5000 سوملۇق يىڭى لەپتۇپ كومپىيۇتىر سىتىۋالىمەن
5000 مىڭ سومغا بىرىنچى قول لەپتۇپ كومپيۇتىر سىتىۋالاي دىگەن شۇڭا قول كومپيۇتىرىنى بەلەن چۇشىنىدىغان ئوغال بالا ئەركەكلەر بولسا مەسلىھەت بەرسەڭلار . يەنە مۇشۇ سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىنقىلاۋى يولداشلار بولسا پۇلنى ئىلىپ ماڭا سىتىپلائۆز ئىشىڭلار بىلەن داۋاملىق مەشغۇل بولساڭلار دىگەن مەخسەتتە مەن .
پىنھاندىن ئالسىڭىز بولىدىكەنغۇ
باچكىنىڭ بىر تىمىسى بارتى ئەڭ ئەرزان پۇلغا ئەڭ ياخشى لەپتوپ سېتىۋىلىش ئۇسۇلى كۆرسىتىلگەن ،شۇ تېمىنى كۆرۈپ لەپتوپۇمنى ئېتىۋېتىپ يېڭىنى ئالغۇم كەپكەتكەن .
ئالدى بىلەن بۇ كومپيۇتېردا نېمە ئش قىلىسىز. ماقالە يازامسىز ياكى تورغا چىقىپ ، كىىنو كۆرۈپ، ناخشا تىڭشامسىز؟
چوڭ كىچىكلىگە قانداق تەلىپىڭز بار. كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە ئەپلىك ، باتارىيسى ئۇزۇن يېتىدىغان بولىشى كېرەكمۇ ياكى ئۆيدىلا ئىشلىتەمسىز؟
ئىنقىلابى يولداشلار خەلىققا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدۇ ، خەلىقتىن پۇل ئېلىشى چىرىكلىك


لەپتوپ كومپىيۇتىر دىگەن خاتىرە كومپىيۇتىرمۇ ياكى ؟
izchilar:
لەپتوپ كومپىيۇتىر دىگەن خاتىرە كومپىيۇتىرمۇ ياكى ؟
تىزغا قويۇۋالىدىغان دىمەكچى.
شۇنداق . دەيىر . سونى دىگەنلەردىن ئالايمىكىن دەيمەنغۇ . لىكىن بەزىلىرنىڭ سايمان سەپلىملىرى چاتاق چىقتى دەپ ئاڭلاپ قالدىم شۇڭا با مەسلىھەت ئىش قىلايمىكىن دىگەن . يەنە بىر تۇرۇپ ئىرپان ياكى ئۇيغۇر سوفىتنىڭ ماللىرىنى ئالايمىكىن دەپمۇ ئويلاۋاتىمەن . ھە راس قارلۇقنىڭ سىتىۋاتقان ئالمىلىرى بۇلامدۇ يا ؟ بۇنچىلىك پۇلغا كەلمەمدۇ يا ؟
ozhal:
شۇنداق . دەيىر . سونى دىگەنلەردىن ئالايمىكىن دەيمەنغۇ . لىكىن بەزىلىرنىڭ سايمان سەپلىملىرى چاتاق چىقتى دەپ ئاڭلاپ قالدىم شۇڭا با مەسلىھەت ئىش قىلايمىكىن دىگەن . يەنە بىر تۇرۇپ ئىرپان ياكى ئۇيغۇر سوفىتنىڭ ماللىرىنى ئالايمىكىن دەپمۇ ئويلاۋاتىمەن . ھە راس قارلۇقنىڭ سىتىۋاتقان ئالمىلىرى بۇلامدۇ يا ؟ بۇنچىلىك پۇلغا كەلمەمدۇ يا ؟
ئىككىگە كۆپەيتسىڭىز كەلمەي قالمايدۇ

espresso:
izchilar:
لەپتوپ كومپىيۇتىر دىگەن خاتىرە كومپىيۇتىرمۇ ياكى ؟
تىزغا قويۇۋالىدىغان دىمەكچى.
ھە...يىڭى چىقىپتۇ دە.
2000 سوملىقى ھاجەتتىن چىقاتتى
يېقىندا مەنمۇ ياخشىراق كومپىيوتىردىن بىرنى ئالاي دىگەن ھەمدە سۇرۇشتۇرۇپمۇ باقتىم .ئۇلار مىنىڭ كومپىيورتىر مەشغۇلاتى قىلىش ئەھۋالىمنى سورىغاندى.مەن دېل كومپىيوتىرنى ئالايمىكىن دىسەم، ئۇ،كىشى ھازىر كۆپ قىسىم كىشىلەر چەتئەلدە ئىشلەنگەن كومپىيوتىرنىڭ گىپىنى تۇلا قىلىدىكەن ،مىنىڭچە ھاجەتتىن چىقىدىغان ئادەتتىكى كومپىيوتىرنى ئالسىمۇ بۇلىدىغانلىغىنى ئېيىتتى.مىنىڭچە توشىبا (1يىل بۇرۇن ئىنىمىز بىرنى ئالغان ،ئىختىدارى ياخشىكەن ،5999.00سومغا ،ھازىر شىنجىندىن 4700سوملارغا ئالغىلى بۇلارمىش ،سەپلىمىلىرى يۇقىرى ئىكەن).ئەيكىرمۇ بۇلىدىكەن لىكىن شەكلى ماڭا يارىمىدى .كومپىيوتىر ئالغاندا قاتتىق دىسكا بىلەن باشقا سەپلىمىلىرىنىڭ ماسلىشىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش زۇرۇكەن.بولسا توردا بايرام دىگەندەك كۈنلەردە پايدىنى ئۈتۈنۈپ بىرىش پائالىيىتى بولغاندا ئالسا تېخىمۇ ياخشى .بۇيىل ھېيىت كۈنلىرىڭىز بەرىكەتلىك ئۆتكەندەك قىلامدۇ نىمە؟
سونىي PCG-61212T بانا كۇن ھەدەم بىرنى سېتۋالدى ،، 5000 كويغا دەيكۇۋەن قىلىپ ..... يامان ئەمەس . ئۈزۈمنىڭ مۇزدەك بىرسى بار ئۇكام ئالىمەن دەپ تۇرىۋالدى . ئامال يوق ئىلىپ بىرەي دەۋاتىمەن .مەن 1500 سوملۇقىدا يېزىۋاتىمەن ما خەتنى . مۇزىكا ئىشلەيمەن تېخى ..بالىڭىزنىڭ كەينىدە قاپتىمەنمۇ نىمە ؟
كومپىيۇتېر مودا قوغلىشىپ ئالىدىغان نەرسە ئەمەس . ھاجىتىڭىزدىن چىقسىلا بولدى . بالىلارنىڭ ئىھتىياجىڭىزنى قايتىقايتىلاپ سورىشىدىكى سەۋەپ شۇ .
كومپىيۇتېر تاللاشتا
1 - ئىھتىياج
2 - شۇنىڭغا لايىق سەپلىمە
3 - باھا
قايسى ماركىنى ئالسىڭىز ئېلىڭ ،لىكىن توشىبانى ئالماڭ ھە ئاكا ~~بولمىسا شامالدۇرغۇچتىن بىرنى بىللە ئېلىپ يۈرسىڭىزلا بۇلىدۇ .مەنمۇ مىڭ پۇشايماندا نىمىشقا ئالغاندىمەن بۇ تېرەكتۇرنى دەپ .......