danko يوللانغان ۋاقتى 2010-11-14 22:20:06

كارىز

كارىز تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا ھېلىمۇ ئىشلىتىلىۋاتقان، ھازىرقى يازمىلاردا 2000يىللىق تارىخقا ئىگە دەپ قارىلىۋاتقان، ئەمەلىيەتتە تارىخى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولغان ئۇلۇغ سۇ ئىنشائات قۇرۇلىشى. شىنجاڭ كارىزلىرىنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلىقى 5000كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە كارىزنىڭ تىك قۇدۇقلىرىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى قوشقاندا كارىزنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلىقى 10000كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ. 2003-يىلدىكى كارىزلارنى تەكشۈرۈشتە شىنجاڭدىكى سۈيى بار كارىزلارنىڭ 614قالغانلىقى ئېنىقلانغان. 1960-يىللىرى 1800ئەتراپىدا كارىز بار ئىكەندۇق. كارىز ھازىر يىلىغا تەخمىنەن 23تىن قۇرىماقتا. كارىزنىڭ قۇرۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىل سۇ ئورنىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ۋە كارىزغا ئىشلەشكە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن بولغان.

كارىز توغرىسىدا فىلىم ئىشلەشكە توغرا كېلىپ ئىككى يىلدىن بۇيان جىق سۆرەتلەرگە ئالدىم. 2009-يىلى 10-ئايدا كارىزنىڭ باش قۇدۇقىنى يەنى كارىز سۈيىنىڭ باشلىنىش مەنبەسىنى ئېلىش ئۈچۈن پىچان ناھىيىسىنىڭ لەمجىن بازىرىدىكى بىر كارىزنىڭ باش قۇدۇقىغا چۈشمەكچى بولدۇم. باش قۇدۇقنىڭ چوڭقۇرلىقى 56مېتىر بولۇپ، 20يىلدىن بۇيان ئادەم چۈشۈپ باقمىغان ئىكەن. چۈشۈش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى يەنى كارىزچىلارغا ئوخشاش ئارغامچىغا ئېسىلىپ چۈشىدىغان ئىش. دەسلەپتە چۈشمەيمۇ-يە دەپ ئويلىدىم. ئەمما باش قۇدۇقنىڭ سۆرىتى بولمىسا فىلىمىمىز ئۇتۇقلۇق بولمايتتتى. ئۆزەمنى ئاللاغا تاپشۇرۇپ، چۈشمەكچى بولدۇم. مېنىڭ ئالدىمدا بىر ياش كارىزچى ئاۋال چۈشتى. نۆۋەت ماڭا كەلدى. تۆمۈر ئارغامچىنىڭ ئوڭ پۇتۇمغا سېلىپ(كارىزچىلار شۇنداق چۈشىدىكەن) تېلكامىرانى قۇچاقلاپ، بىسمىللا دەپ چۈشۈشكە باشلىدىم.