Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 17:40:31

ئاتا - ئانىلارنى خوشال قىلىشنىڭ بىر قانچە ئۇسۇلى

ئاتا -ئانا ئۇقۇمى بىزگە نىسبەتەن بۇ ئالەمدىكى ئەڭ يۈكسەك كىشلەرگە قارىتىلغان ئۇقۇمدۇر . ئاتا - ئانىلار ھەققىدە قەسىدىلەر يېزىلىپ مەدىھيىلەر ئوقۇلدى ، گاھى مۇڭلۇق ، گاھى جۇشقۇن ئاھاڭلارغا سېلىنىپ ئاتا - ئانىلارنى كۈيلەپ ناخشىلار ئېيتىلدى . شۇنىسى ھەقىقەتكى ئاتا - ئانىلارنى قانچە كۈيلىسەكمۇ ، قانچە مەدىھيىلىسەكمۇ ، يەنىلا ئازلىق قىلىدۇ . توغرا نەچچە مەزگىللەردىن بېرى ئاتا - ئانىلار توغىرسىدىكى شىئېر-قوشاق ۋە ناخشىلار ئاز ئەمەس . ئەمما ، شۇ ناخشىنى ئاڭلاش ياكى توۋلاش ، ئاتا - ئانىلارنى مەدىھلەش بىلەنلا ئاتا - ئانىنى رازى قىلىپ ، خوشال قىلىپ كۈلدۈرەلەيمىزمۇ ؟ يەنىلا بىز ئەڭ ياخشىسى ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن ئاتا - ئانىلىرىمىزنى خوشال قىلىشقا تىرىشىپ باقايلى ...

قېرىنداشلار .... شۇ ئۇقۇم كاللاڭلاردا ئېنىق بولسۇنكى <<ئاتا - ئانىمىز - ھەممىمىزنىڭ چەكسىز بەختى>>. ئويلاپ بېقىڭ ، جورىڭىزدىن ئازار يەپ كۆڭلىڭىز بىئارام بولغىنىدا دەررۇلا ئاتا - ئانىڭىزنى ئىسىڭىزگە ئالامسىز ؟ خىزمەتتە ياكى تۇرمۇشتا كۆڭۈلسىزلىك ياكى ئاۋارىچىلىققا يولۇققاندا، ئاتا -ئانىڭىز بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ ، سىز ئۈچۈن پالاقلاپ رىيازەت چىكىپ ، سىزنىڭ ئامانلىقىڭىز ، كۆڭلۈڭىزنىڭ ئاراملىقى ئۈچۈن ئەجىر قىلدىمۇ ؟ مەڭزىڭىزنى سىيلاپ تۇرۇپ پىشانىڭىزگە سۆيىگىنىدە ، خاتىرجەملىك تۇيغۇسىدا ئەللەيلەنگەچ ، ۋۇجۇدىڭىزنى شۇررىدە ئىسسىق ئېقىم قاپلىغانمۇ ؟ بىرەر خوشاللىق يەتكىنىدە ياكى ئۇتۇقلارنى قازانغىنىڭىزدا ئاتا - ئانىڭىزنىڭ سىزدىن ئۆتە خوشال بولۇپ ، سىز ئۈچۈن دۇئا قىلامدۇ ؟ .............. ئېيتىپ كەلسەك . ئاتا - ئانىڭىزنىڭ سىز توغىرلىق ئەجىرى ۋە مىھرى توغىرلىق بۇنداق سۇئاللار بىر تالاي .............ۋە لىكىن ، جاۋاپ پەقەت بىر . ئۇ بولسىمۇ : ھەئە

1. كۈندە بىرەر قېتىم بولسىمۇ جۆرىڭىزنى ئېلىپ ، ئاتا - ئانىڭىزنى يوقلاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ، مىجەزىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ،ئوي ئىسسىۋاتامدۇ ، قېلىنراق كىيىنۋاتامدۇ ، ئۆيدە گاز بارمۇ ، سىرتتىن توشۇيدىغان ئېغىر ينىك ئىشلىرى بارمۇ ... دىگەندەكلەرنى سوراڭ . ئارلىق يىراق بولۇپ قالغىنىدا ھىچ بولمىسا ئۈ كۈندە بىرەر قېتىم تېلفۇن قىلىپ ، ئۆزىڭىزنىڭ ئامان ئىسەنلىكىڭىزنى بىلدۈرۈڭ ۋە ئۇلاردىن ئەھۋال سوراڭ .

