joshua يوللانغان ۋاقتى 2010-11-16 16:54:33

«باھادىرنامە» نى قايسىڭلار ئوقۇدىڭلار؟

بۈگۈن شىنخۇا كىتاپخانىسىدىن 270 سومغا " باھادىرنامە" دېگەن كىتاپنى ئېلىپ چىقسام، دادام" نېمانچە قىممەت كىتاپ ئالغانسەن؟ ياكى ئاتچوت قىلىپ بەرمىسە بۇنى" دەپ مېنى كۈلدۈردى. قىسقىلا قىلىپ " سوۋغاتلىق" دەپ قويدۇم، ئۆيگە كېلىپ ئىچىم پۇشتى، گەرچە سوۋغاتقا ئالغان كىتاپ بولسىمۇ، پېچەتلىرىنى بۇزۇپ ئوقۇپ باققۇم كېلىپ، ئاخىرى "مانا ئەمىسە!" دەپ بۇزۇپلا ئوقۇدۇم.

ئون بەت ئوقۇپتىمەن، بىر چەتكە تاشلاپ قويۇپ ئۇھ! دەۋەتتىم. راسىتىنى ئېيتاي، پۈتۈنلەي شەخسىي پىكرىم، شۇڭا ئىزدىنىشتىكى دائىملىق "مازارغا چالما ئېتىش" دېگەن قالپاق ماڭا كىيىلىپ قالمىغاي، مازارغا چالما ئاتقان بىلەن ئىشىم يوق، شۇ ئىچىم سەل سىقىلىپ قالدى.

مۇنداق ئويلاپ باقايلى: بىر ئادەم بار، ئۇ ئۆلۈپ كەتمىگەن بولسا بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن بولاتتى، چوڭ ئوغلىنىڭ چوڭ ئوغلى يەنى نەۋرىسى ئىككى يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن، يەنى ئەگەر مۇشۇ ئادەم ھايات بولغان بولسا، بۇ ئادەمنىڭ 49 ياشقا كىرگەن چېغىدا نەۋرىسى ئۆلۈپ كەتكەن، دەپ قارىساق، مۇشۇ نەۋرىنىڭ چوڭ ئوغلى يېشىغا يەتكەن چوپچوڭلا بىر يىگىت، ئەمدى مۇشۇ يىگىتنىڭ تاغىسى، يەنى ھېلىقى ئۆلۈپ كەتكەن نەۋرىنىڭ ئىنىسى شۇنچە خوتۇنپەرەس، مال-دۇنياغا ھېرىس كىشى ئىكەن، ئۇنىڭ خوتۇنلىرى دادىسىدىن يەنى 51 ياشقا كىرمەكچى بولغان كىشىنىڭ ئوغلىدىن كۆپ ئىكەن. سىلەرچە تاغىنىڭ مۇشۇ تەسۋىرلىرى تېخى 30 غا توشمىغان بىر ياش يىگىتكە ماس كېلەرمۇ؟ بىر ئادەم 30 غا كىرمەستىن تۇرۇپ دادىسى بىر ئۆمۈر ئالغان خوتۇندىنمۇ كۆپ خوتۇن ئالدى دەيلى؟ ئەقىلگە زادى سىغامدۇ؟ مەنغۇ ماتېماتىكىدا ئەزەلدىن ناچار ياكى خاتا ھېسابلاپ قويدۇممۇ؟ بۇنداق دەي دېسەم، خۇدايداد ئۇلۇسبېگى 51 ياشقا كىرمەكچى بولغان كىشى بوۋاق ۋاقتىدىلا ئاللىقاچان ئۇلۇسبېگى بولۇپ بولغان ئىكەن، ھېلىقى چەۋرە يىگىت چوڭ بولۇپ بولغىچە تېخى ئاتتا ئولتۇرغىدەك ياشلىقى بار ئىكەن. زادى قانداق بولۇپ كەتتى؟