(ئارغامچىنىڭ يەنە بىر ئۇچى تىراكتورغا باغلانغان بولۇپ، تىراكتور قۇدۇق بېشىدن 56مېتىر يىراقلىقتا تۇرىدىكەن. ئاندىن ئاستا-ئاستا قۇدۇق بېشىغا قاراپ ماڭىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن سىزمۇ ئاستا-ئاستا تۆۋەنلەشكە باشلايدىكەنسىز) دەسلەپتە ھاياجان بىلەن چۈشكەن ئىدىم ئەمما بارغانسېرى قۇرقۇشقا باشلىدىم. تۆۋەنلىگەنسېرى يۇرۇقلۇق يۇقاپ، قاراڭغۇلۇق قاپلاشقا باشلىدى. بىخەتەرلىك قالپىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان چىراقمۇ تازا كارغا كەلمەيۋاتاتتى. شۇنداق بولسىمۇ تىرىشىپ، پۈتۈن جەرياننى سۆرەتكە ئالدىم. خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتسىمۇ كارىز ئاستىغا چۈشۈپ بولالمىغانتىم. قۇدۇق ناھايىتى تار بولۇپ، ئۇچلۇق تاشلار بەدىنىمگە توختاۋسىز سانجىلاتتى. 56مېتىر دېگەن ئاز كام 20قەۋەتلىك بىنانىڭ ئىگىزلىكىگە تەڭ ئىدى. ئەينى چاغدىكى كارىزچىلار نەقەدەر باتۇر ھە. مەن بىر قېتىم چۈشۈپ شۇنچىلىك قورقىۋاتىمەن. ئۇلار مۇشۇ كارىزنى چېپىش ئۈچۈن قانچە قېتىملاپ چۈشكەندۇ؟ ئۇ چاغلاردا تىراكتورمۇ يوق، ئېلىكتىر چىراقمۇ يوق تۇرسا. مەن شۇلارنى ئويلاپ، ئۆزەمدە مەدەت بەردىم. بىر چاغدا قۇلۇقۇمغا سۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. قارىغان ئاز قالغان ئوخشايمەن. خۇداغا شۈكرى دىدىم ئىچىمدى. بىر چاغدا يەر ئاستىدىكى سۇ تومۇرىغا يولۇقتۇم. ئەمما مەن تېخى كارىز ئاستىغا چۈشۈپ بولالمىغان ئىدىم. يۇمۇلاق كارىز قۇدۇقىنىڭ ھەممە تەرىپىدىن كارىز سۈيى ئېتىللىپ چىقىپ، پەسكە قارا يامغۇردەك چۈشىۋاتاتتى. ئاھ خۇدا نەقەدەر قىممەتلىك كۆرۈنۈش-ھە. مەن ئاخىرى سۇ مەنبەسىنى سۆرەتكە ئېلىۋالدىم. سۇ مەنبەسىگە ئۇچراپ تەخمىنەن 3مېتىر تۆۋەنلىگەندىن كېيىن كارىزنىڭ تېگىگە ئۇلاشتىم. مەن خۇددى شاقىراتمىنىڭ ئاستىدا قالغاندەك بولغاچقا پۈتۈن بەدىنىم ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى. سۇ بەكلا سوغۇق بولۇپ، تىترەپ كەتتىم. كارىزنىڭ ئاستىدا مەندىن بۇرۇن چۈشكەن كارىزچى بالىمۇ سوغۇقتىن تىترەپ كېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ كارىزنىڭ باش قۇدۇقىنى سۆرەتكە ئېلىشنى باشلىدىم. كارىزلارنىڭ سۇ مەنبەسى ئوخشىمايدىكەن(دېھقانلار سۇ مەنبەسىنى تەرلەڭگە دەپ ئاتايدىكەن، چۈنكى كۆپۈنچە كارىزلارنىڭ مەنبەسىدىكى سۇ تەرگە ئوخشاش تەپچىپ چىقىدىكەن. شۇڭا كارىزچىلار تەرلىدى دەپ ئاتاپ مۇشۇ ئاتالغۇنى ئىشلىتىپتۇ) كۆپ كارىزلارنىڭ سۇ مەنبەسى كارىزنىڭ ئاستىدىن، يېنىدىن ۋە كارىزنىڭ ئۈستى تېمىدىن چىقىدىكەن. مېنىڭ كۆرگىنىم ئالاھىدە بولۇپ، ئۈچ مېتىر ئىگىزلىكتىن چۈشىۋاتاتتى. بۇنى يامغۇر قۇدۇق دەپمۇ قويىدىكەن كېيىن بىلىشىمچە. كارىز باش قۇدۇقى پاكار بولۇپ، تىك تۇرۇشمۇمكىن ئەمەس ئىدى. كارىزنىڭ ئىچىدە ھەر يوغان تاشلار تۇراتتى. كارىز سۈيىنىڭ سوغۇقى جاندىن ئۆتەتتى. ئاھ جاپاكەش ئەجدادلار، مۇشۇنداق جاپالىق شارائىتتا مۇشۇ يوغان تاشلارنى قانداق چېقىپ، پارچىلاپ بولغانسىلەر؟ نېمە دىگەنمۇ باتۇر، نېمە دېگەنمۇ قارام، ئەمگەكچان، مېھرىبان خەلق سىلەر؟ مۇشۇنچىلىك چوڭقۇر، مۇشۇنچىلىك ئۇزۇن كارىزنى بىر تەۋەر بىر تەۋەردىن چېپىپ(كارىز چاپىدىغان ئاساسلىق سايمان)، بىر سىۋەت بىر سىۋەتتىن توشۇپ قاچانمۇ تۈگىتىپ بولغانسىلەر؟ ئەجدادلىرىمىزغا بولغان قايىللىقىم ھەسسىلەپ ئېشىۋاتاتتى. بىر چاغدا سۆرەتنى تارتىپ بولۇپ، قايتىپ چىقماقچى بولدۇق. مەن يەنە تۆمۈر سىمنى پۇتۇمغا ساپتىم. تۆمۈر سىمنى بىر سىلكىپ بەلگە بەرگەندىن كېيىن، يۇقۇردىكىلەر تارتىشقا باشلىدى(قانچىلىك ۋارقىرىسىڭىزمۇ 56مېتىر چوڭقۇرلۇقتىن ئاڭلىتىپ بولالمايسىز، شۇڭا ئارغامچىنى سىلكىپ بەلگە بېرىسىز، ئارغامچىنى ھەر خخل سىلكىشنىڭ ھەر خىل مەنىسى بار) بارا-بارا يۇقۇرلاشقا باشلىدىم. بىر چاغدا بىر ئۇچلۇق تاش مۈرەمنى تىلىۋەتتى. ئەممە ئامال يوق يۇقۇرىدىكىلەر تارتىشنىلا بىلىدۇ تۆۋەننى كۆرەلمەيدۇ. يۇقۇرلىغانسېرى يۇرۇقلۇققا بولغان تەشنالىقىم ئاجايىپ ئېشىپ بېرىۋاتاتتى. قاچانمۇ چىقىۋالۇرمە؟ ئامان ئېسەن چىقىۋالسام بولاتتى(ئارغامچى ئۈزۈلۈپ ياكى بىرەر نەرسىگە ئىلىشىپ قېلىپ، كارىزغا چۈشۈپ كېتىپ، ئۈلۈپ كېتىدىغان ياكى مىيىپ بولۇپ قالىدىغان ئىشلار كۆپ كۆرۈلىدىكەن كارىز مەشغۇلاتىدا) ئا خۇدا يەر يۈزى نېمە دىگەن ياخشى-ھە. بىر چاغدا يۇرۇقلۇق كۆرۈنۈشكە باشلىدى. يۇقۇرىدىكىلەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. كارىز قۇدۇقىنىڭ ئاغزى خۇددى ئۆينىڭ تۈڭلىكىدەك كۆرۈنىۋاتاتتى. تەخمىنەن ئىككى يېرىم مىنۇتتا يەر يۈزىگە چىقىپ بولدۇم. بۇ ئىككى يېرىم مىنۇت ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىتتەك تۇيۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئۈچ كارىزغا چۈشتۈم.

