UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 04:00:03

تارىختا بۈگۈن (20-نويابىر )

762-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلارنىڭ (回纥)ياردىمى ئاستىدا لوياڭنى قايتۇرۋالغان.

1789-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسېي شتاتى كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسىنى تەسىقلىغان بولۇپ ،ئامېرىكا تارىخدىكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسىنى تەستىقلىغان تۇنجى شىتات بولۇپ قالغان.

1910-يىلى بۈگۈنكى كۈندە روسىيەلىك يازغۇچى  لىف تولستوي ۋاپات بولغان.

1917-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئۇكرائىنا مۇستەقىل بولغان .

1937-يىلى بۈگۈنكى كۈندە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى پايتەخىتنى چوڭچىڭغا كۆچۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

1945-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر گىرمانىيەنىڭ Nurembergشەھرىدە خەلىقئارا ھەربى ئىشلارسوت مەھكىمىسى قۇرۇپ ،ناتسېست گىرمانىيەسىنىڭ 22نەپەر ئاساسلىق ئۇرۇش جىنايەتچىسىگە ھۆكۈم ئىلان قىلغان .

1950-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ھېندىستان زۇڭلىسى نېھرۇ مېكماخۇن سىزقىنى ھېندىستان-شىزاڭ چىگرىسى دەپ ئېلان قىلغان ھەمدەجۇڭگو بەلگە قويغان چىگرا سىزىقىنى ئېتراپ قىلمايدىغانلىقىنى قەيىت قىلغان .شۇنىڭ بىلەن  ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى چىگرا تالاش-تارتىشى باشلانغان .

1962-يىلى بۈگۈنكى كۈندە كۇبا باشقۇرۇلدىغان بومبا كىرزىسى ئاخىرلاشقان .

1974-يىلى بۈگۈنكى كۈندە گىرمانىيەنىڭ 540-نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلانى كىنىيەدىكى بىر ئايرۇدىرۇمدىن قوزغانغان ۋاقتىدا ھادىسىگە ئۇچىراپ 59ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان .

1979-يىلى بۈگۈنكى كۈندە 200مۇسۇلمان مەككىدىكى كەبە مەسچىتىدە(克尔白清真寺)بۇ يەردە ھەج قىلىۋاتقان 6000ئادەمنى تۇتۇپ قېلىپ ئۇلارنى تۇتقۇن دەپ ئېلان قىلغان .سەئۇدى ئەرەبىستان ئارمىيەسى فىرانسىيە ئالاھىدە قىسىمىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئۇشبۇ قالايمىقانچىلىقنى تېنجىتقان .

1980-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئالى خەلىق سوت مەھكىمىسى لىنبىياۋ،جىياڭچىڭ دېلوسىدىكى 10نەپەر ئاسالىق جىنايەتچىگە ئوچۇق سوت ئاچقان .

1984-يىلى بۈگۈنكى كۈندە سىرىتقى دۇنيادىن مەدەنىيەت ئىزدەش پىلانى باشلانغان.

تاشقى دۇنيادىن مەدەنىيەت ئىزدەش پىلانى ---يۇقۇرى ھەسسىلىك ئېلىكتىرك تېلسكوپ قاتارلىق ئىلغار قۇراللارنى ئىشلىتىپ ،ئالەمدىن كەلگەن ئېلىكتىر-ماگىنىت دولقۇنىنى قۇبۇل قىلىپ  ھەمدە ئانالىز قىلىپ ،مۇشۇ ئارقىلىق تاشپى پىلانىتتا ھاياتلىق ئىزدەشتىن ئىبارەت .

1985-يىلى بۈگۈنكى كۈندە   Microsoft شىركىتى Windowsمەشخۇلات سېستىمىسنىڭ 1.0نەشىرىنى ئېلان قىلغان .

1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تالىبان كونتىروللىقىدىكى ئافغانىستان سوت مەھكىمىسى بىن لادىننى(Osama bin Muhammad bin 'Awad bin Laden) <گۇناھسىز مۇكەممەل ئادەم>دەپ جاكارلىغان.

سۈرەتتە:بىن لادىن

مەنبە؛ۋېكپىدىيە قامۇسى

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 04:43:34

مۇشۇ ئىزچىللىقىڭىزغا قول قويىمەن جۇمۇ.  مەيلى قانچىلىك ئادەم ئوقۇسۇن، قانچىلىك ئىنكاس چۈشسۇن توختاپ قالماستىن داۋاملاشتۇرىۋاتىسىز!  ئاسان ئەمەس!    رەھمەت!

