Baghrim يوللانغان ۋاقتى 2010-11-18 14:43:38

قەشقەر دىگەن ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى باشقىچە يەكۈن

     ئۇزۇندىن بۇيان كىشىلەر قەشقەر دىگەن ئىسىم توغرىسىدا كۆپلىگەن تالاش-تارتىشلارنى قىلىپ قەشقەر دىگەن ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مۇنداق ئىككى خىل مەنبە بىلەن شەرھىلىدى : بىرسى ، قەشقەر تۈمەن دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقاچقا قاشگاھ ، يەنى دەريانىڭ قېشى ۋە گاھ ( بارگاھتىكى گاھ ) دېگەن ئىككى سۆزدىن تۇزۇلگەن ، دەريا قېشىدىكى بارگاھ مەنىسىنى بېرىدىغان سۆز ، بۇ سۆز ئۇزۇن يىللىق ئىستىمال جەريانىدا قەشقەر بولۇپ قالغان . يەنە بىرسى بولسا قەشقەر شەھىرى ھەرخىل كۆركەم ، رەڭدار كاھىشلاردىن ياسالغاچقا كاھىشگاھ دەپ ئاتالغان ھەمدە ئىشلىتىش داۋامىدا كاھىشگاھ قەشقەر دەپ ئۆزگۈرۈپ كەتكەن دېيىلگەن . مېنىڭچە بۇ پۈتۈنلەي ، خۇددى قوڭىغا ئۇرۇپلا گەپ تاپقاندەك ئىش ، يۇقۇرىدىكى ئىككى خىل بىمەنە يەكۈننى چىقارغۇچىلار مېنىڭچە ئۆزىنىڭ مىللىي تارىخىدىن ، ئانا تىلىدىن قىلچە خەۋىرى يوق كىشىلەرنىڭ يەكۇنلىرى .

    ئۇنداقتا ، قەشقەر دىگەن ئىسىم قانداق پەيدا بولغان ؟ قەشقەر دىگەن ئىسىمنىڭ كىلىش مەنبەئەسىنى سۆزلەشتىن بۇرۇن قەشقەر ئۆز ۋاقتىدا قۇرۇلغاندا زادى نېمە مەقسەتتە قۇرۇلغان ؟ تارىختا قانداق ئورۇندا تۇرغان ؟ شۇلارنى ئىزاھلايلى : قەشقەر قۇرۇلغاندىن تارتىپ يەنى ، ئافراسىياپتىن تارتىپ قاراخانىلارغىچە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ مەركىزى خان ئوردىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن . قاراخانىلاردا ئوردا مۇھاپىزەتچىلىرى بۆرە دەپ ئاتىلاتتى . بۇ بۆرىلەر قوغداۋاتقان ئوردا يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا بۆرە ئۇۋىسى ئىدى ، بۆرىلەر ئۆزىنىڭ ئۇۋىسىنى جان تىكىپ قوغدايدۇ . قەدىمى تۈرك يەنى ئۇيغۇرلاردا ئەگەر ئايال كىشى تۇغسا ئوغۇل تۇغدىمۇ قىزمۇ دەپ سورىماي ، بۆرە تۇغدىمۇ ياكى تۇلكىمۇ ؟ دەپ سورايدىغان ئادەت بار ئىدى . چۈنكى مىللىتىمىزنىڭ چۇشەنچىسىدە بۆرە بولسا ئۆز ئۇرۇقىنى ، ئاىلىسىنى قوغداش ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان باتۇر جانىۋار ئىدى ، تۈلكە بولسا ئەقىللىق ، ھىيلىگەر ئىدى ( خۇددى قىزلارغا ئوخشاش ) . بۆرىلەر ئوردىنى يەنى ئوردىدىكى ئۆزىنىڭ خانىنى قوغدايدۇ ، شۇڭا يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا بۆرە خانغا ۋە خان ئوردىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ . قەشقەر بولسا خان ئوردىسى جايلاشقان ئورۇن ، قەشقەرگە يىراق بولغان جايلاردىكى تۇركى قەبىلىلەر ئۈچۈن قەشقەر دىگەن سۆز خان ئوردىسى دېگەن سۆز بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش مەنىدە . ئۇنداقتا ، ئوردا قوغدۇغىچىسى = بۆرە ، بۆرە = ئوردا ، قەشقەر = خان ئوردۇسى ، قەشقەر = بۆرە . بەزىلەر بۇ يازمىنى مۇشۇ يەرگىچە ئوقۇپ كېلىپ ، زادى نېمە دېمەكچى ئىكەنلىگىمنى ئاڭقىرالمايدۇ . چۈنكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىدا بۆرە دىگەن سۆز بىلەن ئوخشاش مەنىدىكى قەشقەر دىگەن سۆز يوق . كۈلكىلىك يېرى ، بۇنىڭغا ئوخشايدىغان سۆز قەشقەردىن پەقەت بىر سائەتلىك يىراقلىقتىكى ئاقتۇ ۋە قىزىلسۇ تاغلىرىدا ياشايدىغان ، بىزگە يېقىن قېرىنداش بولغان تۈركى خەلقى قىرغىزلاردا ساقلىنىپ قالغان . بىزگە شىۋە جەھەتتىن يېقىن بولغان ئۇزبەكلەردە ، بۆرى ، قاشقىر دېگەن ئىككى سۆز بىزدىكى بۆرە دېگەن سۆز بىلەن ئوخشاش .