يەنە دېسەم بۇ كىتاپنىڭ تارىخنى ئەسلىگەن قىسمى مېنى قەتئىي قىزىقتۇرالمىدى" شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى" ، "دۇنيانىڭ ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تارىخى" دېگەن كىتابلارنىمۇ بۇنىڭدىن قىزىقىپ ئوقۇغانمەن. بۇ بولسا ھەرقانچە تارىخىي بولۇپ كەتسىمۇ رومانغۇ ئەخىر؟! مۇشۇ ئەينى تارىخنى يازغان ئەسەرلەردىن كىچىك چاغلىرىمدا " سۇنغان قىلىچ" بىلەن" ئۇلۇغبەك غەزىنىسى" نى ئوقۇغانمەن، بۇ كىتاپلار ھەقىقىي كىتاپ ئىدى ،ھازىرغىچە شۇ ۋاقىتتا سىڭگەن ئىدىيە مەندە بار دېسەم پو ئاتمىغان بولارمەن، چوڭ بولۇپ  پىرىمقۇل قادىروۋنىڭ " يۇلتۇزلۇق كېچىلەر" نى ئوقۇدۇم، بۇمۇ بەك ئېسىل يېزىلغان، يۈسۈپ ئىلياسمۇ بىرىنىڭ "ئېغىر تىنىقلار" دەپمۇ كىتابى بارمۇ، شۇمۇ ياخشى، لېكىن چوڭ پادىشاھ ، سەركەردە، خانىشلارنىڭ ئىچكى ھېسسىيات تەسۋىرىنى ئوقۇغان ئادەم خوشنا ھويلىدىكى مىسكەر ياكى موزدوزنى خىيال قىلىپ قالىدۇ، "تارىخى ھەمىدى" مۇ مۇشۇ تارىخنى ئانچە-مۇنچە بايان قىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن، لېكىن ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك، لېكىنزە، مۇنۇ ئەسەرنى ئوقۇپ بىر يىغىندىن خۇلاسە ئاڭلاۋاتقاندەك بولۇپ قالدىم...

يەنە بىر گەپ تۇغلۇق تېمۈرنىڭ كۈيئوغلى ئەمىر تېمۈر شۇڭا ئۇنى "كۆراگان" (خانغا كۈيئوغۇل) دەيدۇ، شۇنداققۇ؟ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى قوقەندە ئالىمخانلار قوقەن خانلىقىنى تىكلىگەن، بۇلار بابۇرخاننىڭ ئەۋلادلىرى بولامدۇ؟ شۇنىڭ خانلىقىنى شەيبانىيلار بېسىپ كەتكەندە يولدا تاشلاپ كەتكەن تەڭرىيار دېگەن ئوغلىنىڭ؟ شۇنداق بولغاندا موغۇلىستان دېگەن بابۇرخاننىڭ سەلتەنەتى، ئۇندقتا سۇلتان ئۈۋەيسخان تۇرپاندا يۈرۈپ "بىزنىڭ موغۇلىستان" دەپ خىيال سۈرۈشى نېمىدىن؟ موغۇلىستان خەرىتىسى ئىچىدە تۇرپان يوقتۇ؟ تاڭ ئىشقىلىپ مەنمۇ ئېلىشىپلا كەتتىم، مەن چوڭ بولغان يەرلەردە "سۇلتان ئۈۋەيىسخان" دەپ مازار باركەن بولمىسا؟

ئىشقىلىپ ئوقۇغانلار، ئالغانلار، ئالماقچى بولغانلار بىر دېيىشىپ باقساق بوپتىكەن، قانداق دېدىم جامائەت، ئەلۋەتتە مەن خاتا بىلجىرلاپ قويغان بولسام خاتالىقىمنى تۈزىتىشكە ھەردائىم تەييارمەن.

mux يوللانغان ۋاقتى 2010-11-16 18:11:15

ھوي كىم يازغان كىتاپكەن ئۇ ؟

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2010-11-16 18:12:36

مەن ئوننەچچە يىل بۇرۇن كۆرگەن بىركىتاپتا (موللا موسا سايرامىنىڭ <تارىخى رەشىدىيە > دىگەن كىتاۋى بولىشى مۇمكىن ) < موۋغۇلىستان> نىڭ دائىرىسىدە قومۇلدىن تارتىپ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقلارنىڭ ھەممىسى جۇملىدىن ئالتە شەھەرنىڭ ھەممىسى( خوتەن ،قەشقەر ،ئاقسۇ، كورلا،قاراشەھەر ،تۇرپان ،قومۇل ) بار دەپ كورگەن.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2010-11-16 19:00:17