داۋامى بار

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-11-14 22:26:31

فىلىم قويۇلغاندا خەۋەر قىلىۋېتەرسىز~~ بۇرۇن داداملارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىمۇ، كەينىدىمۇ كارىز بارتى، ئالدىدىكى ئېرىقتا قاچا قۇچىلارنى، يۈز كۆزلەرنى يۇيساق، كەينىدىكى قۇدۇقتىن تاتلىق، مۇزدەك كارىز سۈيى تارتىپ ئىچەتتۇق، نەچچە يىل بولدى، ھېچقايسىسى قالمىدى، قۇرۇپ تۈگىدى ھەممىسى.........

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2010-11-14 22:34:23

سىز چۈشكەن كارىزغا ئۆزەم چۈشۈپ چىققاندەك بولاپ كەتتىما ؟!

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2010-11-14 22:43:58

بۇرۇنقى ئادەملەر يەنىلام ئەقىلىق بۇلىدىكەن ،كارىزنىڭ تىگىنى يەنىڭ تىگىدىن قانداق ئۇيۇو نىشانىغا ئاپارغاندۇ. ئۇ ۋاقىتلاردا ھازىرقىدەك قولايلىق چىراقلار بولمىسا؟

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-11-14 22:46:11

ئاتامنىڭ دېيىشىچە جىن چىراقتىن پايدىلىنىدىكەنتۇق، نۇرنىڭ تۈز سىزىق بويىچە تارقىلىدىغانلىقىنى نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنلا بىلگەن ھەم ئەمىلىيىتىدە ئىشلەتكەن ئىكەن ئەجدادلىرىمىز

danko يوللانغان ۋاقتى 2010-11-14 22:57:28

كارىزغا كەتكەن ئەقىل-پاراسەتنىڭ يۇقۇرلىقىدىن قول قويماي قالمايسىز. ئەجدادلىرىمىز كارىز قېزىشتا، جۇغراپىيە، ئاستىرنومىيە، فىزىكا، خېمىيە، ماتېماتىكىدىن بەكمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. تۇرپاندىكى ئەڭ ئۇزۇن كارىز 20كىلومېرىغا يېتىدۇ. چوڭقۇر يەر ئاستىدا 20كىلومېتىر يەرنى توغرا مۆلچەرلەپ، كارىز سۈيىنى يەر يۈزىگە باشلاپ چىقىش بەكمۇ-بەكمۇ قول قويۇشقا تىگىشلىك ئىش ئىكەن. ئاڭلىسام سۇ قۇرۇلىشىنى ئۆگەنگەن خېلى كىشىلەرمۇ يەر ئۈستىدە 20كىلومېتىر ئۇزۇنلىقتىكى ئۆستەڭنى لايىھىلەپ، چاپقۇزۇپ، سۇ ئاققۇزالمىغان ئىشلار بار ئىكەن. كارىز چېپىشتىكى ھەر بىر ھالقىدا ئاجايىپ ئەقىل-پاراسەت ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن كارىز چىرىقىدىن پايدىلىنىش، ئىككى قۇدۇقنى توغرا تۇتاشتۇرۇش، سۇنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشەش، كارىز كۆلى، كارىز ئارغامچىسى يەنە تېخى ئەڭ مۇھىمى سۇ مەنبەسىنى بايقاش جەھەتلەردىكى ئەقىل-پاراسەت بىزنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى ۋە ھاياجانلاندۇردى.

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2010-11-14 23:06:42

تەڭرىتىغىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان بالىلار تۇغما ئەقىلىق بۇلىدۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2010-11-14 23:09:54

تۇرپانغا ساياھەتكەن كەلگەن ئادەم كارىزنى كۆرۈپ كەتمىسە تۇرپانغا كەلگەن ھىساپلانمايدۇ. 7-ئايدا 50 سىلسىيە گىرادوسلۇق ئىسسىققا چىدىمىغاندا مۈزدەك كارىز سۈيىدىن ئىچىكەن ۋاقتىڭىزدا ۋاخ ۋاخ ۋاخ جاننىڭ راھىتى دىگەن شۇدە. پۇل خەجلەپ ئىچكەن كولا پولالېرىڭىز بىر يەردە قالىدۇ.

زامان تەرەققى قىلدى دەپ جاي-جايلاردا قۇدۇق قىزىلدى. نوپوس كۆپىيىپ،يەر ئاستى سۇ ئورنى تۈۋەنلەپ تېرىلغۇ يەرلەرگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ  يىتىشمەي قالدى. ھازىرقى ياشلار جاپاغا چىدىمايدۇ كارىزغا ئىشلەشنى نۇرغۇن خەق خالاپ كەتمەيدۇ شۇڭا نۇرغۇن كارىزلار قۇرۇپ كېتىۋاتىدۇ. لېكىن ئالىملار نەچچە يىللىق تەتقىقات، ئىزدىنىش ئارقىلىق يەنىلا كارىزنىڭ ماتورلاشقان قۇدۇققا قارىغاندا يەنىلا يەر ئاستى سۈيىنى مۇقىم ساقلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئىتراپ قىلماقتا. شۇڭا بۇلتۇر بۇ يىلدىن 50 مىليون يۇەندىن كۆپرەك مەبلەغ ئاجرىتىلىپ تۇرپان تەۋەسىدىكى نۇرغۇن كارىزلار رىمونت قىلىندى. بىلىشىمچە بۇ يىلقى كارىز رىمونت قىلىش ئىشلېرىغا تۆمۈر داۋامەت كۆپ كۈچ چىقارغانغۇ دەيمەن.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 02:54:00

