1500 يۇەنلىك ئاساسى ماشىنا.
كىم 1500 يۇەن ئەتىراپىدىكى كومپىيوتور ئاساسى ماشىنىسىنى تاللاپ بىرىدۇ.
ئىكران يوق.قاتتىق دىسكا نۇر دىسكا ئوقۇغۇچ يوق.مائۇس كۇنۇپكا تاختىسىمۇ يوق. بولسا ئۇرۇمچىدىكى باھاسىنىمۇ دەپ بەرسەڭلار.
مەن بىرنى قىلىپ باقتىم.
cpu AMD 速龙II X2 245 380
斯巴达克黑潮BA-218 500 ياكى 华擎880GMH/USB3 R2.0
威刚2GB DDR3 1333(万紫千红) 190
酷冷至尊特警342(rc-342) 200
航嘉冷静王钻石Win7版 240
希捷500GB 7200.12 16M(串口/散)ST3500410AS 280
ھىچ بىلمىدىم يەنىلار 1500 دىن ئىشىپ كەتتى.
AMD ئوينىمايمىز ھە
ياخشىسى كېلىدۇ
باياۋاننىڭ ئىنكاسى قالايماقان چىقىپتىكەن.كۈچۈرۈپ چاپلاپ قويدۇم
سەپلىمىسى | تىپى | باھاسى |
CPU | Intel 酷睿2双核 E7400 盒 | 720يۈەن |
ئاساسىي تاختا | 华硕 P5QPL-AM | 499يۈەن |
ئىچكى ساقلىغۇچ | 金士顿 2GB DDR2 800 | 265يۈەن |
جەمئىي |
| 1484يۈەن |
ziyali:
باياۋاننىڭ ئىنكاسى قالايماقان چىقىپتىكەن.كۈچۈرۈپ چاپلاپ قويدۇم
سەپلىمىسى
تىپى
باھاسى
CPU
Intel 酷睿2双核 E7400 盒
720يۈەن
ئاساسىي تاختا
华硕 P5QPL-AM
499يۈەن
ئىچكى ساقلىغۇچ
金士顿 2GB DDR2 800
265يۈەن
جەمئىي
1484يۈەن
ئىچكى ساقلىغۇچى زەھەردىنمۇ قىممەت ئىكەنغۇ.dd3 1333 نى 200 يۇەنگە نەق بىرىدۇ .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن بىر ئاساسى ماشنا قۇراشتۇراي دىگەن ياخشى بولدى
سىلەر بىرەنى دەپ بەرمەمسىلەر ئاساسى تاختا 2010 چىققان بولسۇن
ئىنتىلنىڭ بولسا قانچە پۇل قايسىڭلار قاتتىق دىتال سودىسى بىلەن شۇغۇللىنسىلەر
تەپسىلى دەپ بەرسەڭلار
مەن دەيمۇ؟
دەپ بولغىچە يوللىنىپ كەتتا
ئاساسىي تاختا ASUS نىڭ P5P43TD بولسۇن ، بۇ يامان گۇي ، چاستوتىسى 1600 گە چىقالايدۇ ، باھاسى 699 يۈەنكەن ، مەن ئالغاندا 820 يۈەنگە ئالغان ، لېكىن بۇ ئاساسىي تاختىدا 4 يادىرولۇق CPU ئوينىيالمايسىز
CPU غا يەنىلا Intel ئوينايلى E7500 بولسۇن 2.93GHz لىق ئاساسىي چاستوتا، چاتاق يېرى FSB چاستوتىسى 1066 ئەگەر بۇمۇ 1333 بولۇپ كەتكەن بولسا گۈلى گۈلىگە كېلەتتىدە، بولاپتۇ مەيلى لېكىن بۇمۇ بوش گۇي ئەمەس، باھاسى:770 يۈەن + 60يۈەن(شامالدۇرغۇچ) ھامان ئالغاندىكىن ئوبدانراق شامالدۇرغۇچ سېلىۋېتەيلى
ئىچكى ساقلىغۇچقا 威刚 2GB DDR3 1333 بولسۇن نىمىلا دېمىگەن بىلەن 1333 چاستوتىلىق دەۋىر ئەمەسمۇ باھاسى 190يۈەن
