UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 03:38:13

تارىختا بۈگۈن (13-نويابىر )

1907-يىلى بۈگۈنكى كۈندە فىرانسىيەلىك كەشپىياتچى پائول كارنۇ(Paul Cornu) تۇنجى قېتىم تىكئۇچار ئايروپىلاننى سىناق قىلىپ ئۇچۇرۇپ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان.

1974-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئەراپات ب د ت نىڭ  قۇرۇلتىيىدا تۇنجى قېتىم نۇتۇق سۆزلىگەن.

1999-يىلىدىكى ئەراپات.

1975-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاسىيادا تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم چىچەكنىڭ يۇقۇتۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.بۇ كۈندە يەنە دۆلىتىمىز كومورو بىلەن دېپلۇماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان .

1985-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىدە ئېغىر كىرزىس پارتىلىغان .

بۇ كۈندە يەنە كۇلۇمبىيەدە يانارتاغ پارتىلاپ 25،000ئادەم ئۆلگەن.

1990-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئۇچۇر تورى(World Wide Web) قىسقارتىلما نامى(Web”、“WWW”、“W3 )بارلىققا كەلگەن .

1994-يىلى بۈگۈنكى كۈندە شىۋېتسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرگەن .

1995-يىلى بۈگۈنكى كۈندە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىياد شەھرىدە پارتىلاش يۈز بېرىپ ئالتە ئادەم ئۆلۈپ 60ئادەم يارلانغان.

1999-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدە يەر تەۋرەپ 300دىن كۆپرەك ئادەم ئۆلگەن .

2009-يىلى بۈگۈنكى كۈندە NASA  ئاي شارىنىڭ جەنۇبى قۇتۇبىدا سۇ مەنبەسىنى بايقىغانلىقىنى جاكارلىغان.

مەنبە؛ۋېكپىدىيە قامۇسى

yurtum1028 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 10:19:27

بەك مۇھىم كۈنكەن بۇگۈن ئەمىسە ،شەخسەن ئەراپاتنى قاتتىق ھۆرمەت قىلىمەن ،كۆزۈمگە ئەرەبلەرنى (ئىسلامنى دېمىدىم ھە !)سەت كۆرسەتمەيدىغان بىردىنبىر ئامىل مۇشۇ ئادەم شۇ .

karakqi520 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 15:10:25

رىتا ! پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەللىلاھۇ ئەلەيھۇ ۋەسسالاممۇ ئەرەبقۇ ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 15:13:56

رىتا بۈگۈنكى ئەرەپلەرنى، دەپ ئۆزگەرتسە بولغۇدەك

tumarim يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 20:08:11

ئەراپات تۈگەپ كەتكەندە مەن يىغلاپ كەتكەن....بەك ھۆرمەت قىلاتتىم بۇ ئادەمنى....
بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(13-نويابىر)