ھېيىتلىق كىيىمىم مۇشۇنداقلا يوق بولدى
ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىراشچىلىقدا بازار ئارىلاپ كىيىم ئالغۇدەكمۇ ۋاقىت چىقىرالمىدىم .شۇڭا ھەم ۋاقتىمنى ھەم پۇلۇمنى تېجەي دەپ توردىن بىر چاپان تاللىىدىم .مال ساتقۇچى بىلەن ئەمدى باھانى دىيىشىشىمگە ئۇ ماڭا بىر ھۆججەتنى ئەۋەتىپ <<بۇ بۇرۇن سېتىلغان ماللارنىڭ باھاسى ،كۆرۇپ باققىن ،سەن دىگەن باھا بەك تۆۋەن بۇلۇپ قالدى >>دەيدۇ .ھە دەپ قۇبۇل قىلىپتىمەن ،لىكىن ھۆججەتنى چەكسەم ئېچىلمىدى .ئۆزەمنىڭ كومپىيۇتىرىمدا مەسلە بار چىغى دەپ ئانچە كارىم بولماپتۇ .ئاخىرىدا باھاسىنى دىيىشىم چاپاننى ئالماقچى بولدۇم .لىكىن چاپان بار تور بەت نورمال ئېچىلماي تۇرىۋالدى .مەزمۇنلار بەكلا كام .ئۇنىڭغا دىسەم ،بۇ يەردىن ئاچ دەپ ماڭا بىر ئادىرىسنى ئەۋەتىپ بەردى .ھە دەپ شۇ ئادىرىسقا كىرىپ پۇل تاپشۇردۇم .پۇل تاپشۇرۇش ئوڭۇشلۇق بولدى دىگەن ئۇچۇر چىققاندىن كىيىن مال ساتقۇچىغا پۇلنى تاپشۇرۇپ بولدۇم دەپ خەت يازدىم .لىكىن ئۇ خەت قايتۇرۇپ پۇلنى تاپشۇرۋالمىدىم دەيدۇ ،ۋاي نىمە دەيدىغانسەن،دىسەم ئۆزەڭ قاراپ باق دەيدۇ .قارىسام راسىت ،مال ئالغۇچى تېخى پۇل تاپشۇرمىدى دەپ چىقىپ تۇرىدۇ .بۇ نىمە ئىش دەيمەن ،ئۆزەمگە .مەن توردىن نەرسە ئېلىۋاتقىلى شۇنچە ئۇزۇن بولغان خاتا مەشغۇلات قىلىشىم مۇمكىن ئەمەس .بىر ئازدىن كىيىن مال ساتقۇچى ،بەلكىم توردا تۇسۇلۇش بولغان بۇلىشى مۈمكىن ،ئەتىگچە پۇلۇڭ ئەسلىگە كىلىپ قالىدۇ ،شۇ چاغدا قايتىدىن تۆلە دەپ ئۇچۇر قىلىپتۇ .ھە ،شۇنداق ئوخشايدۇ دەپتىمەن ،ئەتىمۇ بولدى ،قارىسام ھىچبىر خەۋەر يوق ،مال ساتقۇچىغا ئۇچۇر قىلسام ،سەن پۇل تۆلىمىدىڭ ،بىز پەقەت مال ئالغۇچى پۇل تۆلىدى دىگەن خەتنى تۇنۇيمىز ،ئىشىڭ بولسا مۇلازىمەت تېلفۇنىغا تېلفۇن قىل دەپلا ئىككىنچى خەت قايتۇرمىدى .مۇلازىمەت تېلفۇنىغا تېلفۇن قىلىپ بولغان ئەھۋالنى دىدىم .ئۇلار ،مال ساتقۇچى ساڭا بىرەر ھۆججەت ئەۋەتكەنمۇ دەيدۇ ،شۇ ھامان ھېلىقى مال باھاسى تېزىملىكى يادىمغا كەلدى ،ئۇلار يەنە ،مال ساتقۇچى ساڭا بىرەر ئۇلىنىش ئەۋەتكەنمۇ دەيدۇ ،بۇمۇ شۇنداق بولدى .