قاتتىق دېسكىغا SATAGE نىڭ 1TB لىق قاتتىق دېسكىسىنى سالىمىز ، ئەمدى GB لىق ئۆلچەمدىن خوشلاشتۇق باھاسى:385 يۈەن
كۆرسىتىش كارتىسى ، بۇ نەرسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ باشقا نەرسە تۆۋەنرەك بولسا بولسۇنكى بۇ تۆۋەن بولمىسۇن شۇڭىلاشقا بۇنىڭ ئوبدىنىنى تاللايلى 影驰GT240黑将版X5 ئۆزىمۇ ياخشى ماركا DDR5 تېخى بۇ ،512MB لىق 128Bit لىق بولۇپ ھازىرقى كۆرسىتىش كارتىسى ئىچىدە نوچىسى بولالايدۇ (كەسپىي دېگىلى بولمايدۇ) باھاسى 799 يۈەن
نۇر دېسكا قوزغاتقۇچقا Pioneer نىڭ DVR-218CHV نى سالىمىز ، مەن ئىشلىتىۋاتىمەن (پىچەت) باھاسى:165 يۈەن
ئېكرانغا 850 يۈەن ئەتىراپىدا SAMSUNG LG AOC BENQ لارنى ئالىمىز بۇ چوڭ مەسىلە ئەمەس
توك مەنبەگە 航嘉 冷静王钻石2.3版本 نى ئىشلىتىمىز باھاسى 225 يۈەن .
قالغان ئاساسىي ئاپارات قېپىغا 100 يۈەن ، كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن مائۇسقا 60~70 يۈەن خەجلىسەك بولىدۇ.
باھاسىنى ئۆزىڭىز ھېسابلىۋېلىڭ ، يۇقىرقى باھالار 中关村 نىڭ تور بېكىتىن ئالغان باھالار ، ئەمەليەتتە قىزىلبايراقتا بۇنىڭدىن ئەرزانراق بولىدۇ .
3600 يۇەنگە توختاپ قالغۇدەك نېرى بىرىتوختاڭلار ھە مەن بىر گەپ قىستۇراي:
قاتتىق دېسكىدىن ئىككىنى ئېلىپ، Raid قوللايدىغان ئاساسىي تاختا تاللاپ، ئۇچقۇر ساندۇقتىن بىرنى قۇراشتۇرۇڭلار.
بەش يىل بۇرۇن، CPU چاستوتىسى 3 تىن ئېشىپ، ئەمدى 4، 5 لەرنىمۇ كۆرەرمىزمۇ، دەپ يۈرسەك، 64 خانە دىگەن قالپاق بىلەنلا چاستوتا قايتىدىن 1.6 دىن باشلاپ 3 كە قاراپ ماڭدى. 32 خانا 64 خانىغا ئۆزگىرىپ، شىمالىي ئۈزەكنىڭ تاختا باشقۇرۇشىدا ئاسمان- زېمىن ئۆزگىرىش بولۇپ DDR3 نىڭ چاستوتىسى 2000 غا يەتكەن بولسىمۇ، بىر مەسىلە بار: قاتتىق دېسكا دىگەن ئاداشنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى يەنىلا 7200 دە «ئورۇندا قەدەملەپ مارش! » دەپ ئولتۇرسا، 64 خانىلىقتىن ھەقىقىي ھوزۇرلانغىلى بولامدۇ؟ بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولامدۇ؟
ياخشى چارە شۇكى، يېڭى تېخنىكىدىن پايدىلىنىڭلار، شەخىسلەرنىڭ ئۆيلىرىدىكى كومپيۇتېرلاردىمۇ قوش قاتتىق دېسكا بىلەن RAID 0 قىلىپ قاتتىق دېسكىنىڭ ئوقۇش- يېزىش ئۈنۈمىنى بىر قاتلاپ، 7200 نى ئىككىگە كۆپەيتىپ، 32 مېگالىق توقۇنۇشنى پەسەيتىش ساقلىغۇچىنى 64 مېگاغا باراۋەر قىلىپ ئىشلىتىپ كۆرۈڭلار، قانداق ھەيران قېلىش يۈز بېرىدىكىن!!...
