mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-12 03:21:58

مەكتەپتىكى قىزىق ئىشلار

بىر تېمىدا «ئاقسۇ بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى غېنى مالىممۇ؟ » دەپ قويغان بىر ئېغىز گېپىم بىلەن مەكتەپداشلارنىڭ يىغىلىشىغا ئايلىنىپ كەتكەنتۇق. ئەپسۇس ئۇ تېما قۇربانلىق بولۇپ كەتتى. لېكىن ئويلاپ باقسام، ساۋاقداشلار، مەكتەپداشلار مەكتىپىمىزنى سەللىمازا سېغىنىپتىمىز. شۇڭا يېڭىدىن بىر تېما يازغۇم كەلدى.
ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتى ئادەم ئۆزىگە ئەقىل جەھەتتىن خېلى چوڭ بولغاندەك تۇيۇلىدىغان، لېكىن چوڭلارنىڭ كۆزىگە تېخى كىچىكلا بالىدەك كۆرۈنۈپ ئارىدا نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەر، ئۇقۇشماسلىقلار ھەم قىزىقارلىق ۋەقەلەر يۈز بېرىدىغان ۋاقىتكەن. شۇڭا ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقىتلىرىمىزنى بىر ئەسلەپ باقمايلىمۇ؟
مەكتەپتە يۈز بەرگەن، ئېسىڭىزدە قالغان قىزىقارلىق ئىشلارنى مىسال قالدۇرۇڭ. مەكتەپداشلار يەنە جىققىدە تېپىشىپ قالامسىلەر تېخى.

ئاۋۋال مەن باشلاپ بېرەي ھە: ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىمىزدا خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىمىزنى ساۋاقداشلار بەك جىلە قىلاتتى. باشقا دەرسلەرگە قارىغاندا خەنزۇتىلى دەرسىدە بەكلا ئېچىلىپ كېتەمدۇ ئىشقىلىپ. خەنزۇتىلى مالىمىمىزمۇ ئاسانلا جىلە بولۇپ بالىلارغا ئويۇن چىقىرىپ بېرەتتى.
تولۇق ئۈچىنچى يىللىقتىكى ۋاقتىمىزدا ئوغۇللار مالىم نېمىلا دېسە خاۋ! دەپ چاڭچىلە كۆرگەن پەدىدە توۋلاشنى ئۆگىنىۋاپتۇ. دەرس ۋاقتىدا سوئال سورىسا تاس قالاتتى ئۈستەل ئۈستىگە چىقىۋالغىلى، ئۇستازىم! پىرىم! مەن جاۋاب بېرەي! دەپ توۋلاپ. پالانى، تۇرە دېسە خاۋ! دەپلا تۇراتتى. سوئالغا جاۋاب بېرىپ ئولتۇر دېسىمۇ خاۋ! دەپ ئولتۇراتتى.
ئاخىرى بىر كۈنى مالىم چىداپ تۇرالمىدى، دەرستىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا بۈگۈنكى تاپشۇرۇق....دېيىشىگە خاۋ! دەپ ئوپچە بىر توۋلىۋەتتى. ئاندىن كىتابنىڭ....دېيىشىگە يەنە بىر خاۋ! چىقتى، XX بەت....دېگەندە يەنە بىر خاۋ! دېيىشىپتى، مالىم بەك سەتلا توۋلاپ كەتتى:
--ئۇنى دېسىمۇ خاۋ، بۇنى دېسىمۇ خاۋ، نېمە خاۋ، ھە؟! نېمە خاۋ؟! ئاپپاڭ خاۋمۇ دادداڭ خاۋمۇ؟!
سىنىپتا پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. توۋا خۇدايىم بۇ مالىمنىڭ بۇنداق خاپا بولغىنىنى ئۆمرىمىزدە تۇنجى كۆرۈپتىكەنمىز.

ماۋۇ چاقچاق تېما. پىرىنسىپقا كۆتۈرۈۋالماي كيۇ كيۇ پارىڭى قاتارىدا مۇئامىلە قىلارسىلەر.

raheed يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 22:30:47

ماۋۇ تېمىنى ئىنكاسلار بىلەن ئوقۇپ چىقىپ بىر ھەپتىلىك ھاردۇقۇم چىقىپ قالغاندەك بولدى. كۈلۈپ تېلىقىپ قاپتىمەن....