توۋا   جوشۇا  ماڭا ئالغان كىتابنى سوۋغاتنىمۇ ئېچىۋېتەمسىز دەيمەن

ھى ھى بوپتۇ جىق كۆرۈۋالماي ۋاقتىدا ئىگىسىگە تاپشۇرۇڭ ھە ساقلاۋاتىمەن ئاۋۇ كىتابنى

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2010-11-16 19:09:24

ئالتە قېسىم رۇماندىن ئون بەت ئوقۇپلا خۇلاسچە چىقىرىشقا باشلىغىنىڭىز بەك يەڭگىللىك بوپ قالغاندەك ھىس قىلمىدىڭىزمۇ ؟ سىز سىلىشتۇرغان دۆلەتتىكى يازغۇچىلار ئەركىن ئىپادىلەش ئەركىنلكىگە ئىگە . ئۇيغۇر يازغۇچىلارنى ئۇنداق سىلىشتۇرسڭىز ھەممىسىنى نۆل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ . مەن ھەر كۇنى كىتاپخانىغا بىرىپ تاپالمايۋاتىمەن . ئەگەر ئىلىپ ئوقۇپ بولغان بولساممۇ سىز بىلەن دىيشكىلى بولمايدىكەن . چۈنكى سىز ئوقۇپ بولماپسىز ئەمەسمۇ ؟

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2010-11-16 19:31:11

مەنغۇ  بۇ ئاداشنىڭ كىتاپلىرىنى ئالمايمەن ئەمدى ، جاللات خېنىمنى چىشىمنى چىشلەپ بىرىنچى قىسمىنىڭ يېرىمىغىچە ئوقۇپ بېقىپ تاشلاپ قويدۇم  ، شەرەنداز ئايال دىگەن كىتاۋىنى 50بەت ئوقۇپ باقسام تېتىمىدى ،  بىرسى  ياخشى كىتاپلىرىڭ بولسا بېرىپ تۇر دىگەنتى ئالە بەك ياخشى كىتاپكەن دەپ بېرىۋەتتىم . بۇ سەۋىيىدىكى ئادەمنىڭ بابۇرنامە دىگەن چوڭ تېمىنى يورۇتۇپ بېرىشىگە ئىشىنىپ كەتمىدىم ،بىكارغا بەرسىمۇ ئوقۇمايمەن ، 100% ۋاقىت ئىسراپچىلىغى بولىدۇ ،

sayyah يوللانغان ۋاقتى 2010-11-16 19:49:51

بۇ كىتاپنى  كىتاپ جازىسىغا تىزىشمۇ بىر  ھۇزۇر ئىكەن .  سېتىۋالدىم لېكىن ئۇقۇشنى باشلىمىدىم .

مېنىڭچە كىتاپنى  ئەستايدىل ئۇقۇپ بۇلۇپ ، ئۇنىڭدىن كېيىن باھا بەرسەكمۇ كېچىكمەيمىز . نەچچە ۋاراقلا ئۇقۇپ  ئۈمۈتسىزلىنىش سەل  يەڭگىللىك .

ھازىر شىندۇ  باسقۇچىدا قانچىلىك ئېغىر كارانتىن قىلىدىغانلىقىنى  ھىس  قىلالىغىنىمىزدا  ، ئاندىن چۈشىنەتتۇق .

afifiya يوللانغان ۋاقتى 2010-11-16 19:56:23

ئاۋال ئاۋۇ كىتاپنى ئارىيەت بېرىپ تۇرىڭە، ئوقىۋاپ ئاندىن تەڭ دىيىشىپ بېرەي.

quyun يوللانغان ۋاقتى 2010-11-16 20:08:34

sayyah:

بۇ كىتاپنى  كىتاپ جازىسىغا تىزىشمۇ بىر  ھۇزۇر ئىكەن .  سېتىۋالدىم لېكىن ئۇقۇشنى باشلىمىدىم .