   مەن بۈگۈن ئۆزۈممۇ بىلمەي "" Wikimedia Commons的Atom订阅 "" دېگەن بىر تور بېتىگە كىرىپ قاپتىمەن ، بۇ تور بېتى پۈتۈنلەي بۆرىنىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر تىلىدا ئاتىلىشى بولۇپ ، بۇنىڭدا تۈركى خەلقلەرگە تەۋە بولغان مىللەتلەر تىلىدىكى ئاتىلىشىمۇ باركەن . مەن بۇلارنى بۇ يەردە ئۆزگەرتمەي كۆچۈرۈپ قويۇمەن : بۆرە دېگەن سۆزنى ئەزەربەيجانچە : جاناۋار ؛ باشقورت : بۈرى ؛ ساخا تيلا : بۆرۆ ؛ قىرغىزچە : قارىشقىر ، بۆرۈ ؛ ئوزبەك : بوۆرى ، قاشقىر ؛ ئۆزبەكچە : بۆرى ، قاشقىرى ؛ قازاقچە : قاسقىر ، بېرى ، بۆرى ؛  تاتارچە : بۈرى ؛ چەۋاشلا : قاشقەر . بۇ يەرگە كەلگەندە ، ئەڭ ئاخىردىكى چەۋاشچە قاشقەر دېگەن بۆرىنىڭ تۈركى مىللەتلەر تىلىدىكى يەنە بىر شەكلىنى كۆرگەندە ئەقىل ئىگىلىرى نېمە دېمەكچى ئىكەنلىگىمنى ئاسانلا چۈشىنەلەيدۇ .