بۇ يەرنى <كاۋىزارلىق> قىلىۋىتىپسىلە. مەنمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاندا توقسۇلۇق، بايلىق، كۇچالىق ئاغىنىلىرىم بولىدىغان ئۇلاردىن ئاقسۇنىڭ ناھىيىلىرىنىڭ لەقىمىنى ئاڭلىغان. <بېلىق ئۆپكىسى>، <ئىشەك قېتىقى ئىچكەن>، <ئىزىتقۇ>، <يوتقان ئوغرىسى> دېگەندەك. لېكىن قايسىسى قەيەرنىڭ ئۇنتۇپلا قاپتىمەن. ھا ھا ھا

بىزنىڭ قەشقەرنىڭ ناھىيىلىرىدىن بىر ئىككىسىنىڭلا لەقىمى باركەن.

ئەمدى مەنمۇ مەكتەپ ھاياتىمدىكى بىر ئىككى قىزىق ئىشلارنى ئەسلەپ باقاي:

باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇيغۇرتىلى ئۆتىدىغان ئىسمى ئۆزىگە ئوخشىغان <مۆمىنجان> دەپ بىر مۇئەللىم بولىدىغان. كەچكىچە سۇئالغا جاۋاب بېرەلمىگەنلەرنى <پاقا تەشكەن سويمىدەك ئولتۇرۇشۇپ، \"ئا\" غا  \"ب\" نى قوشالمىغان> دەپ قاخشاپ قوياتتى. بۇ گەپنى كېيىنكى ھاياتىمدا باشقا ھېچكىمدىن ئاڭلاپ باقمىدىم. ئەمما ئۇنتۇپمۇ قالماپتىمەن. (باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىمدىكى كۈلكىلىكرەك ئىشتىن مۇشۇنىلا ئەسلىيەلىدىم)

ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر ئوقۇتقۇچىمىز بولىدىغان، ئاچچىقى بەك يامان ئىدى. توۋا، بىر نۆۋەت نېمىگە شۇنچە خاپا بولغان، بىر قېتىم سىنىپقا كىرىپلا بىزگە بەك كايىپ كەتتى. شۇ گەپنىڭ ئارىسىدا مۇنداق بىر تەنە گەپ بار ئىدى:<ئاجايىپ تېتىقسىز بالىلاركەنسەنكى، ھەر قايسىڭنى تىك ئۇچاردا بوخەي دېڭىزىغا ئاپىرىپ دېڭىزغا تاشلىسا، دېڭىزنىڭ سۈيى لاۋزا بوپ كېتىدۇ. پۈتۈن تاغلار ناۋات بولسىمۇ تەمى چىقماس >.

يەنە بىر ئوقۇتقۇچىمىز بار ئىدى تەنتەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى. تولىمۇ ئاچچىقى يامان بولۇپ، ئۇ كىشى بىزگە خۇددى بىر گىنىرالدەك تۇيغۇ بېرەتتى. قىش  - ياز كېيىۋالىدىغان بىر شۇجى شەپكىسى(بىز تەرەپتە شەپكىنىڭ بىر خىل مۇئەللىم، زىيالىيلار كۆپرەك كېيىۋالىدىغان تۈرى) بولىدىغان. ئۇ كىشى ھەر كۈنلۈك گىمناستىكىغا كوماندا بېرەتتى. شۇ كوماندا بەرگەن تۇرىقى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا. <دىقققققققققققققققققەت> دەپ ۋارقىراپ بوينىنى ئوڭدىن سولغا ئىتتىك بۇرىسا، بېشىدىكى شەپكىسىنىڭ جىيىكى شاققىدە يانغا بۇرۇلۇپ ئۆتەتتى. (كېيىن ئۇقسام بۇ ئوقۇتقۇچۇم ھازىر قەنىت كىسىلى بىلەن ئاغرىپ، بىر تېرە بىر ئۇستىخان بوپ قاپتۇ. بەك ھەيۋەت ئادەم ئىدى، ئىچىم ئاغرىپ قالدى. شىپالىق تېپىپ ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي ئىلاھىم!)

