UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-11 18:21:01

تارىختا بۈگۈن (11-نويابىر )

1852-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئاۋېستىرالىيەدە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئۇنۋېرسىتىت سېدني ئۇنۋېرسىتىتى قۇرۇلغان .

1864-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ماركىس رەھبەرلىكىدىكى تۇنجى خەلىقئارالىق تەشكىلات بولغان خەلىقئارا ئىشچىلار ئىتتىپاقى(بىرلەشمىسى) قۇرۇلغان .

1918-يىلى بۈگۈنكى كۈندە 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان(1914-يىلى باشلانغان) .1-دۇنيا ئۇرۇشى بىر قېتىملىق خەلىقئارالىق توقۇنۇش بولۇپ ،بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئانتانتا دۆلەتلەر گورۇھى (ئەنگىلىيە،روسىيە،ئىتالىيە،ياپونىيە، يەنە1917-يىلى ئامېرىكا قۇشۇلغان) ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر گورۇھىدىن(ئاسالىقى گىرمانىيە،ۋېنگىرىيە،تۈركىيە قاتارلىقلار) ئىبارەت ئاساسلىق ئىككى تەرەپ بار .بۇ ئۇرۇش ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مەغلۇبىيتى بىلەن ئاخىرلاشقان.بۇ ئۇرۇش ياۋروپا تەۋەسىدىكى بۇزغۇنچىلىق خاراكتىرى ئېغىر ئۇرۇشلارنىڭ بىر بولۇپ جەمئى 65،000،000ئادەم بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان .10،000،000ئادەم بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۆلگەن ،بىۋاستە ئىقتىسادى زىيان 170مىليارد دوللار بولغان(ئەينى ۋاقىتتىكى پۇل قىممىتى).

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار(ئەسكەرتىش:بۇ ئۇچۇرلار ۋېكپىدىيە قامۇسىدىن ئېلىندى):

1922-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە ،گىرىتسيە قاتارلىق ئانتانتا دۆلەتلەر گورۇھى <مۇدانىيا ئۇرۇش توختىتىش كېلشىمى>نى ئېمزالىغان .

1935-يىلى بۈگۈنكى كۈندە لاتىن ئامېرىكىسى  دۆلەتلىرى <رىئودى-ژانىرو ئۆز- ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كىلىشىمنامىسى>نى ئېمزالىغان .

1949-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو خەلىق ئازادلىق ئارمىيەسى ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغان .

1950-يىلى بۈگۈنكى كۈندە خەلىق ئازادلىق ئارمىيەسى شىزاڭغا ئەسكەر كىرگۈزگەن .شىزاڭنىڭ 9-代本主官(ئۇيغۇرچسى نىمە ؟)سى桑格旺堆 قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن .

1961-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۈچ سىتالنپەرەس  ئۇنسۇرنى پارتىيەدىن قۇغلاپ چىقارغان .

1968-يىلى بۈگۈنكى كۈندە NASAئاپوللو7-نومۇرنى(Apollo 7) قويۇپ بەرگەن .بۇ ئامېركىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۈچ ئادەملىك ئالەم كىمىسنى قويۇپ بېرىشى ھېسابلىنىدۇ.

1975-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېركىنىڭ<ئېزىنخاۋور>ناملىق ئاۋىئاماتكىسى (تولۇق نامى USS Dwight D. Eisenhower CVN-69)سۇغا چۈشۈرۈلگەن.

1983-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ج ك پ پارتىيەنى تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان .

2002-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو خەلىقئارا ئاۋئاتسىيە شېركىتى قۇرۇلغان .

مەنبە؛ۋېكپىدىيە قامۇسى ۋە تارىختا بۈگۈن تورى.

upukjan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-11 18:48:04

يۇرتىمىز شىنجاڭدا بۇگۇنكى كۈندە باشقا ئالاھىدە ئىش بولمىغانمىدۇ؟مۇشۇ توغرىرىدىمۇ ئىزدىنىپ باقساق دەيمەن.

diyanat1 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-11 19:15:20

كوپ رەھمەت.

Toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-11 19:34:38

ﺋﯩﺴﻤﻰ:izdinix
ﻧﺎﻣﻰ:
ﺟﯩﻨﺴﻰ:
ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ:1978-11-11
ﻛﻪﺳﭙﻰ:
ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﻰ:
ﺋﺎﺩﺭﯦﺴﻰ:

ماۋۇ يولداشنى مۇبارەكلەپ قويلى باللا، بۇگۇن تەۋەتلۇت بوپتۇ

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-11 19:40:12

upukjan:
يۇرتىمىز شىنجاڭدا بۇگۇنكى كۈندە باشقا ئالاھىدە ئىش بولمىغانمىدۇ؟مۇشۇ توغرىرىدىمۇ ئىزدىنىپ باقساق دەيمەن.

بولسا شۇنىمۇ يوللاپ قويىدىغانلار چىقسا بولاتتى .

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(11-نويابىر)