2. بىرەر ئىشنى بىجىرىش سەۋەبى بىلەن ئاتا -ئانىڭىز تۇرىدىغان رايونغا ياكى شۇ رايونغا يېقىن يەرگە بارغىنىڭىزدا ئىشىڭىزنى تۈگىتىپ ، ئۆيىڭىزگە كىرىپ ، ئۇلارنى كۆرۈپ چىقىپ كېتىڭ ، ناھايتى 5 مىنۇتلا كېتىدۇ . پەقەتلا 5 مىنۇت .

3.ئاتا - ئانىڭىزنىڭ مىجەزى يوق بولۇپ قالغىنىدا ، قولىڭىزدا جىددىي ئىش بولسىمۇ تاشلاپ بېرىپ ، دوختۇرغا كۆرسىتىڭ . دوختۇرنى بىر يانغا تارتىپ ئەھۋال ئېغىر ئەمەس دەپ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىشنى تاپىلاڭ ، ئەھۋال ئېغىر بولغان تەقدىردىمۇ سىزگىلا ئېيتسا بولىدۇ ، چۈنكى چوڭلار بەكمۇ ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالىدۇ ، كىچىك ئىشلاردىنمۇ ئەنسىرەپ كېتىشلىرى نورمال ئىش ، شۇڭا ئۇلارغا <<دوختۇر چوڭ ئىش يوق دەيدۇ ، خاتىرجەم داۋالىنىڭ>> دەڭ .

4.ئايدا بىرەر قېتىم ئۇن -ياغ ئالىدىغان ، كەم - كۈسىنى تولۇقلايدىغان ئىش بولۇپ تۇرىدۇ ، گەرچە ئۇ نەرسىلەرنى ماشىنا بىلەن ئۆينىڭ ئالدىغا ئەكەپ بەرسمۇ ، ئۇنى ئۆيگە توشۇش ، جايلاشتۇرۇش ئىشلرىغا سىز چوقۇم ياردەملىشىڭ . مۇشۇنداق ئىشلار بولۇپ قالسا خەۋەر قىلىشىنى قايتا - قايتا جىكىلەڭ . چوڭلار ياشىنىپ قالدى ، ئۇلارنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتى سىزنى چوڭ قىلىش جەيانىدا خورىدى . ئەمدى ، بۇ ئىشلارنى سىز قىلىشىڭىز كىرەك .

5. ئامال بار كۈندە بىرەر قېتىم ، بولمىغاندا 2 ~3 كۈندە بىرەر قېتىم ئۆيگە بېرىپ ، ئانىڭىز ئەتكەن تاماقنى تەڭ ، يىگەندىمۇ ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ ، جىقراق يەڭ . ئۆيگە تاماققا بارغاندا ھەرگىزمۇ سىرتتا تاماق يەۋالماڭ . داستىخانغا چوكا- قوشۇق ، چايلارنى توشۇيدىغان ئىشلارنى ئۆزىڭىز قىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ(ياكى ئايالىڭىز) . تاماق يەپ بولۈپ ، دۇئا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ، <<ئانامنىڭ قولى ھەقىقەتەن تاتلىق ، بەك ئوخشاپتۇ ، ئانامنىڭ تامىقىنى يەپ چوڭ بولغاچقا ، مەن مۇشۇنداق ئەقىللىق>> دەپ چاقچاق ئارلاش يىنىك پاراڭلارنى قىلىپ قۇيۇڭ . جىددىي ئىشىڭىز بولمىسا كېتىشكە ئالدىرماڭ ، ئايالىڭىز قاچىلارنى يۇيۇشقا ياردەملەشسۇن (گەرچە ئاتا - ئانىڭىز سىلەر مىھمان دەپ تۇرۇۋېلىپ ياردەملىشىشكە ئۇنىمىسىمۇ ) .