ھازىرقى ياتىقىمدا بولۇنغان بىر كۈلكىلىك ئىشنىمۇ دەپ بېرەي. ياتىقىمدا بىر دوستمىز بار، دائىملا چېچىغا ئۇنى بۇنى <يىڭ ياڭ>(قۇۋۋەت) دەپ تېپىپ كىلىپ ئىشلىتىدىغان. چېچىنى بەك ئاسراپ، تارىماي سىرىتقا چىقمايدۇ. چاچلىرىنى ئانچە مۇنچە يانغا سىلىكپ ئىتىپ قويۇشلىرى بار تېخى. شۇنداق بىر كۈنلەردە دوستىمىزنىڭ چېچى كىپەكلىشىپ قالدى. ئۇ سىرىتقا ماڭماق بولۇپ، چاچلىرىنى تاراپ ئادىتى بويىچە يانغا سىلىكپ ئاتتى. بۇ چاغدا تېخى سەھەر، يەنە كىلىپ ياتىقىمىغا كۈن نۇرى بەك ياخشى چۈشكەچكە ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىر قەۋەت توزان لەيلەپ تۇراتتى. مەن كەلتۈرۈپلا : <ئاداش چېچىڭلىنى بوشراق سىلىكىڭلا، ئاۋۇ چېچىڭلىدىكى ۋىتامىنلار تۆكۈلۈپ كەتمىسۇن. قاراڭلا ھېلىمۇ ئەتراپىڭلىدا توزۇپ يۈرۈيدۇ> دېسەم تىلىقىپ قالدى. ھا ھا ھا

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 22:35:53

tumarim:

  ئاقسۇلۇق بالىلار مونوپول قىلىۋاپتۇ ئىزدىنىشنى......قارامايدىن بىرەسى يوق چىراي،....بىزنىڭ سىنىپتىكى ئاقسۇلۇق بالىلار بىلەن قەشقەرلىك بالىلارنى قوشسا پۈتۈن سىنىپنىڭ 90% تەشكىل بولاتتى. ...بىزنىڭ فاكۇلتىتىقا قاچان قارىمايلىق بىرەسى كىلەر دەپ 5 يىل ساقلاپ ئۆتۈپ كەتكەنتىم. ...ھازىر فاكۇلتىتىمىزدا قارامايلىق ئىنسى جىن يوق.

   يۇقىرىدىكى ئىنكاسلارنى ئوقۇپ سەت كۈلۈپتىمەن، مۇشۇنداق كۈلۈشلىرىمدىن ئۆيدىكىلەر يېقىندىن بېرى مېنىڭ نېرۋامدىن گۇمانلىنىدىغان بولۇپ قالدى دېسە....

قارامايلىقلارمۇ بار ئىزدىنىشتا.  قارىمايلىقلار كەلمىگەن قايسى مەكتەپنىڭ قايسى فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان بولغىيتىڭىز؟ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتىتىدا قارىمايلىق بالىلار ساماندەك ، دا نوڭيې دا ئىشلەيمىز دەپ

yusran يوللانغان ۋاقتى 2010-11-13 22:37:10

خەن دېگىنىڭىز قايسى مەكتەپنىڭ بىزنىڭ يې تى غۇ

kanatsiz يوللانغان ۋاقتى 2010-11-12 03:37:02

ھا ھا ھا ....

  مانى كۆرۈپ مىنىڭمۇ تولوق ئوتتورا مەكتەپتىكى ئىشلىرىم ئىسىمگە كەپ قالدى.... بىزنىڭ بىر ئالگبرا ئوقوتقوچىمىز بولىدىغان ئۆزى ياشقا خىلى چوڭ بوپ قالغان لىكىن بۇ ئادەمدىكى يۇمۇرىستىك تويغۇ خىلى خىلى ياش ئوقوتقوچىلاردىنمۇ تاپكىلى بولمايتتى.... شۇڭلاشقىمۇ بىز قورقمايلا چاقچاق قىلىۋىرەتتۇق بۇ قىرىغا    بىر كۈنى ئەتىگەنلىك تەكرار ۋاقتىدا (سىنىپ تەربىيىچىمىز يوق ئىدى)  بىر ساۋاقدىشىم باللارغا دىدى دە:  ھەي باللار بىرىنجى سائەت ئالگبرا دەرسى ئىكەن.. ئوقوتقوچىغا بىر چاقچاق قىلمايمىزمۇ .. دەپ..   شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز شۇنداق قىلايلى دىيىشىپ ... ئوقوتقۇچى سىنىپقا كىرىشى بىلەنلا  چاۋاك چالىدىغان بولوشتۇق.... دىگەندەك ئوقوتقۇچىمىز كىرىشى بىلەنلا چاۋاك چىلىشنى باشلىۋەتتۇق.... (ئوقوتقۇچىمىز دىگەن ھەيران)  ئوقوتقۇچىمىز نىمە بولدى دەپمۇ سوراپ قويمايلا:  - بۇگۈن دەرسىمىزنى باشلايمىز دىيىشىگە يەنە چاۋاكلار باشلىنىپ كەتتى...( ئوقوتقۇچىمىزنىڭ چاتىقى يوق )  

- ئالگبرا ............ (يەنە چاۋاك )  شۇنداق قىلىپ بىر سائەت چاۋاك چىلىپ چىققان....  ئۇ چاغدىكى ھەربىر چاۋاك چىلىنغاندىكى مۇئەللىمنىڭ چىراي ئىپادىسى بىزگە بىر يۇمۇر بولغان ئىدى... بۇنداق ئىشلار بەك جىق ئىدى....

