگەننىمۇ ئۇيغۇر ئىجات قىلغانمىكىن دەيمەن..سىز-بىز مۇنبەرى شەبنەمگە چىقىۋالساق ئۇيقۇ ھارام،ئۆمرىمىز تورغا قارام..كەمپىرىمىز بىزنى ئۇخلىتىپ بولالماي ئۇيقۇغا رام!.. شۇ سەۋەپتىن بۇ ئوقەتنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىلىگىدىن،ئاتىلىرىمىز كومپېيۇتىر دىگەن بۇ جانىۋارنىڭ نامىنى ساپ ئۇيغۇرچە بولغان \"كەمپېر ياتۇر\" دەپ قويغانمىكىن دەيمىنا..تايىنلىق ئۇنىمۇ بىر دومىلىتىپلا.. كومپېيۇتىر دەۋالغان گەپ جۇمۇ؟!....نىمىسىنى دەي؟..يەنە بار تىخى!...تېلىفون دەپ بىر جانىۋار بارغۇ؟. .شۇنىمۇ ئۇيغۇر ئىجات قىلغانمىكىن دەيمىنا..بىزنىڭ بوۋىلىرىمىز بىر-بىرىدىن يىراق جۇغراپىيەلىك جايلاردا،بۆلۈنمە بوستانلىقلاردا ياشىغاچ ئۆز ئارا ئالاقىغە قولاي بولسۇن ئۇچۇن ئىجات قىلغان بولسا(ھەرقانداق كەشپىيات چوقۇم ئىنسانىيەتنىڭ تەقەززاسىدىن يارالغان) نامىنى \"تىل ئۇقۇڭ \" دەپ قويغان بولسا..ماركى پولو يېپەك يولىدىن ئۆتكەندە بىزدىن بىرەرنى ئوغۇرلاپ كىتىپ،يۇرتىغا ئاپىرىپلا تىلىفون دەپلا ئوزگەرتىۋالدىمۇ..ئۇنىمۇ بىرنەرسە دەپ بولمايدۇ جۇما..تېخى بىرەر ئەسىرلەر ئۆتۇپ ماركى پولونىڭ نەۋرىلىرى بىزنىڭ كاتتا تائامىمىز بولغان پولونىمۇ رەھمەتلىك بوۋام ئۇيغۇرغا ئىجات قېلىپ بەرگەن،بوۋامنىڭ ئىسمىمۇ شۇ سەۋەپتىن ماركى پولو - پولونىڭ ماركىسى مەنىسىدە قويۇلغان دەپ تۇرۇۋالامدۇ تېخى؟!...خەيرىيەت..ئۇيغۇرنى ياراتقان ئاللاھ ئۇيغۇرنىڭ كەلگۇسى قىسمەتلىرىنىمۇ قوشۇپ ياراتقاندۇ جۇمۇ ئۇھ!..ئاچچىقىڭىز ئەمدى تۇتىۋاتامدۇ نىمە بۇرادەر..پولو يىيەلمەي قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەۋاتامسىز؟ قېرىنداش كارخانىچىلىرى پولۇنىڭمۇ تەييار تامىقىنى ياساپ بوپتۇ.بۇنىڭدىن ئەنسىرەپمۇ كەتمەڭ،بوپتۇ...يەنە نۇرغۇن مىساللىرىم بار ئىدى..سەۋرى قىلاي!..سىزنىڭمۇ ئاچچىغىڭىزغا ھاي بىرىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن.يەنە ئىككى ئىغىز سوزلەپ قويسام سىزنىڭ غەزەپتە ۋاككىدە يېرىلىپ كىتىشىڭىزدىن ئەنسىرەپ قالدىم، بىلگۈچى ئاللاھ...سەۋرى قىلايلى..ئۇيغۇردەك سەۋرىچان مىللەت نەدە بار...

(قىزىقچىلىق بىلەن قىستۇرما؛خەنزۇ قېرىنداشلار يەيدىغان دۇفۇنى بىلىسىزغۇ؟ئۇنىمۇ بىز ئىجاد قىلىپتىكەنمىز،ئەسلى ئىسمى غوپۇكەنتۇق،توختاڭا..يەنە بار...ھېلىقى،نىمىتى.....لىبەيما؟...ھە شۇ داڭلىق خەنزۇ شائىر لىبەي...ئۇنىڭمۇ تېگى ئاتۇشتىن دەمدۇ،ئەسلى ئىسمى ئەبەي كەنتۇق...خۇددى كېللىنتوننى كېرەم ئاتۇش،جاڭزىمىننى زىمىنجان دىگەندەك....ھاھاھا..قىزىقچىلىق بىلەن يىزىلىپ قالدى)


مانا بۇ ئالپامىش ئەپەندىمنىڭ ئەينى ۋاقىتتا  شەبنەم مۇنبىرىگە يوللانغان ئەسلى نۇسخىسى.....

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 13:11:00

ئويغۇرلار نىمانداق يامان

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 13:17:00

ئەمما گولف بىلەن ئالاقىسى يوق بولسا قانداق بولغىنى.