6.ۋاقىت چىقىپ قالسا ، ئاتا- ئانىڭىزنى يوقلاپ بېرىپ ، بىللە قەرت ئوينىشىپ بېرىڭ ، تېلۋۇزۇر كۆرۈڭ ، كىتاپ ئوقۇپ بېرىڭ . گەرچە ئۇلار سىزدەك ، ئۆرلەش(升级) ، پومشچىك (斗地主) دىگەندەك ئۇيۇنلارنى ئوينىيالمىسىمۇ ، ئۇلار بىلىدىغان ئاددىي ئۇيۇنلارنى ، زىرىكمەي ئويناپ بېرىڭ ، ئاكتىپلىق بىلەن ئۇتتۇرۇپ بېرىڭ ، لىكىن ئۇتتۇرۇپ بەرگىنىڭىزنى بىلىپ قالمىسۇن ، ئۇتتۇرغانغا تەن بەرمىگەندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىڭ . ئۆزىڭىز ياقتۇردىغان فىلىملەرنى ئېچىۋالماي ئۇلار قانداق فىلىمنى ياقتۇرسا شۇنى كۆرۈڭ .

7. ھېيىت بايرام ياكى ئالاھىدە كۈنلەردە ئاكا - ئاچا ، ئىنى - سىڭللىرىڭىز بىلەن بىلەن يىغىلىپ ، چوڭلارنى ئوتتۇرغا ئېلىپ تاماق بىللە تاماق يەڭ ، بۇ ۋاقىتلاردا چوقۇم قېچىپ بولسىمۇ ئاتا - ئانىڭزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ جەم بولۇپ غىزالىنىڭ . نەۋرىلەر چۇۋرلىشىپ ئۆينى بېشىغا كەيگەن ، چوڭ كىچىكلەر بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلىشىپ كۈلۈشكەن ، چاقچاق قىلىشقان ئەنە شۇ چاغلاردا سىزنىڭمۇ باشقا يەرگە بارغۇڭىز كەلمەي قېلىشى ئېنىقلا .

8. ئاچىلىرىڭىز ، سىڭللىرىڭىزدىن پات - پات ئەھۋال سوراپ تۇرۇڭ ، قانداق كېتىۋاتىدۇ ، مىجەزى قانداق دىگەنلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇڭ . ئىشلىرى بولسا ئۆزىڭىز بىر قوللۇق قىلىپ بېرىڭ ، ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ئاتا - ئانىڭىز ھەممىدىن بەك قىزلىرىدىن ئەنسىرەيدۇ ھەم ئوغۇللىرىنىڭ قىزلىرىغا ئىگە بولۇشىنى ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .

9.يامغۇر ياغقان ، قار ياغقان ، بوران چىققان ، يەر تەۋىرگەن .... دىگەندەك تەبىئي ھادىسىلەر يۈز بەرگەندە ، ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىڭ ، بارالمىسڭىز تېلفۇن قىلىپ سالامەتلىكىنى سوراڭ ، سىرتقا چىقماسلىقنى جىكلەڭ . كەم نەرسىلەرنى ئۆزىڭىز ئاپىرىپ بېرىڭ . بولۇپمۇ مۇشۇنداق كۈنلەردە ھەرگىزمۇ بىپەرۋالىق قىلماڭ .

10. ھىچ بولمىغاندا ئايدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ ، ئۆيىڭىزدە ئاتا-ئانىڭىز ياقتۇردىغان تاماقلارنى قىلىپ ، ئۆيىڭىزگە چاقىرىڭ ، ئۆيگە ئۇلار ياقتۇردىغان يەل - يىمىشلەرنى ، خەلق ناخشلىرىنى ئەكىرىپ قۇيۇڭ . باللىرىڭىزنى سىلكىشلىمەڭ ، تىللىماڭ ، باللىرىڭىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قۇچىغىدا ئەركىلىپ ئۇلارنى چوكولدىتىپ سۆيۈپ كەتسۇن .