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2010-11-12 05:47:51

ئاقسۇ بىرىنچى ئوتتۇرنى پۇتتۇرگىلى 5 يىل بوپتۇ.شۇنداق گۈزەل چاغلار ئۆتكەنتى،مەنغۇ قىززىق ئىشلارنى ئەسىليەلمىدىم..قىززىق ئىش دىسە ھازىرقى ئايالىمنىڭ ياغلىقى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا كۆيۈپ قېلىشىم بولۇشى مۇمكىن .

بۇغداي باغلىغان باغلىق

يۈرەكنى داغلىغان ياغلىق،

قىلىغىڭنى دىمىسەم

چىرايىڭ ماڭا چاغلىق

دىگەندەكلا،

لىكىن ئالامەت ئۇرۇش تالاش بولاتتى،لاۋدالىق تالىشىپ كەلپىنلىك،ئاۋاتلىق،ئۈچتۇرپانلىق،شايالىق  ئاقسۇ شەھەر ئىچلىك دەپ تەسىر دائىرىسى ئايرىللىق ئىدى،ىئاقسۇ شەھەر ئىچىدىن بەزى باللا بەك ئاقسالىق قىلاتتى،ئۇ ئاقسا گۇيلىنىڭ كۆپ قىسمى ئىجدىمائىي پەندە،شۇ ئىجدىمائىي پەن سىنىپلىرى تەرەپتە ئۇبۇرنا بارتى، بىر قېتىم ئۇبۇرنىغا كىرىپ تازا ئولتۇرۋاتىسام بىر گۇي قوپا مەن ئولتۇرمەن تەپتارماي  دەۋاتىدۇ،مەن ئادەتتە بىرنەچچە ئاغىينىلەر بىلەنلا ئارلاىشقاچقا ئۇنىۇ كىملىكىدىن خەۋىرىم يوقتى دە،بولمىسا چىرايلىق گەپ بىلەن سەن پالانىمۇ،ماڭا خاتا گەپ قىپ سالمىغانسەن دەپ قويۇپ،چىرايلىق تۈگەر ئىدى،مەن جىم يۇرۈيدىغان ئەمما ئاساسىي ئېقىمغا تەۋە بولمىغان باللار كاتاگورىيسىگە تەۋە بولغاچقا ئۇ لاۋدانى تۇنۇماپتىمەن دە.شۇنىڭ بىلەن ئۇ يامان ئاقسا قىياپەتتە ھەر تەھدىد گەپلىرنى قىلاۋەردى،مەن قوسۇقىم ئاغرىپ قالغاچقىمىكىن تازا پەرۋايىم بولماي قىلىدغاننى قىلىپ بولۇپ تۇرۇپ ئەمدى نىمە دەيسەن دىسەم.مۇشۇنداق دەيمەن ياقامغىلا ئېسىلدى ئۇ گۇي.ئۇ مەندەك 2 پاچە كىلەتتى،ھەم ئارقىسىدا 2شايكىسى بار،شۇنىڭ بىلەن تاياق يەۋالماي دەپ،چىرايلىق گەپ قىلدىم،ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن،سەن ئۇنداق يولسىزلىق قىلساڭ بولمايدۇ دىسەم ھىچ بىر ئۈزىنى بىلىدغان چىراي ئەمەس،شۇنىڭ بىلەن دېدىم ،ئەگەر نوچى بولساڭ كەچلىك مۇزەكىردىن چۈشكەندە قانغىچە مۇشلىشىلى،سەنمۇ قانچلىك ئادىمىڭ بولسا ئەكەلگەن،مەنمۇ ھەم شۇنداق .،ھازىر بۇ كىچككىنە يەردە ھىچنىمە ھەل قىلغىلى بوممايدۇ دسەم، بولىدۇ گىپىڭدە تۇر ئەمىسە دېدى،(مۇشۇنداق ئىنسانلاردىكى ئەركەكداچىلىقنى يامان ئەمەس بىلىدۇ،بۇنداق گۇيلار كىيىن جاھاندارچىلىق پىرىنىسپلىرنى ئوبدان چۈشۈنىدىغان ئادەم بولىدىكەن)شۇنداق قىلىپ كەچكە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن مەكتەپتىكى ئاغىينىلىرىمنىڭ ھىېچقايسىگە دىمەيلا ئۇدۇل مەكتەپنىڭ ئۇدۇلىدىن ئالغان تىز تاماقخانا قىلدىغان دۇكىنىمىزنى بىزەۋاتقان ۋە باشقا شۇ ئىشلارغا يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان شىركىتمىزنىڭ باللىرى باركەن شۇلارغا ،مەن بۇگۈن كەچتە دۇكاننىڭ ئالدىدا بىرسى بىلەن مۇشلىشمەن،تەييارلىق قىلىڭلار دەپ قۇيۇپ ئۈگۈنۈشكە كىرىپ كەتتىم.بۇ چاغدا نەدىن ئۇقتىكىن بىر ناھىيلىك باللا،ھەممىسى شۇنداق جىددىي قىياپەتتە مىنى ئىزدەپ كىرىپشىپلا كەتتى، ھېلىقى گۇينىڭ لەقىمىنىڭ يوغان پوق ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇقتۇم.ئۈگۈنىشتىن زىرىپ كەتكەن باللاغا ئۇرۇش دىسە بولۇپ بىرەتتى ، بىلەكلىرنى تۈرۈشۈپ تەييار بولۇشتى،