مېنىڭچە كىتاپنى  ئەستايدىل ئۇقۇپ بۇلۇپ ، ئۇنىڭدىن كېيىن باھا بەرسەكمۇ كېچىكمەيمىز . نەچچە ۋاراقلا ئۇقۇپ  ئۈمۈتسىزلىنىش سەل  يەڭگىللىك .

ھازىر شىندۇ باسقۇچىدا قانچىلىك ئېغىر كارانتىن قىلىدىغانلىقىنى  ھىس  قىلالىغىنىمىزدا  ، ئاندىن چۈشىنەتتۇق .

<<ﺷﯩﻨﺪﯗ>> ﺩﯦﮕﻪﻥ <<ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ>> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻤﯘ؟
ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ <<ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ>>ﻛﻪ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯘﺭ. ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻥ  ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ. ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎﻕ، ﺋﯘﻧﯩﯔ <<ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ>> ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭙﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ، ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻴﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯧﻘﯩﭗ، ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻤﯩﺴﻪ، ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ، ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺯﻭﺭﻻﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﭼﺎﻻ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﺘﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-11-16 20:21:20

بۇ كىتاپنىڭ سىزگە ياقماسلىغى تەبىئى،موغۇلىستان سىزنىڭ ئەمەسمۇ

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2010-11-16 20:24:29

sayyah:

بۇ كىتاپنى  كىتاپ جازىسىغا تىزىشمۇ بىر  ھۇزۇر ئىكەن .  سېتىۋالدىم لېكىن ئۇقۇشنى باشلىمىدىم .

مېنىڭچە كىتاپنى  ئەستايدىل ئۇقۇپ بۇلۇپ ، ئۇنىڭدىن كېيىن باھا بەرسەكمۇ كېچىكمەيمىز . نەچچە ۋاراقلا ئۇقۇپ  ئۈمۈتسىزلىنىش سەل  يەڭگىللىك .

ھازىر شىندۇ  باسقۇچىدا قانچىلىك ئېغىر كارانتىن قىلىدىغانلىقىنى  ھىس  قىلالىغىنىمىزدا  ، ئاندىن چۈشىنەتتۇق .

==========

بەزى ئەسەرلەر بەك كۆپ شىندۇ بوپكەتكۈدەك بولسا ئېلان قىلمىسىمۇ بىر كىم گەپ قىلمايدۇ.

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2010-11-16 20:27:58

موغۇل ئەمەس موۋغۇلغۇ دەيمەن

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2010-11-16 20:31:09

جۇشا تولۇق بىر ئوقۇپ باقمامسىز ئاۋۋال...

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2010-11-16 20:35:28

تارىخي رومان يازغۇچىلار مۇھىم تارىخىي ۋەقە ياسامچىلىقتىن ھەزەر قىلىشى، نەقىلشۇناسلىقنى ئۆگىنىپ قويۇشى كېرەكىدى. ئەپسۇس! جاللات خېنىم رومانىنىدا بۇ قائىدە باشتىن - ئاخىر دەپسەندە قىلىنغان.

بۇ خىل ئەھۋال ئاپپاق خۇجا(ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ) رومانىدا سەل ياخشىلاندان بولسىمۇ، يەنىلا مەسىلە ئېغىر.

ئەگەر باھادىرنامەنى جاللات خېنىم ئۇسلۇبى بويىچە يازغان بولسا، يەنىلا  پۈچەك ئەسەر بوپقالىدۇ. ھەرھالدا ئېلىپ ۋاراقلاپ بولسىمۇ قويارمەن.

akkaniyat يوللانغان ۋاقتى 2010-11-16 21:32:15

توغرا، ئالدىراپ باھا بەرمىگۈلۈك.

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-17 00:52:19

ئالدىنقى ھەپتە 50 نەچچە بەت ئوقۇپ. توختاپ قالغان پېتى داۋاملاشتۇرمىدىم. ھەر ھالدا يامان ئەمەس تەسىر بەردى.

togrul يوللانغان ۋاقتى 2010-11-17 20:36:49

شۇنداق قىممەتمىكەن ؟ نەچچە موچەنكەن بۇكىتاب ؟ ئىسىمىغا قاراپلا قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن ، چۈنكى كىتاب ئىسىمى ئوغلۇمنىڭ ئىسى،ىبىلەن ئىسىمداش ئىكەن . مەنمۇ ئوقۇمۇساممۇ كىتاپ جازامغا تىزىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئېلىشنى قارار قىلدىم .