ھېيىتتىن كېيىن دوستۇمغا بىرنى قۇراشتۇرماقچى، شۇ چاغدا تېچ ئوكيان تورىدىن تەرجىمە قىلىپ يۈرمەيلا بىۋاستە ئۇيغۇر تىلىدا دوكىلات بېرىمەن.
ziltar:
قاتتىق دېسكىغا SATAGE نىڭ 1TB لىق قاتتىق دېسكىسىنى سالىمىز ، ئەمدى GB لىق ئۆلچەمدىن خوشلاشتۇق باھاسى:385 يۈەن
ئەگەر 385 يۈەندىن يەنە بىرنى قاتلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدىغان ئادەم بولسا، ئۇنداقتا خوشلىشىشقا ئالدىرىماي، 260 يۈەنلىك 500G لىقتىن ئىككىنى 520 يۈەنگە ئېلىپ RAID 0 قىلغاي..
قاتتىق دېسكا يۈزىگە ماگىنىت قۇتۇپ ئىزى قالدۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئەسلىدىكى رادىيۇسقا تىك، چەمبەر يۆنىلىشى ھالىتىدىن، يېڭى پىلاندىكى رادىيۇسقا پارالىل، چەمبەر يۆنىلىشىگە تىك ھالەتكە كەلتۈرۈپ، يېزىش سۈرئىتى ۋە سىغىم زىچلىقىنى ئاز تولا ئاشۇرغان بولسىمۇ، 7200 رادىيان مىنۇتلۇق، سىكونتىغا 120 قېتىم ئايلىنىدىغان قاتتىق دېسكىلارنىڭ سىكونتلۇق ئوقۇش يېزىش سۈرئىتى نەزەرىيە جەھەتتە 100 مېگادىن ئېشىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ، ئوتتۇرىچە 70~90 مېگا ھەر سېكونتتا كېتىۋاتىدۇ، بۇنىغا قوشۇلۇپ، ئىچكى ساقىلىغۇچنىڭ دەرۋازىسىدا ئورۇندۇق قويۇپ ئىشىك باقارلىق قىلىدىغان ۋىرۇس تازىلىغۇچى پروگراممىلارنىڭ، قاتتىق دېسكا دىگەن قۇلۇلىنى قىيناپ ئىچكى ساقلىغۇچنى تېخىمۇ تىت- تىت قىلىشى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ كومپيۇتېر سەۋىيىسىنى update قىلىشقا ئىزدەنمەيۋاتقان زور ساندىكى تۈۋەن سەۋىيىلىك ئىشلەتكۈچىلەر يۇمشاق دېتال قاچىلىغاندا شاكاللارنىمۇ قوشۇپ چايناپ، ئاسما، يېڭىلىغۇچ، تېزلەتكۈچ... قاتارلىقلارنى كەپلەپ قاچىلاپ، ئاندىن، msconfig بۇيرۇقىنى Win+R غا ئىجرا قىلىپ، كومپيۇتېر قوزغالغاندا تەڭ يۈكلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئازايتىشنى بىلمەسلىكى قاتارلىقلار بىلەن، TaskManager دا كۆرۈنىدىغان جەريان سانى 60~70 تىن ئېشىپ كېتىپ، قاتتىق دېسكىغا ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلىپ يۈرگەچكە، CPU ئەپەندىم ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن قاتتىق دېسكىغا«شۈنچە ۋاقىتتا ئاران بىر سان كەلدى، نىمىدىگەن مىس- مىس..» دەپ ئالىيىپ ئولتۇرىدۇ.
سادىغاڭ كېتەيلەر، ئۇنداق قىلماي ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ بىر ئامالىنى قىلىپ قويۇڭلار.
ئىچكى ساقلىغۇچ 256 بولغان دەۋىرلەرنىڭ بەختىمگە ئولتۇرغان بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن گۇمان قىلىۋاتىمەن قاتتىق..
Baqka:
ziltar:
قاتتىق دېسكىغا SATAGE نىڭ 1TB لىق قاتتىق دېسكىسىنى سالىمىز ، ئەمدى GB لىق ئۆلچەمدىن خوشلاشتۇق باھاسى:385 يۈەن
ئەگەر 385 يۈەندىن يەنە بىرنى قاتلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدىغان ئادەم بولسا، ئۇنداقتا خوشلىشىشقا ئالدىرىماي، 260 يۈەنلىك 500G لىقتىن ئىككىنى 520 يۈەنگە ئېلىپ RAID 0 قىلغاي..