   1949-يىلدىن بۇرۇن بۇ دىياردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى مىللەتلەر بىلەن بولغان بېرىپ - كېلىشى ناھايىتى قويۇق بولۇپ ، قەشقەر ، ئاتۇش ، ئاقسۇ ، غۇلجا ، چوچەك قاتارلىق چىگراغا يېقىن شەھەرلەردىكى خەلق ، خۇرجۇنىنى مۈرىسىگە ئارتىپلا يەرلىكلەرلا بىلىدىغان تاغ يوللىرى بىلەن ئۇ تەرەپلەرگە بىمالال ئوتۇپ سودا-سېتىق ، جاھانداچىلىق قىلىپ تۇراتتى . 1949-يىلدىن كېيىن چىگرا قاتتىق قامال قىلىنىپ ئىختىيارى بېرىپ-كېلىش ئۈزۈلدى . ئۇندىن كېيىن ھەر خىل ئىسلاھاتلار ۋە مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى بولۇپ قۇرئاندىن تارتىپ ھەر خىل مەزمۇندىكى قەدىمى كىتاپلار كۆيدۈرۈلدى ، بۇ سورۇقچىلىقلار ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركى مىللەتلەرگە ھەر قايسى تەرەپلەردە باشلامچى بولغان ئۇيغۇرلارنى ، ئوزىنىڭ تارىخىنىمۇ ، تىلىنىمۇ تولۇق بىلمەيدىغان غەلىتە بىنورمال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى . سۆزىمىزگە قايتىپ كەلسەك قەشقەر دىگەن سۆز قانداقتۇر كاھىشگار ، قاشگاھ دىگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ كەلمىگەن ، ئەكسىچە ، چەۋاشلا : قاشقەر دېگەن بۆرە مەنىسىنى بېرىدىغان ، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قەدىمى بولغان ئىستىمالدىن قالغان قاشقەر دىگەن سۆزدىن كەلگەن .

مەنبە : جۈرئەت 69 بلوگىدىن

urdek يوللانغان ۋاقتى 2010-11-18 16:02:14

دەرۋەقە شۇنداق.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-18 16:05:39

ماۋزۇسى تەھرىرلەپ قويۇڭە .مەن تېخى قازاقچە ماقالە ئوخشايدۇ دەپتىمەن .

otunchi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-18 16:06:16

ماۋزۇدىكى قەسقەر قايسى ئىسىمدىن كەلگەن ئەمسە؟

urdek يوللانغان ۋاقتى 2010-11-18 16:13:47

خاتا يېزىۋاپتۇ  تۇزۇتۇپ ئوقۇڭلار

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-18 16:55:34

ئەسقەر دەپ كۆرىۋالغاندەكمۇ قىلىمەن.

yasin88 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-18 17:08:33

مۇشۇنداق بەزى شەھەرلەرنىڭ نامىنىڭ كىلىپ چىقىشىنى ئوقىسام كۈلكە تۇتىدۇ !

adwokat يوللانغان ۋاقتى 2010-11-18 17:16:02

ئۇنداقتا ، كاشىغەر دېگەن ئاتالغۇ نەدىن كەلگەن ؟ مەھمۇت كاشىغەرى دەۋرىكى شەھەر نامى مەلۇم مەزگىللەردە تاشلىنىپ ، ئاۋۇ مەنىدىكى ئاتالغۇ قوبۇل قىلىنغانمۇ ؟

\"مېنىڭچە بۇ پۈتۈنلەي ، خۇددى قوڭىغا ئۇرۇپلا گەپ تاپقاندەك ئىش ، يۇقۇرىدىكى ئىككى خىل بىمەنە يەكۈننى چىقارغۇچىلار مېنىڭچە ئۆزىنىڭ مىللىي تارىخىدىن ، ئانا تىلىدىن قىلچە خەۋىرى يوق كىشىلەرنىڭ يەكۇنلىرى .\"

Baghrim يوللانغان ۋاقتى 2010-11-18 18:16:27

تەھرىرلەشكە كىرىپ تېمىنى توغرىلاپ قوياي دېسەم خەت پەقەت بېسىلماي ئوڭشىيالمىدىم ، باشقۇرغۇچىلار تېمىدىكى قەشقەر دېگەن سۆزنى ئوڭشاپ قويساڭلارچۇ !