مەن چەۋگەن ئۇيۇنى بىلەن گولف ئوتتۇرىسىدا مەلۇم باغلىنىش بار دەپ يۈرىيمەنغۇ، چەۋگەن ھەققىدىغۇ تۈركىي تىللار دىۋانىدا مەلۇمات بار دەپ ئاڭلىدىم .

upukjan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 13:42:48

مەنمۇ گالاستۇك بىلەن كاستىيومنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زاماندا تۇرپان رايۇنىدا ياشىغان ئۇيغۇرلىرىمىز كەيگەن  ۋە تاقىغان  دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم ھەم بۇنىڭغا ئىشەنگەن،  ئىشىنىپ كىلىۋاتىمەن.بۇلارنىڭ ئاساسى مەلۇم يازمىدا (تۇرپان ئويمانلىقىدىن چىققان تارشا پۇتۇك ۋەكىيىملەر دىن بۇنى بايقىغان ئىكەن .ئىسمىنى ئۇنتۇپتىمەن.تاشكېمىر سەنئىتى دىگەن كىتاپتا چىقامدىكىن يە)كاستىيوم ۋە گالاستۇك ئۇيغۇرلار نىڭ ئىجادىيىتى .كاستىيوم ئەسلى كاسا دىگەن  سۆزدىن كىلىپ چىققان بۇلۇپ (بۇتەرەپتە ياغاچ كاسا دىيىلىدۇ .رومبا شەكىلدە ياغاچتىن ياسىلىدۇ .ئوتتىرى ھازىرقى بىزكىيىۋاتقان كاستىيومنىڭ ئالدىغا ئوخشايدۇ. ئۇندىن باشقا يېقىنغىچە بىزتەرەپلەردە ئۇزۇن پەرەنجە شەكىلدە ،ئالدى كاستىيومغا ئوخشايدىغان گاچا پەلتو شەكىلدە كىيىم بۇلۇپ ،پۇتابىلەن باغلىنىدۇ)بۇلۇپ ،تۇرپاننىڭ ھاۋاسى ئىسسىق بولغاچقا كىشىلەر ئالدى يېرىم ئۇچۇق مۇشۇنداق كىيىملەرنى كەيگەن .بۇ شۇرايۇننىڭ ئىسسىق كىلىماتلىق ھاۋارايىدا قۇلايلىق ئىدى دىگەندەك .گالاستۇك بولسا شىنجاڭ رايۇنى ئىسسىق بولغاچقا ،قۇمنىڭ  بويۇن ئارقىلىق بەدەنگە كىرىپ كىتىشتىن ساقلىنىش ئۇچۇن بوينىغا مۇشۇنداق گال بوققۇچنى تاقىۋالغان ئىكەن دىگەندەك .مۇشۇلاردىن قارىغاندا ياۋرۇپالىقلار ،ئامىرىكىنىڭ مەشھۇر زۇڭتۇڭلىرىنىڭ چوڭ سورۇنلاردا  كىرىلىپ كىيىپ يۇرگەن كاستىيوم ۋە تاقىغان  گالاستۇكلىرىنى بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز كەشىپ قىلغان دەپ پەخىرلىنىپ  كىرىلىپ  يۇرسەم بۇتىما نەدىن چىقتى ئەمدى؟بۇتىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجاتچانلىق روھىغا سۇسەپكەندەك ،مەسخىرە قىلغاندەك  تۇيغۇ بىرىدىكەن.

afifiya يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 14:11:45

ھا ھا : ئۇيغۇرلار راست بەك قالتىسكەن................

لېكىن قاناتسىزنىڭ يازغىنى نەچە خەت؟مېنىڭ كومپىيوتېرىم تونىمىدى، خاپا بولماي قايتا تەھرىرلەپ قويساڭلار.

پەقەت ئىنكاسلارنىلا كۆرەلىدىم.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 14:17:26

گابائىن خانىم  پول ياتقۇزۇشنى ئەڭ دەسلەپ قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى بارلىققا كەلتۈرگەن دېەەنىكەن، بۇنىمۇ قوشۇپ بىر مەسخىرە قىلىۋەتمەيلىما.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 14:34:01

ھىلىقى بىر ئىلان بار ئىدى. (چىن نۇرىنىڭغۇ دەيمەن.)
بۇرۇنقى زاماندا ھۆسنى جامالدا تەڭداشسىز يەتتە مەلىكە بولغان ئىكەن، بىر كۈنى ئۇلار قورسىقى ئىچىپ كىتىپ، قىپقىزىل بىر مىۋىنى ئۈزۈپ يەپتۇ. ئۇلارنىڭ لەۋلىرى قىپقىزىل بولۇپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەتراپتىكىلار ئۇلارنى «ھەي شوخلا» دەپ توۋلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىۋىنىڭ نامى ئەلگە «شوخلا» بولۇپ ئەلگە تارىلىپتۇ. (ئىشقىلىپ مەزمۇنى مۇشۇنداقراق.)

nur يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 16:07:45

قاناتسىزنىڭ يازغىنى مىسرانىم تورىدىن كۆچۈرگەن خەت، ئىگىسىدىن سورىمىغاچقا خىجىل بولۇپ يۈزىنى ئاچالمايۋاتسا كىرەك....

totem يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 17:37:34

مىش-مىش پاراڭلار قىزىپ كىتىپتىغۇ.

Baghrim يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 22:33:45

ماۋۇ گەپلەرنىڭ قاملىشىپ كەتكىنىنى قانداق قىلاي گالىستۇق  -گال ئاسقۇ ، كومپىيۇتىر  - كەمپىر ياتۇر ... مۇشۇنداق پاكىتلار بىلەن سۆزلىسە مەن راست ئىشىنىپ قالغۇدەكمەن جۇمۇ ...
بەت: [1] 2
: داڭلىق ئۇيغۇر شەخسلىرى