مۇشۇ كارىزنى كۆرۈشكە پۇرسەت بولمىدى.

CPU يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 08:09:51

afifiya يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 10:15:41

CPU:

بەك چىرايلىقكەن، مەنمۇ بىرە قېتىم بېرىپ باقماپتىمەن. شۇنداق بارغۇم بار ئىدى .

qirchin يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 10:38:57

كارىز بىر مۆجىزە....

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 11:22:37

مەنمۇ بېرىپ باقماپتىمەن ئاللا خالىسا كىلەر يىلى بېرىشقا نىسىپ قىلار .

بىزنىڭ باغدا بىر قۇدۇق بار كىچىك ۋاقىتىمدا مەھەللىمىزدا توربىىق سۇ يۇق سۇنى يۇقارقى مەھەللىدىن  ھارۋا بىلەن چېلەك بىلەن تۇشۇپ كىلەتتۇق  . ئىككى چېلەك سۇ 1 مو بىر ھارۋا سۇ چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ 5 مودىن بىر كويغىچە ئىدى .كۈچقۇرۇن سۇ ساتىدىغان قۇدۇقنىڭ ئالدى ئۆچىرەت بۇلۇپ كىتەتتى گاھىدا سۇ ئازلاپ باشبارماقتەكمۇ چىقمايتى بۇندا ق ۋاقىتلاردا سۇ ئالىدىغانلارنىڭ ئايىقى خۇپتەنگىچە ئاران بېسىقاتتى . شۇنىڭ بىلەن بوۋام ھويلىمىزغا قۇدۇق قازدۇرۇشنى قارار قىلىپ ناھىيمىزدىكى قۇدۇق قازىغانلارنى يۇقىرى ھەق بىرىپ بىر قۇدۇق قازدۇردى ھەم سۇ پومپىسى بىلەن تارتقۇزۇپ سۇ چىقاردى .بۇ قۇدۇقنىڭ سۇ يۈزىگە بولغىچە چۇڭقۇرلىقى 27 مىتىر سۇ يۈزىدىن سۇنىڭ تىگىگىچە بولغان ئارلىقى 5 مىتىر جەمئىي 33 مىتىر كىلىدۇ . بۇ قۇدۇق قېزىلغاندىن كىيىن مەھەلىمىزدىكى ھەممە كىشى مۇشۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىنى ئىچىدىغان بولدۇق  . قوشنىلار خوشاللىقدا سۇ پۇلى بىرەيلى دىسە بوۋام  سلەر سۇنى خالىغانچە ئىشلىتىۋىرىڭلار دەپ ئۇنىمىغان .