kizilpaqak يوللانغان ۋاقتى 2010-11-18 18:20:17

سۆزىمىزگە قايتىپ كەلسەك قەشقەر دىگەن سۆز قانداقتۇر كاھىشگار ، قاشگاھ دىگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ كەلمىگەن ، ئەكسىچە ، چەۋاشلا : قاشقەر دېگەن بۆرە مەنىسىنى بېرىدىغان ، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قەدىمى بولغان ئىستىمالدىن قالغان قاشقەر دىگەن سۆزدىن كەلگەن .
=========================================================================

ئۇسۇرۇق گەپ، \"مەھمۇد كاشىگارى\"دىگەننى قانداق ئسپاتلايسىز. ئۇنىمۇ چەۋاشلار مەھمۇد كاشىگەرگە سوۋغا قىلغانمۇ-يە؟

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2010-11-18 19:48:18

kizilpaqak:

سۆزىمىزگە قايتىپ كەلسەك قەشقەر دىگەن سۆز قانداقتۇر كاھىشگار ، قاشگاھ دىگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ كەلمىگەن ، ئەكسىچە ، چەۋاشلا : قاشقەر دېگەن بۆرە مەنىسىنى بېرىدىغان ، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قەدىمى بولغان ئىستىمالدىن قالغان قاشقەر دىگەن سۆزدىن كەلگەن .
=========================================================================

ئۇسۇرۇق گەپ، \"مەھمۇد كاشىگارى\"دىگەننى قانداق ئسپاتلايسىز. ئۇنىمۇ چەۋاشلار مەھمۇد كاشىگەرگە سوۋغا قىلغانمۇ-يە؟

ئەپەندىم بۇنداقلا ئالدىراپ ئوسۇرىۋەتمەڭ ،مەھمۇد قەشقىرى ياكى كاشىگەرى دەمدۇ ،ئانا تومۇرى< بۆرە> ئاتالغۇسى يەنى <قاشقىر>

سۆزىدىن كەلگەن بولۇشى ئېنىق ... بىز ھېلىقى <كۇرتلار ۋادىسى > دىگەن كىنودا ، <قاشقىرلار ماكانى > دىگەن سۆزنى  ئاڭلايمىز .بۇنىڭ مەنىسى <بۆرىلەر ماكانى>.... . قاشقىر دىگەن سۆز يالغۇز چەۋاشچە بولۇپ قالماستىن ،پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلەرگە ئورتاق سۆز ، مەھمۇد قەشقىرىمۇ سىزنىڭچە تۈركىي مىللەت بولماي قايسى مىللەتتۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەت بولغاچ مەھمۇد قەشقىرى ئۆزى تۇغۇلغان ماكان قەشقەرنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان . سىزيۇقارقى ماقالىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئوسۇرۇقتەك  سېسىق گەپ بىلەن ئىنكار قىلماڭ ............سىزنىڭ گېپىڭىز ئوسۇرۇقمۇ ياكى بۇ ماقالىدىكى گەپ ئوسۇرۇقمۇ بۇنى تارىخ ۋە ئەمەلىيەت ئىسپاتلايدۇ....

kuchtunggur يوللانغان ۋاقتى 2010-11-18 20:29:19

ۋاي باغرىمنىسا،بۇ گەپنى بۇيەرگە سۆرەپ كېلىپ نىمە قىلار بولغىيدىڭىز.

بىكار ئازار يەپ قالارسىزمىكىن،بۇيەرگە بىلىملىكلىرىمۇ،بىلەرمەنلىرىمۇ يىغىلغان.

بىلىملىكلىرىغۇ بىر ئوبدان سۆزلەيدۇ،بىلەرمەنلىرى ئاساسسىزلا قارا-قۇيۇق ئىنكار قىلىۋېرىدۇ،ئۇنداقلارغا لايىق جاۋاپ بەرسىڭىز تىجىمەللىك قىلىپ ئۇرۇشۇۋېرىدۇ.