ئاخىرى بىلدىم ،ئەسلىدە مال ساتقۇچى ئەۋەتكەن مال تالۇنى بىر ۋىروس بۇلۇپ ،مەن بانكىدىن يۆتكىگەن پۇل تور بەتكە ئەمەس ئۇددۇل ئۇنىڭ ھېسابات كارتىسىغا يۆتكىلىدىكەن ..............شۇنداق ئاچچىغىم كەلدى ،قاراپ تۇرۇپلا نىمانداق بىخەستەلىك قىلغاندىمەن .ئەڭ ئاخىرىدا مۇلازىمەت تېلفۇنىدىكىلەر ،بىز پەقەت مال ساتقۇچىنىڭ ئەزالىق سالاھىيتىنى ئېلىپ تاشلىۋاتالايمىز ،پۇلۇڭنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بىرەلمەيمىز ،ئەسلى مال ساتقۇچى ئەۋەتكەن ھىچقانداق نەرسىنى قۇبۇل قىلماسلىقىڭ كېرەكتى دەپ گەپنى تۈگەتتى .ئۆز گۇناھىم ئۆزەمگە بولغاندەكلا بىر ئىش بولدى ..............ئىزدىنىشتىمۇ توردىن نەرسە سېتىۋالىدىغانلار خېلى بار ،شۇڭا مال سېتۋالغاندا مەندەك دۆتلۈك قىلماڭلار .چوقۇم مال ساتقۇچىنىڭ ئىشەنچ دەرىجىسىگە دىققەت قىلىش ھەم ئۇلار ئەۋەتكەن ھىچقانداق نەرسىنى قۇبۇل قىلماسلىق كېرەككەن .ئۇنداق ئەمەس،سز ئوتتۇردىدا ۋاستىچىلىق قىلىۋاتقانلارنى چىڭ تۇتۇپ مال ساتقۇچىنىڭ تەپسىلى ئۇچۇرىنى سوراڭ ،ئاندىن شۇلار تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ساقچىغا دىلۇ مەلۇ م قىلىڭ ،بۇ بىر ئالدامچىلىق .ساقچىلار بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىشى كىرەك ،ۋاستىچىلارمۇ ئۆزىنى چەتكە ئېلىۋالسا بولمايدۇ .ساقچىخانىلارنى تاپالمىسىڭىز تور ساقچىلىرىغا ئەھۋال مەلۇم قىلىڭ .
تاۋ باۋدىن ماڭا ئۈلۈشكۈن كەپ بولغان سىمسىز يول باشلىغۇچتىن بۈگۈن يەنە بىرى كەپ قالدى، تەكرار ئىككىنى ئەۋەتىۋەتتى دىسە! ئۈچ كۈن بولدى، كۈندە ئىككىدىن- بىردىن نەرسە كېلىپلا تۇرۇۋاتىدۇ ماڭا، يەنە كەپ بولالمىدى نەچچىسى..
بېشىم ئاغرىپ تۇرىدۇ، ئوڭشىلىپ، تاۋباۋ، تور بانكا خاتىرىلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرەي، ئەگەر بىرلا قېتىم پۇل تۆلىگەن بولسام، يول كىراسىنى كۆتىرىۋەت دەپ ئۆزىگە قايتۇرۇپ ئەۋەتىم بېرىمەن، ئەرزانراق تەڭشەپ بەرسە ئەپ قويارمەن، ياقتۇرغان بىرەرىگە سېتىپ پۇلىنى چىقىرىۋالساممۇ بولدۇ، بويتاقلار بايرىمىلىق باھا تۈۋەنلەتكەن چاغدا ئالغىنىم ئىدىچۇ.. ماڭا يېقىنراق دائىرىدىكىلەرگە لازىم بولسا سۆز قالدۇرۇڭلار، باھاسى، تىپى قاتارلىقلارنى ئەتىلەتىن يوللاي..