ئەمەليەتتە قىزىلبايراقتا 350 يۈەن ئەتىراپىدا ئالغىلى بولىدۇ ، سىز دېگەندەك قىلىشقا بەل باغلىغان ئادەم چوقۇم 1TB دىن ئىككىنى ئېلىپ خوشلاسسا تېخىمۇ پەيزى بولامدۇ نىمە؟
Tedbirkar:
قاراپ تۇرسام يەنە 2000 دىن يۇقىرى چىقىرىۋەتتىڭلار، ياخشىراق قىلىمەن دېسە يەنىلا 5000 سوم نەق جايىغا چۈشىدىغان ئوخشايدۇ.
ياخشىراق قىلىمەن دېسىڭىز سىزدە ئېكران بار ، نۇردېسكا قوزغاتقۇچ بار ،ئاساسىي ئاپارات قېپى بار ، كۇنۇپكا تاختىسى مائۇس بار ،شۇڭىلاشقا 2000 غا ياخشىراقى كېلىدۇ 1TB ئوينىيالايسىز ،
5000 غا ياخشىراقى ئەمەس ياخشىسى كېلىدۇ
Baqka:
قاتتىق دېسكا يۈزىگە ماگىنىت قۇتۇپ ئىزى قالدۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئەسلىدىكى رادىيۇسقا تىك، چەمبەر يۆنىلىشى ھالىتىدىن، يېڭى پىلاندىكى رادىيۇسقا پارالىل، چەمبەر يۆنىلىشىگە تىك ھالەتكە كەلتۈرۈپ، يېزىش سۈرئىتى ۋە سىغىم زىچلىقىنى ئاز تولا ئاشۇرغان بولسىمۇ، 7200 رادىيان مىنۇتلۇق، سىكونتىغا 120 قېتىم ئايلىنىدىغان قاتتىق دېسكىلارنىڭ سىكونتلۇق ئوقۇش يېزىش سۈرئىتى ئۆلچەنگەندە 100 مېگادىن ئېشىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ، ئوتتۇرىچە 70~90 مېگا ھەر سېكونتتا كېتىۋاتىدۇ، بۇنىغا قوشۇلۇپ، ئىچكى ساقىلىغۇچنىڭ دەرۋازىسىدا ئورۇندۇق قويۇپ ئىشىك باقارلىق قىلىدىغان ۋىرۇس تازىلىغۇچى پروگراممىلارنىڭ، قاتتىق دېسكا دىگەن قۇلۇلىنى قىيناپ ئىچكى ساقلىغۇچنى تېخىمۇ تىت- تىت قىلىشى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ كومپيۇتېر سەۋىيىسىنى update قىلىشقا ئىزدەنمەيۋاتقان زور ساندىكى تۈۋەن سەۋىيىلىك ئىشلەتكۈچىلەر يۇمشاق دېتال قاچىلىغاندا شاكاللارنىمۇ قوشۇپ چايناپ، ئاسما، يېڭىلىغۇچ، تېزلەتكۈچ... قاتارلىقلارنى كەپلەپ قاچىلاپ، ئاندىن، msconfig بۇيرۇقىنى Win+R غا ئىجرا قىلىپ، كومپيۇتېر قوزغالغاندا تەڭ يۈكلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئازايتىشنى بىلمەسلىكى قاتارلىقلار بىلەن، TaskManager دا كۆرۈنىدىغان جەريان سانى 60~70 تىن ئېشىپ كېتىپ، قاتتىق دېسكىغا ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلىپ يۈرگەچكە، CPU ئەپەندىم ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن قاتتىق دېسكىغا«شۈنچە ۋاقىتتا ئاران بىر سان كەلدى، نىمىدىگەن مىس- مىس..» دەپ ئالىيىپ ئولتۇرىدۇ.
سادىغاڭ كېتەيلەر، ئۇنداق قىلماي ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ بىر ئامالىنى قىلىپ قويۇڭلار.ئىچكى ساقلىغۇچ 256 بولغان دەۋىرلەرنىڭ بەختىمگە ئولتۇرغان بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن گۇمان قىلىۋاتىمەن قاتتىق..