بىر قېتىم قۇدۇقنىڭ سۇ پومپىسى بۇزۇلۇپ قېلىپ تارتىپ چىقىرىلى دىسەك  سۇ پومپىسىنى باغلاپ پەسكە چۈشۈرگە ئارغامچا ئۈزۈلۈپ كىتىپ قۇدۇق ئاستىغا چۈشۈپ سۇ پومپىسىنى سۇدىن تارتىپ ئەچىقىپ يېڭىدىن ئارغامچا باغلاپ سو پومپىسىنى تارتىپ ئەچىقىشغا  توغرا كەلدى  ئۇ ۋاقىتتا ئۆيدە دادام يۇق ئىچكىرىگە بىر نەچچە ماشىنا تېرىنى بېسىپ تېرە زاۋۇتىغا ساتقىلى ئاچىقىپ كەتكەن . قوشنىلار چۈشۈشتىن قورتقى ھېلىقى سۇ پومپىسى ياسايدىغان ئۇستاممۇ چۈشۈشتىن قورقتى شۇنىڭ بىلەن مەن چۈشمەكچى بولدۇم( چۈنكى كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مەھەللىدىكى دوسلۇرۇم بىلەن  تۇمۇز ياز كۈنى يۇقىرى مەھەللىدىكى كومىنا ۋاقتىدا قازدۇرغان لىكىن قۇرۇپ كەتكەن بىر قۇدۇققا  توملۇغى بىلىمىزدەك كىلىدىغان رېزەنكە تۇربىغا يامىشىپ 15 مىتىر ئەتىراپىدا كىلىدىغان قۇدۇق ئاستىغا چۈشۈپ سالقىنداپ  ئويناپ كۈنۈپ كەتكەن ئىدىم ).   بوۋام بىلەن ئاپام بۇنىڭغا قۇشۇلمىدى مەن جاھىللىق قىلىپ پەسكە چۈشىمەن دەپ تۇرىۋالدىم ئۇلارمۇ جاھىللىقىمغا كۈنۈك ئىدى بىر ئىشنى قىلىمەن دىسەم چۇقۇم قىلماي قويمايدىغان مىجەزىمنى ئۇلار بىلگەچكە بىز يوق ۋاقىتتا چۈشۈپ يۈرمىسۇن دەپ قۇدۇققا چۈشۈشۈمگە ئامالسىز قۇشۇلدى ئۇ ۋاقىتتا مەن 16 ياشلاردا ئىدىم .  مەن بىسمىللاھ دەپ قۇدۇقنىڭ ئاغزىنى ئاستا  ئېچىپ قۇدۇق قازغۇچىلار ياساپ قويغان تۈمۈر تۇتقۇچلارغا دەسسەپ پەسكە چۈشۈشكە باشلىدىم. بۇ تۇمۇز ياز ئىدى لىكىن  5 مىتىر چۈشە چۈشمەي مۇزلاشقا باشلىدىم . كىچىكىمدە بۇنداق قۇدۇقلارغا تولا چۈشكەن بولساممۇ بۇ قۇدۇقنىڭ چۇڭقۇرلىقى ھەم تۈمۈر تۇتقۇچلارنىڭ نەمدەپ داتلىشىپ كەتكىنىدىن  قاچان بۇ تۇتقۇچلار ئاجىراپ كىتەر دىگەن قورقۇنۇچتا ئاستا پەسكە چۈشۈشكە باشلىدىم . پەسكە چۈشكەنسىرى قاراڭقۇلىشىشقا باشلىدى . مەن كىچكىمدە تالاي قېتىملاپ بۇنداق قۇدۇققا چۈشكەن بولساممۇ لىكىن بۇ قېتىم مىنى قورقۇنىچ بېسىۋالغان ئىدى . مەن چۈشكەن ئۇ قۇدۇقلار بۇنىڭدەك تار ئەمەس ئىدى ھەم ئۈستى ئۇچۇق بۇلۇپ بۇنداق قاراڭغۇ ئەمەس ئىدى ھەم دوسلىرىم بىلەن بەسلىشىپ چۈشكەچكىمۇ ئۇ ۋاقىتتا ھىچقانداق قورقۇنىچ ھىس قىلمىغان لىكىن بۇ قېتىم ئوخشىمايتى . يۇقىرىدا نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا قاراپ تۇرغان قۇدۇق تۇتقۇچلىرى شۇنداق نەم ھەم داتلىشىپ كەتكەن پەسكە چۈشكەنسىرى سوغۇق ھەم قاراڭغۇ ئىدى .   ئىچىمدە بىلىدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇپ ئىھتىيات بىلەن پەسكە چۈشەتتىم .  شۇنداق قىلىپ بىر ئازدىن كىيىن قۇدۇق تىگىگە چۈشۈپ سۇ پومپىسىنى تارتىپ چىقاردىم . ۋە ئۈزۈم ئەپچۈشكەن ئارغامچىنى سۇ پۇمپىسىغا مەھكەم باغلاپ يېنىپ چىقتىم . ئۈستىگە چىقىپ قارىسام ئاپام بوۋام ۋە بىر نەچچە قۇشنلىرىمىز قۇدۇن بېشىدا ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ . ئاپام چىققىنىمنى كۈرۈپ مىنى باغرىغا بېسىپ سۈيۈپ كەتتكەن شۇنىڭدىن كىيىن بۇ قۇدۇققا چۈشۈپ باقمىدىم  بۇ ئىشتىن ئۇزاق ئۆتمەي مەھەللىمىزگە تۇربىلىق سۇ كەلدى شۇنىڭدىن بىرى بۇ قۇدۇقنى ئانچە ئىشلىتىپ كەتمەيمىز .