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 04:49:38

ئىمزاسىڭىزدىكى گەپنى مەنىسى--- مەۋھۇم دۇنيا ئەمەسمۇ  ؟ تېنىچ دىڭىزدا ھەر-بىر ئادەم كاپىتىان دىگەن گەپما؟

terorist يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 09:48:51

مەن ئويلىغان ئىشنى سىز ئەمەلگە ئاشۇرۇپسىز رەھمەت سىزگە .

ئەمما مەن ئازراق قۇشۇمچە قىلاي .1979-يىلدىكى <<مەسچىدى  ھەرەم >> ۋەقەسىدە 200مۇسۇلمان  <<مەسچىددىكى ئاممىنى تۇتقۇن قىلىش>> دىگەن سۆز سەل ئىشىپ كىتىپتۇ . <<تىرۇرچى>> لارنىڭ كاتىباشلىرىدىن قاتانى قاتارلىقلار مۇقەددەس جاينى ئىگەللەپ تۇرغان سەئۇدى جەمەتىنى ۋە خان جەمەتى بىلەن تىل بىرىكتۇرگەن دىننى ئەربابلارنىڭ جىنايىتى قاتتىق سۆككەن .  ھۈكۈمەت قىمارنى چەكلىدى ،لىكىن شاھزادىلەر چەتئەللەردەقىمارغا مىليۇنلاپ  خەجلەيدۇ ،تىلۋىزۇرنى كىنۇنى چەكلىدى ،خان جەمەتى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيلىرىدە قايسى بىرسىنىڭ شەخسى كىنو خانىسى يوق ....................   دىنى ئەربابلارنى بولسا << ئۇلار بىلەن (يەنى سەئۇدىلار بىلەن )ئېغىز بۇرۇن يالاشمىسا شۇنچە كۆپ پۇللىرى نەدىن كەلگەن ...قاتارلىق نۇرغۇن ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق سەئۇدى جەمەتىنىڭ ۋە دىنى ئەربابلارنىڭ قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان .ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئامالسىز مەسچىدۇل ھەرەمگە كىرگەنلىكىنى،سەئۇدى جەمەتىنىڭ  مۇقەددەس جايغا ھۇكۇمرانلىق قىلىش سالاھىيىتى يۇقلىقىنى دەرھال تەخىتتىن چۇشىشىنى تەلەپ قىلغان  .

شۇ كۈنى ھېيىت كۈنى بۇلۇپ ،ئۇلار پادىشاھ  نامازغا كەلسە ئۇنى  تۇتۇپ تەخىتتىن چۈشۈرۈشنى پىلانلىغان .لىكىن  پادىشاھ  كەلمىگەن .شۇنداقتىمۇ ئىشنى باشلاۋەرگەن .

  كەبە مەسچىدىنىڭ 50 دەرۋازىسى بۇلۇپ  <<تىرۇرچى>> لار 49 نى تاقاپ بىرنىلا ئۇچۇق قۇيغان.

ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى قاتتىق چۆچۈتكەن .<<تېرۇرچىلار >>قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ ئاخىر مەغلۇپ بولغان. قاتانى قاتارلىقلارنىڭ كاللسى ئىلىنغان .  شۇنىڭدىن كىيىن ،پادىشاھ  ئاقسۇڭەكلەرنىڭ ئىسراپخۇرلىقىنى قاتتىق چەكلىگەن ...

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 16:36:41

teroristئەپەندى ،سىزنىڭ تولۇلاپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت .مەن بۇنى ۋېكپىدىيەقامۇسىدىن ئەينەن تەرجىمە قىلغان .قاراپ بېقىڭ .بىر سۆزنى ئۆزۈم قوشۇپ قويمىغان . 人质دىگەن سۆز شۇ تۇتقۇن قىلىش ،گۆرۈگە ئېلىش دىگەن مەنىلەردە .خەنزۇچىسى مانا :

1979年:200名穆斯林麦加克尔白清真寺暴乱,扣押了6000名当时正在朝圣的穆斯林为人质,沙特阿拉伯军队在法国特种部队的协助下平息了暴乱

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(20-نويابىر)