11. سىز تۇرۇشلۇق رايوندا بىرەر ۋەقە ھادىسە يۈز بەرگىنىدە ئۇلارغا تېلفۇن قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئامانلىقنى بىلدۈرۈڭ ، بۇنداق چاغلاردا ئۇلار سىزدىن بالدۇر خەۋەر تېپىپ ، سىزدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرۇشقان بولىدۇ . سىزدىن خاتىرجەم بولغىنىدا ئۇلارمۇ خاترجەم تاماق يىيەلەيدۇ ۋە خاتىرجەم ئۇخلىيالايدۇ .

12. مۇشۇ تېمىنى ئوقۇپ بولۇپلا ئاتا - ئانىڭىزغا تېلفۇن قىلىپ ئەھۋال سوراڭ .مەن ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي ، باشقا تورداشلارمۇ ئۆزىنىڭ كۆز قارشى بويىچە تولۇقلاپ باقسا بولىدۇ . ....

yusran يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 22:41:49

espresso:
yusran:

ۋاي ئۇنىڭ گېپىنى قىلماڭ...

مەكتەپتە ياخشى ئوقې دېدى ئوقۇدۇق

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇم يوقتى ئوقۇيسەن يەنە كېلىپ ماتېماتىكا دېدى ئوقۇدۇم

ئوغۇللار بىلەن ئارىلاشماي كاللاڭنى چاچماي ئوقې دېدى ۋەھشەت ئوقۇدۇم مۇكاپاتلىنىپ دېگەندەك

ئەمدى ھەممە دوستلىرىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاچ تېپىپ قويۇپتىكەن مانا بىر ئوبدان تويىنى قىلدى سەن نېمە قىلغان بولغۇيتۇڭ دەيدۇ

نەق گەپ، تاپسا تاپما دەيدۇ، تاپمىسا تاپمىدىڭ دەيدۇ، تېخى تاپىدىغان ۋاقىتتا تاپسا ئەمەس ئادەمنى تېپىپسەن دەۋاتقان تۇرمۇشنىڭ خارۋارد يۇنىسى بولسا بىر پۈتتۈرگەن بولسامغۇ دەپ ئاپام بىلەن قېرىشاتتىم...تەس ئىشلاركەن بۇ بىرنى تاپسا بىرسى يوق...ئامال يوق ئالدىغا قاراپ ماڭىدىغان گەپكەن ئادەم...

ھېلىھەم شۇ .. توۋا ھەپتە ئاخىرى كەلسە يۈرەك سۇ قاچان شۇ گەپنى دەپ قالا دەپ

ئۆزىلىرى تويغا باسىغۇ سۆزلەپلا كىرىدۇ ئۆيگە پالانچىنىڭ مايماق قىزىمۇ بىر چىرايلىق تويىنى قىپتۇ ئۇمۇ بۇمۇ دەپ...

دادامغۇ چاقچاققا يكلۈپ رېستۇران ئېپ قويامدۇق يا بالا م دەپماۋۇ مەبلەخلەر سىرتتا بالام بىز مەرىكە قىلىپ داستىخان ساممىساق يىگىرمە ئوتتۇز تۈمەن سىرتتا بالان سىزگە قاراشلىق دەپ قاراڭ

KALANDAR يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 22:52:58

yusran:

نېمە ئۈچۈن بىر ئۆيدە 28يىل ياشىغان ئىككى ئادەمنىڭ پىكرى ئوخشىمايدىغاندۇ

يۇسران 27 ياشقا كىرىپتۇ با للا .......

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 18:06:03

تېمىنى ئوقۇپ بولۇپلا ئانامغا تېلفۇن قىلىپ ھېيتقىچە دىدارلىشىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىمەن !

رەھمەت پىنھان

aragon يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 18:06:10

راستىنلا ياخشى تىما بوپتۇ،   نادىرلاش قا بىلەت تاشلايمەن~~~

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 18:23:29

ئۆيگە تېلىفون سوقاي

yurtum1028 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 18:24:08

12.ئەگەر ھىچقايسىسىنى قىلالمىسىڭىز ھىچبولمىغاندا ما تېمىنى يادلاپ ئىچىۋېتىڭ ،بولسا كۆرىنىدىغان يەرگە بېسىپ چىقىرىپ ئېسىپ قويۇڭ 。

ھازىرچە 12.تۈرىنى ئىجرا قىلىپ تۇراي . تەتىلدە بېرىپ يادلىۋالغانلىرىمىنى ئىجرا قىلاي .