شۇنىڭ بىلەن  مۇزاكىرمۇ توشۇپ  مەكتەپ دەرۋازىسىغا چىقتىم،باللا ساقلىشىپ تۇرۇپتۇ،قېنى ئۇ،ئۇ بۇ،،،دەپ .بىزنىڭ ئاشخانا تەرپكە قارىسام ئۇلارمۇ كەلگەندەك.ئونغا يېقىن باللا تۇراتتى،ئۇ ئىشنى ئاڭلاپ ھېلىقى يوغان پوقنىڭ شاڭگاڭ بازالىق ئاقچى ئاغاينىلىرى،ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ مەكتەپتىكى باشقا خېلى ئاقسۇلىق باللا قوشۇلۇپتۇ،سەل ئەيمەندىم.ئىش چوڭيىپ كىتىدىغان بولدى دەپ،،،شۇنىڭ چىرايلىق گەپ بىىلەن باشلىدىم.بەك ئىلمىي بولدۇم،مەندىن كەچۈرۈم سورىسا چۇقۇم ئۇرۇشماي تۈگۈتەي دېدىم ئچىمدە ،لىكىن ئۇ يەنە شۇ ئاقسالىقنى قىلدى،،،باللا بىر بىرنى دىۋىىشىپ ئېغىزنى بۇزشقىلى تۇردى.شۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ ئاشخانىغا ئىشلەۋاتقان بىزەكچى باللار بىلەن شىركەتنىڭ بالىلرى چىقتى،بىزەكچى باللارنىڭ ئارىسا يەنە بىر ناۋاي بالا بار ئىدى،ئاشخانا ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرغان تۇنۇرىنى يوقلاپ كەپتىكەن،،،ئۇ ئارىغا كىرىپلا ھېلىقى يوغان پوقنى تۇتۇپلا ھايىت ھۇيت دىگۇچە ئىككى تەستەك سېلىۋەتتى،مىنى تۇنۇدىڭما ئۇنداچى،،ھۇ لاتا،،،سەن كىمىڭ بىلەن ئۇرۇشماقچىتىڭ...دەپ سىلىشلەپ كاچاتلاپلا كەتتى،،،،مەنغۇ تۇرۇپلا قالدىم...ھېلىقى شايكىلرىمۇ تۇنۇيدىغان ئوخشايدىكەن،،،ھەممسى ئاكالا دېدى....ئۇنى ئاستا تارتىپ ئىچىگە كىرىپ مەندىن كەچۈرۈم سورىغىزغان بولدى.مەنمۇ ئارتۇق خىجىل قىلغۇزماي .شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى بۇ ئىشمۇ..لىكىن شۇ ۋاقىتتا شۇ ناۋايچى بالا بولمىغان بولسا ئۇلار بىلەن چاناشماق بوپ كىتەكەنتۇق،،،بىزنىڭ باللامۇ زاڭدۇ قىستۇرۋاپتىكەن،،،.ئۇنىڭ شايكىلىرمۇ زاڭدولىقكەنتۇق....ئۇف دېدىم...شۇ چاغدا يەنىلا دەسلەپتىلا ،مەن ئاكتىپ بولۇپ چىرايىلىق تۈگۈتۈش تەرەپتارى بولغىنىم، ئاقىلانە بوپتىكەن، شۇنداق قىلغىنىم كىلىپلا تۇتۇشىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئاپتىكەن . يەن يازارمىز.،،،،،ئۇيقۇ پۈرلۈشۈپ كەتتى

ھە راس يېڭىدىن بىزىلىپ ئىشقا كىرىشكەن سەلتەنەت تىز تاماقخانىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭلارنى قارىشى ئالمىز،ئېلان يېزىلىپ كىتىپ قالدى،پاغدوڭ....

