UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-19 04:05:27

تارىختا بۈگۈن (18-نويابىر )

1918-يىلى بۈگۈنكى كۈندە لاتۋىيە مۇستەقىل بولغان .

1928-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا ۋالىت دېسنى شېركىتى (The Walt Disney Company) دۇنيادىكى تۇنجى ئاۋازلىق كارتون( Mickeyچاشقان باش رولغا چىققان )汽船威利号نى نىيو-يورىك شەھرىدە تۇنجى قېتىم قويغان .

1936-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دانىيە ئۇرۇشى پارتىلىغان .

1957-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى يۈننەن ئۆلكىسى خوڭخې خانى ،يىزۇ ئاپتۇنۇم ئوبلاستى قۇرۇلغان .

1967-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى <ئىران ۋەقەسى >نى تەكشۈرۈش گورۇپىسى ،ئىران ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش دوكىلاتىنى ئېلان قىلغان .

ئىران ۋەقەسى(Iran-Contra Affair)--ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 80-يىللاردىكى بىر قېتىملىق  سەتلىشىشى .يەنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرانغا مەخپى ھالدا قۇرال سېتىپ بېرىشى ئاشكارلىنىپ كەتكەن .

1970-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئومان مۇستەقىل بولغان .

2002-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپا ئىتتىپاقى بريۇسسېلدا يىغىن ئېچىپ ۋېنگىرىيە،لاتۋىيە،پولشا قاتارلىق 10دۆلەتنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قوشۇشنى قارار قىلغان .بۇنىڭ بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزا دۆلىتى كۆپۈيۈپ 25كە يەتكەن .

مەنبە؛ۋېكپىدىيە قامۇسى

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-19 04:33:05

ھېكىمى يوللىغان:

1922 - يىلى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، فىرانسىيە يازغۇچىسى مارسېل پروست ۋاپات بولدى . ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن يەتتە توملۇق \"سۇدەك ئۆتكەن ئۆمۈر ئەسلىمىسى\" ناملىق رومانى، \"شادىمانلىق ۋە كۈنلەر\" ناملىق ھىكايىلەر توپلىمى، \"ران . سانتى\" ناملىق رومانى قاتارلىقلار بار . مارسېل پروست ئاڭ ئېقىمى تەرەپدارلىرىنىڭ پىشىۋالىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى يىقىنقى زامان غەرپ ئەدەبىياتىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن .

kanatsiz يوللانغان ۋاقتى 2010-11-19 12:25:07

يەنە مۇشۇ كۈندە  پىقىر يىغلاپ تۇرۇپ تەۋەللۇت بوپتىكەن ...
بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(18-نويابىر)