kuchtunggur يوللانغان ۋاقتى 2010-11-18 01:34:34

تولۇق ئوقۇپ چىقىپ بىرنىمە دىمەمسىز،ئاخۇنۇم قاپبەلدىن،دىگەندەك بۈگۈن ئېلىپلا بىر قۇر ۋاراقلاپ قويۇپ بىرنىمە دىگىلى تۇرسا كىتاپ يازغان ئادەمگە ھۆرمەتسىزلىك بولار.تارىخى رومان دىگەن بىرقانچە قېتىم تەكرار ئوقۇپ بىرنىمە دىسىمۇ كېچىكىدىغان ئىش ئەمەسقۇ.

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-18 10:18:49

<< جاللات خېنىم >> دىمۇ ياش ، نەسەب ، يىلنامىلەردە خاتالىق ، مەنتىقىسىزلىكلەر باركەنتۇق،بۇ ھەقتە  ماقالىلەرمۇ ئېلان قىلىنغان. قايتا نەشىر قىلىنىپمۇ تۈزىتىلمەپتۇ.

<<باھادىرنامە>> نى تولۇق  ئوقۇش ئۈچۈن خېلى كۆپ ۋاقىت كەتكۈدەك. تولۇق كۆرۈپ چىقىپ بىر نېمە دېگۈلۈك.

ياسىنجان سادىق تارىخ تەتقىقاتچىسى ئەمەس، ئۇنچە چوڭ ھەجىمدىكى تارىخىي روماننى كەم كۈتىسىز يېزىپ چىقىش ئىنتايىن مۈشكۈل.ھەتتا بىر ئۆمۈر ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. بىر نەچچە يىلدىلا پۈتۈپ چىققاندىكىن شۇنىڭغا لايىق بولىدۇ.

sayyah يوللانغان ۋاقتى 2010-11-18 10:31:39

چۈيۈن----------

ناۋادا  ھەرتەرەپلىمە  سۈپىتى دىگەن سۈزىڭىزمۇ  بۇ كىتاپنىڭ  ئۈستىدە بۇلاۋاتقان بولسا ،  تۇلۇق ئۇقۇپ بېقىپ بىرنىمە دىسىڭىز  بۇلىدۇ . مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ،  ئۇقۇپ تەكشۈرۈش كۈچۈيىپ كىتىۋاتقان  مۇشۇ مەزگىللەردە ، بىر ئېغىز  سۆز ئارتۇق  كەتسىمۇ ، تەھرىرلەشنى تەلەپ قىلىپ تۇرسا ، بەلكى  بۇ بۇقىنىڭمۇ تازا ھۆركىرەيدىغان جايلىرى كېسىپ تاشلىنىپ بولغاندۇ . ئەسەرنى  تېخى تۇلۇق ئۇقۇپ  بولغانلار  ھازىرچە يوق ، ناۋادا  تۇقۇلمىلار بىلەن  سۆز ئۇيۇنى قىلىنغان بولسا ،  چوغلان بەي  ئۇقۇرمەنلىرىگە يۈز  كېلەلمەيدۇ خالاس.  تۇپرىقىمىزنىڭ يېڭى تارخى تۇقۇپ چىقىلۋاتقىنى يەتمىگەندەك . باھادىر نامىمىمىزنىڭمۇ پاخال بۇلىشىنى ھېچكىم خالىمىسا كېرەك .كەچۈرىڭ سىزگە  دىيىلمىلىرىم كۆپ ئىدى . دادام  بەك  زومىگەررراق ئادەم ،  بۇ ئۆيدە ئۇنىڭ دىگىنى دىگەن ،  بەكاراق قارىسام كۈزىمنى ئۇيىدۇ ، چوڭراق ئاۋازىم چىقسا تىلىمنى كېسىدۇ . شۇڭا  چۈيىندەك  مۇشتىڭىزغا  تەييارلىغان ئاق گۈلۈمنى سۇنالمىدىم .

بەت: [1] 2 3
: «باھادىرنامە» نى قايسىڭلار ئوقۇدىڭلار؟