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2010-11-12 05:56:06

ھوي مىسيۆ پاغدۇڭ، ئا سەلتەنەتنى فىغانسىتا ئاچتىڭلىمۇ ياكى يۇرتتىمۇ ؟

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2010-11-12 06:02:14

غېستوغاڭ ئا ئاغسۇ

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-11-12 06:11:55

نو پاغىيكەندە؟

لېكىن سىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىلى 5 يىل بولدى؟ ئۇنىۋېرسىتىتىن باشلاپلا شۇ يەردە ئوقۇغانما؟ كۇل جۇمۇ

Windboy يوللانغان ۋاقتى 2010-11-12 06:55:27

شۇ تىمىدا غېنى مالىمنىڭ ئىسمىنى چىقىرىپ قويغانغا مەنمۇ قاتتىق پۇشايمان قىلىپ كەتتىم دەيمەن،بىرمۇنچە ئىشلارغا ئوت پىلتىسى بولۇپ.سەلتەنەت ئېسىمدە قېلىشىچە بىز تولۇق ئۈچتىكى ۋاقىتتا ئېچىلدىغۇ دەيمەن،خېلى كىرەتتۇق باللار بىلەن،ئەنجان پولوسى خېلى ئوخشاپ قۇياتتى~~

يازاي دىسەم مەكتەپتىكى قىزىق ئىشلار ھىچ ئىسمگە كەلمەيدۇ دىسە،سىلەرنىڭكىنى كۆرگەچ ئولتۇراي ھازىرچە~~

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2010-11-12 07:34:30

فىزىكا بېرىدىغان ئېزىز ،مۇئەللىم بەك قىزىقچى ئىدى،بىر كۇنى سىنىپقا كىرىدى،بىرەر ئىش تەسىر قىلغان بولسا كېرەك.كىرىپلا سۆزلەپ كەتتى.

-خۇدايىم باركى باللا،بەزىلىرىڭگە قارىسا ئادەمنىڭ قۇسقۇسى كېلىدۇ.تېشىڭغا پاختىلىق چاپان،ئىچىڭگە ئاسما مايكا كىيۋېلىپ ،ئالدىڭنى ئېچىپ قۇيۇپ يۇرۇيدىكەنسەن.قارسا كالپۇكلىرىڭ سوغوقتىن كۆكىرىپ كەتكەن.

دوزاخقا كىرسەڭ تىك تۇرىسەن باللا ....دىگەندەك گەپلەر بىللەن بىزنى تىلايتتى...

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-12 08:05:19

ماتېماتىكا بېرىدىغان ئەھەت توختىنىڭ دەرس سۆزلەۋېتىپ تۇيۇقسىز سوئال سورىسا بالىلار جاۋاب بېرەلمىسە كالۋالار! دەپ توۋلاپ قويۇشى بارتى، بەك قىزىق.
يەنە تېخى «ھەرقايسىڭنى زەمبىرەكنىڭ ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ شىنجاڭ داشۆگە قارىتىپ ئاتسا دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە توختاپ قالىسەن» دېگەندەك گەپلىرى.
بىزنىڭ سىنىپتا بىرسى بارتى، مەكتەپتە ھەممىسى ئەخمەت شاكا دەيدىغان. پۇتبول كوماندىسىنىڭ باشلىقىتى. بىر چاغدا بىزنىڭ مۇئەللىم تۇيۇقسىزلا قۇيۇن چىقىرىپ سومكىمىز بارمۇ يوق، تەكشۈرىدىغان بوپ كەتتى. جىق بالىلار ھەممە كىتابنى پارتىغا تىقىپ قويۇپ ئۆيىگە ھېچنېمە ئەكەتمەي ئەتىسى ئەتىگەن تاپشۇرۇق كۆچۈرەتتىچۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى شاكامۇ سىنىپقا بىر سومكا قويۇپ قويۇپتۇ، قاچانلا قارىسىڭىز ئۇ سومكا دېگەن لىقمۇ-لىق، پومپىيىپلا تۇرغان. بىر كۈنى ئۆزەمچە قىزىقىپ سومكاڭدا نېمە بار، ھەممىمىزنىڭ سومكىسىدىن بەكرەك تومپىيىپ بۇ، دېسەم، ئېچىپلا كۆرسەتمەمدۇ. پو گەپ ئەمەس، بىر سومكا لىقمۇ-لىق سالام خەتكەن، ھەممىسى قىزلارنىڭ يازغان سالام خەتلىرىكەن، تېخى قوشۇپ بەرگەن رەسىملەرمۇ باركەن.
مانداق ئىشنى ھىندىستاننىڭ كىنولىرىدىلا كۆرىمىز دەيتتىم. ھازىرغىچە كاللامدىن ئۆتمەيدۇ. توۋا دېمىسە ئىشقىلىپ.