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 18:28:05

بىرخىللا بوپ قالدىما بۇنى ئوقۇپ...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 18:38:57

سىزگە ئامال يوق لېكىن..

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 18:40:20

ئوقۇيمىز دەپ ھېيتنى بىللە ئۆتكۈزۈپ بولالمىدۇق ئۆيدىكىلەر بىلەن ، ئاللا خالىسا بۇ يىل ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزىدىغان ئوخشايمەن .يېڭى چوڭ بولغان نەۋىرلەر تونىمايدۇ مېنى ، تونىغانلىرىمى سەل ھىدىيقايدۇ . ئادەم ئۆيگە كۆپ بارمىسا ئۇرۇق-تۇققانلار بىلەن بولغان ئارلىقمۇ سەل يىراقلىشىپ قالىدىكەن ، ئۆيلىرىگە كىرسە بەك تەكەللۇپ قىلىپ ئادەمنى خىجىل قىلىپ قويىدىكەن . بەزىدە تۇققانلارنىڭ ئۆيىدە كىچىك چاغلىرىمدىكىدەك ئەركىن-ئازادە ئولتۇرالىسام دەپ ئويلاپ كېتىمەن !
ئانامنىڭ تارتقان جاپالىرى ھەر دائىم كاللامدا ئەگىپلا يۈرىدۇ !

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 19:12:39

ئۆيدىن 100 كىلومېتىر يىراقتا ئىشلەيمەن ئايدا بىر ئۆيگە بارسام ئاپام مېنى مېھمان كۈتكەندەك كۈتۈۋالىدۇ.

تېلىفۇن قىلسام تېلىفۇن پۇلۇم جىق چىقىپ كەتمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ ناھايتىمۇ تىز سۆزلەيدۇ.

مەن مائاش ئالىمەن ئەمما ئاتام ئاپام مەندىن يىنىڭدا خەجلىگۈدەك پۇل بارمۇ دەپ سوراپ تۇرىدۇ.

مەن سەمىرىپ كەتتىم. ئەمما بىچارە ئاپام ئورۇقلاپلا كېتىپتۇ. ......

ھەي چوڭلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋىلىشتىن ئارتۇق ساۋاپ ئىشمۇ بارمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن. شۇڭا ئەڭ چوڭ ئۆكۈنىشىم خىزمەت ئورنۇمنىڭ ئۆيدىن يىراقتا بۇلۇپ قالغانلىقى...

IZDANGUQIMAN يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 19:20:41

ھېيت كەپ قالغاندا ماۋۇ تېما ھەجەپ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلدى دىسە......... ئۆزەممۇ ئۆيدىكىلەرنى سېغىنىپ ئاران تۇرغان

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 19:25:37

ئىشقىلىپ كىچىكىمدىن ئاتا ئانامنىڭ گېپىنى شۇنداق ئاڭلايتتىم، ئۇلارنىڭ مەن ئۈچۈن دەپ ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرگە ئېرىشىپ ئۇلارنى خوش قىلىشنى بىرىنچى بۇرچۇم دەپ بىلەتتىم ھەم بىلىمەن ھازىرغىچىمۇ...تۇرمۇشنىڭ بەزى باسقۇچلىرىدە ئاستا ئاستا چوڭ بولۇپ قىممەت ۋە قاراشلارنىڭ ئۆزگۈرىشىگە ئەگىشىپ ئانچە مۇنچە ئىختىلاپلارمۇ پەيدا بولىدىكەن لېكىن ئاتا ئانامنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەن چوڭ قارارلارنى قاچان ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىدىن ئۆتكىچە ساقلايتتىم...ئاپام ،سىڭلىم مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم،ئۇلار ھەرقانداق ئىدىيەمنى شەرتىسىز قوللايتتى...دادام ئەڭ يوقۇرى دەرىجىلىك ئۇستازىم...ئىككىمىز ئۇزۇندىن ئۇزۇن مۇڭدىشىپ كېتىمىز...دادام مېنىڭ دىگىنىم توغرا دەپ تۇرىۋالىدىغان دادىلارنىڭ دەل ئەكسى،يەنى قىزىم زادى نىمىشقا مۇشۇنداق دەيدۇ دەپ قايتا ئويلىنىش قىلاتتى گەپ بىر يەردىن چىقمىغاندا.،مەنمۇ چوڭ بولۇپ بارغانسېرى دادامنىڭ دىگەنلىرىنىڭ شۇنچىلىك توغرا ۋە ھەقىقەت ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىدىغان بولدۇم، ئەڭ ياخشى نەرسىلىرىمنى ئاپام دادامغا شۇ ھامان ئەۋەتىپ بەرگۈم كېلىدۇ،كۈندە بىر تېل قىلىمەن، دادام قىسقا ئۇچۇر قىلىشنى ئۈگىنىۋالغانتى،ھازىر بەزىدە مېنى كۈلدۈرۈپ قىسقا ئۇچۇرلارنىمۇ قىلىشىمىز مېنىڭ كەينىمدىكى تاغدەك يۆلەكچۈك بولغاچقىمۇ،ھەرقانداق ئىش قىلسام كۆڭلۈم توق، بىر ئىش بولسا ئاتا ئانام بارغۇ دەپ مەيلى دۇنيانىڭ نەرىدە بولاي...