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 11:28:35

ئاللا نىسىپ قىلسا غۇلجا بىلەن تۇرپانغا بارسام.....

afifiya يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 12:22:05

Toghrak:
ئاللا نىسىپ قىلسا غۇلجا بىلەن تۇرپانغا بارسام.....

تۇرپانغا كەلسىڭىز قارشى ئالىمەن، ئىن شا ئاللاھ يۇرتتا بوپ قالساملا.

mux يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 12:58:09

afifiya:

Toghrak:
ئاللا نىسىپ قىلسا غۇلجا بىلەن تۇرپانغا بارسام.....

تۇرپانغا كەلسىڭىز قارشى ئالىمەن، ئىن شا ئاللاھ يۇرتتا بوپ قالساملا.

مەن تۇرپانغا كەلگەن  سزنى قانداق تاپىمەن؟؟؟

afifiya يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 15:10:44

mux:
afifiya:

Toghrak:
ئاللا نىسىپ قىلسا غۇلجا بىلەن تۇرپانغا بارسام.....

تۇرپانغا كەلسىڭىز قارشى ئالىمەن، ئىن شا ئاللاھ يۇرتتا بوپ قالساملا.

مەن تۇرپانغا كەلگەن  سزنى قانداق تاپىمەن؟؟؟

تۇرپان ماشىنا بېكىتىدىن چۈشۈپ ئىسمىمنى توۋلىسىڭىز ئالدىڭىزغا ئۈنۈپ بولمەن، ئۈيۈم شۇ يەرگە يېقىن...........

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 15:13:53

بىزنىڭ خوشنىمىز ئەمەسسىز سىز

بىزنىڭ ئۆيمۇ بىكەتنىڭ يېنىدىمىكىن ھازىر

mux يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 15:26:29

ziyali:

بىزنىڭ خوشنىمىز ئەمەسسىز سىز

بىزنىڭ ئۆيمۇ بىكەتنىڭ يېنىدىمىكىن ھازىر

سىنىڭ ئۆيىڭ بىكەتنىڭ ئوڭ قول تەرپىدە پوچتىخانا ئائىللىكلەر قورۇسىغۇ دەيمەن.

mux يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 15:27:50

afifiya:
mux:
afifiya:

Toghrak:
ئاللا نىسىپ قىلسا غۇلجا بىلەن تۇرپانغا بارسام.....

تۇرپانغا كەلسىڭىز قارشى ئالىمەن، ئىن شا ئاللاھ يۇرتتا بوپ قالساملا.

مەن تۇرپانغا كەلگەن  سزنى قانداق تاپىمەن؟؟؟

تۇرپان ماشىنا بېكىتىدىن چۈشۈپ ئىسمىمنى توۋلىسىڭىز ئالدىڭىزغا ئۈنۈپ بولمەن، ئۈيۈم شۇ يەرگە يېقىن...........

ئىككى كۈن بولدى تاماق يىمىگلى، توۋلىغىدەك مادار يوق مەندە ، ئادىرسىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز ئىزدەپلا باراي،

بەت: [1] 2
: كارىز