UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 14:04:49

تارىختا بۈگۈن (15-نويابىر )

1860-يىلى بۈگۈنكى كۈندە گىرمانىيەلىك ئاستېرنومىيە ئالىمى كېپلىر ۋاپات بولغان(1571--1630).

كېپلىرئاسمان مېخانىكىسنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ،ئۇزۇن يىللىق كۈزۈتۈش ئارقىلىق پىلانىتلار ھەركىتىنىڭ  ئۈچ قانۇنىيتىنى ئوتتۇرغا قويغان.بۇنىڭ ئىچىدە ئۇچىنجى قانۇنىيتى  (ھەرقانداق ئىككى پىلانىتنىڭ ئوربىتىلىق ئايلىنىش دەۋرىنىڭ  كىۋادىراتى ئوربىتا ئۇزۇنلىقىنىڭ كۇپى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ) نىيوتۇننىڭ ئالەملىك تارتىش كۈچىنى ئوتتۇرغا قويىشىغا ئاساس بولغان.

1889-يىلى بۈگۈنكى كۈندە بىرازىليەدە پادىشاھلىق تۈزۈم بىكار قىلىنغان .

1920-يىلى بۈگۈنكى كۈندە خەلىقئارا ئىتتىپاقنىڭ(League of Nations) تۇنجى قېتىملىق يىغىنى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھرىدە  ئېچىلغان .

خەلىقئارا ئىتتىپاق-ۋېرسال شەرىتنامىسى ئېمزالانغاندىن كىيىن قۇرۇلغان دۇنياۋى تەشكىلات.ئاساسى مەقسىدى بولسا قۇرال-ياراغ سانىنى ئازايتىش ،ئۇرۇش كەيپىياتىنى پەسەيتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەر 58گە يەتكەن.ئەمما بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەربى كۈچى بولمىغانلىقتىن كۈچلۈك دۆلەتلەرگە يۆلىنىۋالىشقا مەجبۇر بولغان .ئۈنۈملۈك ھالدا فاشىستلارنىڭ تاجاۋۇزى ،1-2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇپ قالالمىغان .دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ،يەرشارى مىقياسىدا جاھانگىرلىك خاھىشى كۈچۈيىپ بۇ تەشكىلات ۋەيران بولۇش گىردابىغا كىلىپ قىلغان ھەمدە ئاخىرى ب د ت بۇ تەشكىلاتنىڭ ئورنىنى ئالغان.

1929-يىلى بۈگۈنكى كۈندە پارتىيە مەركىزى كومتىتى چىن دۇشىيۇ قاتارلىقلارنى پارتىيەدىن قوغلاشنى قارار قىلغان.

1946-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭخۇا مىنگونىڭ ئاساسى قانۇن تۈزۈش يىغىنى نەنجىڭدا ئېچىلغان .

1971-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا ئىنتېل شېركىتى يەرشارى خاراكتىرلىك خەلىققە كىرەكىك مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ 4004نى بازارغا سالغان .

1978-يىلى بۈگۈنكى كۈندە مەركىزى كومىتىت تىئەنمىن ۋەقەسىگە قايتا قاراپ چىققان .<تۆت كىشلىك گورۇھ>قارىشى تۇرۇش ئۈچۈن ناھەق قارىلانغان كىشىلەرنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرىلدىغانلىقى جاكارلانغان.

بۇ كۈندە يەنە دۆلىتىمىزئەۋەتكەن تۇنجى ۋەكىللەر ئۆمىكى ب د ت نىڭ يىغىنىغا قاتناشقان .

1988-يىلى بۈگۈنكى كۈندە پەلەستىن مەملىكەتلىك كومىتىتىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنى ئالجىرىيەنىڭ ئالجىردا يېپىلغان .ھەمدە پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇدىغانلىقىنى جاكارلىغان .

بۇ كۈندە يەنە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى ئالەم ئايروپىلانى بولغان جۇدۇن(شىۋىرغان) ناملىق ئالەم ئايروپىلانى قازاقىستاندىكى بەكنۇر قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن قويۇپ بېرىلگەن .

2002-يىلى بۈگۈنكى كۈندە خۇجىنتاۋ ج ك پ نىڭ باش شۇجىسى بولۇپ سايلانغان .

مەنبە:ۋېكپىدىيە قامۇسى ۋە تارىختا بۈگۈن تورى

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 14:56:37

ماۋۇ بىىرسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن .

1974-يىلى بۈگۈنكى كۈندە كۇزەي -كىبرس تۈرۈك جۇمھۇريىتى قۇرۇلغان .(تۈرۈكچەKuzey Kibris Türk Cumhuriyeti,  قىسقارتىلما نامى KKTC)

بۇ جۇمھۇرىيەت ھازىر دۇنيادا پەقەت تۈركىيەدىن ئىبارەت بىر دۆلەتلا ئېتىراپ قىلىدىغان سىياسى گەۋدە .ئاسانلىقى تۈركيەلىكلەرنىڭ ئەۋلادلىرى قۇرغان كىبرىس ئارىلىنىڭ 3تىن بىر قىىسىمىنى كونتىرول قىلىدۇ .ئەمما بۇ ئارالدىكى گىرىتسىيەلىكلەرنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ يەرنىڭ مەركىزى بولغان لەفكوشا قاتارلىق جايلارنى كونتىرول قىلىۋالغان . تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن:

http://baike.baidu.com/view/197613.htm

YAQUT-0997 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 16:56:29

بەكنۇر ئەمەس بايقوڭۇر ئالەم قاتنىشى مەركىزى.

SANTANA2000 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 19:18:50

1929-يىلى بۈگۈنكى كۈندە پارتىيە مەركىزى كومتىتى چىن دۇشىيۇ قاتارلىقلارنى پارتىيەدىن قوغلاشنى قارار قىلغان.

بۇقانداق گەپ بۇلۇپ كەتتى ئەمدى ، ھەزىرتى چىن دۇشىيۇ قاتارلىق رھبىرى يولداشلار قانداقسىگە قوغلانغان بولغۇيتى؟

upukjan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 19:43:54

بۇگۈن جۇڭگۇ ۋە جۇڭگۇ خەلقى ئۈچۈنمۇ مۇھىم بىر كۈن ئىكەن.

oqmasumut يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 19:57:32

مىلتىقتىن ھاكىميەت چىقىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماي .

joshua يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 20:03:14

تەسلىمىچىلىك قىلغانمۇ، دوگمىچىلىق قىلغانمۇ يەي ئىشقىلىپ، شۇڭا قوغلىۋەتكەن.

ئاۋۇ دۆلەت كىبرىس بولامدۇ، قىبرىس بولامدۇ؟

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 20:32:50

SANTANA2000:

1929-يىلى بۈگۈنكى كۈندە پارتىيە مەركىزى كومتىتى چىن دۇشىيۇ قاتارلىقلارنى پارتىيەدىن قوغلاشنى قارار قىلغان.

بۇقانداق گەپ بۇلۇپ كەتتى ئەمدى ، ھەزىرتى چىن دۇشىيۇ قاتارلىق رھبىرى يولداشلار قانداقسىگە قوغلانغان بولغۇيتى؟

1929年11月15日,中共中央政治局会议通过决议:鉴于陈独秀及其小组织鼓吹取消主义和托洛茨基主义,在行动上从事反对中目共产党的小组织活动,一再拒绝服从中共中央的决议、警告和帮助,中共中央政治局决定开除陈独秀党籍,并批准江苏省委关于开除彭述之、汪泽楷、马玉夫、蔡振德4人党籍的决议。

陈独秀于1920年8月在上海创立中国第一个共产主义小组,领导创建中国共产党。1921年中国共产党成立,被选为中央局书记。后又被选为中共第二、第三届中央执委会委员长,第四、第五届中央委员会总书记。1927年,陈在中共“八七”会议上被撤销中共中央总书记职务。


UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 22:25:37

1571 - يىلى 12 - ئاينىڭ 27 - كۇنى،ئاسترونوم كېپلېر گېرمانىيەدە تۇغۇلدى .كىچىك چىغىدا تىنىنىڭ ناھايىتى ئاجىزلىغىغا قارىماي،قالتىس تىرىشىپ ئوقۇغان .ئۇچاغدا ئۇنىڭ دادىسى كىچىك ساراي ئاچقان بولۇپ ،كېپلېر مۇ بۇكىچىك سارايدا قارا خىزمەتچى بولۇپ ئىشلىگەن،ئۇ 16 يىشىدا مولبىلونغا بىرىپ ئۇنۋىرسىتىتتائوقۇپ،ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىن گرازغا بىرىپ ئاسترونومىيە لېكتورى بولغان .
كېپلېر ئاسترونومىيەنى كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىدۇ .ئۇ ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپ نۇرغۇن قىياسلارنى قىلىدۇ .ئۇ 12 ياقلىق جىسىمنى ئايلاندۇرۇپ بىر شار يۈزىنى سىزىپ،مارسنىڭ ئوربىتىسى ئەنە شاريۈزىنىڭ ئۈستىدە دەپ قارايدۇ .بۇ شار يۈزىنىڭ ئۈستىگە يەنە 4 ياقلىقنى سىزىپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە يەرشارى يۈزىنى سىزىدۇ ،ئۇ بۇنى يۇپۇتىرنىڭ ئوربىتىسى دەپ قارايدۇ،.... ئۇبۇقىياسلار ئۈستىدە نۇرغۇن باش قاتۇرۇپ 1596 - يىلى \"ئالەمنىڭ سىرى\"دىگەن كىتاپنى ئېىلان قىلىدۇ .
ئۇ قۇياش بىلەن سەييارىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدىمۇ مۆجمەل چۈشەنچە بىرىپ \"ئېىھتىمال بىرخىل ئاڭلىق باشلامچى مەركەز بولۇپ تۇرسا كىرەك،ئۇ ھەرقايسى سەييارىلەرنى ھەركەت قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ تۇرغان بولىشى مۇمكىن،شۇ سەۋەپتىن مەركەزگە يىقىنلىرى تىزرەك،يىراقلىرى ئاستاراق ماڭغان بولىشى مۇمكىن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارىلىقى بەك يىراق بولغاچقا باشلامچىنىڭ جاۋاپكارلىغى ئاجىزلاپ بارسا كىرەك\"دىگەن .ئۇ قۇياش سەييارىلەرنى ھەم ئۆزىگە تارتالايدىكەن ، ھەم ئۇلارنى ئېىتتىرۋىتەلەيدۇ،دەپ ئويلايدۇ .بۇ قۇياش بىلەن سەييارىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدىكى ئەڭ ئېىپتىدايى چۈشەنچە ئىدى .
كېپلېرنىڭ تەن قۇۋۋىتى ئاجى زبولسىمۇ ،لىكىن ئىرادىسى كۈچلۈك بولغان . ئۇ ئاسماننىڭ سىرىنى تىپىش ئۈچۈن دائىم كىچە - كىچىلەپ ئۇخلىماي ،ئاسمان ھادىسەلىرىنى كۈزىتىدۇ . مەغلۇبىيەت ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقەتنى تىپىشنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ .
1600 - يىلى كېپلېر كاتولىك دىنىنىڭ زىيانكەشلىكى تۈپەيلىدىن گرازدىن كىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ ۋە دانىيە ئاسترونومى دىگۇنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇنىڭ ياردەمچىسى سۈپىتىدە پراگىغا كىلىدۇ .بۇ ئىككى ئالىمنىڭ بىرى كوپىرنىك نىڭ ئالەم سىستىمىسىنىڭ مۇخالىپى ،بىرى بۇ سىستىمىنىڭ سادىق ھىمايىچىسى ئىدى ،بۇ ئىككىسى بىرلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، 1601 - يىلى دىگۇ ۋاپات بولىدۇ.دىگۇ جان ئۈزۈش ئالدىدا كېپلېرگە مۇنداق دەيدۇ :\"مەن پۈتۈن ئۆمرۈمدە يۇلتۇزلار ئىسخىمىسىنى كۈزۈتۈش ئۈستىدە ئىشلىدىم .مەن توغرا،ئىنىق بولغان يۇلتۇزلار ئىسخىمىسىغا ئىرىشمەكچى بولغان ئىدىم .مەن مىڭ يۇلتۇزنى نىشانلىغان ئىدىم . ئەسلىدە بۇخىزمىتىمنى تاماملاش نىيىتىدە بولغان بولساممۇ،لىكىن ئۆزئىلىمنىڭ ئادىشاسى ۋە پۇقرالىرى ماڭا ھۇجۇم قىلغانلىقتىن،بۇ ئىشىم ئارىدا ئۇزاق ۋاقىت ئۈزۈلۈپ قالدى .ئەمدى مەن سىزنىڭ بۇ ئىشىمنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن، مەن ئۆزەمنىڭ ھەممە خاتىرلىرىمنىڭ كۇپىسىنى سىزگە بىرەي،مېنىڭ كۈزۈتۈش نەتىجەمنى \"لوتېف ئاسترونومىيە ئىسخىمىسى\"دىگەن تىمىدا نەشىر قىلىڭ ،ئۈمىدىمنى يەردە قويمىغانسىز\" .
دىگۇ قالدۇرۇپ كەتكەن يۇلتۇزلار ئىسخىمىسىغا دائىر نۇرغۇن ماتىرىياللارسەييارىلەرنىڭ ئورنى ئۈستىدە ئۇزاقتىن بۇيان ئېىلىپ بىرىلغان كۈزۈتۈش ماتىرىياللىرى ئىدى .كېپلېر بۇ قىممەتلىك ماتىرىياللارنى ئەستايىدىل تەتقىقى قىلىدۇ .ئاخىردا ئۇ دادىل يېڭىلىق يارىتىپ ، \"مارسنىڭ ھەركەت قىلىش ئوربىتىسى ئېىللىپىس شەكلىدە،قۇياش ئېىللىپىسنىڭ كىسىشكەن نوقتىسىدا تۇرىدۇ\"دىگەن قىياسنى ئوتتۇرغا قويىدۇ .بۇ قىياس ئاخىرى كۈزۈتۈش ماتىرىياللىغا ئۇيغۇن بولۇپ چىقىدۇ .شۇنداق قىلىپ، زامان - زامانلاردىن بۇيان شەكىللەنگەن ئاسمان جىسىملىرى پەقەت دۈپ - دۈگىلەك چەمبەر شەكلىدە ھەركەت قىلىدۇ دىگەن قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ .مارس ئوربىتىسىنىڭ ئىللىپىس شەكلىدە ئىكەنلىكىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرلىشى كېپلېر بىرىنچى قانۇنى دەپ ئاتىلىدۇ .ئۇنىڭدىن كىيىن كېپلېر سەييارىلەر ھەركىتىنىڭ سۈرئىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ قۇياشنىڭ ئارىلىغى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىدۇ .ئاخىردا ،يەنە سەييارىلەر بىلەن قۇياشنىڭ تۇتىشىش سىزىقى(ھەركەت دائىرىسى)ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە ئوخشاش دائىرىنى بىسىپ ئۆتىدۇ - دىگەن ئىككىنچى قانۇننى كەشپ قىلىدۇ .
كېپلېر كەشپ قىلغان سەييارىلەر ھەركىتىنىڭ ئۈچۈنچى قانۇنى،سەييارىلەرنىڭ دەۋىر قىلىپ ئايلىنىشىنىڭ كۇۋادىراتى ئۇنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىغىنىڭ كۇپىغا تەڭ دىگەندىن ئىبارەت .
كېپلېر ئۆز ھاياتىدا 3 قانۇننى بەرپا قىلغانلىقى ئۈچۈن \"ئالەم بوشلىغى قانۇنىنى ياراتقۇچى\" دىگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولغان .
كېپلېر نىڭ ئۆمرىدە ئاخىرقى بىرنەچچە يىللىق تۇرمۇشى ئىچىنىشلىق ئۆتىدۇ ،1630 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئۇ ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە ئۆلۈپ كىتىدۇ .