جىقلا گەپلەرنى قىلىپ كەتتىم ئىشقىلىپ بىزنىڭ بەختىمىزگە ئاتا ئانىلىرىمىزنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن خۇدايىم!

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 19:37:07

espresso:

ئىشقىلىپ كىچىكىمدىن ئاتا ئانامنىڭ گېپىنى شۇنداق ئاڭلايتتىم، ئۇلارنىڭ مەن ئۈچۈن دەپ ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرگە ئېرىشىپ ئۇلارنى خوش قىلىشنى بىرىنچى بۇرچۇم دەپ بىلەتتىم ھەم بىلىمەن ھازىرغىچىمۇ...تۇرمۇشنىڭ بەزى باسقۇچلىرىدە ئاستا ئاستا چوڭ بولۇپ قىممەت ۋە قاراشلارنىڭ ئۆزگۈرىشىگە ئەگىشىپ ئانچە مۇنچە ئىختىلاپلارمۇ پەيدا بولىدىكەن لېكىن ئاتا ئانامنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەن چوڭ قارارلارنى قاچان ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىدىن ئۆتكىچە ساقلايتتىم...ئاپام ،سىڭلىم مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم،ئۇلار ھەرقانداق ئىدىيەمنى شەرتىسىز قوللايتتى...دادام ئەڭ يوقۇرى دەرىجىلىك ئۇستازىم...ئىككىمىز ئۇزۇندىن ئۇزۇن مۇڭدىشىپ كېتىمىز...دادام مېنىڭ دىگىنىم توغرا دەپ تۇرىۋالىدىغان دادىلارنىڭ دەل ئەكسى،يەنى قىزىم زادى نىمىشقا مۇشۇنداق دەيدۇ دەپ قايتا ئويلىنىش قىلاتتى گەپ بىر يەردىن چىقمىغاندا.،مەنمۇ چوڭ بولۇپ بارغانسېرى دادامنىڭ دىگەنلىرىنىڭ شۇنچىلىك توغرا ۋە ھەقىقەت ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىدىغان بولدۇم، ئەڭ ياخشى نەرسىلىرىمنى ئاپام دادامغا شۇ ھامان ئەۋەتىپ بەرگۈم كېلىدۇ،كۈندە بىر تېل قىلىمەن، دادام قىسقا ئۇچۇر قىلىشنى ئۈگىنىۋالغانتى،ھازىر بەزىدە مېنى كۈلدۈرۈپ قىسقا ئۇچۇرلارنىمۇ قىلىشىمىز مېنىڭ كەينىمدىكى تاغدەك يۆلەكچۈك بولغاچقىمۇ،ھەرقانداق ئىش قىلسام كۆڭلۈم توق، بىر ئىش بولسا ئاتا ئانام بارغۇ دەپ مەيلى دۇنيانىڭ نەرىدە بولاي...

