جورجى بۇش VS باشلانغۇچنىڭ بالىلىرى
بۇش رەئىس جۇمھۇر ۋاقتىدا ئامېرىكىدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە زىيارەتكە بېرىپتۇ. بىر سىنىپقا كىرىپ ئوقۇغۇچى بالىلارغا نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن "سوئال سورىساڭلار بولىدۇ" دەپتۇ. بالىلار ھەممىسى قول كۆتۈرۈپتۇ.
بوب ئىسىملىك بىر بالا ئىجازەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ دەپتۇ:
- ھۆرمەتلىك ئەپەندى، مېنىڭ ئۈچ سوئالىم بار:
1. ب د ت رۇخسەت قىلمىسىمۇ سىز قانداق ئىراققا ھۇجۇم قىلدىڭىز؟
2. رىقابەتچىڭىز كېررىينىڭ سايلام بېلىتى سىزنىڭكىدىن كۆپ بولسىمۇ قانداقىسىگە سىز سايلاندىڭىز؟
3. ئافغانىستاندا بىن لادېن بار دەپ ھۇجۇم قىلدىڭىز، تاپالمىدىڭىزغۇ ئافغانىستاندىن؟
دەل مۇشۇ ۋاقىتتا دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىنىپتۇ. بۇش:
- تەنەپپۇستىن يانغاندا داۋاملاشتۇرايلى، دەپتۇ.
تەنەپپۇس تۈگەپ سىنىپقا قايتقاندا، بۇش:
- نېمە دېيىشىۋاتاتتۇق؟ دەپ سوراپتۇ بالىلاردىن - ھە، ئېسىمگە كەلدى، سىلەرنى سوئال سوراڭلار دەۋاتاتتىم، توغرىمۇ؟ ئەمدى سوئال سورىساڭلار بولىدۇ.
بىر ئاز جىمجىتلىقتىن كېيىن بىر ئوقۇغۇچى قول كۆتۈرۈپتۇ.
- ئىسمىڭ نېمە شاكىچىك؟ - سوراپتۇ بۇش.
- توم.
- خوش، توم ئەپەندى، سېنىڭ سوئالىڭ؟
- مېنىڭ بەش سوئالىم بار ئەپەندى:
1. ب د ت رۇخسەت قىلمىسىمۇ سىز قانداق ئىراققا ھۇجۇم قىلدىڭىز؟
2. رىقابەتچىڭىز كېررىينىڭ سايلام بېلىتى سىزنىڭكىدىن كۆپ بولسىمۇ قانداقىسىگە سىز سايلاندىڭىز؟
3. ئافغانىستاندا بىن لادېن بار دەپ ھۇجۇم قىلدىڭىز، تاپالمىدىڭىزغۇ ئافغانىستاندىن؟
4. دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى نېمىشقا 20 مىنۇت بۇرۇن چېلىندى بايا؟
5. بوب نېمىشقا سىنىپقا قايتىپ كىرمىدى؟
مەنبە: ئىزدىنىشلىرىم.
ئانچە تايىنى يوقكەنتايىنى يوقكەن دەۋاتقىنىنى ، بۇنىڭ تايىنى بولمىسا نىمىنىڭ تايىنى بولىدۇ ؟توۋا قىلدىم !!!
قوڭغۇراق يەنە چىلىندى...
توم بوب نىڭ قىشىغا كەتتى.........
خە خە خە خە خە بەك كۇلكۇلۇك ئىكەن........
بىچارە بوب...
ما تومنى نېمە قىلار ئەمدى
MVXVK:
بىچارە بوب...
ما تومنى نېمە قىلار ئەمدى
بىچارە دىگىنىنى ، بوب نىمىش قىلاتتى ، مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىدا ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان شاكىلاتنى يەۋاتىدۇ ، ئارخىبىغا <بۇ ئوقۇغۇچىدا تۇغما سىياسىي تالانت بار ،كەلگۈسىدە سىياسىئون بولۇشى ،ھەتتا زوڭتوڭ رىقابىتىگە قاتنىشىپ ئامېرىكا زوڭتۇڭى بولۇشى مۈمكىن >دەپ يېزىلىدۇ.
تومنىڭ ئارخىبىغا <زوڭتۇڭ ياردەمچىسى ياكى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولالىشى مۈمكىن >دەپ يېزىلىدۇ...
مايەردە بولسا ئۇنداق سۇئال سورىيالىغان ئوقۇغۇچى شاكىلات ئەمەس ،تاياق يەيدۇ .ئارخىبىغا <بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىدىيىسىدە مەسىلە بولغانلىقتىن ،سىياسىي تەربىيە بېرىلدى > دەپ يېزىلىدۇ ،سىنىپ مۇدىرى باشلىق كېلىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىمىگەنلىكتىن ،قاتتىق چارە كۆرۈلىدۇ ....
VS دىگەن نېمە گەپ، تېلىۋىزوردا ئېلان قىلغان ئامىركىنىڭ ئورۇقلىتىش دورىسىما؟
VS 是versus的简写,versus是拉丁文,表示“相对照、相对立”等意思。
VS بولسا versus نىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى، بۇ لاتىنچە يېزىق، مەنىسى «سېلېشتۇرۇش، تىركىشىش» دىگەندەك مەنىلەردە..
دېموكراتىيە بولسا قويمۇ يولۋاسنىڭ ئالدىدا قورقماي ھەق سۆزىنى قىلالايدۇ - دىگىنى مۇشۇ بولسا كېرەك ، ئەتىمالىم !