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2010-11-12 08:18:39

بىلەتتم ئۇ بالىنى..سەت يۇگرەپ قوياتتى شىردەكلا.......چاچ دىگەن ئالامەت ئىدى.400مىتىرغا كۇچ ئۇلاپ يۇگۇرگەندە بەك ھەيۋەت كۇرۇنۇپ كەتكەن ئىدى.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-12 08:23:36

يىللىقلار ئارا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزسە بىزنىڭ سىنىپنىڭ مۇسابىقىلىرىدە كۆرىدىغان ئادەم ئەڭ جىق بولاتتى، مۇسابىقە كۆرۈۋاتقاننىڭ 80% قىز بالا، ھەممىسى شاكا، شاكا! دەپ توۋلىشىۋاتقان، ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ.
بىزنىڭ سىنىپتا بىر باشلىقنىڭ بالىسى بارتى، بەك ئاقسا بالىتى لېكىن، ئۇنداق-مۇنداق ئەمەس. بۇرۇنقى سىنىپ مەسئۇللىرىمىزنى كۆزىگىمۇ ئىلىپ قويمايتتى. مالىملار بىلەن كۈندە سوقۇشۇپ دېگەندەك. رىشىت ھاشىم بىزگە سىنىپ مەسئۇلى بولۇپلا تەتىل قىلىپ كەتتۇق. بىر كۈنى مالىم كەچتە ئۆيىگە كېتىپ بارسا ئاشۇ بالا يەنە بىر ئاغىنىسى بىلەن تاماكا چېكىپ مېڭىپتىكەن، مالىم تۇتۇۋېلىپلا بىرەر شاپىلاق سالغانمۇ، مەكتەپكە يىغىلغاندا تەكشۈرۈشنامە يېزىپ كەل، بولمىسا سىنىپقا كىرمە، دەپتۇ. ئۇ بالا ئۇنتۇپ قالدى ھەقىچان، دەپ خىيالىدا يوق كەپتىكەن، مالىم سىنىپتىن ئىتتىرىپلا چىقىرىۋەتتى.
ئەتىسى يەنە كەپتۇ، مالىم كىرىپ سورىدى-دە، «تەكشۈرۈشنامە يازدىڭمۇ؟» دەپتى، ھەئە، دەپ يەرگە قاراپ تۇردى. ھە ئوقىغىنە!
--مەن ئاتا-ئانامنىڭ، ئۇستازلىرىمنىڭ، ساۋاقداشلىرىمنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويدۇم. مەن ناھايىتى پەسكەش ئىشتىن بىرنى قىلدىم، (پەسكەش؟!) مەن ۋەتىنىمگە، خەلقىمگە، ئاتا-ئانامغا، ھۆرمەتلىك ئۇستازىم رىشىت مۇئەللىمگە يۈز كېلەلمەيمەن.....
چاقچاق قىلىۋاتامدىكىن دېسەك، كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ، ھاياجانلىنىپ ئوقۇپ كېتىۋاتمامدۇ. يا ئاۋاز چىقىرىپ كۈلەلمەيمىز. ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈشنامە يازغاننى كۆرۈشۈم، تەكشۈرۈشنامىنى ئاڭلاپ بېقىشىمكەن. ھېلىقى بالىنىڭ ئادەتتىكى يۈرۈش-تۇرۇشلىرىغا سالسام، ئىشقىلىپ بىر يۇمۇرتى ئۇ ئىش.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-12 08:38:42

شۇنداق قىلىپ شەرىقنىڭ سۈيىنى غەرىپكە باشلايدىغان ئىش قانداق بولاپ كەتتى ؟

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-11-12 08:46:15

يو شەھلا ئاچا نىمە قىلىىسز دەيمە ئىچىمىزنى ئىيچىشتۇرۇپ،مەنمۇ خىلى كۇلىۋالغانتىم شۇ تىمىدا.