جىقلا گەپلەرنى قىلىپ كەتتىم ئىشقىلىپ بىزنىڭ بەختىمىزگە ئاتا ئانىلىرىمىزنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن خۇدايىم!

بىزنىڭ ئۆيدىمۇ سىلەرنىڭكىگە ئوخشاشلا پىكىر مونوپولىيىسى يوقتى .... ئاتا - ئانام مىنىڭ جاپايىمنى كۆپ تارتقان جۇمۇ ..................

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 20:31:16

ئۆيگە كەتكۈم كەلدى

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 20:35:48

شۇنداق ئىكەن،ئاپام دادام بىزنىڭ ئوقۇشىمىز،ساغلام چوڭ بولۇشىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربانلارنى بەرگەنتى..ھەتتا نۇرغۇن قارارلارنى بىزنىڭ مەنپەتىمىزنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ چىقىراتتى...دادام تەتىللەردە مەن بىلەن كۆنۈكمە ئىشلەيدىغان بىللە ، شۇڭا ئۆگۈنۈش تەكرار قىلىش مەن ئۈچۈن بىر خىل بېسىم ئەمەس بەلكى ھوزۇرلۇق ئىش دىدى...شەرتسىز ئاڭلايتتىم دىسە ئۇلارنىڭ گېپىنى شۇنداق بولسىمۇ يەنە بېرىپ ھەممە ئىش مېنىڭ مەيلىم بىلەن بولاتتى...ئۆتكەن ئايدىلا بىللە بولغان بولساممۇ يەنە قاتتىق كۆرگۈم كەپ كەتتى ئۇلارنى....

yusran يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 20:54:19

ئاپامغا ئوقۇپ بەرسەم ئولتۇرۇپ كېتىپ

توردا قۇرۇق پاراڭ ساتماي بىزنى خوشال خاتىرجەم قىلاي دېسەڭ بۇ يىل تويۇڭنى قىلىپ قەرزىمىزنى ئادا قىلغىلى قوي ...دېدى

دادامنى چاقىرىپ دادا قارا دەپ ئوقۇپ نەچچىنچىسىگە كېلە كەلمەي... ھەي بالام... سىلەر خوش بولساڭلا بىزمۇ خوشقۇ دەپ دولامغا ئۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى،

نېمە ئۈچۈن بىر ئۆيدە 28يىل ياشىغان ئىككى ئادەمنىڭ پىكرى ئوخشىمايدىغاندۇ

yurtum1028 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 20:55:43

خەپ ،ئوقۇشۇم بىر پۈتسە ھىچيەرگە بارماي ئاپامنىڭ يېنىدا تۇرسام. تاماق ئېتپ كىرلىرىنى يۇيۇپ ،،،،،

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 21:13:30

yusran:

ئاپامغا ئوقۇپ بەرسەم ئولتۇرۇپ كېتىپ

توردا قۇرۇق پاراڭ ساتماي بىزنى خوشال خاتىرجەم قىلاي دېسەڭ بۇ يىل تويۇڭنى قىلىپ قەرزىمىزنى ئادا قىلغىلى قوي ...دېدى

مۇشۇ ئاتا ئانىلارمۇ قىزىق، تاپسا بالدۇر تېپىۋالدىڭ دەۋاتقان، تاپمىسا تاپمىدىڭ دەۋاتقان ئادەمنى جىددىلەشتۈرۈپ..

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 21:24:10

چوڭلار مىنىمۇ شۇنداق دەپ تۇرۋېلىۋاتىدۇ... ئۆيمۇ ئېلىپ بەردۇق، ئەمدى كىلىندىن بىرنى ئەكىرسەڭ بۇلاتتى دەپ. مەن ھېلىمۇ ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ئالداپ يۈرۈپ   ئاۋۋال ماشىندىن بىرنى ئېلىۋالاي، ئاندىن خۇتۇن ئۆزلىكىدىنلا ئۆيگە كىلىدۇ دەپ قۇيۇپ يۈرۈۋاتىمەن.

بەت: [1] 2 3
: ئاتا - ئانىلارنى خوشال قىلىشنىڭ بىر قانچە ئۇسۇلى