ئۆكتەملىرىگە تەڭ كېلىمەن دىسىڭىز ئۆز ئوبرازىڭىزنى ئويلىماي تەڭ تۇرۇڭ،بولمىسا سىزنى ئىككىنچى سۆزلىمەس قىلىۋېتىدۇ.پاكىتسىز ئىنكار قىلىش،قۇسۇر ئىزدەش بىلەرمەنلەرنىڭ ئادىتى.ئىنكار قىلغاندا پاكىت كۆرسىتىپ ئىنكار قىلىشنى ئويلايدىغان بىلەرمەنلەر يوق دىيەرلىك.

bendora يوللانغان ۋاقتى 2010-11-18 20:39:35

مېنىڭ ئىنكاسىم مۇنبەرگە ئېغىر كېلىدىغان بولۇپ قالمىغاندۇ؟

مەن ھۆكىمەتكە قارشى گەپ قىلمىدىم، راست دەيمەن!

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-18 21:05:31

بۇنداق تىمىلارغا ھىسىيات . پەرەز بىلەن ئىنكاس يازمايدىغان

umakkulke يوللانغان ۋاقتى 2010-11-18 21:47:49

كورلا دىگەن ئىسىمنىڭ كىلىپ چىقىشى ھەققىدە

     بۇرۇننىڭ بۇرنىسدا ئۇلۇغلىرىم كورلىغا كەپتۇ .كورلا خەلقى ئۇلارنى ناھايىتى ناھايىتىمۇ بەك قىزغىن قارشى ئاپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىغا پولو ئىتىپ ئەچىقىپتۇ .پولو مىھمانلارنىڭ ئالدىغا قۇيۇلغاندا ،ئۇلۇغلىرىمىزدىن بىرى پولۇنىڭ ئۇستىدىكى گۆشنى بىر سىلاپلا <<تۇرە،جانۋىرىم ،تۇر >>دەپتىكەن ،ھېىلقى گۆش بىر مۈشۈككە ئايلىنىپ قاپتۇ .ئۇلۇغلىرىم ،كورلىلىقلارنى ھەممىڭ كور بۇلۇپ تۈگەرسەن دەپ قاغىۋىتىپتۇ .پولوغا مۈشۈك باسقان كورلىلىق دىگەن گەپمۇ شۇنىڭدىن قالغانىكەن ~~  مۇنداقلا يېزىپ قويدۇم ،تىللاپ كەتمەڭلار ھە ......

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2010-11-18 22:01:09

umakkulke:

بۇھوكۇمىڭىز سەل يېنىكلىك بىلەن چىقىرىلىپ قاپتۇ، شۇندىغاراق كوچا پارىڭىنىڭ بارلىغى راست لېكىن پۇت تىرەپ تۇرغۇدەك پاكىتى يوق.شىنجاڭ مەدىنىيىتىنىڭ مەلۇم بىر سانىدا بۇتوغۇرلۇق <كورلا > نامىنىڭ قەدىمقى كىرورانلىقلاردىن كەلگەنلىگى قەيىت قىلىنغان .

Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2010-11-18 22:07:15

bendoraنېمە بوپسىز؟

<div style=\"float: right;\" class=\"style2\">                                               
                                        </div>

umakkulke يوللانغان ۋاقتى 2010-11-18 22:20:11

eysatohti:
umakkulke:

كورلا دىگەن ئىسىمنىڭ كىلىپ چىقىشى ھەققىدە

     بۇرۇننىڭ بۇرنىسدا ئۇلۇغلىرىم كورلىغا كەپتۇ .كورلا خەلقى ئۇلارنى ناھايىتى ناھايىتىمۇ بەك قىزغىن قارشى ئاپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىغا پولو ئىتىپ ئەچىقىپتۇ .پولو مىھمانلارنىڭ ئالدىغا قۇيۇلغاندا ،ئۇلۇغلىرىمىزدىن بىرى پولۇنىڭ ئۇستىدىكى گۆشنى بىر سىلاپلا <<تۇرە،جانۋىرىم ،تۇر >>دەپتىكەن ،ھېىلقى گۆش بىر مۈشۈككە ئايلىنىپ قاپتۇ .ئۇلۇغلىرىم ،كورلىلىقلارنى ھەممىڭ كور بۇلۇپ تۈگەرسەن دەپ قاغىۋىتىپتۇ .پولوغا مۈشۈك باسقان كورلىلىق دىگەن گەپمۇ شۇنىڭدىن قالغانىكەن ~~  مۇنداقلا يېزىپ قويدۇم ،تىللاپ كەتمەڭلار ھە ......