Windboy يوللانغان ۋاقتى 2010-11-12 08:50:02

ئەھەت توختى دىگەن ھېلىقى ئەھەت چەيزىرەڭ شۇمۇ؟بىزگە دەرىس بېرىپ باقمىغان،ئەمما ئوخشاش يىللىقتقكى باللارغا بېرەتتى،بىزگە ماتىماتكىنى ھېلىقى بىر يامان سالاپەتلىك بىر مالىم باتتى،كىم بوغىيتى ئىسمى،مەستۇرە سىز بىلىسىز،ئوتكەندە سۇ باشلايدىغان تىمىدا دىگەنتىڭىز،شۇ بېرەتتى،تولۇق ئۈچتە ئابلەت قادىر بەردى،ئەمما لىكىن ۋەھشەتلا بىر مالىمتى ئۇ،قوقاتتۇق،شۇڭا بىلمىسەكمۇ مىدىر سىدىر قىلماي دوسكىغا قاراپ ئوتتۇراتتۇق.بىر قېتىم بىرسى دوسكىغا قارىماي بىر ئۇچۇپ يۈرگەن چىۋىنغا قاراپ ئولتۇرۇپتىكەن،شۇنىڭ بىلەن ئۇ مالىم ئۇ بالىغا بىر سائەت ئىچىدە شۇ چىۋىننىڭ ئۇچۇپ يۈرگەن يەرلىرىنى ساناتقان،نەدىن نەگە ئۇچۇپ نەگە قوندى دىگەندەك~~

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-12 08:54:21

ياق، ئۇ ئەھەت توختى دېگەن داۋاملىق ئوشۇقىدا ئىشتان كىيىۋېلىپ ئىچ مايماق دەسسەپ ماڭىدىغان ئادەمتى، ئۇنى ئەھەت جېكسون دەيتتۇق. ئەھەت توختى ئەھەت چەيزىرەڭدىن بەش-ئون ياش كىچىك كېلەرمىكىن. ئالامەت ئادەمتى. بىزگە بىر تەتىلدە خەنزۇ مالىملار كەلمەي بىر ئاي دەرس ئۆتكەنتى. ھېلىقى مالىمنىڭ قىزىق گەپلىرىگە كۈلۈپ توشۇپ كېتىپتىكەن بىر ئاي.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2010-11-12 09:00:02

تۇلۇقتىكى ۋاقتىمىزدا سىنىپ مۇدىرىدىن بەك قورقاتتۇق، بەك سۈرلۈك بىلىنەتتى ئىشقىلىپ، ئۆزىنىڭ دەرسىگىمۇ 5مىنۇت بالدۇر كىرىۋالاتتى.بىر كۈنى 5-سائەتلىك دەرسى مالىم 10 مىنۇت ساقلىساقمۇ كىرمىدى،20 مىنۇتمۇ ئۆتۈپ كەتتى،شۇنىڭ بىلەن بايرام بولدىدە،بىر قانچىمىز ھاجەتخانىغا تاماكا چىكىشكە قاچتۇق، ھاجەتخانىغا ئاز قالغان ۋاقىتتا مالىمنىڭ يوقلىمىنى قولتۇقىغا قىستۇرغان پېتى ئوقۇتقۇچىلار ھاجەتخانىسدىن تەر ھالدا ئىشتىنى تۈزەشتۈرۈپ چىققنىنى كۆردۇق...............................

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2010-11-12 09:25:21

ئابلەت قادىرنىڭ گىپىنى قىلماڭ بولدى.ئۇ مۇئەللىمنى ئويلىساملا كۇلگۇم كېلىدۇ جۇمۇ.بىر قېتىم بىر ساۋاقدىشىم دوسكىغا چىقتى،بىر ھېساپنى ئىشلىيەلمىدى.ئىسىمىڭنى يازە دىگەنتى يازدى.

ئابلەت مۇئەللىم :-ساڭا دەپ قوياي،سىنىڭ ئىسىمىڭنى چىۋىننى يۇندىغا چىلاپ ،دوسكىغا چاپلاپ قويسا شۇ چىۋىنمۇ يازالايدۇ دىگەنتى،باللا كۇلۇپ يېتىپ قالغان.

ئەمما شۇ مۇئەللىمنىڭ سىنىپىدىكى باللا زدىلا كۇلمەيدىكەنتۇق...

بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9
: مەكتەپتىكى قىزىق ئىشلار