پۇل بولسىغۇ 固态硬盘 (ئايلانماس قاتتىق دېسكا، مۇقىم قاتتىق دېسكا،ئۇيۇل قاتتىق دېسكا) نى ئوينىسىغۇ كارامەت بولىدىكەن ژورنالدىن كۆرۈشىمچە بۇ دېسكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى كۆچۈرۈش تېزلىكى 5GB/S قا يەتكەنمىش ، نىمىدىگەن پەيزى ھە
ئۇيۇل قاتتىق دېسكىنىڭ سىغىمى قاتتىق دېسكا بىلەن يەنىلا بەسلىشەلمەيدۇ، قاتتىق دېسكا بىلەن سىغىمىنى تەڭلەشتۈرىمەن دىسە، باھاسى ساق بىر RAID0 لەنگەن ساندۇققا تەڭ بوپ قالىدۇ.
بولسا ئىككى ياكى تۆت ئۇيۇل دېسكا بىلەن RAID 0 ئوينىساڭلار راسا پۇخادىن چىقىسىلەر، i7, i9 سېلىپ ئاندىن..
ئۇيۇلنىڭ ئوقۇش ۋە يېزىش ئىككىلا سۈرئىتى كۆڭۈلدىكىدەك چىقىدىغانلىرى خېلى قىممەت، پۇلىغا قاتتىق دېسكىدىن ئۈچ- تۆتى كېلىدۇ.
yulhun:
ziyali:
باياۋاننىڭ ئىنكاسى قالايماقان چىقىپتىكەن.كۈچۈرۈپ چاپلاپ قويدۇم
سەپلىمىسى
تىپى
باھاسى
CPU
Intel 酷睿2双核 E7400 盒
720يۈەن
ئاساسىي تاختا
华硕 P5QPL-AM
499يۈەن
ئىچكى ساقلىغۇچ
金士顿 2GB DDR2 800
265يۈەن
جەمئىي
1484يۈەن
ئىچكى ساقلىغۇچى زەھەردىنمۇ قىممەت ئىكەنغۇ.dd3 1333 نى 200 يۇەنگە نەق بىرىدۇ .
DDR3 نى 200 كويغا بەرگەن بىلەن ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ . DDR2 نى بەمەيدۇ زەھەردىن قىممەت ئەمەس دەل جايى ئاشۇ.
باللا شاش جۇما، باچكا سىز دىگەندەك قىلسا كومپيۇتېر پەيزى بولغۇدەك ھىھى كومپيۇتېر ئالسام سىزنى ئېزدىسەم بولغىدەك
لىكىن ئېكراندىن باشقا ھەمسىنى ئالسام قانچە پۇل بولا؟؟؟ ئى مائۇس كۇنۇپكا تاختىلار تۇپ تۇرسا
Kulke:
yulhun:
ziyali:
باياۋاننىڭ ئىنكاسى قالايماقان چىقىپتىكەن.كۈچۈرۈپ چاپلاپ قويدۇم
سەپلىمىسى
تىپى
باھاسى
CPU
Intel 酷睿2双核 E7400 盒
720يۈەن
ئاساسىي تاختا
华硕 P5QPL-AM
499يۈەن
ئىچكى ساقلىغۇچ
金士顿 2GB DDR2 800
265يۈەن
جەمئىي
1484يۈەن
ئىچكى ساقلىغۇچى زەھەردىنمۇ قىممەت ئىكەنغۇ.dd3 1333 نى 200 يۇەنگە نەق بىرىدۇ .
DDR3 نى 200 كويغا بەرگەن بىلەن ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ . DDR2 نى بەمەيدۇ زەھەردىن قىممەت ئەمەس دەل جايى ئاشۇ.
ھازىر كومپىيوتور سىتىۋالسا ddr3 نى ئاساسلىق قىلىپ ئىشلىتىدۇ.بۇرۇن ddr2 نى ئىشلەتكەن بىلەن.خۇددى ھازىر ddr 1gىق 300 يۇەندىن قىممەت بولغىنىغا ئوخشاش.ھازىر ئاساسى تاختىلار ddr2