danko يوللانغان ۋاقتى 2010-11-14 20:00:20

قۇشقۇنغا ئولتۇرماق

ئادەتتە ئات ھارۋىسى ياكى ئىشەك ھارۋىسى بولسۇن، توختاشقا ياكى سۈرئەتنى ئاستىلىتىشقا توغرا كەلگەندە، ئات ياكى ئىشەك كاسسا تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تاسمىغا كاسسىسىنى تىرەش ئارقىلىق بۇ مەشغۇلاتلارنى تاماملايدۇ. بۇ تاسمىنى قۇشقۇن دەيدۇ.(ئات ياكى ئىشەك ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ باققانلار بىلىدۇ) بەزىدە ئات ياكى ئىشەك ھورۇنلۇق قىلسا، سۈرئەتنى ئاستىلىتىش ياكى توختاشقا بويرۇق بېرىلمىسىمۇ كاسسىسىنى قۇشقۇنغا تىرىۋېلىپ، ئاستا مېڭىپ، ئادەمنى جىلە قىلىدۇ. بۇ ھالەتنى دېھقانلار قۇشقۇنغا ئولتۇرىۋېلىش دەيدۇ. بۇ ئەھۋالدا دېھقانلار قامچا ۋە تاياقنى ئىشقا سېلىپ، ھورۇنلۇق قىلىپ، ئىشنى ئاقساتقان بۇ ھايۋاننىڭ ئەدىپىنى بېرىدۇ. ئادەتتە قۇشقۇنغا ئولتۇرىۋېلىش دېگەن بۇ ئىبارىنى بىز ئىغىز تىلى ۋە يازمىلاردىمۇ ئىشلىتىمىز.  بىرەر ئىشتا قاششاقلىق قىلىدىغان، ھەممە ئالدىراۋاتقاندا تەڭ ئالدىرىماي ھورۇنلۇق ۋە باشقا سەۋەپلىك ئىشنى كەينىگە تارتىدىغان، مەسئۇلىيەتسىز ئادەملەرنى قۇشقۇنغا ئولتۇرىدىغان نېمىكەن دەپ باھا بېرىدۇ. تازا ھالقىلىق پەيىتتە قۇشقۇنغا ئولتۇرۋالىدىغان نېمىكەنسەن. پالانچى، ئىش قىلغاندا قۇشقۇنغا ئولتۇرىۋالىدىغان ئادىتى بار ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىش قىلغىلى بولمايدۇ دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلايمىز. بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم قۇشقۇنغا ئولتۇرىۋېلىش دېگەن ئىبارىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سۆزلەپ بېرىش.

ئادەتتە بىر كوللىكتىپنىڭ ئىچىدە بۇنداق قۇشقۇنغا ئولتۇرىۋالىدىغان ئادەملەرنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. بىر كوللىكتىپ دېمەك ئورتاق بىر نىشان ئۈچۈن تىرىشۋاتقان كىشىلەر توپىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. كوللىكتىپنىڭ ئىشىدا نۇرغۇن ئىشلار زەنجىرسىمان ھالەتتە بولۇپ، ھەر قانداق ھالقىدىن مەسىلە كۆرۈلسە پۈتۈن كوللىكتىپنىڭ ئىشىغا تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا كوللىكتىپنىڭ ئىچىدە قۇشقۇنغا ئولتۇرىۋالىدىغان كىشىلەر بارمۇ-يوق دېققەت قىلىڭ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا دېھقانلارغا ئوخشاش ھەل قىلىڭ. ئاۋال تەنقىد ئارقىلىق تەربىيە ئىشلەڭ. تەنقىدنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە دەرھال كۆزىڭىزدىن يوقىتىڭ. بولمىسا ئۇ پۈتۈن كوللىكتىپنىڭ ھاياتى كۈچىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى مۇمكىن.

YAQUT-0997 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-15 09:07:45

قۇشقۇنىغا ئولتۇرىۋالسا تەربىيە ئىشلەش ياخشى گەپ ئاڭلىمىسا مانا مۇنداق قىلىش كېرەك

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 16:06:50

ئەڭ بولۇمسىز كىشلەر توپىمىكىن دەيمەن ،ئۇنداق ئادەملەرنى ،ئىچى قاينىمايدىغان ،شەىسىيەتچى .

بەت: [1]
: قۇشقۇنغا ئولتۇرماق