[3D]سېھرىگەر بوۋاي
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
تۆۋەندىكىسى خىزمەتخانىمىزنىڭ يېقىندا ئىشلىگەن ئەسىرى، كۆرۈپ باھا بېرىپ بېقىڭلار.
بۇ ئوبراز مەلۇم بىر مەھسۇلاتنىڭ تېلېۋىزىيە ئېلانى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى ئوبراز بار، قالغان ئوبرازلامۇ پۈتۈپ قالدى، پات ئارىدا ئېلان قىلىمىز.
ئەسەر نامى: ئەۋلىيا بوۋاي(the Magician)
ئۇقۇم لايىھەسى: ئەسقەر تۇردى(ئىشلىرىمىزنى قوللاپ بېرىۋاتقان ئەسقەر تۇردى مۇئەللىمگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت!)
مودېل ياسىغۇچى: رەيھانگۈل قېيۇم، ئېھسان نۇرمۇھەممەد
ھاسىللاش، ماتېرىيال، چىراق: مەن
ئىشلەتكەن يۇمشاق دېتاللار: AE, PS, Maya, ZB, Mentalray
CG Society : http://forums.cgsociety.org/showthread.php?t=934112
ئوبدان چىقىپتۇ، ياسلىشتا گەپ يوق، چاپان- تامباللىرىغا رەخ ئۈنۈمى ئىشلەتسە قانداق، باشقا سەللە، تۇماق قاتارلىقلار بولسا قانداق بولاركىن دەپ ئويلىدىم، لېكىن ئاۋۇ بۆك نىسبەت بويىچە ماسلىشىپتۇ..
رەڭلىرى ئېنىق، كۆركەم چىقىپتۇ. لېكىن بۇ بوۋاينىڭ قايسى مىللەتلىك بوۋاي ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىكەن. بېشىدىكى نېمە؟ئۇيغۇر ئايال دېگەن ئوبرازنى ياقتۇرغانتىم.
باھالىغۇدەكقۇ مەن گرافىك لاھىيەلەشكە دائىر ھېچنېمە بىلمەيمەن. لېكىن ئەمگەكلىرىڭلارنى ياقتۇردۇم. تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى تىلەيمەن.
رەڭلىرى بىرخىل يېقىشلىق چىقىپتۇ،بۇلدىكەن~~
-ATAMAN-:
مودېل: رەيھانگۈل قېيۇم،
بوۋايغا ئايالنى مودېل قىلدىڭلارما؟
يەنە بىر چىرايلىق ئەسىرى باركەن، ئۇيغۇر ئايال دەپ. شۇ ئەسىرىنىڭ مودېلى ئوخشايدۇ.تۈرۈكلەردىكى نەسىردىن ئەپەندىنىڭ مودىلىغا ئوخشاپ قاپتىمۇ نىمە ....
بېشىدىكى سەللىسىدىن،قويىۋالغان بۇرىتىدىن ،كىيىمىنىڭ گىرۋىگىدىكى نەقىشتىن ئۇيغۇركەن دەپ چۇشەندىم.
سەللىسى تۇرۇكلەرنىڭكىگە،كىيمىنىڭ نەقشى قازاقلارنىڭكىگە ئوخشاپ قالغاندەك ،
لىكىن جاپا چىكىپسىز،
چوقۇم بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىشى كېرەكمۇ؟ مودېل ياسىغۇچى رەيھانگۈل دېمەكچىدە مەنچە. بېشىدىكى سەللىسىنى ئەگەر باشقا كەيدۈرمەي ئايرىم كۆرسەم، كاۋىكەن دەپلا سالاركەنمەن. كاۋىغا يامان بەك ئوخشاپتۇ. رەڭلەرنىڭ سەنئەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ئىكەن. ئوخشاپ، تولۇپ پىشقان قازان كاۋىسىغا دىمەكچى
چوقۇم بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىشى كېرەكمۇ؟
----------------------------------------------------
بۇ ئوبراز مەلۇم بىر مەھسۇلاتنىڭ تېلېۋىزىيە ئېلانى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن دەپتىكەن ، شۇڭا ئۇيغۇر مىللىتى تېلۋىزىيە قاناللىرىدا قويلىدۇ ، شۇڭا ئۇيغۇر ئوبرازىغان يىقىنراق بولسا ياخشى دەپ ئويلاپ ساپتىمەن ،
خاپا بولماڭ روك ئەپەندى .
كىيىمدىكى نەقىشلەرنى ئادديلاشتۇرۇپ سىزىمەن دەپ ئاشۇنداق قىلغان، بىزنىڭ بالىلارمۇ سەل قازاقنىڭ نەقىشىگە ئوخشاپ قالدىمۇ قانداق دېگەن، قارىغانداق نەقىشنى قايتا قىلىپ باقسام بولىدىغان ئوخشايدۇ.
ئاندىن كۆپچىلىكنىڭ قارىشىدىكى ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب ۋە خارەكتىرگە ئىگە مۇشۇ خىلدىكى ئوبراز(سېھرىگەر، پېرخون...) قانداق بولىشى كېرەك؟
خاپا بولۇپ دېمىدىمغۇ ئۇ گەپنى
ماڭىغۇ ياخشىلام كۆرۈنگەنتى، نېمىگە ئوخشىسا.
بوي-تۇرقىغا خەنزۇلارنىڭ مۇئەككەللىرىنىڭ پۇرىقى قېتىلىپ قالغاندەك كۆرۈندى شەخسى كۆز قارشىم : رەڭ ئالتۇن رەڭ بىلەن ئاق رەڭ بولغان بولسا مەنچە بەكرەك ئوخشايتىكەن ئەۋليا سۆزىگە بىلەرمەنلىك قىلىپ قويدۇم كەچۇرسىز ھە ! مىنىڭ بۇۋا مغا ئوخشاپتۇ........