مۇلازىمەت تېلفۇنىدىكلەرمۇ ئۆزەڭ تۇرۇشلۇق جايدىكى ساقچىغا مەلۇم قىل دىگەن .لىكىن بۇنداق ئىشقا قايسى ساقچىنىڭ ۋاختى چىقار دەپ تەقدىرىمگە تەن بەردىم .....

suzuk:
سىمسىز يول باشلىغۇچ دېگەن نېمە؟ نېمىگە ئىشلىتىدۇ؟
روتىر دىمەكچى يەنى 路由器 . تار دائىرلىك تور قوراشتۇرۇشتا ئىشلىتىلدۇ ، يەنى بۇ سىمسىز روتىر ئادەتتىكى سىملىق تورنى سىمسىز سىگىنالغا ئايلاندۇرۇپ تارقىتىدۇ ، سىمسىز تور كارتىسى بار كومپىيۇتېرلار مەلۇم دائىرە ئىچىدە تورنى قۇبۇللايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن سىم تارتىش ئاۋارىچىلىقى يوقايدۇ . سىمسىز روتىرنى خالىغان بىر ئۆيگە تاشلاپ قۇيۇپ ، لەپتوپنى كۆتۈرۈپ قايسىلا ئۆيگە چىقسىڭىز تورغا چىقىسىز ، تاماق ئەتكەچ ئاشخانىدا ، مىھمان كۈتكەچ مىھمانخانا ئۆيدە ، ئارام ئالغاچ ھوجرىدا ، ئېكىسپورت قىلغاچ تازلىق ئۆيىدە دىگەندەك
Baghrim:
توردىن ئالغان مالنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولامدۇ ؟ مەن يۈزماي ئالاي دېگەنتىم ...
داڭلىق ماركىلارنىڭ ياخشى چىقىدۇ لىكىن شۇ داڭلىق ماركىلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن دۆلەت بۇيىچە بىر تۇتاش باھا بولغاچقا ،پوچتا پۇلىنى قوشقاندا ئۆزىڭىز بازارغا چىقىپ ئالغانغا تەڭ بۇلۇپ قالىدىكەن ياكى ئېشىپ كىتىدىكەن ....
مەن ئالماقچى بولغان مايمۇ خېلى داڭلىق ماركا ، توردا بازارباھاسىدىن كۆپ ئەرزاندەك ھېس قىلدىم ، بۇ يەردىكى دۇكاندا بىر پۇڭمۇ چۈشۈرۈپ بەرمەيدۇ ، شۇڭا تەۋەككۈل قىلىپ ئەڭ ئاۋال يۈز يۇيۇش مىلىكىنى ئېلىپ كۆرۈپ باقايمىكىن دەيمەن ، جا بولۇپ قالسىمۇ سوپۇننىڭ ئورنىدىكى نەرسە بولغاندىكىن يۈزگە تەسىر قىلىپ كەتمەيدۇ ئەمەسمۇ ...مەن ھازىرغىچە توردىن نەرسە سېتىۋېلىپ باقمىدىم.
ئايەمدە ئالدىنىپسىزدە،ھىچقىسى يوق،بەك ئامال بولمىسىمۇ كۆڭلىڭىزگە ئېلىپ كەتمەڭ.
مەن سىرتقا تولا چىقمىغاچ ھەم بازار ئارلاشقا ئۆچ بولغاچ توردىنلا ئالىمەن.
سۈپىتىگە ئۆزەڭلار قارايسىلەر دە. مەسىلەن سىز كۆرگەن بىرە قۇر كىيىمنىڭ ئوخشىمايدىغان باھادىكىلىرى بار، سىز شۇنىڭغا قاراپ ئىشلەتكەن رەخىت ۋە سۈپىتىگە ئاساسەن تاللاپ سېتىۋالسىڭزى بولىدۇ، ئەرزانراقلىرى سۈپىتى ناچارراق بولىدۇ.
سېتىۋىلشىتىن ئاۋال شۇ دۇكان خۇجايىنى بىلەن سۆزلىشىپ دىيىشىپ سېتىۋالساڭلار ياخشى.
توردىن سېتىۋالسا ئەرزان ھەم قولايلىقكەن مەنچە.