تارىختا بۈگۈن (12-نويابىر )
764-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تۇبۇت(تۆبەت吐蕃)قوشۇنى چاڭئەننى ئىگەلىۋالغان ،تاڭ سولالىسى شاھى تاڭ دەيزوڭ قېچىپ كەتكەن .تۆبۈت ئىلىىمىز تارىخىدىكى قەدىمكى ئاز سانلىق مىللەت ،تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ھاكىمىيەت قۇرغان .
1866-يىلى بۈگۈنكى كۈندە سۇنجوڭشەن تۇغۇلغان .
1893-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ھېندىستان بىلەن ئافغانىستان كىلشىم ئېمزالاپ دۇراند سىزىقىنى(Durand Line) ئىككى دۆلەتنىڭ چىگرىسى قىلىپ بىكىتكەن .
1921-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا،ياپونىيە،ئەنگىلىيە،فىرانسىيە،گوللاندىيە،جۇڭگو،ئىتالىيە،پورتۇگالىيە،بىلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئامېرىكىدا ۋاشىنگىتون يىغىنىنى ئاچقان .بۇ يىغىندا دېڭىز ئارمىيە ھازىرلىقلىرىنى چەكلەش،دېڭىز-ئوكيان،يىراق شەرىق مەسلىلىرى مۇزاكىرە قىلىغان .
1927-يىلى بۈگۈنكى كۈندە سوۋىت كومپارتىيەسىنىڭ رەھبىرى Лев Давидович Троцкийسىتالىننىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن پارتىيەدىن قوغلانغان .
1939-يىلى بۈگۈنكى كۈندە خەلىقئارا ئېنتېرناتسىئونالىزىمنىڭ سادىق جەڭچىسى بەي چىيۇئېن(白求恩) ۋاپات بولغان .
1947-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تەيۋەن دېمكۇراتىك ئاپتۇنومىيە ئىتتىپاقى شىياڭگاڭدا قۇرۇلغان .
1948-يىلى بۈگۈنكى كۈندە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ياپونىيەنىڭ 1-دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى توجو خىداكى؟(东条英机)غا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.
1969-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت رەئىسى لىيۇشاۋچى ئېچىنىشلىق زىيانكەشلىككە ئۇچۇراپ ۋاپات بولغان.
1987-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى KFCتىجارەت باشلىغان .
1996-يىلى بۈگۈنكى كۈندە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 763-نومۇرلۇق نۆۋەتىچى ئايروپىلانى بىلەن قازاقىستاننىڭ 1907-نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلانى ھېندىستاننىڭ يېڭى دېھلى ئەتراپىدا سوقۇلۇپ كىتىپ ئىككى ئايروپىلاندىكى 349ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان .بۇ دۇنيا ئاۋئاتسىيە تارىخىدا ئەڭ ئېغىر بولغان سوقۇلۇش ھادىسىى ھېسابلىنىدۇ.
2001-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامرىكىنىڭ كىنىدى خەلىقئارا ئايرىدىرومىدىن ئۇچقان ئامېرىكا ئاۋئاتسىيە587-نومۇرلۇق ئايروپىلان چۈشۈپ كىتىپ ئايروپىلاندىكى 260ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان .
2010-يىلى بۈگۈنكى كۈندە 16-نۆۋەتىك ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنى گۇاڭجۇدا ئېچىلغان.
東條英機
توجو خىدېكى ياكى توجىيو ھىدېكى بولسا خاتا بولمامدىكىن دەيمەن
بەي چيۇئېن دېگىنى ھېلىقى كانادالىق دوختۇر بېتيون، ستالىن سوۋېت كومپارتىيسىدىن قوغلىۋەتكەن ئاۋۇ رەھبەرنىڭ ئىسمى لېۋ. داۋىنوۋىچ. تروتسكي تىمىنىڭ مەنبەسىنى ئۇنتۇپتىمەن .مەنبە:ۋېكپىدىيە قامۇسى ۋە تارىختا بۈگۈن تورى .باشقۇرغۇچىلار تىما مەنبەسىنى ئاستىغا قوشۇپ قويۇپ ماۋۇ ئىنكاسىمنى تەستىقلىمىساڭلار! تۈبۈتلەرنى خەنچە <زاڭزۇ> ،تىبەتنى <شىزاڭ> دەيدىغاندۇ؟ياكى ماۋۇ چاڭئەنگە ھۇجۇم قىلغان تۇبۇتلار باشقىسىمۇ؟ izchilar:
تۈبۈتلەرنى خەنچە <زاڭزۇ> ،تىبەتنى <شىزاڭ> دەيدىغاندۇ؟ياكى ماۋۇ چاڭئەنگە ھۇجۇم قىلغان تۇبۇتلار باشقىسىمۇ؟
ئۇلانمىسى بار .ئوقۇپ بېقىڭ .خەنزۇچە خەتنى چەكسىڭىز ئېچىلىدۇ .