بۇھوكۇمىڭىز سەل يېنىكلىك بىلەن چىقىرىلىپ قاپتۇ، شۇندىغاراق كوچا پارىڭىنىڭ بارلىغى راست لېكىن پۇت تىرەپ تۇرغۇدەك پاكىتى يوق.شىنجاڭ مەدىنىيىتىنىڭ مەلۇم بىر سانىدا بۇتوغۇرلۇق <كورلا > نامىنىڭ قەدىمقى كىرورانلىقلاردىن كەلگەنلىگى قەيىت قىلىنغان .

بۇ ھەرگىزمۇ ئەستايىدىل چىقىرىلغان ھۆكۈم ئەمەس .پەقەت ئوينۇشۇپ يېزىپ قويغان نەرسە .خۇددى خوتەننىڭ ماشىنا نومۇرىنىڭ ئالدىدا نىمىشقا ر ھەرىپى بار دىسە ئۇلار ر نى تەلەپپۇز قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن دىگەندەكلا ~~ ئاسماندا يەردە سۆزلەپ قالىمەن دائىم ،راست ئويلىۋالماڭ ھە ~~

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-11-18 23:04:46

قىرغىز-قازاقلار قويۇپ بەرگەن بولامدا؟قەشقەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تىلشۇناسلىرىمىز تەھلىل قىلىپ بولغان،قىرغىز-قازاقچە ئىزاھاتنىڭ لازىمى يوق.....

Baghrim يوللانغان ۋاقتى 2010-11-18 23:18:18

kuchtunggur:

ۋاي باغرىمنىسا،بۇ گەپنى بۇيەرگە سۆرەپ كېلىپ نىمە قىلار بولغىيدىڭىز.

بىكار ئازار يەپ قالارسىزمىكىن،بۇيەرگە بىلىملىكلىرىمۇ،بىلەرمەنلىرىمۇ يىغىلغان.

بىلىملىكلىرىغۇ بىر ئوبدان سۆزلەيدۇ،بىلەرمەنلىرى ئاساسسىزلا قارا-قۇيۇق ئىنكار قىلىۋېرىدۇ،ئۇنداقلارغا لايىق جاۋاپ بەرسىڭىز تىجىمەللىك قىلىپ ئۇرۇشۇۋېرىدۇ.

ئۆكتەملىرىگە تەڭ كېلىمەن دىسىڭىز ئۆز ئوبرازىڭىزنى ئويلىماي تەڭ تۇرۇڭ،بولمىسا سىزنى ئىككىنچى سۆزلىمەس قىلىۋېتىدۇ.پاكىتسىز ئىنكار قىلىش،قۇسۇر ئىزدەش بىلەرمەنلەرنىڭ ئادىتى.ئىنكار قىلغاندا پاكىت كۆرسىتىپ ئىنكار قىلىشنى ئويلايدىغان بىلەرمەنلەر يوق دىيەرلىك.

ھېچقىسى يوق ، مەن ئىزدىنىشكە كىرگەندىلا يۇقۇردا سىز دىگەن ئەھۋاللارنى بىلىپ تۇرۇپ ئىدىيەرىمدە تەييارلىنىپ كىرگەن ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇشنى بىلىمەن ، خاتىرجەم بولۇڭ ھى ھى ھى ...  

بەت: [1] 2
: قەشقەر دىگەن ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى باشقىچە يەكۈن