----

ھېكىمى بۇرۇن يوللىغان تىما ئىكەن قوشۇپ قوياي.

upukjan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 22:46:07

ئىنكاس شەكىلدە يوللانغان ئاستۇرنوم كېپلىرنىڭ  تارىخى ۋە  كەشپىياتلىرىنى  رەسىملىرى ۋە بۇقانۇنىيەتلەرنى  پورمىلالىرى بىلەن قېتىپ يوللانغان بولسا تېخىمۇ ئاممىباپ چۈشۈنۈشلۇك بولغىدەككەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 22:53:04

بايقۇڭۇرنىڭ ئىسمىنى بىلىدىغانلار باركەن ھە نىم بولسا.. روسلار پۇشايمان قىلىدۇ ئەينى چاغدا ئۇنى شۇ جايغا قۇرۇپ قويغىنىغا..

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 22:55:04

باچكا ،سىز ئۆزگەرتىپ قويۇڭە تىمىدىكى بەكتۇر دىگەننى بايقوڭۇرغا .مەن ئۆزگەرتسەم يەنە تەستىق كۈتۈش كېرەككەن.  مۇشۇ ئىنكاسنىمۇ يازدىم ،ئاشۇنى ئۆزگەرتىپ قويدىغان باشقۇرغۇچى چىقمىدىما ؟ ياكى بولمىسا منى مۇشۇ سەھىپىگە باشقۇرغۇچى قىلىپ قويۇڭلاچۇ  ،باشقا سەھىپىگە كۈچى يەتمەيدىغان قىلىپ .
بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(15-نويابىر)