ئۇيقۇنىڭ ۋاقتى قانچىلىك
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم؛-ئىزدىنىشداشلار،قەلىبداشلار،تىلەكداشلارياخشىمۇ سىلەر.ئىزدىنىشنىڭ قايتىدىن ئىچىلغانلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن،ھەم شۇنداقلا ھەمىڭلارنىڭ تۇرمۇشۇغا ئۇتۇق،دەستىخىنىڭلارغا بەركەت تىلەيمەن.
مەخسەتكە كەلسەك؛-مۇشۇ يىقىندا كورىيەلىك بىر دوستۇم بىلەن ۋاقىت توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالدىم.ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ بىر كۈندە پەقەت 5 سائەت ئۇخلايدىغانلىقىنى ئېيتى .نىمىشكە؟ دەپ سورسام،<<ئاز ئۇخلاپ،كۆپ ھەركەت قىلمىساق دۆلىتىلىز تەرەقىياتىن قالىدۇ>> دەيدۇ.قىز دوستۇم بىلەنمۇ بۇ نۇقتىدا پاراڭلىشىپ قالدىم ئۇمۇ بىر كۈندە 5 سائەت ئۇخلايمەن دەيدۇ. نىمىشكە؟ دەپ سورىسام <<كۈنلەرنىڭ بىرىدە كىتىپ قالساق،مەڭگۈ ئۇخلايدىغان گەپ شۇڭا ئۇيقىنى ئازىراق ئۇخلاپ كۆپۈرەك تىرىشقىنىمىز ياخشى>> دەيدۇ.قىز دوستۇمنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ ئالدىدا ئۆزەمنى بەك خىجىلىق ھىس قىلدىم.
ئويلۇنۇپ باقسام بۇ دۇنيادا ئەقىلىق كىشىلەر ھەمىسى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ كىيىنلىكى ئۈچۈن تىرىشىدىكەن.ئاتا بوۋىلېرىمىزمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ دۇنياغا نۇرغۇنلىغان تۆھپىلەرنى قوشقان،ۋاقىت توغرىسىدىمۇ نۇرغۇنلىغان ماقال تەمسىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن . بۈگۈنكى كۈندە بولسا دىيارىمىزدا نۇرغۇنلىغان،ئادەملېرىمىز ئۆزۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزۈپ ،ئۆز ئۈمۈرۈرىگە ئاسىلىق قىلماقتا.بەزىلەر قۇرۇق غەيۋەت شىكايەت بىلەن ئۆتكۈزسە، يەنە بەزىلەر قاۋاقخانىلاردا ،يەنە بەزىلېرىمىز بولسا ئۆزىنىڭ تاپقان پۇلىنى كۆز-كۆز قىلسا ،يەنە بىر قىسىم ئادەملېرىمىز ئىنسان تەبىيىتى ئەزەلدىن قۇبۇل قىلمىغان كەيىپ ساپانى قوغلۇشۇپ ئۆتىدىكەن.مەلىمىزدىكى شۇ دوس بۇرادەرلېرىمگە قاراپ ھەيران قالىمەن ،خۇددى شۇ بوتكىنى بىرسى ئەپ قاچىدىغاندەك كۈندىلام شۇ يەردە ئولتۇرغان. ئاخىرى بار.
ئ
ئالىي مەكتەپدىكى ۋاقتىمدا مارافۇنچە ئۇخلاپ قوياتتىم...



ھە دەپ يىزۋاتسام پۇلۇڭ تۈگىدى دەپ نەدىن ئۇچۇر كەلدى ،ئىلخامىمنى قاچۇرۇپ. سائەتىمنىڭ سىتېرىلكىسىغا بىر كۈندە نەچە قېتىم قارايمەن ، بىرەر قېتىمۇ كەينىگە ماڭىدىغاندەك ئەمەس.بۇ ئۈمۈر ئۈتۈپ كىتىپ بارىدۇ.ھىساپلاپ كەلسەم بىرەر قىلغان ئىشنىڭ تاينى يوق.نىمۇمۇ دەپ جاۋاپ بېرەرمەن.
سىلەرچە بولغاندا ئۆلچەملىك ئۇيقا قانچە سائەت بۇلىدۇ؟مۇشۇ توغرىسىدا بىر مۇنازىرلىشىپ باقان بولساق.
دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە ئەتىگىنى تۇرماق شۇنداق تەس بىلىنىدۇ، كۆزۈمنى ئاچقۇم كەلمەي، يوتقاندىن چىققۇم كەلمەي يامان قىينىلىمەن. شەنبە يەكشەنبە كۈنى تازا بىر ئۇخلاي دېسەم، باش تۇخۇ چىللىماستا ئۇيقۇ ئېچىلىپ كېتىۋاتقان، كاللا سەگەك، ئۇيقۇ يوق.... مېنىڭچە بولغاندا 8 سائەت ، بولسا 10 سائەت، ئاكامنىڭچە بولغاندا 5 سائەت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا. شۇڭا، ئاكامنىڭ كۈنى مەندىن ئالاھىدە ياخشى ، مېنىڭ كۈنۈم ئۆزەمگە لايىق ...
مەن 6-7سائەت ئۇخلايدىكەنمەن. خىزمەتقۇ ئالدىراش. بىراق قىلغان ئىشنىڭ تايىنى يوقتەك. ئۇيقۇسىراپلا تۇرغان كىشى.
مەن 10 سائەتتىن جىق ئۇخلاپ باقساممۇ قانمايۋاتىمەن
بىر يارەم قىلىپ، مەسلەت كۆرسەتسەڭلا!
ئۇيقۇنىڭ ئاز كۆپلىكى يىمەك ،ئىچمەك ئارقىلىقمۇ تەڭشىگىلى بۇلارمىكىن .چەت ئەلىكلەرنىڭ كوفىنى جىق ئىچىشىدىمۇ بىر گەپ بار.
قاندىم دېگۈدەك ئۇخلاپ بېقىڭ ئەمىسە
ئەمما مەن ئۇىلاپ قويىمەن ھە
دادام بالام سىز مۇشۇ ئۇىلاش توغۇرلۇق جىنىس قا بىر ئىلتىماس قىلىپ باققان بولسىڭىز بىزمۇ مۇندو مېڭىپ كەتسەك بىزنىڭ بالا ماۋۇ دەپ
چۈنكى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن قىيسايساملا ئۇىلاپ قالىمەن
تاماق يېمىسەم يېمەيمەنكى ئۇيقىدىن قېلىپ قالسام تۈگىشىمەن
ھەپتىدە بىر كەچ دىجۇرنىلىكىم بار. بەزى كۈنلېرى 5 سائەت ئۇخلايمەن، بەزىدە 10 سائەت ئۇخلايدىغان ۋاقلېرىممۇ يوق ئەمەس. مۇھىمى قېنىپ ئۇخلاش. ئۇيقۇ ئەڭ ياخشى سالامەتلىك دورىسى دەيدىغان گەپ بار. لېكىن قېنىپ ئۇخلايمەن دەپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋىتىشكە بولمايدۇ.
مۇھىمى ئىش يوق ۋاقىتتا مۈگدەشكە ئۈگىنىش،مەسىلەن ماشىنىدا،بىكار قېلىشىڭىز ئېنىق بولغاندا،چۈشتە تاماقتىن كىيىن ئىشىانىدا ئولتۇرۇپ...كۈندۈزلىرى 10مىنوتتىن بولۇپ نەچچە قېتىم مۈگدىۋالالىسىڭىز كېچىسى قانچىلىك ئۇخلاش چوڭ مەسىلە ئەمەس.مەن بىر قېتىم خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن 72سائەت كۈرەش قىلغان،شۇغىنىسى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۈنۈم روشەن توۋەنلەيدىكەن،قارىماققا بەك ئېغىر بېسىق كۇلللل كۆرۈنسىمۇ.....
كۈندە ئىككى سائەت ئۇخلاپمۇ ئۆرە يۈرۈۋېرىدىغان ئادەملەر بار، ناپالىئوندەك. يەنە كۈنىگە 15 سائەت ئۇخلاپمۇ قالتىس سىياسىيون بولغانلار بار. كۈنىگە بەش سائەت ئۇخلىغان بىلەن ئۇيقىڭىزغا قانمىسىڭىز زورلاپ ئۆرە تۇرۇشتىن ئارتۇق ئازاب بولماس. ئۇنداق كۆزىنى پىچاق بىلەن كەسكەندەك قىلىپ ئېچىپ بىر ئىش قىلغىلى بولامدۇ؟ھەركىم ئۆزىگە چۇشلۇق ئۇخلىسا بولدى.
بەزىدە تۇرۇپ ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان، تۇرۇپ بەك ئۇخلاپ كېتىدىغان ئىشنى يېمەكلىك بىلەن تەڭشىگىلى بولىدۇ. چوڭ جەھەتتىن تەڭشىگىلى بولمايدۇ. ھېلىمۇ چەت ئەللىكلەر سائەت 10 دا ئىشقا بېرىپ بەشتە ئىشتىن چۈشىدۇ. بىزدەك سەككىزدە ئىشقا بارسا قانچە ئىچىدىكى قەھۋەنى.